تۇرسۇنجان ياسىن

تۇرسۇنجان ياسىن ئەركبول


مەن 1977-يىلى12-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان.  1996-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 6 يىللىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترونىك ئېنژىنېرلىق فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىندىم.  مەن ئۆزۈم قىزىقىپ تاللىغان سىمسىز خەۋەرلەشمە كەسپىدە 2001-يىلى باكالاۋۇر، 2004-يىلى ماگىستىر ئۈنۋانلىرى بىلەن چىڭخۇادىكى ئوقۇشۇمنى تاماملىغان.  ئارىدا ئۇدا 3 يىل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي تىللار فاكۇلتىتىنىڭ ئىنگىلىزچە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچە سىنىپلىرىغا دەرس بەردىم.  ئەگەر چىڭخۇادا بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىلىم ئېلىش ئېھتىياجىمنى قاندۇرغان بولسام، مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا زىيالىيلارنىڭ ئۆز خەلقىگە بىلىم بېرىشى بۇرچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەن ماگىستىرلىق ئوقۇشۇم تۈگىگەندىن كېيىن چىڭخۇا توڭفاڭ گۇرۇھىغا تەۋە بىر شىركەتتىن خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ شۇ يەردە جەمئىي 3 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن.  بۇ جەرياندا مەن ئوخشىمىغان ساھەدە پەرقلىق سەۋىيىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.  مېنىڭ ئىشقا كىرىشىم شىركەتنىڭ كېڭىيىپ راۋاج تاپقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، كۆپ قېتىم چەتئەلگە چىقىش ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلەنگەنتىم.  ئاياغ ئىزلىرىم يەتكەن دۆلەتلەر قاتارىدا، ياۋرۇپادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان سىلوۋاكىيە، نۆۋەتتە خەلقى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتقان سۇرىيە، قورالنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئومۇملاشقىنىدىن ھەتتا ئۆسمۈر بالىلارمۇ كوچىلاردا مىلتىق ئېسىپ يۈرىدىغان يەمەن، يېقىنقى يىللاردا دۇنياۋى ساياھەت مەركىزىگە ئايلانغان دۇبەي ۋە ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈش كەتمەيدىغان تۈركىيە بار.  شۇ ئالتۇندەك بىرنەچچە يىللىق ياشلىقىمدىكى كەچۈرمۈشلىرىم ماڭا ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىتىپ قالماستىن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە قايتىدىن تونۇتتى.  مەن ئۆزۈمگە كېرەك بولغان نەرسىنىڭ ئۆمۈر بويى بىلىم ئېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنپ يېتىپ، ئامېرىكىدا ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم. 
شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلى 8-ئايدا ئايالىم بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ سەپەرگە چىقتىم ۋە ئانتېننا-ئېلېكتروماگنېتىك كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىىغا قېتىلدىم.  گەرچە بۇ مەكتەپ ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىدىن بولمىسىمۇ، مەسئۇلىيەتچان پروفېسورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش شارائىتى مەن بۇرۇن ئوقۇغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىنمۇ ياخشىدەك بىلىنگەن ئىدى.  بۇ مەكتەپ جايلاشقان لوگان شەھىرىنىڭ ئەللىك-مىڭغا يەتمەيدىغان نوپۇسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مەكتەپكە تەۋە بولۇپ، شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي مۇھىتى ئىنتايىن ئىلمىي ۋە تىنچ ئىدى.  مۇشۇنداق مۇھىتنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بولغانلىقى چوقۇم مۇناسىۋەتلىك.  لوگاندا بەش يىل ياشىغاندىن كېيىن مىجەزىمدىكى بەزى چۇسلۇقمۇ يوقاپ كەتكەندەك بولدى.
2013-يىلى كۈزدە مېنىڭ مىكروسوفت شىركىتىدىن خىزمەت تەكلىپى ئالغانلىقىم سەۋەبلىك ئائىلە بويىچە شىركەتنىڭ باش شىتابى جايلاشقان ۋاشىڭتون شىتاتىنىڭ رېدموند شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدۇق.  ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنا بىر يېرىم يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىشىم بىلەن بىرگە ئەمەلىي تېخنىكىلىق تەجرىبىلەرگىمۇ ئىگە بولدۇم.  بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەن-تېخنىكا جەھەتتە دۇنيانى يېتەكلەپ كېتىۋاتقىنىنى چۈشىنپ يەتتىم.  شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئامېرىكىلىقتەك ئىلغار مىللەتلەرنى ئۈلگە (ھېچ بولمىغاندا پەن-تېىنىكا جەھەتتە) قىلىپ ئىلگىرىلەش يولىدا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇش ئارقىلىق ھاياتىمنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىلمىي ماقالىلەر:
كەسپىي يىغىن ۋە ژۇرناللاردا 10 پارچىدىن كۆپ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.
مۇكاپاتلار:
IEEEنىڭ ئانتېننا ۋە پروپاگاتسىيە شۆبىسىنىڭ 2012-يىللىق دوكتورلۇق ئاسپىرانت تەتقىقات مۇكاپىتى.
يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى 2012-يىللىق كۆزگە كۆرۈنەرلىك دوكتورلۇق ئوقۇغۇچى دىسسېرتاتسىيە مۇكاپىتى.
2011-يىللىق خەلقئارا كىچىك تىپتىكى سۈنئي ھەمرا ئىلمىي يىغىنى ئوقۇغۇچىلار ماقالە مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجە
2000-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 3-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى.
1996-يىللىق جۇڭگو تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىلىق مېخانىكا مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجە (شىنجاڭدىكى رايونلۇق تاللىنىشتا بىرىنچى) .  

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 210 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2015-04-23