ۋېرنېر ۋون برائۇن


ۋېرنېر ۋون برائۇن


ۋېرنېر ۋون برائۇنۋېرنېر ۋون برائۇن

خەنزۇچە: 沃纳·冯·布劳恩

ئىنگلىزچە: Wernher von Braun

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1912-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى: 1977-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى

دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا، گېرمانىيە

ۋېرنېر ۋون برائۇن-گېرمانىيە راكېتا مۇتەخەسسىسى، 20-ئەسىردىكى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئىلگىرىكى V ۋە V2 راكىتاسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، گېرمانىيە ناتسېتلار ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئۇنى لايىھەلەش كىچىك گۇرۇپپىسى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بوشلۇق تەتقىقاتى ئېچىش تۈرىنىڭ ئاساسىي لاھىيىلىگۈچىسى بولۇپ، ئاپولو 4-نومۇرنىڭ توشۇغۇچى راكىتاسى ساتۇرن 5-نومۇرنىڭ لايىھەلىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. NASA تۆۋەندىكى سۆزلەر ئارقىلىق برائۇننى سۈپەتلىدى: «ئېنىقكى، ئۇ تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ راكېتا مۇتەخەسسىسى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى NASA مارشال بوشلۇقتا ئۇچۇش مەركىزىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان چاغدا، ساتۇرن 5-نومۇرنى تەتقىق قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ، 1969-يىلى 7-ئايدا تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

دەسلەپكى يىللاردىكى ھاياتى

1912-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋون برائۇن گېرمانىيە ۋىژىسكىدىكى پرۇسسىيا (East PrussiaWyrzysk) دا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1925-يىلى ۋېيمار (Weimar) شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان Ettersburg دىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇغان. 1928-يىلى ئاتا-ئانىسى ئۇنى Hermann-Lietz-Internat دىكى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن. ئۇ ئۇ يەردە راكېتا پېشىۋاسى Hermann Julius Oberth نىڭ ئەسىرى «پلانېتلار راكېتا» نى كۆرگەن ھەمدە پلانېتلار ئارا ساياھەت قىلىشقا قاتتىق قىزىقىشقا باشلىغان. 1930-يىلى، ۋون برائۇن بېرلىن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ Hermann Julius Oberth نىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي Oberth قۇرغان ئامېرىكا بوشلۇق ساياھىتى ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇدرىيەت ئەزاسى بولغان ھەمدە Oberth نىڭ سۇيۇق راكېتا سىنىقىغا ياردەم بەرگەن. 1932-يىلى برائۇن بېرلىن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئايروپىلان ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئالغان. ئۇ ۋولتېر روبېرت دونبېرگېر (Walter Robert Dornberger) نىڭ ياردەمچىلىكىگە قوبۇل قىلىنغان. 1934-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، ۋون برائۇن بېرلىن سانائەت ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ فىزىكا كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى Erich Schumann ئىدى.

گېرمانىيەدىكى كۈنلەر

ۋون برائۇن دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسنى تاماملىغان ۋاقىتتا، مىللىي سوتسىيالىزىم دوتچ ئىشچىلار پارتىيىسى تەختكە چىققان بولۇپ، راكېتا تەتقىقاتى ناھايىتى تېزلا دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە تىزىلدى.

1938-يىلى ئۇ ناتسىتلار پارتىيەسىگە كىردى. كېيىن راكېتا تەتقىقات ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇداپىئە ئارمىيىسىگە كىردى ھەمدە مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

2-دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىر مەيدان مەخپى ئىز قوغلاش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋون برائۇننى ئەسىرگە ئېلىۋالدى.

1945-يىلى باھاردا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى Peenemünde دىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رايونغا كېلىپ ئورۇنلاشتى، ۋون برائۇن قول ئاستىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قايسىسىغا تەسلىم بولۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆزلىرىنى خارلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ۋون برائۇن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەسلىم بولۇشنى قارار قىلدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ۋون برائۇن «كاللىسى بايلىق» سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلدى. 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كوردېل خۇل (Cordell Hull) ۋون برائۇن ۋە ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئامېرىكىغا يۆتكەپ كېلىشنى تەستىقلىدى، بۇ ئىش 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر جامائەتچىلىككە ئاشكارلانمىدى.

دەسلەپ تەستىقلانغان 7 نەپەر ئېنژىنېر 1945-يىلى 10-ئاينى 1-كۈنى ۋىلمنىگتوندىكى New Castle ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى، ئاندىن بوستونغا كېلىپ كېمىگە ئولتۇرۇپ بوستون پورتى Fort Strong ئارىلىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاخبارات ئورگىنىغا يېتىپ كەلدى. كېيىن ۋون برائۇندىن باشقا بارلىق كىشىلەر مارىلاند شتاتىدىكى Aberdeen Proving Ground غا يۆتكەپ كېلىنىپ، Peenemünde دىن ئېلىپ كەلگەن ماتېرىياللانى رەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى راكېتا تەتقىقات خىزمىتىنى تەرتىپكە سالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ۋون برائۇن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرپىسىنىڭ ئەزالىرى تېكساس شتاتىدىكى Fort Bliss غا يۆتكەپ كېلىندى. بۇ يېڭى ئورۇندا ئۇلار ئارمىيە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خادىملارغا راكېتا ۋە سىنارەدنىڭ مۇرەككەپ ياساش تېخنىكىسى توغرىسىدا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. ۋون برائۇن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى ئاق قۇملۇق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قارغا ئېتىش مەيدانىدا گېرمانىيەدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن راكېتا V2 نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ياردەملەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋون برائۇن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئامېرىكا ئارمىيىىسنىڭ قوغدىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا Fort Bliss دىن ئايرىلدى.

