1930-يىللاردىكى ئۆزبېك قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى


1930-يىللاردىكى ئۆزبېك قوشۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى


ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەقەلىرىدىن ئەسلىمىلەر

مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى

1

1933-يىلى 1-ماي قىرغىز ئوسمان ئالى باشچىلىقىدىكى قىرغىز، ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقىدىن تەشكىللەنگەن قوزغىلاڭچىلار تۇڭگان ماشاۋۋۇغا قارشى قەشقەر شەھىرىگە ھوجۇم قىلغان كۈنى شەھەردە ئۆزبېك قوشۇنى تەشكىللەندى، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى شەھەر سېپىلىنى قوغداش بىلەن بەنت بولغاچقا، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شەھەر كۆكۈللۈك (پىدائىي) لىرى جۈملىدىن ئۆزبېكلەر يامۇل بىلەن سېپىل ئارلىقىدىكى يوللاردا تۇرۇۋېلىپ ئالاقىچى چېرىكلەرنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ قورالغا ئىگە بولدى.

قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە ئامانلىق ساقلاش قوماندانى ما شاۋۋونىڭ شەھەرنى مۇداپىئە قىلىشقا قىلغان چوڭ تەييارلىقى شۇنچە كۈچلۈك قورالغا ئىگە چېرىكلەرنىڭ تۆت سائەتكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى بىلەن يوققا چىقىپ قەشقەر شەھىرى قولدىن كەتتى.

ئۆزبېكلەر سېپىلدىن قېچىپ چۈشكەنلەرنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ خېلىلا قورالغا ئىگە بولۇشتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ ئاساسىي بازىسى بولغان يۇمىلاق شەھەر قورغانچىسىنى چېرىكلەر مۇداپىئە قىلىپ قالالمىغاچقا، قوزغىلاڭچىلار باستۇرۇپ كىردى، گازارمىلاردىكى چېرىكلەر قارشىلىقسىز تەسلىم بولدى. نەچچە يۈزلىگەن قورال قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى، بۇنىڭدىن مەلۇم ساندىكى قورال ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى قىرغىز ئوسمان ئالى قەشقەر شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا ئۆزبېك سېتىۋالدىجان باشچىلىقىدا ئۆزبېك قوشۇنى تەشكىل ئېتىلگەنىدى.

سېتىۋالدىجان ئەسلى مەرغىلانلىق ئۆزبېك ئەنەس ھاجىم دېدگەن باينىڭ ئوغلى ئىدى، ئەنەس ھاجى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىگىرى پەرغانىدىن قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى.

سېتىۋالدىجان پەرغانىدە بىر مەزگىل ئوقۇپ تەربىيە كۆرگەن بولغاچقا، مەلۇم سەۋىيىگە ئىگە ئىدى، ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇپ مەلۇم بىلىم ئۆزلەشتۈرگەن ھۆر پىكىرلىكلەردىن بىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ قەشقەر ⅩⅩ ئەسىردە ئۆسۈشكە باشلىغان«جەدىدچىلەر» ئېقىمى ئۇنىڭ ئۆسىشىگە تۈرتكە بولغانىدى.

ئۇ رۇسىيە، تۈركىيىلەردىن تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللارنى ئەكەلدۈرۈپ ئوقۇدى، بولۇپمۇ قازاندىكى تاتار ئالىملىرى يازغان ئەسەرلەرنى ئەكەلدۈرۈپ ئوقۇپ، يېڭىچە پىكىر، زامانىۋىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇپ، قەشقەردىكى جەدىدچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

قەشقەردىكى چۈشكۈن ۋەزىيەت، ئىستىبدات ھاكىمىيەت كەلتۈرگەن تەڭسىزلىك، زۇلۇم ھاقارەتلىرى ئەلدە يۈز بېرىۋاتقان كەمبەغەلچىلىك، خۇراپاتلىق ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقى ئۆستى، ئۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىدىئولوگىيە كۈرىشى بىلەن شۇغۇللاندى. شىمالدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنىڭ قەشقەرگە يېتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەت بولغانىدى.

ئۇ قىرغىز قوزغىلاڭچىلىرى تۈتۈرگىگە كەلگەن ھامان ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى. ئۇلار تۈتۈرگىدە بىر يېرىم ئايغا يېققىن تۇرغان جەرياندا، كېچىلىرى چىقىپ ئوسمان ئالى بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىرلەشتى، شەھەر ئىچىدىكى ئۆز بېكلەرنى ئۇيۇشتۇردى، تەشكىللىدى...

شۇنىڭ بىلەن مەلۇم قورال ياراققا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزى باشلىق بولدى.

ئوسمان ئالى شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەترىتىنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دەرھال تۆمۈر سىجاڭنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتىۋالدى. تۆمۈر سىجاڭ ئاز كۈندىن كېيىن بۇلارنى ئۆزبېك پولكى قىلىپ تەشكىللىدى. سېتىۋالدىجان ئەنە شۇ پولكنىڭ كوماندىرى بولۇپ دەرىجىسىمۇ ئۆستى.

بۇ پولك شۇ چاغدا كۆز ئالدىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ كۈچەيدى ۋە ئابروي قازاندى، شۇ يىلى 18-مايدا يۈز بەرگەن قىرغىز-تۇڭگان توقۇنىشىغا قاتنىشىپ قىرغىزلارغا ياردەم قىلىپ بىر قىسىم قورالنى تارتىۋالدى، ئاز ئۆتمەي ھىمىتنىڭ سېيىدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ يەكەن يېڭى شەھىرىگە بېكىنۋالغان بىر نەچچە يۈز ئەسكىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ نۇرغۇن قورالغا ئىگە بولدى، كۈچى خېلى ئۆستى، نام-شۆھرەت قازاندى.

بۇ قوشۇن تەركىبىدە ئۆتمۈشتە پەرغانىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ پىشقان «باسمىچىلار» مۇ ھەتتا قۇر بېشى (مىڭ كىشىنىڭ باشلىقى) ئاتالغانلارمۇ بار ئىدى.

يۈسۈپچان قۇر بېشى، ئابدۇراخمان قۇر بېشى، ئارىپجان قۇر بېشى...لار ئەنە شۇلاردىن ئىدى، بۇ پولك تەركىبىدە قەشقەردىن قوشۇلغان ئۇيغۇرلارمۇ مەلۇم ساننى ئىگىلەيتتى.

2

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىكى ئاتالمىش باش قوماندان تۇڭگان ماجەنساڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن 1933-يىلى 8-ئاۋغۇسىت (چارشەنبە) كۈنى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. باشقىلارنىڭ بىخوتلۇقىدىن پايدىلانغان تۇڭگانلار قەشقەر كونا شەھىرىنىمۇ ئىشغال قىلىۋالدى.

