يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى


يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى


يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىيېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى

خەنزۇچە: 绿色和平组织

ئىنگلىزچە: Greenpeace

تۈرى: ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلات

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1971-يىلى

باش شىتابى: گوللاندىيە ئامستېردام

دائىرىسى: پۈتۈن يەر شارى

ئۇسۇلى: زوراۋانلىق بولمىغان بىۋاسىتە ھەرىكەت، مەسلىھەتخانلىق قىلىش، تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى خەلقئارالىق ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلات، مۇھىت ئاسراش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ، باش شىتابى گوللاندىيە ئامستېردامدا. 1971-يىلى كانادا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن يەر شارىدىكى 41 دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان. دەسلىپىدە زوراۋانللىق بولمىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئاتموسفېرا ۋە يەر ئاستىدا يادرو سىنىقى قىلىشنى ھەمدە دېڭىزدا كىت تۇتۇشنى توسقان، كېيىن سۇ ئاستىدا تور يېيىپ بېلىق تۇتۇش، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسىپ كېتىش ۋە گېن قۇرۇلىشى قاتارلىق مۇھىت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن. ھازىرقى يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ كىت تۇتۇش ۋە دېڭىز يىلپىزىنى ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش ھەركىتى بار.

مەيلى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ياكى پەن-تېخنىكا كەشپىياتى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى بار. يۇقىرقى قائىدىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى كۈچىنىڭ بارىچە توسىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى «قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشنى ئاساس قىلماسلىق كومىتېتى» دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1970-يىلى كانادا ۋانكۇۋېردا ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ تېنىچلىقپەرۋەرى قۇرغان. ئىسمى 1960-يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ يادرو سىنىقىغا قارشى تۇرۇش ھەركىتىنىڭ شوئارىدىن كەلگەن.

كومىتېتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەزالىرى:

Paul Cote

Jim  ۋە  Marie Bohlen

Irving  ۋە  Dorothy Stowe

Patrick Moore

Bill Darnell

Ben  ۋە  Dorothy Metcalfe

Robert Hunter

Paul Watson

Bill Darnell نىڭ «يېشىل» ۋە «تىنچلىق» نى بىرلەشتۈرۈش پىكىرى كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ ئىسمى بېكىتىلگەن.

1972-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، Dorothy Stowe«قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشنى ئاساس قىلماسلىق كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، مۇھىت تەشكىلاتى نامىنى رەسمى ھالدا «يېشىل تىنچلىق فوند جەمئىيىتى» گە ئۆزگەرتتى.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى

1970-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن يەر شارىغا يامرىغان Robert Hunter «ئىدىيە بومبىسى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىمالى ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيەدىكى 20 نەچچە كوللىكتىپ «يېشىل تىنچلىق» نامىنى قوللاندى.

1979-يىلى، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋانكۇۋېردىكى باش شتاتىدا ئىقتىسادى مەسىلە كۆرۈلدى، تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.

1979-يىلى 10-ئايدا خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى.

فوند

يېشىل تىنچلىق گەرچە شىمالى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، تەشكىلاتى ياۋروپادا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ياۋروپادا تېخىمۇ كۆپ ئەزالارغا ۋە مەبلەغكە ئىگە بولدى. تەشكىلاتنىڭ كۆپ قىسىم ئىئانە پۇلى ئادەتتىكى ئەزالاردىن كەلگەن بولۇپ، مەشھۇر كىشىلەردىن كەلگەنلىرىمۇ بار ئىدى. ئامېرىكىدا ئاكتىۋىزىم ئىشلىرى ئەزالىرنىڭ ياردەم پۇلىدىن باشقا، ئۇ يەنە ئاممىۋىي پايدا-مەنپەئەت تەتقىقات فوندىدىن پايدىلاندى. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ھەر يىلى تەخمىنەن 360 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى.

ئۇنىڭ بىتەرەپلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىدى.

