كارتون فىلىم تىلغا ئېلىنسا كىچىگىمىزدىن باشلاپلا ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىملىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بىزلەرنىڭ خىيالىمىزغا ئالدى بىلەن ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىملىرى كېلىدۇ ئەلۋەتتە. ئەنە شۇ بالىلىقىمىزنى بىز بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ئاشۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە بۈگۈنكى بۇ يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان كىشى يەنى مىيازاكى ھايائو ۋە ئۇنىڭ Ghibli خىزمەتخانىسى宫崎骏(Miyazaki Hayao みやざき はやお)نىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئاز بولمىسا كېرەك. جۈملىدىن بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەردىن بىرى بولغان «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» مۇ مىيازاكى ئەپەندىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدىن بىرى.
كارتون رىژىسورى، سىنارىست، كارتون ئوبراز لايھىيىلىگۈچىسى مىيازاكى ھايائو ياپونىيە كارتون ساھەسىدىكى مۆجىزە دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ كارتون فىلىمنى ئادىمىيلىككە كۆتۈرگەن، ياپونىيىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد كارتون ئىجادىيەتچىلىرى ئۈچۈن روھىي تۆۋرۈك بولۇپ تۇرىۋاتقان، شەرقتىكى بىردىنبىر دېسنىي، DreamWorks لار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدىغان كىشى.
مەزكۇر كارتوننىڭ يەنە بىر تەرجىمە ئىسمى «كۆكتىكى شەھەر»، ئاق بۈركۈت تەرجىمە خەتلىك فىلىم تورى (بوشلۇق شەھرى نامىد) ۋە قۇتيار تورلىرىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسقىسى تارقىتىلغان
جوناسىن سېۋىرفوتنىڭ ”گېرىف سەپىرى“ ناملىق فىلىمدىن ئىلھام ئېلىپ ئىشلەنگەن.19- ئەسىردىكى ياۋروپا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، چۆچەكلەرگە ئوخشاش پۇراققا ئىگە بۇ كارتون فىلىمدە مىيازاكى ھايائو شىدا ئىسىملىك بىر قىزچاقنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى بايان قىلىدۇ. شىدا رىۋايەتلەردىكى لاپۇتا دەپ ئاتىلىدىغان بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرىدىغان بىر شەھەرنىڭ خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادى. بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرىدىغان بۇ شەھەر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا ئىگە ئىگە، ئۇ توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئىزچىل كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن. شىدانىڭ ئەجدادلىرى، بوشلۇق شەھرىدىن ئايرىلىپ يەر يۈزىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنكى بىر كۈنى شىدا ھەربىي قىسىم تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ. ھەربىي قىسىمنىڭ شىدانى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئايروپىلانى يېرىم يولدا قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. شىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئايروپىلاندىن سەكرەپ قاچىدۇ، ئۇ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ بوينىدىكى تاشنىڭ ياردىمىدە ساق سالامەت يەرگە چۈشىدۇ ۋە پاسۇ ئىسىملىك ئوغۇل بالا تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ. پاسۇ بولسا لاپۇتا ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئىشىنىدغان بالا ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى تاساددىبىي پۇرسەتتە لاپۇتانىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان ئىدى. ھېكايە مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە ھەربىي قىسىم ۋە قاراقچىلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قېچىپ كېتىدۇ. ۋاھالەنكى مەيلى ھەربىي قىسىم، قاراقچىلار ياكى بۇ ئىككى بالا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسىدى رىۋايەتلەردىكى بوشلۇق شەھرى لاپۇتا ئىدى.كارتون فىلىم مۇشۇ ھېكايە ۋەقەلىگى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ ئاخىرىدا ئىككى بالا بوشلۇق شەھرىنى ھالاك قىلغۇچى ئەپسۇننى ئوقۇيدۇ. پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان ئۇچار تاش ۋە غايەت زور دەرەخ ئاسمانغا ئۆرلەپ چىقىپ كېتىدۇ.