دەل بۇ چاغدا سېتىۋالدىجان بىر قىسىم ئەسكىرىنى ئېلىپ خوتەنلىكلەرنى باستۇرۇش ئۇرۇشىغا كەتكەنىدى. يۈسۈپجان قۇر بېشى ئۆز شتابى بولغان ياۋاغدىكى سودا سارىيىدا ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئولتۇراتتى. تۇڭگانلار ئۇشتۇمتۇت شەھەرنىڭ دەرۋازا ۋە سېپىللىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، بۇ سارايغا تەھدىت سالدى.

بۇ ساراي سېپىلغا تۇتاش بولغاچقا، خەتەرلىك ئىدى. ئۆزبېكلەر تۆمۈر سىجاڭنىڭ شەھەردىكى باشقا قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ھەممە نەرسىلىرىنى تاشلاپ كەتمەي، بىقىندىكى سارايلاردىكى سودىگەرلەرنىڭ تايلاپ قويغان يۈكلىرىنى توپلاپ دالدا قىلىپ تۇرۇپ سېپىلدىكىلەرگە قارشى تۇردى.

بۇلار بىر تەرەپتىن ئېتىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق نەرسىلىرىنى يۆتكەپ قاراڭغۇ چۈشكەندە كېچىلەپ توشۇپ كەتتى ۋە قۇرۇق ساراينى تۇڭگانلارغا قالدۇرۇپ قويدى.

بۇلار شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قورغان تەرەپكە سۈرۈلۈپ چىقىپ ئاپپاق خوجا مازىرى ئەتراپىدا تۇرۇپ، شەھەرگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى، تۇگان قوشۇنلىرى بۇلارنى يوقىتىشقا جازا ئەترىتى چىقاردى.

بۇلار ھەزرەت يولىدىكى تاختا كۆۋرۈككە بارغان ھەتتا تۇرپان كوچىسى دېگەن جايغا كېلىپ ھەيۋە بىلەن زەمبىرەكلەرنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپنى ئۇچرىتالمىدى. ئۇلار ھەتتا مازار ئىچىگە قەدەر باستۇرۇپ كىرگەندىمۇ ھېچكىم قارشى چىقمىغاچقا، دۈشمەنلەر بىزدىن قورقتى بولغاي، دەپ ئىچكىرلەپ كىردى.

ئۆزبېك قوشۇنى ئۇلارنى تۆت تەرەپلەپ قورشاپ شۇنداق ئەپلىدىكى ، ئۇرۇشقا چىققىنىغا تويغۇزىۋەتتى. نەتىجىدە تۇڭگانلار نۇرغۇن جەسەتنى قالدۇرۇپ، ئازغىنە ئادىمى بىلەن بۆسۈپ چىقىپ قۇتۇلدى.

قىرغىز ئوسمان ئالىنى باش قوماندان قىلىشقان ئۇيغۇر-ئۆزبېك قوشۇنى قىرغىز قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە كونا شەھەرنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىدىن تەڭلا تۇڭگانلارغا ھۇجۇم قىلدى. 15-ئاۋغۇست (چارشەنبە) كۈنى تۇڭگانلارنى كونا شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى. تۇڭگانلارمۇ قاتتىق بىر كۈنلۈك سوقۇشتا قاتتىق قۇربانلىقلارنى بېرىپ، ئاقىۋەت شەھەرنى تاشلاپ شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. لېكىن ئەپلىك يەردە كۈتۈپ تۇرۇشقان ئۆزبېك قوشۇنى ئۇلارنى ئۈجمە تۆككەندەك تۆكۈپ تاشلىدى. پەقەتلا ئەجىلى پۈتمىگەن ئاز ساندىكىلىرى قۇتۇلۇپ يېڭى شەھەرگە چىقىپ كەتتى. بۇ قوشۇن يەنە بۇلارنىڭ قالدۇرغان ياخشى قوراللىرى بىلەن قوراللىنىپ كۈچىگە يەنىمۇ كۈچ قوشتى.

ئۇرۇش جىنايەتچىسى ما جەنساڭنى يوقىتىش ئۈچۈن يېڭى شەھەرنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇڭا شۇ كۈندىن باشلاپ يېڭى شەھەر ئۇرۇشى باشلاندى. ئۆزبېك قوشۇنى يېڭى شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان «ناچۇق» تەرەپكە ئورۇنلاشتى. ئاز كۈن ئۆتۈپلا خوتەن ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەنلەر بىلەن بىرلىشىپ يېڭى شەھەردىكى زىخۇيچىلارنى يوقىتىش جېڭىگە ئاكتىپ كىرىشىپ كەتتى.

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى 3-، 4-ھەپتىسى قوزغىلاڭچىلارغا ۋەزىيەت ئىنتايىن ياخشى بولدى. ما جەنساڭ گۇرۇھى ئاساسەن يېڭى شەھەر سېپىلى ئىچىگە ئۇلاقتۇرۇپ تاشلانغانىدى، بولۇپمۇ سېتىۋالدىجان قوشۇنى زىخۇيچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ كەلگەن بولغاچقا، شىمالدىكى لىنىيىسىنى تۇڭگانلار زور كۈچ بىلەن ساقلاشقا مەجبۇر بولغانىدى. شەرقىي لىنىيە بىلەن جەنۇبىي لىنىيە تەرەپتىكى ھەمدەم بەگ ھاجى، ھاپىز لۈيجاڭ، توختى تۇەنجاڭلار قوماندانلىقىدىكى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىمۇ زىخۇيچىلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانىدى.

يېڭى شەھەر ئۇرۇشى ئالتە ئايلاپ سوزۇلۇپ كەتتى، ئۇنىڭ شۇنداق بولۇشىغال: ما جانساڭ قولىدىكى يېڭى شەھەردە تۇڭگان، خەنزۇ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر گەۋدىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، قارشى تەرەپتە بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنىڭ يوق بولۇشى، باشباشتاقلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ھوقۇق تالىشىشنىڭ كۈچىيىشى، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىرادىسىزلىك، نىيەت ئالىلىق، شۇنداقلا ئىچكى-تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا ئالدىنىشنىڭ ئېغىر بولغانلىقى ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشىغا ئېلىپ بارغانىدى.

نەتىجىدە بىھۇدە قۇربان بېرىشلەر كۆپ بولدى، خەلق ئاممىسى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارغا كۆپ ئۇچرىدى.

