ھىجرىيە كالىندارنىڭ بارلىققا كېلىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   تەخمىنەن مىلادى 610- يىلى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام مەككىدە ئىسلام دىنى تارقىتىشقا باشلىغاندىن كېيىن نەتىجىدە ئايالى خەدىچە، بىر نەچچە تۇغقىنى، بەزى نامرات كىشلەر ۋە قۇللار مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار شەكىللەنگەن. بۇ ھالدىن قاتتىق ساراسىمگە چۈشكەن مەككە ئاقسۆڭەكلىرى ئىسلام دىنى تەشۋىقاتنىڭ كىشلەرنىڭ بۇتلارغا تىۋىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازى ۋە مال - دۇنياسىغا زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنى مەسخىرە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان ، ھەتتا مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەپ ئۇرغان ، ئۆلتۈرىۋەتكەن. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام مەككىدە تۇرۋېرشىكە ئامالسىز قالغان. تەخمىنەن 620- يىلى ، يەسرىب(مەدىنەنىڭ ئىلگىرىكى نامى) لىك بىر نەچچە كىشى ئۇكاز بازىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام بىلەن كۆرۈشۈپ مۇسۇلمان بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ، 75 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇھەممەدئەلەيھىسسەلامنى يەسرىبكە بېرىپ ماكانلىشىشقا تەكلىپ قىلىپ ، شۇ يەردىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان جېدەل - ماجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ قەبىلىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئۈمىد قىلغان . مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئالدى بىلەن 200 مۇمۇسۇلماننى يوشۇرۇن ھالدا يەسىرىبكە ئەۋەتكەن . ئاندىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۆزىمۇ مەككىدىن ئايرىلىپ ، 622- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى يەسىرىبكە يېتىپ بارغان. بۇ ۋەقە ئەرەب تىلىدا «ھىجىرەت قىلىش » دەپ ئاتالغان بولۇپ، « ھىجىرەت قىلىش»دېگەن سۆز تامامەن « كۆچۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەستىن ، بەلكى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان، پىلانلىق ، قەدەم باسقۇچلۇق ھەرىكەتنى كۆرستەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ، يەسىرىبىنىڭ نامى مەدىنىگە ، يەنى «پەيغەمبەر شەھىرى» گە ئۆزگەرتىلگەن .

     17 يىلدىن كىيىن خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ھىجىرەت قىلىش» ۋەقەسى يۈز بەرگەن قەمەرىيە يىلىنى ئىسلام كالېندارى - ھىجىرىينىڭ رەسمىي باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ ( بۇ ھىجىرىيە يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى 622- يىل 7- ئاينىڭ 16- كۈنى ئىدى) قۇرئاندىكى قۇياش كالىندارىنى ۋە كەبىسە يىل قوشۇلغان كالىندارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان بۇيرۇققا ناھايىتى ماس كەلگەچكە مۇسۇلمانلار ناھايىتى تېزلا بۇ كالېندارنى قوبۇل قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە باشلىغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 440 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01