بۇ تەشكىلات: ئۇلار بىلەن باشقا مۇھىت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ئوخشىماسلىقنىڭ بارلىقى، «بىتەرەپلىك» تە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق كارخانا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە چوڭ كارخانىلاردىكى مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلىمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھەرىكەتلىرى

نۆۋەتتە، تەشكىلات نۇرغۇنلىغان مۇھىت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، ئاساسلىق نۇقتىنى يەر شارىنىڭ ئىسىپ كېتىشىنى توسۇش ھەمدە دۇنيا دېڭىز-ئوكيان ۋە ئىپتىدائىي ئورمان بىئولوگىيەسىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا قاراتتى. ئادەتتىكى مۇھىت تەشكىلاتى ئۇسۇلىدىن باشقا، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ئۆزنىڭ ئۇسۇلى بىلەن زوراۋانلىق بولمىغان بىۋاسىتە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بىۋاسىتە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى تارتتى، ئەزالار بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى كىت ۋە بېلىق ئوۋلاش ئارىسىغا قويغاندەك، بەزىدە رادىئوئاكتىپلىق ئەجلەت تۇڭلىرى مەركىزى سىستېمىغا بېسىپ كىرگەندەك ياسىناتتى.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان نەتىجىلىرى: يادرو قوراللىرىنىڭ ئاتموسفېرادا سىناق قىلىنىشى ۋە خەلقئارا سودا ساھەسىنىڭ كىت تۇتىشىنى مەڭگۈلۈك توسۇش، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ دۇنياۋىي باغچا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بايانات ئارقىلىق، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشىنى توسۇش. ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىنى قوللاش ئۈچۈن، دۇنيا باغچا پونكىتى جەنۇبىي قۇتۇپتا قۇرۇلۇپ، 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە 5 يىلى ئىشلىدى.

يادرو سىنىقىغا قارشى تۇرۇش

1971-يىلى 9-ئايدا، قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشنى ئاساس قىلماسلىق كومىتېتى بېلىقچىلىق كېمىسى «Phyllis Cormack» نى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەتتى، John Cormack كېمە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، «يېشىل تىنچلىق» نامى ئامچىتكا ئارىلىغا يېتىپ باردى، مەقسەت ئالدىن بېكىتىلگەن ئىككىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقىنى توسۇش ئىدى. ئامېركا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى «ئىشەنچ» «Phyllis Cormack» نى توسۇپ، ئۇنى كېمىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئىشەنچ» نىڭ كېمە ئەزالىرى كېمە باشلىقىنىڭ دۈمبىسىگە بىر پارچە قەغەز چاپلاپ قويغان بولۇپ، ئۈستىگە «سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش» دەپ يېزىلغانىدى. «Phyllis Cormack» كېمە خادىملىرى ئالياسكىغا قايتقاندىن كېيىن، كانادانىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ نامايىشچىلار بىلەن تولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ ئىككىنچى قېتىملىق سۇ ئاستى يادرو سىنىقىنى 11-ئايغا سۈرگەنلىكىنى بىلدى.

كىتنى قۇتقۇزۇش

يېڭى زېلاندىيە نېرۋا مۇتەخەسسىسى Paul Spong ۋانكۇۋېر سۇ جانلىقلىرى بۆلىمىنىڭ كىتنىڭ قەپەسكە سولىنىش جەريانىدىكى ھەركىتىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، «Robert Hunter» نى تونۇيتتى، ئۇلار «كىت قۇتقۇزۇش» ھەركىتىنى قوزغىدى.  Irving Stowe يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەركىتىنى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەشتىن باشقا دائىرىگە كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغانلىقتىن، پائالىيەت دەسلىپىدە ياخا پىلانى چەكلىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. 1974-يىلى Stowe نىڭ ئالەمدىن ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ قاتمال ۋەزىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1975-يىلى باھاردا قايتىدىن ھوقۇققا ئېرىشكەن Phyllis Cormack ۋانكۇۋېر كېمىنى قوزغىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كالفورنىيە شتاتىدىكى كىت تۇتۇش ئەترىتىنى كۆرگىلى باردى. بىر ئىپتىدائىي سىمسىز تەرەپ پەرقلەندۈرگۈچ بولغانلىقتىن ۋە مۇزىكانت Mel Gregory كومپاسنىڭ ئەمەس بەلكى ئاينىڭ يۆلىنىشىگە ئاساسلانغانلىقتىن، Cormack 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بەختىگە يارىشا كىت تۇتۇش كېمە ئەترىتى بىلەن ئۇچراشتى.