ئۆزبېكلەرمۇ قىرغىز پانسادلىرىغا ئوخشاش بارا-بارا چىرىكلىشىپ، ئۇرۇشنى جان بېقىش يولى قىلىۋالغانىدى. چۈنكى ئۇرۇش تۈگىسە خەلقتىن ئالۋان قىلىپ ئالىدىغان ئۇن-گۈرۈچ، قوي-كالا، تەڭگە، يامبۇ...توختاپ قالاتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇرۇش باھانىسى بىلەن خەلقنى قىينىغانىدى.

ئۇلار كۈندۈزلىرى ئۇرۇشۇپ قويۇپ كېچلىرى نۆۋەتلىشىپ بەزمە قۇرۇپ، ئەيش-ئىشرەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇرۇشنى تاماشىغا ئايلاندۇرۇۋالغانىدى.

ئۆزبېك قوشۇنىدىكى چىرىكلىك چېكىگە يېتىپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن سېتىۋالدىجان قوشۇن رەھبەرلىكىدىن ئېلىپ تاشلاندى، يۈسۈپجان قۇر بېشى ھوقۇقنى تارتىۋالدى.

يۈسۈپچان دەسلەپتە ھەر بىر ئۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكتىن، قەشقەر خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغانىدى، شۇڭلاشقا ئۇ شەھەر كوچىلىرىدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ قامەتلىك بوي-بەستى، ئۇستخانلىق گەۋدىسى، يارىشىملىق شاپ بۇرۇتى، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى، ئارغىماق ئات ئۈستىدە باتۇرانە ئولتۇرۇشى كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى، ئۇنىڭ قالپاقلىق، شاپ بۇرۇتلۇق ئەسكەرلىرى ھەيۋەت ھەشەم بىلەن ئۇنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىن ئاتلىق ماڭغاندا ھەممە قاراپ قالاتتى.

3

ئەپسۇسكى يېڭى شەھەر ئۇرۇشىنىڭ يېرىمىدا ئۇ راستىنلا «ھېرىپ قالغان» ئىدى. ئۇ بۇرۇن شىمالى فرونىتتىكى زىخۇيچىلارنىڭ «ئەزرائىلى» بولۇپ ھېسابلانغان بولسا، كېيىنكى كۈنلەردە «ئۇلارنىڭ دوستى» بولۇپ قالدى. كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشلىرىغا قارىغاندا، ئۇ بۇرۇن خەن دارىنغا ئەسكەر بولغاچقا، «بۇرۇنقى خوجاينى» نىڭ «مەرھەمەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشكەن». يېڭى شەھەر مۇھاسىرىسىدە تۇڭگانلارنىڭ ئاشلىقى تۈگىگەن يامان چاغلىرىدا ئۇلارنى يۈسۈپچان «ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن» ئىدى. دېمەك، بۇرۇن داۋاملىق شىمالىي سەپنى قورقۇنچلۇق دەپ ھېسابلاپ كەلگەن زىخۇيچىلار كېيىنكى كۈندە ئۇ تەرەپكە ئانچە كۈچ سەرپ قىلمايدىغان بولدى. ئۆزبېكلەرنىڭمۇ خاتىرجەملىكنى ساقلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقى يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىسپاتى ئىدى.

شۇ يىلى 10-ئايدا قىرغىز ئوسمان ئالى باش قوماندانلىقتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئۇنى يۈسۈپچان قۇر بېشى تاغدىن تۇتۇپ كەلدى.

ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلۇپ، يۈسۈپچان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ گارنىزۇن قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، دەرىجىسى تېخىمۇ ئۆستى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان بىر پولك قوشۇننىڭ ئېتىبارىمۇ شۇ دەرىجىدە ئۆسكەنىدى.

يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى شەھەر ئۇرۇشى يېڭى باشتىن ئەۋج ئالدى. باشباشتاق زىخۇيچىلار يېڭى باشتىن بارا-بارا تىزگىنلەندى. بەختكە قارشى ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى باستۇرۇپ كەلگەچكە، خوجا نىياز ھاجى قەشقەرگە كېلىپ يېڭى شەھەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالماي، ئاقىۋەت قەشقەر شەھىرىنىمۇ بوشىتىپ بەردى. يېڭى شەھەر مۇھاسىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. خوجا نىياز ھاجى تۇڭگان ما فۇيۈەننىڭ قوشۇنى قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەندە ئۆزبېك قوشۇنىنى يېڭى قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇشقا ئەۋەتكەنىدى. يۈسۈپچان بۇرۇن تۇڭگان قوشۇنلىرىغا سەل قاراپ خوجا نىياز ھاجىنىڭ قېچىپ كېلىشىنى مەسخىرە قىلغان بولسىمۇ، پەيزاۋاتنىڭ شاپتۇل ئەتراپىدا تۇڭگانلار بىلەن تۇتۇشۇپ بەرداشلىق بېرەلمەي قايتىپ كىرگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غورۇرى ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتتى-دە، توڭگانلار بىلەن ئۆز ئالدىغا يەنە بىر قېتىم ئۆز ئالدىغا ئېلىشماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن خوجا نىياز ھاجىنىڭ يېڭى ھىسارغا بۇيرۇقىنى تاشلاپ، 1934-يىلى 28-يانۋار كونا شەھەردىن چېكىنىپ چىقىپ يېڭى شەھەر تازغۇندىن غەربكە قاراپ يول ئالدى.

يول ئارىلاپ مېڭىپ كونا شەھەر تاشمىلىققا كەلگەندە بازا قۇرۇپ، ئادەملىرىنى بورخىتاي (بۇلاقسۇ)، توققۇزاق، ھەتتا سەمەن رايونلىرىغىچە تارقاتتى. بۇلار تۇڭگانلارنى بۇ ئەتراپتا تۇتۇۋالماقچى بولغانىدى. ئۆزبېك قوشۇنى تۇڭگانلارنى راستىنلا بۇ ئەتراپتا بىر نەچچە قېتىم ئوبدان كۈتۈۋالدى ۋە قاتتىق ئەدەپلىدى. تۇڭگانلار تەمىنات ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپ ئازراق كۈچىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپ چىقىم تارتتى. «ئوغرىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن جازا ئەترىتى» چىقارغانىدى. بۇلار يۇرت ئىچىگە كىرگەندە «ئوغرى» غا يولۇقمايتتى، ئىچكىرىلەپ بارغاندىن كېيىن ئاسماندىن چۈشكەندەك ياكى زېمىندىن ئۈنۈپ چىققاندەك ئۇزۇن چاپانلىقلار پەيدا بولاتتى-دە، ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىر مۇنچە رەقىبىنى يەر چىشلىتەتتى.