مىيازاكى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشلۇق كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇش، سېھىر قاتارلىق ئورتاق ئېلىمىنتلارنى بايقىمىقى تەس ئەمەس. ”«بوشلۇق شەھرى“» مۇ ھەم بۇ خىل ئىلمىنتلار ئۆز ئورنىنى تاپقان. بۇلارنى ئىلمىنت دېگەندىن كۆرە مىيازاكى ئەسەرلىرىدىكى تېما دېيىش توغرىراق بولار بەلكىم. كارتون فىلىمدىكى كىشىلەر قەلبىدىكى ئارزۇغا سىموۋول قىلىنغان بوشلۇق شەھرىنىڭ ئاخىرىدا بەربات بولۇشى كىشىنى بىرخىل سۇس ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىغا باشلايدۇ. ئەمما ئارزۇغا يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىشنىڭ ئۆزى بىر گۈزەل جەريان، ئاخىرىقى نەتىجە قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىش، ئىنتىلىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىد جەريانغا مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. مانا بۇ مىيازاكى ھايائونىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قويغان سوئالى. فىلىم ئاخىرىدىكى جوئۇ خىسايىشى ئىشلىگەن ”ھەمراھىڭمەن“ ناملىق ناخشا بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ. بۇ ناخشا تا ھازىرغىچە خىسايىشىنىڭ مۇزىكا كۆرەكلىرىدە ئورۇندىلىپ تۇرىدۇ. باشقا نۇرغۇن جايلاردىمۇ بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
«”بوشلۇق شەھرى“» زور ئۇتۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن مىيازاكى ۋە Ghibli خىزمەتخانىسىنىڭ بىراقلا نامى چىقىپ كېتىدۇ. ۋە داۋاملىق تەرەققى قىلىدۇ. كېيىنكى ئون يىلدا ئۇلار ”يالتىراق قوڭغۇز قەبرىسى“، ”سېھرىگەر قىزنىڭ ھېكايىسى“، ”قىزىل چوشقا“، ”ئەجدىرھا مۈشۈك“ قاتارلىقلار ئىشلىنىدۇ. بولۇپمۇ 1997- يىلى قويۇلغان ”ئەرۋاھ مەلىكە“ مىيازاكىنى ئالتۇن دەۋرگە ئېلىپ كىرىدۇ. ئەسلىدىنلا كېسەل سەۋەبىدىن مەزكۇر فىلىمدىن كېيىن كارتون ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغان مىيازاكى بۇ فىلىمنى تارىخ بېتىگە يېزىپ قالدۇرىدۇ. بۇ 20- ئەسىر كارتون فىلىم ساھەسىدىكى ئابىدە خارەكتېرلىق ئەسەر بولۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭدىن بۇيان نەچچە يىل داۋالىنىشتىن كېيىن ئۆز سېپىگە قايتقان مىيازاكىنىڭ 2001- يىلى زور ئۇتۇققا ئېرىشكەن يەنە بىر ئەسىرى“چىھىرونىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى“ قويۇلىدۇ. 75- نۆۋەتلىك ئوسكار نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتى، 52- نۆۋەتلىك بېرلىن كىنو كۆرىكى ئالتۇن ئېيىق مۇكاپاتىغا نائىل بولغان دۇنيا بويىچە توتتۇر مېليون ئادەم قېتىم كۆرۈلگەن بۇ كارتون فىلىم يەنە بىر قېتىم كارتون ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالىدۇ.(مەزكۇر فىلىم شاھ ئۇيغۇر گۇرپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.)
