632- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئورنىغا قىناتىسى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋارسلىق قىلىپ ، ئۆزىنى خەلىپە ( ۋارسلىق قىلغۇچى دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتىدى . ئەبۇبەكرى 632- يىلدىن 634- يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە دىنىي ۋە ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىپ پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئاخىر بىرلىككە كەلگەن دۆلەتكە ئايلاندۇردى . مانا بۇ غەرب تارىخنامىلىرىدىكى ساراسېن ، جوڭگۇ تارىخنامىلىرىدىكى داشى دۆلىتىدۇر. ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا دۆلەت رەھبىرى خەلىپە دەپ ئاتىلىپ ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ دىن ، سىياسى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئالىي ھوقۇقى خەلىپىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەنىدى . ئالدىنقى تۆت خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەدئەلەيھىسسەلامنىڭ دوستلىرى ئارسىدىن سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، مىلادى 661- يىلى 3-خەلىپە ئوسماننىڭ ئۇمەييە جەمەتىدىن كېلىپ چىققان سۈرىينىڭ باش ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئۆز قەبىلىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خەلىپە قىلىپ سايلىنىپ ، ئۇمەييە خاندانلىقىنى قۇرۇپ ، دەمەشىقنى پايتەخىت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن خەلىپىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىپ، پادىشاھلىق ئورنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان ساختا خەلىپىلىك شەكىللەنگەن.