بۇلار تۇڭگانلار ئۆزىنى ئوڭشاپ كۈچىنى ئىشقا سالغان ھامان كۆزدىن غايىپ بولۇپ، قاياققا كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، كۈچى گۇناھسىز كىشىلەرگە يېتەتتى، «ئوغرى ساقلىغانلىق» جىنايىتى بىلەن كىشىلەرنى ئېتىپ، نەرسە-كېرەكلەرنى بۇلاپ شەھەرگە قايتىپ كېتەتتى. ئۆزبېك قوشۇنى بارا-بارا شەھەر تۈۋىگە بېرىپ يالغۇز ئۇچرىغان زىخۇيچىلارنى ئاتاتتى ۋە قوراللىرىنى تارتىۋالاتتى. «باش قۇماندان» مافۇيۈەننىڭ ئەسكەرلىرى ئاتلىرىنى تۈمەن دەرياسىغا سۇغۇرۇشقا ئېلىپ چىققاندا، ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قالغانلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تارتىپ كېتىلگەچكە، ئاتلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قوراللىق ئەسكەرنى بىرگە چىقىرىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئاتۇش تەرەپتىمۇ «ھەرىكەت پەيدا بولغانلىقتىن، مافۇيۈەن بىئارام بولۇپ، 6-فېۋرال بارلىق ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئاتۇشقا قاراپ ئاتلاندى. يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭمۇ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ كونا شەھەر ئىچى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ كېتىپ كونا شەھەرنى ئاساسەن بوشىتىپ قويدى.

شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ ياغقان قارنىڭ ئېرىگەن قىسمى يوللارنى پاتقاق قىلىشقا باشلىغانىدى. شەھەر ئەتراپىدىكى قوشۇندىن قوچقار باي دېگەن باشلىق تۇڭگانلار چىقىپ كەتكەن پەيىتتىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە ئادەملىرىدىن يۈز نەپەر پىدائىينى تاللىدى. بۇلار ئۆزبېك، ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى. بۇلار ئىمكان بولسا شەھەرنى تارتىۋېلىش، بولمىسا شەھەردە قالدۇرۇلغان تۇڭگانلارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال ۋە ئولجىلىرىغا ئىگە بولۇش ھەمدە تۇڭگانلارغا روھىي زەربە بېرىش ئۇلارنىڭ چىقىش نۇقتىئىنەزىرى ئىدى.

بۇلار تېز ۋە چاققانلىق بىلەن شەھەرنىڭ شىمالىي قوۋۇقى-يارباغ دەرۋازىسىغا قاراپ چاقماق تېزلىكىدە ئات سېلىپ ماڭدى، دەرۋازىنى قوغداۋاتقان سەككىز نەپەر قوراللىق تۇڭگان ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغانىدى.

قوچقار باي دەرۋازا ۋە سېپىل ئۈستىدىكى قاراۋۇللارنى ئەپچىللىك بىلەن يىغىشتۇرۇپ، ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ شەھەر ئىچىگە قاراپ كىرىپ كەتتى.

ھېيتگاھ مەيدانىغا ماڭغان بىر بۆلىكى ئەنجان رەستىدىكى موسابايوفنىڭ سارىيىغا ئورۇنلاشقان بىرگادا شىتابىنى ئىشغال قىلدى.

بۇ يەردە قالدۇرۇلغان ئاز ساندىكى قارانچۇقلار تەسلىم بولدى. قورال ۋە نەرسە-كېرەكلىرى ئولجا ئېلىندى. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ھېيتىگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قوماندانلىق باش شتابىنى باسقىن قىلىپ، ئۇ يەرنىمۇ ئىشغال قىلىشتى. بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر يولدىن مېڭىپ كەتكەن بىر بۆلىكى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇزاق دەرۋازىدىكى پولك شتابىنى قولغا چۈشۈرۈپ يېتىپ كەلگەنىدى.

بۇلار ھېيتىگاھ مەيدانىغا جايلاشقان 4، 5 جايدىكى تۇڭگانلارنىڭ روتا شتابلىرىنى قولغا چۈشۈردى. قارانچۇقلارنى يىغىشتۇردى، ئولجىلارنى ئالدى.

بۇلار شەرق-غەرب بويلاپ يۈرۈپ كەتتى، ئۇلار شەتەي يامۇلى بىلەن دوتەي يامۇلىنى نىشان قىلغانىدى.

بۇلار گەرچە بىر نەچچە جايدا ئۇتۇقلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي ئورۇن بولغان يۇمىلاق شەھەر قەلئەسى بىلەن دوتەي يامۇلىنى ئالالمىدى. بولۇپمۇ دوتەي يامۇلى سەھنىسنىڭ ئۇدۇلىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىستانكىۋوي پىلىموتىنىڭ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېقىن يولىيالمىدى ھەم خېلىلا چىقىم تارتتى، خېلى تىرىشقان بولسىمۇ ئامال بولمىدى. بۇلار ئىشنى ئويۇنچۇقتەك باشلىغان بولۇپ، گەرچە شەھەرنى ئاسانلا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن شەھەر دەرۋازىلىرىنى ھەم سېپىل ئۈستىنى مۇستەھكەملىمىگەچكە، تېزلىك بىلەن قايتىپ كىرگەن ما فۇيۈەننى شەھەرگە كىرگۈزۈپ قويدى، ئۆزلىرى شەھەر ئىچىگە سولىنىپ قالدى.

بۇلارنىڭ چىقىش يوللىرى پۈتۈنلەي  ئۈزۈپ تاشلانغانلىقتىن، بىر قىسىم ئەنجان رەستىنىڭ پۈتۈنلەي ئىگىلىنىپ بولغانلىقىغا قارىماي، ئات سېلىپلا يارباغ تەرەپكە چېپىپ كەتتى، بىر قانچىسى ئوق ئاستىدا لايغا مىلەندى. ئاساسىي قىسمى يارباغ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.

قامىلىپ قالغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمى شەھەر كوچىلىرىغا تاراپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاساسىي قىسمى ھەر تەرەپتىن سۈرۈلۈپ كېلىپ، ئارقا ئەنجان رەستىگە توپلاشتى ۋە بۇرۇن «لى جىڭ» (باجخانا) دەپ ئاتالغان، كېيىن ئاخۇن بايوپلاردىن ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا بايۋەچچە (ئاكا-ئۇكا) لەرنىڭ ئىمارىتىگە كىرىۋالدى. بۇ ئىمارەت گەرچە سېپىلغا يېقىن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئېگىز ياسالغان سەرەج تېمىنى دالدا قىلىپ كەچ كىرگىچە تۇڭگانلار بىلەن ئېلىشتى. تۇرغان جايلىرى ئەپلىك بولغاچقا، تۇڭگانلاردىن كۆزىگە ئىلىنغانلىرىنى سوقۇپ تاشلىدى ۋە نۇرغۇنلىرىنى چىقىمغا ئۇچراتتى. ئاقىۋەت قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلالمىغان ما فۇيۈەن ھىيلە ئىشلىتىپ، ئەلچى ئەۋەتتى، نەتىجىدە مافۇيۈەن پىدائىيلارنى يالغان قەسەمگە ئىشەندۈردى، ھاياتلىرىغا دەخلى قىلماسلىق شەرتلىرى بىلەن تەسلىمگە قول قويدى.

