سادىق سېتىنىياز


 سادىق سېتىنىياز بورلۇق


مەن، سادىق سېتىنىياز بورلۇق، 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ كېچىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا تۇغۇلدۇم. كېچىك تۇرپان شەھرىنىڭ 37 كىلومېتىر غەربى شىمالىغا جايلاشقان جاي بولۇپ، مېنىڭ بوۋام ئەڭ دەسلەپكى ئولتۇراقلىشىپ ئاچقان جاي ئىكەن. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن جاي بولغاچقىمۇ، بۇ يەرگە شۇنداق مېھرىم بار. دەسلەپتە كېچىك باغۋەنچىلىك مەيدانى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدۇم. بۇ مەيداندا خەنزۇلار جىق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، قوشنىلىرىمىز خەنزۇلار ئىدى. شۇڭا كىچىكىمدىن خەنزۇچىنى ئوبدان سۆزلەيتتىم.
كېيىن 1989 - يىلى ئائىلەم بىلەن تۇرپان شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كېلىپ، تۇرپان شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇدۇم. 1995 - يىلىدىن 1999 - يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپىدا تولۇقسىزدىن ۋە تولۇق بىرىنچى يىللىققىچە ئوقۇدۇم. 1999 - يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلۇپ، تەجرىبە سىنىپلار بۇ مەكتەپكە يۆتكەلگەنلىكتىن، تەجرىبە ئوتتۇرادا ئوقۇدۇم.
كىچىكىمدىن كائىناتقا قىزىقاتتىم. كائىناتنى كېزىپ، باشقا يۇلتۇزلار ۋە پىلانېتلارنى كۆرۈشنى ئويلايتتىم. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكىغا قىزىقتىم ۋە تىرىشىپ ئۆگەندىم. 2001 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بويىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. 2001 - يىلىدىن 2003 - يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇدۇم. خەنزۇتىلى ئاساسىم ياخشى بولغاچقا، تەييارلىقتا ئوقۇغان چاغدا زېھنىمنى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە قاراتتىم. ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىغا قاتناشتىم. قىزىقىشىم يۇقىرى بولغاچقا، قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندىم. شۇ چاغلار ناھايىتى خۇشاللىق ۋە مەنىلىك ئۆتۈپتىكەن. بىر ئاغىنەم بىلەن بىللە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەتتۇق. دائىم ئىنگلىز تىلى كورنېرلارغا بىرگە باراتتۇق، يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلىنىڭ تېكىستلىرىنى يادلايتتۇق، ئىنگلىز تىلى رادىيوسى ۋە ناخشىلارنى ئاڭلايتتۇق. تىلىمىز كەلسە - كەلمىسە ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق. نەتىجىدە سەۋىيەم خېلى ئۆستى، ئىنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بولدۇم. 2003 - يىلى ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى 4 - دەرىجە ئىمتىھانى بېرىپ ئۆزۈمنى سىناپ باقتىم ۋە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم. 
2003 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىدە تولۇق كۇرستا ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئوقۇدۇم. شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى پەرقى بولغاچقا قىينالدىم، سىنىپىمىزدا يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە كەينىدە قالدىم. ھەتتا 4 پەندىن قايتا ئوقۇشقىمۇ قالدىم. لېكىن ئۈمىدسىزلەنمىدىم، شۇنداق شارائىتتىمۇ داۋاملىق تىرىشتىم ۋە چەتكە چىقىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمىدىم. ئادەتتىكى دەرسلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە داۋاملىق ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ ماڭدىم. ئىككىنچى يىللىقتا ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز 6 - دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. تىرىشىشىم نەتىجىسىدە، تولۇق كۇرس پۈتتۈرۈش ماقالەم فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى يۈزگە يېقىن ماقالىلەر ئىچىدىن تاللانغان 3 ماقالە قاتارىغا كىرىپ ۋە مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالاندى.
ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا توفىل ۋە GRE ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدىم. بۇ جەريانمۇ پۈتۈنلەي ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بەزى مەكتەپلەردىن رەت قىلىندىم. بەزى مەكتەپلەرگە پۈتۈن ئوقۇش مۇكاپاتسىز قوبۇل قىلىندىم. لېكىن مەن پۈتۈن ئوقۇش پۇلى بولمىسا بارالمايتتىم. ئادەم ئەگەر ئۈمىدىنى ئۈزمەي تىرىشسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن كەڭ يول ئاتا قىلىدىكەن. ئاخىرى ئامېرىكا ئايداخو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Idaho State University) فىزىكا فاكۇلتېتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپىتى بىلەن قوبۇل قىلىندىم. شۇنىڭ بىلەن 2007 - يىلى تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى پۈتۈرۈپ، ئامېرىكا ئايداخو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا باردىم.
ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىمدىكى مول ھوسۇللۇق بىر باسقۇچ بولدى. ئوقۇشنىڭ تۇنجى يىلى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى بىلەن تەڭ تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغان بالىلارغا فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە تەجرىبە دەرسلىرى ئۆتتۈم. نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم. << باشقا كەلگەندە باتۇر >> دەپتىكەن كونىلار، ئەمدى مېنىڭ چېكىنىش يولۇم قالمىغاچقا بار كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم تېز ئۆستى. باشقا دەرسلەردىمۇ ئىلگىرلىدىم. خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلدىم. تەجرىبىلەرنى ئىشلەش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىق قىلىشلارنى ئۆگەندىم. ئاخىرى تۆۋەن ئېنىرگىيىلىك تۈز سىزىقلىق ئېلېكتىرون تېزلەتكۈچ ئارقىلىق پوزىترون ئىشلەپ چىقىرىش ئۈنۈمىنى تەتقىقاتى توغرىسىدا دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيە ياقىلاپ، 2014 - دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدىم.
2014  - يىلى 3 - ئايدىن تارتىپ ھازىرغىچە كورېيە ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا دوكتور ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر ئېلېكتىرون تېزلەتكۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن. ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان دېجىئون شەھىرى كورىيەنىڭ پەن - تېخنىكا شەھىرى بولۇپ، مەن تېخنىكا جىلغىسى دېگەن جايدا تۇرىمەن. بۇ جايدا نۇرغۇن پەن - تېخنىكا شىركەتلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. مېنىڭچە كورىيەنىڭ ئىقتىسادى مانا مۇشۇنداق مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەن - تېخنىكا شىركەتلەر بولغاچقا تەرەققىي قىلىپ كىچىككىنە تەبىئىي بايلىقى كەمچىل دۆلىتىدە نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارنى ياراتتى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ماللىرىنى ساتالىدى. ئادەم قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز، بىزنىڭ خەلقىمىزمۇ تىرىشسا، ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق شىركەتلىرى بولىدۇ.

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 220 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2015-04-23