يېڭى ئەسىردىكى مۇھىت ۋە نوپوس مەسىلىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، مىيازاكى نۇسخىسىدىكى ”ئەيلىسنىڭ خىيالىي دۇنيادىكى سەرگۈزەشتىلىرى“ دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ كارتون فىلىمدە مىيازاكى چىھىرو ئىسىملىك بىر قىزنىڭ بىر قېتىملىق ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئون ياشلار چامىسىدىكى ۋىجىك، ئاجىز قىز چىھىرو ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆي كۆچىۋېتىپ بىر غەلىتە تونېل ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ. ھالبۇكى تونېلنىڭ چېتىدىكىسى بىر باشقا دۇنيا بولۇپ چىھىرونىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ يەردىكى يېمەكلىكلەرنى رۇخسەتسىز يېگەنلىگى ئۈچۈن چوشقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن چىھىرو بولسا كەلگەن يولى بويىچە قېچىپ ماڭىدۇ، ئەمما ئۇ كەلگەن يول دەرياغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. چىھىرو ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقان بولىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا بەدىنىنىڭ ئاستا-ئاستا مەۋھۇملىشىپ يوقاپ كېتىۋاتقانلىغىنى بايقايدۇ ۋە فىلىمنىڭ يەنە بىر باش پېرسوناژى خاكۇنىڭ ياردىمىدە ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە ئۇ تۇرىۋاتقان بۇ ئاجايىپ دۇنيانىڭ خوجىسى پۇلغا تويمايدىغان، مىجەزى ئوسال موماينىڭ مۇنچىسىدا ئىشلەمچى بولۇپ تۇرىدۇ ۋە پۇرسەت تېپىپ ئاتا-ئانىسىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ چىھىرو(千寻) دېگەن ئىسمى موماي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ، سېن(千) دېگەن ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدۇ. چىھىروغا نىسبەتەن بۇ يەردىكى ئەمگەك ۋە ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر ئۇنىڭ جىسمى ۋە ئىرادىسىنىلا ئەمەس ئۇنىڭ قەلبىنىمۇ تاۋلاپ چىقىدۇ.
خاكۇ ئىلگىرى كۇۋاكۇنۇشى دەپ ئاتىلىدىغان دەريادىكى ئاق رەڭلىك ئەجدىرھا بولۇپ دەريا قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن تىندۇرىۋېتىلگندىن كېيىنخاكۇ ئەسلىدە موماينىڭ يېنىدا سېھىر ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئىسمى يۇ موماي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ موماي تەرىپىدىن ئىشقا سېلىنىدۇ. بىر قېتىم ئۇ موماينىڭ ئاچىسىنىڭ سېھىرلىك تامغىسىنى ئېلىپ قاچقاندا موماينىڭ ئاچىسى تەرىپىدىن سېھىرلىنىپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ. چىھىرو خاكۇغا دەريا پىرى بەرگەن دورىنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن خاكۇ تامغا بىلەن موماي خاكۇنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەنت قىلىۋەتكەن قۇرتسىمان نەرسىنى قۇسۇپ چىقىرىدۇ. كېيىن چىھىرو تامغىنى موماينىڭ ئاچىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن خاكۇ ئىككەيلەن بىرلىكتە قايتىپ كېلىۋاتقاندا چىھىرو خاكۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يادىغا ئالىدۇ. ئاخىرىدا خاكۇ بىلەن چىھىرو قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىدۇ. بىر توپ چوشقا ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئاتا ئانىسىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە موماينىڭ كۆرەڭلىك بىلەن ”پەقەت بىر قېتىملا پۇرسىتىڭ بار“ دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئەقىل تاپىدۇ. چىھىرونىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككى كىشى تاللاش پۇرسىتى پەقەت بىر بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ قىيىن سوئالنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا ئىدى. چىھىرو موماينىڭ سسىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىن كېيىن مومايدىن ئىسمىنى قايتۇرىۋالىدۇ ۋە ئەسلىگە قايتقان ئاتا ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى تەۋە دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ.