نامەرت ما فۇيۈەن «قۇرئان» تۇتۇپ  ئىچكەن قەسىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلارنى تۇتۇش ھەمدە ئوفىتسېرلىرىنى يېڭىشەھەر يولىدا، ئەسكەرلىرىنى دوتەي يامۇلىدا 7-فېۋرال كۈنى سائەت 12 لەردە پىلىمۇتقا تۇتۇپ ھالاك قىلىۋەتتى.

  قوچقار باي تەشكىللىگەن ئۆزبېك قوشۇنىنىڭ بۇ تەۋەككۈلچىلىكى يالغۇز ئۆزلىرنىلا ھالاكەتكە تۇتۇپ بەردى ئەمەس بەلكى قەشقەر تارىخىدىكى «6-فېۋرال» پاجىئەسىنى مەيدانغا چىقاردى. ما فۇيۈەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئۆزبېك قوشۇنلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ «3 كۈنلۈك قەتلىئام» بۇيرۇقىنى چىقاردى. شەھەردىكى قورالسىز، گۇناھسىز كىشىلەردىن 6000 دىن ئارتۇق كىشىنى دەھشەتلىك ھالدا ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. يىللاردىن بېرى ئەمگەك قىلىپ تاپقان پۇل-مال، ئۆي-سەرەمجانلىرىنى تالاپ كەتتى. ئايال-قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىگە تەگدى. نەچچە يۈزلىگەن ياشنى ئەسكەرلىككە تۇتىۋېلىپ سوقۇشلارنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ھەيدەپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى.

يۈسۈپچان قۇر بېشى قەشقەردىكى قىرغىنچىلىققا سەۋەبچى بولغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن باش ۋەكىل سابىت داموللام ئۆزبېك قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىدىن بولغان ئابدۇراخمان قۇر بېشىنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ، يۈسۈپچاننى قوشۇندىن تازىلاش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قارار بويىچە يۈسۈپچاننى مەجلىسكە چاقىرتقان. يۈسۈپچان گەرچە مۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئاخشىمى ھۇشيارلىق بىلەن، داموللامنىڭ قەشقەر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى كايىشلىرىغا تەييار تۇرغان.

ئۇنى داموللام بىلەن زىرىف قارى ھاجى يېڭىساردىكى بىر ئۆيدە كۈتۈۋالغان، بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، بىرەر سائەتتىن كېيىن داموللام بىلەن قارى ھاجىم تاھارەت قىلىش باھانىسى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەن، ئارقىدىنلا خوتەنلىك سەركەردىلەردىن بولغان تاپانچىلىق بىر ئەمىر قولۇڭنى كۆتۈر! دەپ ھەيۋە بىلەن كىرىپ كەلگەن. يۈسۈپچان ئىچىگە يوشۇرغان بىراۋنىك تاپانچىنى ئېلىپ تەييار بولۇپ تۇرغاچقا، پاڭ قىلىپلا ئەمىرنى يەرگە يىقىتقان. يۈسۈپچان بىر دىسكا ئوقنى دەھلىزگە قارىتىپ  ئاتقاندىن كېيىن تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئوقىدىن كاتىپ ⅩⅩ دېگەن ھالاك بولغان. ئۇ  يېڭىسار يېڭى شەھىرىنىڭ سېپىلىغا چىقىپ ئادەملىرىنى توپلاپ داموللامنىڭ قېشىغا كەلگەن. داموللاممۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەيىپنى ئۆلگۈچى ئەمىرگە يۈكلىگەن. يۈسۈپچان ئاز ئۆتمەي تاشمىلىققا قاراپ كەتكەن (قادىر ھاجىم تىلىدىن). ئۆزبېكلەر بۇ قېتىم پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنە ھارۋىسىدىن چۈشمىدى ۋە تاشمىلىققا چېكىندى، خوجا نىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى خوتەن قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىساردا تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنمىغانىدى. ھەتتا خوتەن باشلىقلىرىدىن ئەمىر ساھىپ نۇر ئەھمەتخان  40 كۈنلەپ يېڭى سار ئاسمىنىغا قامىلىپ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئىچىدە قالغان بولسىمۇ، قاراپ تۇرۇشتى. ئاقىۋەت نۇر ئەھمەتخان بىلەن ئابدۇللاخان (شامەنسۇر) نىڭ كاللىسى ھېيتىگاھقا ئېسىلدى.

ئۆزبېكلەر بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن گەرچە ئاز مۇددەت ئوپال-تاشمىلىقلاردا يۈرۈپ تۇڭگانلار بىلەن تىركىشكەن بولسىمۇ، چېكىنگەن ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىپ كېلىشى يۈسۈپچاننى تاشقورغانغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. يۈسۈپچانمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن چەتكە قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن تاشقورغان چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئىمكان تاپالمىدى. چېگرىنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىۋالغان تاجىك مۇھەممەت زەمىرنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا يول بەرمىدى، ئۇنىڭ قارشىلىقى ئۈنۈم بەرمىدى.

4

1934-يىلى ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ماجۇڭيىڭنىڭ سوۋېتكە كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ما خۇسەن باشچىلىقىدا قەشقەردىن خوتەنگە چېكىندى. 20-ئىيۇل سىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى 6-دىۋىزىيە قوشۇنلىرى قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتى.

ئۈرۈمچى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇرۇشنى بېسىقتۇرۇش، يۇرتنى تىنجىتىش» ئۈچۈن ئەۋەتكەن قوشۇنلىرى قەشقەر بىلەن يەكەن يېڭى شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، ھەممە تىنچلىققا قاراپ قەدەم تاشلىدى. جەنۇبتىكى ھەممە قوزغىلاڭچىلار يېڭى ھۆكۈمەتكە باش ئېگىپ تەسلىم بولدى، لېكىن يۈسۈپچان باشچىلىقىدىكى ئۆزبېك قوشۇنى ھامان تاشقورغاندا ياتماقتا ئىدى. زاماننىڭ تەرەققىياتى يۈسۈپچانلارنىمۇ تېنىچلىققا چاقىرغاچقا، ئۇنى قوبۇل كۆرمەسلىككە ئامالمۇ قالمىغانىدى.

