تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە


ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مەن 1985-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئازاتباغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىدا تۇغۇلۇپتىمەن. بالىلىق ئەسلىمىلىرىم ئانامنىڭ دەرس مۇنبىرىدە جاراڭلىق سۆزلىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، ئۈستى ياغاچ ۋە بورىدا يېپىلغان كونا سىنىپقا تۇتىشىدۇ. مەن ئۇ سىنىپتا  ئانچە ئۇزۇن تۇرمايلا باشلانغۇچ ئىككىنچى سىنىپقا قوبۇل قىلىندىم چۈنكى ئانامنىڭ دەرسى قۇلىقىمغا كىرىپ قىلىپ ساۋاتىم چىقىپ قاپتۇ. ئانام سىنىپ مۇدىرىم بولۇپ مېنى تۆت يىل ئوقۇتا-ئوقۇتمايلا دادام مەكتەپ مۇدىرى بولغاچ مېنى باشلانغۇچ 5-يىللىقتىن تولۇقسىزغا ئىمتىھان بەرگۈزدى. شۇنداق قىلىپ بالدۇر ئوقۇشقا بەرگەننى ئاز دەپ نەچچە سىنىپ ئاتلاتقۇزغان بولغاچقا 10 يېشىمدا ۋېلىسپىت پىدالىنى تولۇق ئايلاندۇرۇشقا پۇتۇم يەتمەي يېرىم تاقىلدىتىپ يۈرۈپ توپىلىق يوللار بىلەن مەھەللىمىزدىن تۆت كىلومېتىر يېراقتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا كىردىم.
ئازاتباغ يېزىسى تەكلىماكاننىڭ بۇرجىكىدىكى قەدىمىي دىيار يەكەننىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ ئۇ چېتىگە جايلاشقاچ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دەرياغا سېلىنغان كۆۋرۈك بۇزۇلۇپ كەتسە شەھەرگە كىرگىلىمۇ بولمايتتى. شۇ سەۋەب كىچىكىمدە شەھەرگە كىرىش ئانچە كۆپمۇ نىسىب بولمىغان بىر سەھرا بالىسى ئىدىم. 1998-يىلى 13 يېشىمدا يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىردىم ۋە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇدۇم. مۇنەۋۋەر ئۇستازلارنىڭ تەربىيىسى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنى ناھايىتى مول-ھوسۇللۇق ئۆتكۈزدۈم ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىغا تولۇق كۇرستا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندىم. گەرچە خەنزۇتىلى يېزىقچىلىق قابىلىيىتىم يامان ئەمەس بولسىمۇ، تەييارلىق ئوقۇشىنى باشلىغاندا خەنزۇتىلى ئېغىزتىلى سەۋىيەم خېلى تۆۋەن ئىدى، ئەمما بىر يىل قاتتىق تېرىشىش ئارقىلىق خەنزۇتىلىنى راۋان ئىشلىتىشكە باشلىدىم. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا قىزىقىشلىرىم بەك كۆپ بولغاچ ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشاتتىم. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە يامان ئىدىم، شۇڭا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ يىللىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كۆپ قېتىم ئويۇن قويۇشقا قاتناشتىم. ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىدىن باشلاپ كەسپىمىزدىكى مۇھىم پەنلەردىن گېنېتىكا قاتارلىق دەرسلەر مەن ئۈچۈن بارغانچە قىزىقارلىق بىلىنىشكە باشلىدى ۋە كەلگۈسىدە بىر گېنىتىكاشۇناس بولۇش ئارزۇسىغا كەلدىم. دەرستە ئۆتۈلگەن كەسپىي بىلىملەر قىزىقىشىمنى قاندۇرالمىغاچ  باشقا ئىشلارنى تاشلاپ تەجرىبىخانىغا كىرىپ شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان تۇپراقلاردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردىن باكتىرىيە تۈرلىرىنى DNA ئارقىلىق ئېنىقلاشقا باشلىدىم. ھەش-پەش دېگۈچە ئوقۇشۇم پۈتۈپ قالدى ۋە 2006-يىللىق «مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدىنت» بولۇپ باھالاندىم. شۇ يىلى فاكۇلتېتىمىزدىكى خەنزۇ ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە دەرس ۋە ئېنگىلىز تىلىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەم ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن فاكۇلتېتنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن زوئولوگىيە كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندىم. بۇ جەرياندا ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى ياخشى قىلسا مۇكاپاتلىنىدىكەن ۋە پۇرسەتلەر ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدىكەن دېگەننى چوڭقۇر چۈشەندىم.
ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تەتقىقاتنى يەنىلا ئامېرىكىغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇغان ياخشىكەن دېگەن ئويغا كەپ كەلدىم ۋە مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان گېنىتىكا ياكى تۆرەلمەشۇناسلىق ئىلىمى بويىچە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر يۆنىلىشتە ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلدىم. ئامېرىكىدا ئوقۇش ئارزۇيۇم ئۈچۈن ئۇدا ئۈچ يىل قاتتىق تېرىشتىم. ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇدا ئىككى يىل ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ نۇرغۇن ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا جانلىق ئېنگىلىز تىلى دەرىسى ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۆزۈمدىكى چەتئەلدە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىشتىياقىنى سالدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتىم ۋە ئاتا-ئانامغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ كەلگۈسىدە بىر مۇنەۋۋەر مائارىپچى بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