فىلىم بىر غول ۋەقەلىك ئاساسىدا يەنە ئىككى تارماق ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەقەلىك بولسا چىھىرو بىلەن موماينىڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە بىرگە بارغان ئىككەيلەن، يەنى موماينىڭ ئوغلى ۋە چىرايسىز مەخلۇق. قۇرامىغا يەتكەن بەدەن ۋە تېخىچىلا بۆشۈكتىكى بالىچىلىك ئەقىل،بىر بالىغا نىسبەتەن يېتىلشى مۇمكىن بولمىغان مۇھىت. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ ئانىسى يۇ موماي كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت. ئاخىرىدا بالا كىچىكلىگىدىن ھېچنىمىگە كۈچى يەتمەيدىغان چاشقانغا ئايلاندۇرۇلۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن بىر قەدەم باسىدۇ. چىرايسىز مەخلۇق بولسا يالغۇزلۇق ۋە غېرىپلىقتىن ئادەتتىكى بىر مېھرىبانلىق ئۇنىڭدا چوڭ تەسىر قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋە چىھىرو ئارىسىدا بىر خىل دوسلۇق شەكىللىنىدۇ. تاساددىبىي پۇرسەتتە ئۇ مۇنچىغا كىرىدۇ ۋە توختىماستىن يەپ-ئىچىپ ئۆزىنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىگىنىمۇ تۇيماي قالىدۇ. كېيىن چىھىرونىڭ ياردىمىدە بۇ نەپسانىيەتكە تولغان جايدىن ئايرىلىدۇ ۋە يۇ موماينىڭ ئاچىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالىدۇ…خاۋلنىڭ كۆچمە قەلئەسى
شۇندىن كېيىن مىيازاكى ئەپەندى يەنە «خاۋلنىڭ كۆچمە قەلئەسى» قاتارلىق كارتون فىلىملارغا رىژىسورلۇق قىلدى. ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى دىئاننا ۋ جونىسنىڭ «سېھرىگەر خاۋل ۋە ئوت مەخلۇق» ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن بۇ كارتون فىلىم 61- نۆۋەتلىك ۋىنا كېنو كۆرىكىدە تېخنىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.
ئەسەر ۋەقەلىكى يۈز بەرگەن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ياۋروپا قىشلاقلىرىدا بىر ماڭالايدىغان قەلئە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا بۇ قەلئەنىڭ ئىگىسى خاۋل ئەتراپتىكى چىرايلىق قىزلارنىڭ يۈرىكىنى يەۋالىدىكەن دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرىدۇ. بىر كۈنى خالانىڭ كۆچمە قەلئەسى سوفىيە تۇرىدىغان بازار ئەتراپىدىكى جاڭگالغا كېلىدۇ. سوفىيە بولسا دادىسىدىن مىراس قالغان شىلەپە دۇكىنىدا ئادەتتىكىچە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان قىز ئىدى. بىر كۈنى ئۇ سىڭلىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ سېھرىگەر خاۋلغا يولۇقۇپ قالىدۇ، ھەم خاۋلنى قوغلاۋاتقان جادۇگەر موماي (ئەسلى جادۇگەر موماي ئەمەس جاڭگال جادۇگىرى ئىدى، راۋان ئاڭلانمىغاچقا جادۇگەر موماي دەپ ئېلىندى) نىڭ چوماقچىلىرىدىن خاۋل بىلەن بىللە قېچىپ قۇتۇلىدۇ. ئەمما شۇ كۈنى ئاخشىمى سوفىيە جادۇرگەر موماينىڭ ئەپسۇنىغا ئۇچراپ 90 ياشلىق قېرى موماينىڭ سىياقىغا كىرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سوفىيە باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىر جاڭگالدا خاۋلنىڭ كۆچمە قەلئەسىگە كىرىپ قالىدۇ ھەمدە تازىلىق ئىشچىسى سالاھىيىتى بىلەن قەلئەدە تۇرۇپ قالىدۇ.سوفىي خاۋلنىڭ قەلئەسىدە تۇرۇش جەريانىدا خاۋلنىڭ باشقىلار ئېيىتىپ يۈرگەندەك ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى ئەكسچە سېھرىي كۈچىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىغا قارىماي ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەشتىن قورقىدىغانلىقىنى بايقايدۇ...
گەرچە ئۇ ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىسمۇ ئەمما يەنىلا ئىجادىيەتنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2004- يىلى قويۇلغان «خاۋلنىڭ كۆچمە قەلئەسى»دىن تۆت يىل كېيىن ئۇ نەۋرىسىگە بېغىشلاپ ئىشلىگەن يەنە بىر فىلىم «قىيادىكى ئالتۇن بېلىق» كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
مىيازاكى ھايائو رېئاللىق ۋە تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىسىدىكى تەمپۇڭلۇقتا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى، غايە ۋە مۇھىت قارىشىنى ئۆزىنىڭ كارتونلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە بايان قىلغۇچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە دۇنيانىڭ ئۇنچىلىك رەزىل ئەمەسلىگىنى، شۇنداقلا ئۇنچە چىداملىقمۇ ئەمەسلىگىنى تونۇتىدۇ.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3
>