يۈسۈپچان قالغان قۇر بېشىلىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم كېڭەشكەن بولسىمۇ، لېكىن قول ئاستىدىكى ئابدۇراھمان قۇر بېشى، ئارىپچان قاتارلىقلارنىڭ تەسلىم بولۇش تىلىكى يۈسۈپچاننى مەجبۇر قىلدى، ئاقىۋەت قەشقەر بىلەن سۆزلىشىشكە ماقۇل كەلدى.

سۆھبەت نەتىجىسىدە يۈسۈپچانلار قوشۇنلىرىنى ئېلىپ يېڭىسارغا قايتىپ كەلدى. بۇ جايدا سەمەت ھاجى تۇەنجاڭ باشچىلىقىدىكى 6-دىۋىزىيىنىڭ 1-پولكى (كېيىن 31-پولكقا ئۆزگەرتىلگەن) بار بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن كۈتۈلدى. يۈسۈپچان قوشۇنىدىكى مەلۇم كىشىلەر (كۆپ قىسمى ئۇيغۇر) بۇ پولكتا قالدۇرۇلدى، قالغانلىرى مارالبېشىدا تۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

بۇ كۈنلەردە مارالبېشىدا بىر پولك ئاق ئورۇس ئەسكىرى بار ئىدى، ئۇلارغا پولكوۋنىك چېرنىيوف رەھبەرلىك قىلاتتى. يۈسۈپچانلار ئەنە شۇ رەھبەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۆردەكلىك دېگەن جايغا كەلگەندە يۈسۈپچان مارالبېشىغا بېرىشتىن يالتېيىپ، ئۇ يەرگە بېرىشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى. گەرچە باشقىلارنىمۇ بارماسلىققا ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن قالغان قۇر بېشىلار بۇ پىكىرگە قوشۇلمىدى ۋە ئەمدى بۇيرۇققا بوي سۇنماي نېمە چارە بار؟ ئەمدى قەيەرگە بارىمىز؟ بىزگە ئۇرۇش قىلساق ھالاك بولۇشتىن باشقا چارە يوققۇ؟ دېيىشتى. ئاقىۋەت يۈسۈپچان ئۆزىگە ئەگەشكەن بىر قىسىم كىشىلىرىنى ئېلىپ يولىنى سېرىقبۇيىغا سالدى. قالغان قۇر بېشىلار يۈسۈپچاندىن ئايرىلىپ مارالبېشىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلدى. ئۇلارنى چېرنىيوف باشچىلىقىدىكى ھەربىيلەر قارشى ئېلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چۈشۈرۈشتى.

بۇلار گەرچە داغدۇغا بىلەن كۈتىۋېلىنغان بولسىمۇ، يۈسۈپچان كەلمىگەچكە، ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا توغرا كەلدى. قوشۇن تېزلىك بىلەن ماشىنىغا چۈشۈپ سېرىقبۇيىغا ئاتلاندى.

يۈسۈپچان قۇر بېشى يول ئارىلاپ چىغىر يوللار بىلەن ئۆتۈپ مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا رايونىغا كەلگەندە بىر ئاز ئارام ئالماقچى بولۇپ بازار ئىچىگە چۈشتى. قويلار سويۇلۇپ، قازانلار ئېسىلىپ قازان قايناشقا باشلىدى، لېكىن ئەسكەرلەر غىزالانماي تۇرۇپلا، گۈرۈلدەپ يېتىپ كەلگەن ماشىنا بۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. قوراللىق رۇسلار چەبدەسلىك بىلەن تۆت تەرەپنى قورشىۋالدى. بۇ ئەھۋالدىن يۈسۈپچاننىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلدى. لېكىن قارشىلىشىشقا ئىمكان قالمىغانىدى. ئىلاجسىز باشقىلارنى تاشلاپ ئېتىغا مىندى، ئارقىسىشغا 12 ياشلىق بالىسىنى مىندۈردى-دە، ئىككى نەپەر كانۋىيىنىڭ ھەمراھلىقىدا قورشاۋدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ئەتراپى رۇسلارنىڭ قورشاۋىدا بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئاتنىڭ بېشىنى قويۇپ بەردى-دە، ئىككى قولىدىكى تاپانچىدىن ئوق ئۈزگىنىچە قۇيۇندەك چىقىپ كەتتى. قارشى تەرەپمۇ ئۇنى تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن قانچە قىلىپمۇ ئامال قىلالمىدى. ئۇ چۆل تەرەپكە قاراپ ماڭغاچقا، رۇسلا قانچە قوغلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئېتىغا يېتىشەلمىدى. قۇيۇندەك ئۇچقان بۇ قاچقۇنلار بىر دەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى. قوغلىغۇچىلار ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىزىنىمۇ تاپالمىدى.

ئابدۇراھمان قۇر بېشى، ئارىپچان قۇر بېشىلار مارال بېشىدا بىر نەچچە كۈن ئارام ئالدى. بۇلارنى ساھىبخانلار ئوبدان كۈتىۋالدى، قىلىنغان ئېھتىراملار بۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتقانىدى. مانا بۇ ياخشى كۈتىۋېلىش، قىلىنغان ئېھتىراملار بۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى قوشۇننى ئاز كۈن ئىچىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى. بۇ ئىش رۇسلارنىڭ سۆزىنى بىلىدىغان ئۆزبېكلەرنىمۇ خاتىرجەم قىلدى.  ئۇلار ئارام ئېلىپ ھاردۇق چىقارغاندىن كېيىن ھەربىي دەرسكە تەكلىپ قىلىندى ۋە پىيادە، ئاتلىق، قوراللىق ۋە قورالسىز ھالدا مەشىق قىلىشقا باشلىدى. رۇسلا ئايرىم جايدا، ئۆزبېك قوشۇنلىرى ئايرىم جايدا مەشىق قىلاتتى. قورالسىز مەشىق قىلغاندا مىلتىقلىرىنى بىر جايغا يۆلىشىپ قوياتتى، مەلۇم مۇھاپىزەتچىلەر قورالنى قوغدايتتى. دەرس بىر قانچە كۈن داۋام ئېتىپ ئىشەنچىسىزلىكلەر بارا-بارا ئىشەنچكە ئايلاندى-دە، ئۆزبېكلەردە خاتىرجەملىك بىر قەدەر كۈچەيدى.