2009-يىلى كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر يىل بولدى. ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسىدە، 2009-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مولېكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيىسى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتىم ۋە شۇ يىلى 8-ئايدا ئۇ ئۆز كەسىپىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن يۈكسەك غايە بىلەن ئامېرىكىغا يول ئالدىم. ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان مەزگىلدە، مەن قىزىقىشلىرىمنى بىرلەشتۈرىدىغان تۆرەلمىشۇناسلىق ۋە گېنىتىكا ئىلىمى كېسىشىدىغان بىر ساھەدە تەتقىقات قىلىۋاتقان، دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئالىمى دوكتور سىتىۋىن فوردنىڭ قاتتىق تەلەپ ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن تەربىيىلىشىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇ ماڭا كۆپ قېتىم تەتقىقات تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىش، ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلات بېرىش، ژورناللارغا سۇنۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاپ بېكىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا تەتقىقات تەجىرىبىلىرىنى لايىھەلەش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. بۇ جەرياندا بىلىمگە بولغان تەشنالىقىم قانماقتا يوق ئۇلغىيىپ باردى ۋە بارغانچە ئۆزۈمنىڭ ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. دوكتورلۇق ئوقۇشىنىڭ 3-4-يىللىرىدا مەن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا 2 مەۋسۈم «سېلىشتۇرما ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيە» دەرىسى ئۆتۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتىم. 
ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاندېربېلت ئۇنىۋېرسىتېتى، تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىق خىزمىتىگە بەس-بەستە تەكلىپ قىلىندىم. 2013-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا تەبئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا ئۆز قىزىقىشىم بويىچە تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم. 2014-يىلى 3-ئايدا مەن يازغان بىر تەتقىقات تۈرى دۇنياغا داڭلىق تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ «كوۋېل مۇكاپاتى» دەپ ئاتىلىدىغان يىلدا پەقەت بىر كىشىگە بېرىلىدىغان تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ شۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدىم ۋە 2014-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ تېكساس بىئو-مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ گېنېتىكا فاكۇلتېتىدا دوكتور ئاشتى بولۇپ تەتقىقاتىمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. مانا، ئون يىل بۇرۇنقى گېنىتىكاشۇناس بولۇپ قالسام دېگەن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.
مېنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات تېمىلىرىم ئاساسلىقى يېڭى ئەۋلاد گېن تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ پرىماتلار ھامىلە مېڭىسىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلاردىكى يېتىلىش جەريانىدىكى گېنېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن. بۇ تەتقىقات تېمىسىدا بىز مايمۇننى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ تۇرۇپ، ئانىلاردىكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، روھىي بېسىمغا ئۇچراش قاتارلىق پاسسىپ ئامىللارنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە بولغان پاسسىپ تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلىمىز.  بۇ خىل تەتقىقاتلارنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ھامىلىدار ئانا دۇچ كېلىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە روھىي بېسىم قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنىڭ بالىياتقۇدا يېتىلىۋاتقان ھامىلە مېڭىسىگە بولغان تەسىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ۋە نېرۋا كېسەللىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ ۋە چوڭلاردىكى ھەر خىل نېرۋا كېسەللىرىنىڭ ھامىلە يېتىلىش مەزگىلىدە كىلىپ چىقىشىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ ساغلام ئەۋلادلارنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇشتەك مۇھىم ئىشقا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ.
مەن ھازىرغا قەدەر خەلىقئارالىق ئىلمىي يىغىن ۋە ئىلمىي ژۇرناللاردا 20 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلدىم. 2014-يىلى 7-ئايدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالەم «كۆپىيىش ئىلمىي جەمئىيىتى» ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرنى تاللاپ بېرىدىغان «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. يېقىندا 3 پارچە ئىلمىي ماقالەمنى ئېلان قىلىشقا تاپشۇردۇم. مەن يېزىشقا قاتناشقان «ھورمونلۇق دورىلارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى» ناملىق ئىلمىي كىتاب 2014-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكىدا نەشىر قىلىندى. مەن ھازىر خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق ئىلمىي جەمئىيەتلەردىن «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى»، «نېۋرولوگىيە ئىلمىي جەمئىيتى»، «كۆپىيىش كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى» ۋە «تېكساس گېنىتىكا ئىلمىي جەمئىيتى» قاتارلىقلارنىڭ ئەزاسى.

مەن ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا بۇ يەردىكى ئالىملارنىڭ ئاممىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە زور كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقاپ، مەنمۇ كېيىن خەلقىمگە بىلىم تارقىتىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، مەن 2013-يىلى 5-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بىلگەجان نامىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئىلىم-پەنگە ئائىت ئاممىباب ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىشقا باشلىدىم. مانا ئەمدى ئامېرىكىدا تونۇشقان ئوخشاش ئارزۇدىكى دوستلىرىم بىلەن بىرلىشىپ بىلىمدان تور ژۇرنىلىنى تەسىس قىلدۇق. مەن  ئۇيغۇر تىلىدا  خەلقىمگە بىلىم تارقىتىشقا ھەسسە قوشالىغىنىمدىن  پەخىرلىنىمەن ۋە بۇ يولدا ھەرگىز توختاپ قالمايمەن.

ئىزدىنىش مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 194 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2015-04-23