روسىيە فىدىراتسىيىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

روسىيە فىدىراتسىيىسى

روسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى
پايتەختى موسكۋا: نوپۇسى 10مىلىيۇن380مىڭ.
ئەسلىدىكى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە سوۋېتلەر ئىتىپاقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، يەر مەيدانى 17مىليۇن75مىڭ  كۇۋادىرات كىلومېتىر، دۇنيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت.
نوپۇسى: 2007-يىلى 3-ئايغا قەدەر 141مىليۇن377مىڭ، دۇنيادا 8-ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاھالىنىڭ 79%نى رۇسلار،4%نى تاتارلار، 2%نى ئوكرائىنلار قالغانلىرىنى چۇۋاش، باشقىرت، چېچەن قاتارلىق مىللەتلەر ئىگەللەيدۇ. رۇس تىلى دۆلەت تىلى.
دىنى : رۇسلارنىڭ كۆپ قىسمى دىنغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما ئەنئەنە جەھەتتىن ئاساسەن پروۋسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ، تاتار باشقىرت ۋە چېچىنلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ.
پۇلى: رۇسىيە رۇبلىسى، (2006-يىلى) 27.6رۇبلى=بىر دوللار. 2004-يىلى 28.814رۇبلى=بىر دوللار. 2002-يىلى 31.349رۇبلى=بىر دوللار .
ئىقتىسادى:  2006 -يىلى رۇسىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 733مىليارت560مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا5200دوللار توغرا كەلگەن. رۇسىيەنىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 6%-7% بولۇۋاتىدۇ.
 دۆلەت بايرىمى:( 1990-يىلى)6 -ئاينىڭ 12-كۈنى، رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئايرىلىپ جۇمھۇرىيەت بولغان كۈنى
ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)
قىسقىچە تارىخى: رۇسىيە زىمىنىنىڭ غەربى قىسمى سىلاۋيانلارنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سالىدىغان يايلىقى ئىدى. 9-ئەسىردىن بۇرۇن روسىيە زىمىنىدا بىرەر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ياكى بەگلىكلەر بولۇپ باقمىغان،9-ئەسىردىن كېيىنكى رۇسىيە تارىخىدا پەقەت ئىككىلا خانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى، مىلادى 862-يىلى سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن ۋارانگىيەلىكلەر رۇسىيەنىڭ نوۋگورد ئەتراپىنى ئىشغال قىلىپ قۇرغان، كېيىن رۇسلىشىپ كەتكەن رولك بەگلىكى. يەنە بىرى  1147-يىلى قۇرۇلغان ئىۋان تۆت قۇرغان موسكۋا كېنەزلىكىكە ۋارىسلىق قىلىپ دەۋرىدە رۇسىيە تۇنجى قېتىم بىر مۇنتىزىم بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت قۇرغان رۇسلار دۆلەت ئاتىسى دەپ بىلىدىغان ۋىلادىمىر يۇرى گۈللەندۈرگەن رومانوۋ خانلىقى.  1237-يىلى باتۇخان بىلەن بىلەن بىرلىكتە غەرپكە كېڭەيگەن تۈركلەر ئاللىبۇرۇن كىيىۋ ۋە رۇلىك خانلىغىنىڭ بوسۇغىسىدا ئالتۇن ئوردا خاقانلىغىنى قۇرغان. 1547-يىلىدىن كېيىن  موسكۋا كېنەزى ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتىغاندىن كېيىنروىيە گۈللىنىش يولىغا ماڭغان،1598-يىلى چار پادىشاھ رۇلىك خانلىغىنى بويسۇندۇرۇپ يەنە داۋاملىق ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قاراشلىق باشقا  رۇس بەگلىكلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئىمپىرىيە زىمىنىنى كېڭەيتكەن. 1605-يىلى چار پادىشاھ گادونۇف تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن چاررۇسىيە يەنە بىر قېتىم قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان. نىژنىنوۋگورد كېنەزى مىنىن كېيىن  ۋە پوزارىسكى  قوشۇن باشلاپ پولەك پادىشاھلىقىنىڭ قىسىملىرىنى موسكۋادىن قوغلاپ چىقىرىپ 16ياشلىق خان ئەۋلادى مىخائىل رومانوفنى چار پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەندىن كېيىن ھۆكۈم سۈرگەن رومانوۋ خانلىقىنىڭ چار پادىشاھلىقى 1697-يىلى پىتىرI غەربى ياۋروپانى دوراپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا گۈللىنىپ تاكى 1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن. ئىمپىرىيەگە ۋارىسلىق قىلىپ سوۋېت ئىتىپاقىنى تەشكىللىگەن، لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن سىتالىن سوۋېت ئىتىپاقىدا مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزۈپ  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتىپاقى غەلىبە قىلغان. 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئايرىلىپ  مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ھازىرقى روسىيە فىدىراتسىيىسى ئۆز ئارمىيىسى ۋە دىپلوماتىيە، ئىقتىسادى ھوقۇق، مەمۇرى قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئاديگەي جۇمھۇرىيىتى( مەركىزى مايكوپ)، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى گورنو-ئالتايسك)، باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى ئۇفا)، بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ئۇلان-ئۇدې)، چېچىنيە جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى گروزنيي)، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى چېبوكساري)، داغىستان جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ماخاچكالا)، ئىنگۇشت جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ماگاس)، كاباردىنو-بالقار جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى نالچىك)، قالماق جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ئېلىستا)، قاراچاي-چېركەس جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى چېركېسكى)، كارېلىيە جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى پېتروزاۋودسكى)، خاقاس جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى ئاباكان)، كومى جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى سىكتيۋكار)، مارىي-ئەل جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى يوشكار-ئولا)، موردوۋىيا جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى سارانسكى)، شىمالى ئوسسېتىيە ئالان جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ۋلادىكاۋكاز)، ساخا [ياقۇت]جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى ياقۇتسكى)، تاتارستان جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى قازان)، تۇۋا جۇمھۇرىيىتى(مەركىزى قىزىل)، ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتى (مەركىزى ئىژېۋسكى) قاتارلىق 21جۇمھۇرىيەتتىن تەركىپ تاپقان فىدىراتىپ دۆلەت.
 رۇسىيە  سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئاساسى شۇنداقلا تەرەققىيات ئاساس ۋە تېخنىكا-مائارىپ تەرەققىياتى بىر قەدەر كۈچلۈك جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈملۈك، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ. نېفىت، تەبىئى گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرى ئىنتايىن مول. ئەمما پارچىلانغاندىن كېيىن يەككە ئىگىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان رۇسىيىنىڭ ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن سىرت ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچراپ  ئىقتىسادى ناھايىتى تېزلا چېكىنىپ كەتكەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇسىيە خەلقئارادا نېفىت ۋەتەبىئى گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشى شۇنداقلا ئەسلىدىكى ساپالىق پۇخرا،يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە سانائەت ئاساسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى ساپالىق مەلىكىلىك خادىملارغا تايىنىپ ناھايىتى تېز ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 2006-يىلىدىكى رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %5.3، سانائەت %36.6، مۇلازىمەت %58.2نى ئىگەللەپ، مۇقىم تېلپون ئابونتى 40مىلىيۇن300مىڭ، يانپون ئابونتى 120 مىليۇن300مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 24مىلىيۇن700مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 655 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01