مانا بۇ ئىشەنچ بىر مەزگىل داۋام قىلغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە تەقدىرنىڭ ئويۇنلىرى ئوينىلىشقا باشلىدى، بۇ كۈنى قوراللارنى ئادەتتىكىدەك ئورۇنلاشتۇرغان ئۆزبېك قوشۇنى قورالسىز مەشىققە كىرىشىپ كەتتى. رۇسلارمۇ بىر تەرەپتە مەشىق بىلەن مەشغۇل ئىدى. كەڭ كەتكەن بۇ مەيداندا رۇسچە ۋە ئۆزبېكچە كوماندا ئاۋازلىرى قىزىغان، ئۆز بېكلەرمۇ بارلىق دىققەتلىرىنى ھەربىي مەشىققە بەرگەن ھالدا بىر تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتكەنىدى.

كوماندا ئۇلارنى قوراللىرىدىن خېلىلا يىراقلاشتۇرۇپ تاشلىدى. قورالنى ساقلاۋاتقانلار گەرچە ھۇشيارلىقنى قولدىن بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان رۇسلار بۇلارنى قورشىۋالدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەشىق قىلىۋاتقانلارمۇ قوراللىقلارنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، ئالاقە ئۈزۈپ تاشلاندى. قوراللىرىدىن ئايرىلغانلار بىچارىلەرچە قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى.

بۇلار مەشىققە تىزىلغان رەت بويىچە ئۆزلىرىنى قاماق لاگىرىدا كۆردى ۋە ئاياغلىرىغا كىشەن، قوللىرىغا تۆمۈر بىلەيزۈك سېلىنغان ھالدا ھەسرەت ۋە نادامەت بىلەن بىر-بىرىگە قارىشاتتى، بولۇپمۇ قۇر بېشىلىرى، كاتتىۋاشلار شۇ كېچىسىلا ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقتىن، ئۇلارنى كۆرۈش ئەمەس، ھايات-ماماتلىقىمۇ نامەلۇم ئىدى. بۇلاردىن مەسىلىسى بارلار سوراققا تارتىلدى. ئۇلارغا گۇناھلىرىغا يارىشا جازا بېرىلدى، كەچۈرۈمگە لايىقلىرى بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى، «قۇدرەتلىك» دەپ نام ئېلىشقان ئۆزبېك قوشۇنى ئەنە شۇنداق ئاقىۋەت بىلەن تۈگەشتى.

خاتىمە

1.سېتىۋالدىجاننىڭ ئاقىۋىتى

سېتىۋالدىجان ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇدادىن نۇرغۇن سەدىقىلەر بەدىلىگە «سېتىۋالغان» سۆيۈملۈك بالىسى بولغاچقا بۇ ئىسمنى قويغان.

ئۇ ئائىلىسىدە ۋە مەدرىسلەردە ئوقۇپ بىلىملىك كىشىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئىنقىلابقا قاتناشتى ھەمدە تازا نامى چىققان چاغدا ئىسمىنى «ساتىئبەگ» كە ئۆزگەرتتى. بۇ ئەرەبچىدىن نۇرلۇق دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى بۇ نام بىلەن بېزىگەنىدى. ھەربىي باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەمۇرىي خىزمەتكە يۆتكەلدى ۋە قەشقەردە قۇرۇلغان بانكىنىڭ مۇدىرى بولدى.

تۇڭگانلارنىڭ قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەنلىكى سېتىۋالدىجانغىمۇ تەھدىت بولۇپ، قەشقەردە تۇرۇشقا بولمىدى. ئۇنىڭ دادىسى پەرغانىدىكى يۇرتىنى تاشلاپ بۇ دىيارغا مۇساپىر بولغان بولسا، بۇ نۆۋەت تېخىمۇ چوڭ مۇساپىرچىلىققا قەدەم قويۇشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى قەشقەر شەھىرىدىكى ئازادە ھويلا-ئىمارەتلىرىنى، شەھەرنىڭ بىقىنىغا جايلاشقان گۈزەل بېغىنى، مال-مۈلكىنى، ھەتتا بالا-چاقا، بىر تۇققانلىرىنى تاشلاپ ھىندىستانغا كېتىشكە توغرا كەلگەنىدى.

ئۇ مۇشۇنداق مەجبۇرىيەتلەر ئاستىدا قالغان بولغاچقا، قەشقەردىن مۇھەممەت ئىلى ھاجىم شاڭخەي، ئابدۇرېھىم بايۋەچچە، ئەخمەت ئاخۇن (پاختا)، جاڭ قورغان غوپۇر ھاجى... قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قەشقەردىن چىقتى-دە، تاشقورغاندىن ئۆتۈپ گىلگىت شەھىرىگە يېتىپ باردى. گەرچە بۇ يەردىكى يۇرتداشلارنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يول خېتى (پاسپورت) بارلار ئۆتۈپ كېتىپ، يول خېتى يوقلار قايتۇرۇلغانىدى.

سېتىۋالدىجان قايتۇرۇلغانلاردىن بولغاچقا، ئىلاجسىز قايتىپ چىگرىدىن ئۆتىشىگە ھەربىيلەر ئۇنى تۇتۇپ  تاشقۇرغان ئارقىلىق قەشقەر باندىتلارنى تازىلاش قوماندانلىق شىتابىغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ چاغ 1934-يىلىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ئىدى.

سېتىۋالدىجان بىر نەچچە ئون كۈن قەشقەر يېڭى شەھەردە قاماقتا ياتقاندىن كېيىن ، يوپۇغۇلۇق ئەيسا ھاجىم دېگەن كىشى بىلەن بىرلىكتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

سېتىۋالدىجان قەشقەرگە كېلىشتە مەھمۇت سىجاڭغا ئۈمىد باغلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھىمايىسىدە ھايات قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىدى، ھەتتا مەھمۇت سىجاڭ بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشەلمىدى، بۇلارغا ئۇشتۇمتۇتلا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى.

2.يۈسۈپچان قۇربېشى سېرىقبۇيىدا رۇس مۇھاسىرىسىدىن قېچىپ غايىپ بولغانلىقتىن، جەنۇبتىكى ھەر بىر شەھەر، ھەتتا يېزىلارغىچە «يۈسۈپچان قاچتى، كىم تىرىك تۇتۇپ كەلسە 10 مىڭ سەر، كاللىسىنى ئېلىپ كەلسە 5000 سەر، بار جايدىن خەۋەر ئېلىپ كەلسە 2000-3000 سەر قەشقەر پۇلى (خاپيۇ) مۇكاپات بېرىلىدۇ...دەپ ئېلانلار چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دېرىكىنى ھېچكىم ئالالمىدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇ قاچقان پېتىچە مەكىتكە كەلدى ۋە «چوڭقۇرچاق» دېگەن يېزىدا تۇرۇپ ئۇ يەردىكى ئۆزبېك ئىشان بىلەن تېپىشتى.

