بەش خىل يېمەكلىك چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدۇ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


   سۈت ، بېلىق گۆشى ، سەۋزە، غول پىياز قاتالرىق يېمەكلىكلەرنىڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش رولى بار، بىراق چوڭ مېڭە بەزى يېمەكلىكلەرنى « ياخشى كۆرمەيدۇ ». تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە ، تۆۋەندىكى بەش خىل يېمەكلىكنى دائىم ئىستېمال قىلسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولۇش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
زىيادە تۇزلۇق يېمەكلىكلەر ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۇزغا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەن بولۇپ ، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە يەتتە گىرامدىن ، بالىلار تۆت گىرامدىن ئاز ئىستېمال قىلسىلا كۇپايە. تۇزنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا ، ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قوغۇشۇن تەركىبلىك يېمەكلىكلەر : قوغۇشۇن تۆمۈر ، كالتىسىي ، سىنىك قاتارلىق ماددىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىدىكى پائالىيەت ئورنىنى ئىگىلىۋالىدىغان بولغاچقا ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ « قاتىلى » سانىلىدۇ. قوناق ئېتىلدۇرمىسى ، ھاكتا پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ قوغۇشۇن تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى .
  ئاليۇمىن تەركىبلىك يېمەكلىكلەر : دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرستىشچە ، ئادەم بەدىنى بىر كۈندە قۇبۇل قىلدىغان ئاليۇمنىن مىقدارى 60 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن . پىلتە قۇيماق تەركىبىدىكى زەمچە ئاليۇمىن تەركىبلىك ئانئورگانىك ماددا بولۇپ ، بىر كۈندە 50‏-‏‏100 گىرامغىچە پىلتە قۇيماق ئىستېمال قىلنسا ئۆلچەمدىن ئارتىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ.
ئوكىسدلانغان ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر : 200 سلېتسىي گىرادۇسلۇق قىزىق مايدا پىشۇرۇلغان ياكى ئۇزاق مۇددەت ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكەرنىڭ تەركىبىدە ئوكىسدلانغان ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇپ ، ئۇ ئادەم تېنىدە يىغلىپ قېلىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر زەئىپلىشىشى ۋە ھاڭۋاقتىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
  ساخارىن ( تاڭجىڭ ) ۋە تېتىقۇ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر : ساخارىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا چوڭ مېڭە ھۈجەيرە تۇقۇلمىلىرىغا زەخىم يەتكۈزۈىدۇ . تېتقۇنى ئازىراق ئىستېمال قىلغان ياخشى ، چۈنكى بوۋاقلا تېتىقۇ ئىستېمال قىلسا مېڭە ھۈجەيرىلىرى نىكروزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . ھامىلدار ئاياللار ئىستېمال قىلسا ھامىلىگە سىنىك يېتىشمەي ، بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

« شىنجاڭ مائارىپ » گېزىتىدىن ئېلنىدى .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1047 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01