Fort Bliss دىكى ۋاقتىدا، ۋون برائۇن خەت يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەۋرە سىڭلىسى مارىيا (Maria Luise von Quistorp) غا توي تەكلىپى قويغاندى. 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، تەستىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋون برائۇن گېرمانىيەگە قايتىپ مارىيە بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئايالىنى ئېلىپ نىيۇيوركقا قايتىپ كەلدى. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇنىڭ تۇنجى قىزى ئىرىس كارىن (Iris Careen) Fort Bliss تىكى دوختۇرخانىدا تۇغۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ۋون برائۇننىڭ ئىككى قىزى-Margrit Cécile 1952-يىلى 5-ئاينى 8-كۈنى، Peter Constantine 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلدى. 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋون برائۇن رەسمىي تۈردە ئامېرىكا پۇقراسىغا ئايلاندى.

1950-يىلى چاۋشەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، ۋون برائۇن ۋە ئۇنىڭ قول ئاسىتىدىكىلەر ئالاباما شتاتىدىكى خۇنتسۋېلغا يۆتكىلىپ، بۇ يەردە 20 يىلنى ئۆتكۈزدى. 1950-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە ئۇ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ راكېتا تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا باشلامچىلىق قىلىپ، Redstone Arsenal دە قىزىل تاش سىنارەدىنى ياساپ چىقتى.

 NASA دىكى كۈنلەر

NASA 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇرۇلدى. بىر كۈندىن كېيىن، قىزىل باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ جونستون ئاتول (Johnston Atoll) دا 50-قېتىملىق قويۇپ بېرىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئىككى يىلىدىن كېيىن  NASA يېڭى مارشال بوشلۇقتا ئۇچۇش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن Herb York ئېلىپ بارغان يۈزمۇ-يۈز سۆھبەت جەريانىدا، ۋون برائۇن ئۆزىنىڭ NASA غا كىرىشتىكى شەرتىنى ئېنىق چۈشەندۈردى، يەنى ساتۇرۇن توشۇغۇچى راكېتا پىلانى چوقۇم چوقۇم داۋاملاشتۇرۇلىشى كېرەك. 1960-يىلى7-ئايدىن 1970-يىلى 2-ئايغىچە ۋون برائۇن مەركەزنىڭ مۇدىرى بولدى.

مارشال بوشلۇقتا ئۇچۇش مەركىزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ساتۇرۇن راكېتاسىنى ياساپ، زور مىقداردىكى يۈكنى ئېلىپ يۈرۈش ۋە يەر شارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىش ھەم كىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش. بۇمۇ ئاپوللو پىلانىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى ئىدى. ۋون برائۇن ئەڭ دەسلەپتە يەر شارى ئوربىتىسى كېسىش تېخنىكىسىنى قوللانغانىدى، بىراق 1962-يىلى، ئۇ تېخىمۇ خەتەرلىك بولغان ئاي شارى ئوربىتىسى كېسىشىس تېخنىكىسىنى قوللاندى. 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، مارشال مەركىزى ياسىغان ساتۇرۇن 5-نومۇر قاچىلىغۇچى ۋە توشىغۇچى راكېتاسى ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ تارىخى خاراكتېرلىك 8 كۈنلۈك ۋەزىپىنى باشلىغان چاغدا، ۋون برائۇننىڭ ئىنسانلارنى ئاي شارىغا چىقىرىش ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بويىچە ساتۇرۇن 5-نومۇر ئالتە قېتىم ئالەم ئارا ئۇچۇش خادىملىرىنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقتى. ۋون برائۇنمۇ ئامېرىكىنى بوشلۇق رىقابىتىگە قاتناشتۇرغان ئاساسلىق شەخسكە ئايلاندى.

1970-يىلى، ئۇ يەنە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئىدارىسى ئاساسلىق باشقۇرغان پىلاننىڭ مۇئاۋىن باشلىق بولدى ھەمدە قوشۇمچە مارشال بوشلۇقتا ئۇچۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ۋون برائۇن 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى  NASA دىن پىنسىيەگە چىقتى. گەرچە NASA دىكى ۋاقتىدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىشىدىن ئىبارەت چوڭ تۈر ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ۋون برائۇننىڭ ئايدا پونكىت قۇرۇپ سىرتقى بوشلۇققا بولغان تەتقىقاتنى يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى تا ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىدى.

NASA دىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كۈنلەر

NASA دىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋون برائۇن 1972-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى Fairchild شىركىتىنىڭ مارىلاند شتاتى Germantown دىكى بوشلۇق قۇرۇلۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

1973-يىلى يەنە بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۆرىكىدە ئۆسمە بارلىقى بايقالدى ھەمدە ئوپراتسىيە ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولماي قالدى. بىراق ۋون برائۇن تەتقىقاتىنى توختاتماي داۋاملاشتۇردى. ئالەم بوشلۇقى راكېتا ئىشلىرىغا قىزىقىشى بولغان ياشلارنى بولۇپمۇ، ئوقۇغۇچىلار ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد ئېنژنېرلارنى تەربىيەلىدى.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 10082 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-12