ئەرەب خەلقئارا مېھمانسارىيى


ئەرەب خەلقئارا مېھمانسارىيى

ئەرەب خەلقئارا مېھمانسارىيىئەرەب خەلقئارا مېھمانسارىيى

خەنزۇچە: 阿拉伯塔酒店

ئىنگلىزچە: Burj Al Arab

ئەرەبچە: برج العرب

قۇرۇلۇشنىڭ تۈرى: مېھمانساراي

ئورنى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، دۇبەي

ئەڭ ئېگىز قىسمى: 200 مېتىر

قەۋەت سانى: 60 قەۋەت

قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى: 111 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر

لېفىتنىڭ سانى: 18

قىسقىچە چۈشەندرۈلىشى

يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيى ياكى ئەرەب مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدىكى دۇبەيگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك مېھمانساراي بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 321 مېتىر، قۇملۇق بىلەن ئارلىقى 280 مېتىر بولغان پارس قولتىقىدىكى سۈنئىي ئارالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، پەقەت بىر ئەگىم يول بىلەن قۇملۇققا تۇتىىشپ تۇرىدۇ، ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مېھمانساراي قۇرۇلىشى ئىدى، يېقىندا پىڭناڭدا سېلىنىۋاتقان لىيۇجىڭ مېھمانخانىسى (330 مېتىر) بىلەن دۇبەيدىكى ئەتىرگۈل سودا سارىيى (333 مېتىر) نىڭ ئېگىزلىكى ئېشىپ كەتتى.

مېھمانخانىنىڭ قۇرۇلىشى 1994-يىلى باشلانغان بولۇپ، 1999-يىلى 12-ئايدا سىرتقا ئېچىلغان. سىرتقى كۆرۈنىشى يەككە ماچتىلىق ئۈچ بۇرجەك يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ ھەمدە ئالايىتەن قۇرۇلۇشنىڭ سايىسى دېڭىز ساھىلىغا چۈشمەيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. مېھمانخانىنىڭ چوققا قىسمىدا بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى بار بولۇپ، مېھمانخانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە سوزۇلغان، قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز زال بار بولۇپ، ئېگىزلىكى 180 مېتىر.

بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى «ئېگىز». 38 قەۋەتلىك ئوتتۇرا قىسىم يەنە دۇبەي دۇنيا سودا مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 1970-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1990-يىللىرىغىچە دۇبەيدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ ھېسابلانغان.

گەرچە مېھمانخانىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پەقەت 202 يۈرۈشلا ياتىقى بار. ئەڭ كىچىك ياتاقنىڭ كۆلىمىمۇ 169 كۋادرات مېتىر، ئەڭ چوڭ ياتاقنىڭ كۆلىمى 780 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مېھمانسارايلارنىڭ بىرى، يالغۇز كىشىلىك ياتاقنىڭ بىر كېچىلىكى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن 15000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ، ئوخشاش ئەمەس. خان جەمەتى ياتاقلىرى ئەڭ قىممەت بولۇپ، بىر كېچىلىكى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.

ئەرەب خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ كىرىش بېلىتى ئادەتتىكى كۈنلەردە 25 ئامېرىكا دوللىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرى 50 ئامېرىكا دوللىرى، مېھمانخانا 8 سەككىز باۋما ۋە ئىككى Rolls-Royce نى مېھمانلارنى ئەكىلىپ-ئەكىتىشكە تەييارلىغان.

ئەرەب مۇنارى ئالاددىن خان سارىيىغا ئوخشايدۇ: تېمىغا داڭلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ئېسىلغان؛ ھەر بىر ياتاققا 17 تېلېفون ئورنىتىلغان، ئىشىك تۇتقۇچى ۋە سۇخانىنىڭ تۇربىلىرىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، ھەر بىر ياتاقتا مېھمانلارغا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرنى چۈشەندۈرىدىغان خۇسۇسىي غوجىدار بار. بۇ يەردە يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئۈستەلگە تىزىدىغان بۇيۇملار، خۇسۇسىي لېفىت، خۇسۇسىي كىنوخانا، خۇسۇسىي ئاشخانا، ئايلىنىدىغان ئۇخلاش كارۋىتى قاتارلىقلار بار. ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇملۇق دېڭىز قىرغىقى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قۇملۇق تەۋەككۈلچىلىكنى ياقتۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى.

ئەينى يىلى ئەرەب خەلقئارا مېھمانسارىيى يېڭىدىن ئېچىلغان چاغدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى مېھمانلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئەنگلىيىلىك مۇخبىر قىز بار ئىدى. بۇ يەردە ئۇ ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان مۇلازىمەت سۈپىتىدىن بەھىرلەندى. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، گېزىتتە ئەرەب مېھمانسارىيىنىڭ ھەشەمەتلىكلىكى ۋە ئەلا مۇلازىمىتىنى قاتتىق ماختىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ئۇنى قانداق سۈپەتلەشنى بىلەلمەي قالدىم، پەقەت ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقىغا يەتتە يۇلتۇز دەرىجىسىنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم». شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقسىز ئېلان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالدى.

مېھمانخانا تەرەپنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب مۇنارى «ئالتە يۇلتۇزلۇق ھەشەمەتلىك مېھمانساراي». ئۇ يەنە «دۇنيادىكى بىردىنبىر يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا» دەپ ئېلان قىلىنغان. ئادەتتە ساياھەت خەرىتىلىرى ۋە مېھماخانا باھالاش سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتە يۇلتۇزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە دەپ قارايدۇ، شۇڭا «يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي» نامى ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى ئاشۇرۇلۇپ ماختالغان سۆز.

جۇغراپىيىلىك ئورنى

دۇبەي ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ، شاڭخەينىڭ جۇڭگودىكى ئورنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

بۇ يىراق ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى توغرىسىدا بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس: پەقەت راھەت-پاراغەتلىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز، بۇ يەرگە تىكىلگەن ھەر بىر تۈپ كۆچەتنىڭ باھاسىمۇ 3000 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت مېھمانسارايلار بار، بۇ يەردە سۇ نېفىتتىن قىممەت، AMG بۇ يەردە ساقچى ماشىنىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، ئالتۇن بولسا قىزلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ بىر قىسمى.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى.

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 11876 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-08