ماھىر مەمتىمىن


ماھىر مەمتىمىن نىران


بىر ئىللىق مۇكەممەل ئائىلە شارائىتىنىڭ بالىلىق ھاياتقا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز. مەن، تەكلىماكاننىڭ ھىدىدىن نەپەس ئېلىپ كۆكلىگەن، خوتەن دىيارىنىڭ ئەڭ چېتىغا جايلاشقان، نىيە ناھىيىسىدە 1985-يىلى ئەتىيازدا بىر ئىللىق سۈيۈمچان ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2001-يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئىككىنچى قارار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىم. ھاياجان ۋە چەكسىز خوشاللىق بىلەن، ھەر يۇرتلاردىن تاللانغان ئەڭ ئەلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېپىدە، نەنجىڭ شەھىرىدىكى ‹‹جياڭسۇ جياڭپۇ ئالىي تولۇق-ئوتتۇرا مەكتىپى››دە 4 يىللىق ئوقۇشۇمنى باشلىدىم. ئانا تىلدىن باشقا ئىككى تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش پۇرسىتى ۋە بېسىمىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدىكى رەھىمسىز بەيگىگە چۈشتۈم. شۇ مەزگىلدە بىلىم ئېلىش يولىدىكى ئىرادەم ۋە ئىشەنچىمنى تىكلىدىم شۇنداقلا بىلىم ئېلىش ھاياتىدىكى نىشانىم ۋە ئىشقىمنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. 
ئاتا ئانامنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىزىنى بېسىش ئىرادەم بىلەن، 2005-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىغا دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ھەقسىز ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىندىم. تۆت يىل جەريانىدا ئالدى كەينى بولۇپ <<تاڭشى تەتقىقات مۇكاپات پۇلى>> قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلىقئارادا داڭلىق بولغان ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىدىن بەش تۈمەندىن ئارتۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم. بىلىم يولىدا، بىلىمنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىگە قىزىقتىم ۋە بىلىم دۇنياسىنىڭ چەكسىزلىكىنى كۈندىن كۈنگە تونۇپ يەتتىم. تۇرمۇش يولىدا، دوستلۇققا ۋە چىن مېھرگە دەسمايە سالدىم. غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ پەرقى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىشتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن مەن، ئامېرىكىدا داۋاملىق ئوقۇش ۋە چەتئەللەرنى كۆرۈش مەقسىتىدە، ئىنگىلىز تىلىنى ئۆزلىكىمدىن مۇكەممەللەپ، 2009-يىلى ئامېرىكىدىكى ئىككى داڭلىق مەكتەپنىڭ تولۇق ئۇقۇش مۇكاپاتلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە توختىمىدىم.
يۇقىرىغا ئۆرلەشنى نىشان قىلىپ شوتىنىڭ بىرىنچى بالدىقىغا مۇۋاپىقىيەتلىك دەسسەش ناھايىتىمۇ مۇھىم ۋە مۈشكۈل ئىش. لېكىن شوتىنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە يۇقىرى بالداقلىرىنى ئوڭۇشلۇق ۋە بەل قويۇۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇش تېخىمۇ قىيىن ۋە شۇنداقلا غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. ئامېرىكا ئايداخو شتات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا يۇقىرىلاپ ئوقۇش جەريانىدا سىستېمىلىق تەربىيىلەندىم ۋە بىلىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى شۇ ئىلىم-پەننىڭ ئىشلىتىشچانلىقىدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 2014-يىلى يازدا يادرو فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالدىم. ھازىر ئامېرىكىدىكى دۇنيا بويىچە بىردىن-بىر ‹‹ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك زەررىچە تېزلەتكۈچ›› ياساش ۋە سىناق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ‹‹نايوۋېيۋ›› شىركىتىدە بىردىن-بىر چەتئەللىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.
كەسىپ جەھەتتىن ئالدى كەينى بولۇپ 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالەم نوپۇرلۇق يادرو فىزىكا ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى. 10دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا دوكىلات بەردىم ۋە نوتۇق سۆزلىدىم.  2012-يىلى <<رادىئاكتىپلىق ھاۋا زەررىچىلىرى>> توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجەم <<خەلىقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئاگېنتى>> (IAEA) نىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئېلان قىلىندى ۋە شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق شىتاتنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىدىم. ھازىر مەن <<ئامېرىكا فىزىكا ئىلمىي جەمىيىتى>>، <<خەلىقئارالىق يادرو فىزىكا ئىلمىي جەمىيىتى>>، <<خەلىقئارالىق يادرو مېدىستىنا ئىلمىي جەمىيىتى>> قاتارلىق نوپۇزلۇق يادرو فىزىكا ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 220 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2015-04-23