بۇ ئىشان خەلق ئچىدە سوپىلىق بىلەن خېلىلا ئېتىبار قازانغان كىشى بولۇپ، يۈسۈپچان بىلەن يېقىن تونۇشلۇقى بار ئىدى. ئىشان يۈسۈپچاننى ھىمايىسىگە ئېلىپ بازاردىن خېلىلا يىراق بىر قۇملۇق ئىچىگە يوشۇردى.

يۈسۈپچان قۇملۇق ئارىسىدىن كولانغان بىر گەمىگە بېكىنىپ ياتتى، ئىشان تەرەپتىن مەزۇن دېگەن بىر سوپى بۇلارغا قارايتتى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك، لازىملىق نەرسىلەرنى يوشۇرۇنچە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. يۈسۈپچانمۇ ئېھتىياجلىق نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن تىللانى ئوچۇملاپ بېرىپ تۇراتتى. ئىشان جانابلىرى سوپى ئارقىلىق ئۇلارنى تەمىنلەيتتى. يۈسۈپچان بۇ گەمىدە ئىككى، ئۈچ  يىللاپ ياتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى نۆۋەت بىلەن گەمە ئاغزىدا قوراللىق كۈزەتتە تۇراتتى، سوپى ئەنە شۇ قاراۋۇللار بىلەنلا مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ مەھبۇسلۇق بارا-بارا ئادەملەرنى زېرىكتۈردى، بولۇپمۇ يۈسۈپچاننىڭ باش تەكىيىسىدە جىرىڭلاپ ئېچىلىدىغان كىچىك پولات ساندۇقتىكى «ئانارنىڭ قىزىل دانچىلىرى» نى كۆرۈپ قالغان مەھرىمىنىڭ نىيىتى بۇزۇلدى. ئۇ سوپى بىلەن بىرلىشىپ چىڭقى چۈش ۋاقتىدا يۈسۈپچاننىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ گەمە ئىچىگە كىرىپ يۈسۈپچان بىلەن يەنە بىر شېرىكىنى چاناپ ئۆلتۈردى.

ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولى بىلەن پولات ساندۇقنى ئاچقاندا ئۇنىڭغا لىقمۇلىق قاچىلانغان تىللا بۇلارنىڭ كۆزىنى ئالاق-جالاق قىلىۋەتتى. ساندۇقنىڭ ئاغزىدىكى بىر دانە بىراۋنىك تاپانچىنى بالا قول سېلىپلا ئېلىۋالدى-دە، بۇلارنى ئاتماقچى بولدى. لېكىن بۇلار چاققانلىق قىلىپ قوللىرىدىكى پالتا بىلەن بالىنى ئۇرۇپ يىقىتتى ۋە چاناپ ئۆلتۈردى.

بۇ ۋەقە ئىشاننىڭ ئىشارىتى ۋە تەشەببۇسى بىلەن بولغان بولغاچقا، سوپى ئارقىلىق مەھرەممۇ گەمە ئىچىگە يىغىشتۇرۇلدى. «دۇنيا بىرىنچى نەرسە، ئۇنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئىتلەردىندۇر» دېگەن پەتىۋا بويىچە، ئىشان تىللانىڭ كۆپ قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، سوپىغا ئازراق بېرىپلا جىمىقتۇردى. سوپىنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولغاچقا، ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ ئازغىنە «سوۋغات» ئۇنى قانائەتلەندۈرەلمىدى، بۇ سىرنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىش بىلەن ئىشاننى ساقچىغا چاقتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشان قولغا ئېلىندى، تىللالار مۇسادىرە قىلىندى، سوپىمۇ قاتىللىق جىنايەت بىلەن قاماققا ئېلىنىپ، دۇنيادىن ھەسرەت بىلەن ئايرىلدى.

سۈپۈرسە ساھىبى ئۆينى بىيەكبار،

ئۆرۈمچۈك ھەم كېتەر، ھەم سەيد، ھەم تىلى

(ئۆينىڭ ئىگسى ئۆينى بىراقلا سۈپۈرسە، تور تارتقۇچى ئۆمۈچۈكمۇ بىراقلا كېتىدۇ، تۇتقان چىۋىن قاتارلىق ئوۋلىرىمۇ كېتىدۇ، ئۇنىڭ تارتقان تورلىرىمۇ يوقىلىدۇ)

«سۇبباتۇل ئاجىزىن» دىن

خۇلاسە

شۇنداق قىلىپ 1931-يىلى جىن شۇرېننىڭ قانلىق ئىستىبداتىغا قارشى قوزغالغان ئىنقىلابنىڭ قەشقەر رايونىدىكى نەتىجىلىرى مانا شۇنداق كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەمنەپەس بولدى. شۇنچە تۆكۈلگەن قان، بېرىلگەن قۇربان، تارتقان جاپا-ئەلەم بىرلا سۈپۈرۈلۈش بىلەن تامام بولدى.

ئىزاھلار

[1] ئەيسا ھاجىم خانئېرىق يەكشەنبە بازارلىق ئادەم بولۇپ، باي ۋە خوجا ئەۋلادى ئاتالغان، يۇرتنىڭ تونۇلغان كىشىسى ئىدى. ئۇ ئىنقىلاب مارالبېشىدىن ئۆتكەندە، قوزغىلاڭچىلار باشلىقى تۆمۈر ئېلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشكەن ۋە يۇرتتىن ئالغان بىر تۈەن ئەسكەرگە باشلىق بولغان.

ئۇ يەكەندىكى ھاپىز لۈيجاڭنىڭ باشقۇرىشىدا يەكەندىكى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان ۋە يېڭى شەھەر ئۇرۇشىغىمۇ ئاكتىپ قاتناشقان، ھەتتا ئۇزۇن شوتىلارنى ياساپ سېپىلدىن چىقماق بولۇپ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغانىدى. ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدىكى تۇڭگانلار قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەندە، ئەسكەرلىرىنى تارقىتىۋېتىپ قېچىپ يۈرۈپ جان ساقلىغان بولسىمۇ، سىلىڭ لوبىن كەلگەندىن كېيىن، تۇتۇپ كېلىنىپ قاماپ قويۇلغان.

[2] بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پەيزىۋات بىلەن مارالبېشى ئارىلىقىدىكى «ئۆردەكلىك» دېگەن جايدا ئەنە شۇ ئىشان تەرىپىدىن يوشۇرۇلغان ئىكەن.

[3] بەزىلەر بۇ ئەھۋال پەيزىۋاتنىڭ «ئۆردەكلىك» دېگەن جايىدا يۈز بەرگەن دەيدۇ. ۋەقەلىك ئوخشاش بولۇپ قايسى جايدا بولغان بولسۇن، ئەھۋال شۇنداق بولغانىدى.

مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2000-يىللىق 2-سان

 ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 26

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9656 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-13