ھازىر خەلقئارا يېشىل تېنچلىق تەشكىلاتى يىلدا جەنۇبىي قۇتۇپقا بېرىپ ياپونىيەنىڭ كىت تۇتىشىغا قارىتا نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئۇرچۇق بېلىقىنى قۇتقۇزۇش

دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئۇرچۇق بېلىقى تېنچ ئوكياندىن تۇتۇپ كېلىنگەن. 2007-يىلى، ياپونىيە، فىلىپپىن، ھىندونىزىيە، كورىيە، تەيۋەنن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كېمە ئەترەتلىرى %80 ئەتراپىدىكى تىنچ ئوكيان ئۇرچۇق بېلىقىنى تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ.

2001-يىلىدىن باشلاپ، چوڭ ئۇرچۇق بېلىقى ۋە نېئوتۇننۇس بېلىقىنىڭ سانى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. 2008-يىلى تۇتۇلغان ئۇرچۇق بېلىقىنىڭ مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت- 2 مىليون 500 مىڭغا يېققىن توننىغا يەتتى. ئالىملار تۇنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، چوڭ ئۇرچۇق بېلىقى ۋە نېئوتۇننۇس بېلىقىنىڭ تۇتۇلۇش مىقدارىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ %50 ئازايتىش لازىملىقىنى، شۇنداقلار قىلغاندىلا ئۇرچۇق بېلىقىنىڭ ھەددىن ئارتۇق تۇتۇلۇپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئۈزلىكسىزلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تېنچ ئوكياننىڭ دېڭىز-ئوكيان ئېكىلوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش كېرەك، يېشل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى:

1.تىنچ ئوكياننىڭ تۆت خالتىسىمان ئوچۇق دېڭىز رايونىنى مەڭگۈ ئېتىۋېتىشنى قوللاش، دېڭىز- ئوكيان قوغداش رايونىنى قۇرۇش، دائىرە ئىچىدىكى بارلىق بېلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرنى چەكلەش.

2.ئوتتۇرا غەرب تىنچ ئوكياندىكى ئۇرچۇق بېلىقىنى تۇتۇش مىقدارىنى 2001~2004-يىلىغىچە %50 ئازايتىشنى قوللاش.

3.دېڭىزدا بېلىق يۆتكەشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى قوللاش.

بالىلارنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىش

ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورگىنى، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە، 72 نەپەر 6 ياشتىن 8 ياشقىچە بولغان ساغلام بالىلارنى تاللاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 24 نەپەر بالىنى كىچىك ئاق چاشقاننىڭ ئورنىغا قويۇپ، 21 كۈن ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتىغا 60 گرام ئالتۇن گۈرۈچنى بەرگەن. بۇ تەجرىبە گېن يۆتكىگۈچى ئالتۇن گۈرۈچنىڭ ئادەم بەدىنىگە ۋىتامىن A نى تولۇقلاش رولنى سىناق قىلىدۇ. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بالىلارنى سىناق ئوبيېكتى قىلىش مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ قاراپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىشىنى ھەمدە تەسىرگە ئۇچرىغان بالىلارنى داۋالىتىشىنى ۋە قانۇنىي ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

شىمالىي قۇتۇپنى قوغداش

شىمالىي قۇتۇپنى قوغداش يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى قوزغىغان ھەرىكەت بولۇپ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدە نېفىت ئېچىشىغا ياكى يىراق ئوكيان دېڭىز كېمىسىنىڭ بۇ دېڭىز رايونىدا كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتىشىغا قارشى تۇردى.

2010-يىلىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ئىشىدا، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ماشىنىلارنىڭ نېفىت ئىشلىتىشىنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ شىركەتنىڭ نېفىت سۇپىسىغا چىقىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇندى. كېيىنكى كۈنى، رۇسىيە ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئىدارىسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى دېڭىز قوغداش ئەترىتى دېڭىز قاراقچىسىغا تايىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر 30 ئادەمنى تۇتتى. كېيىن ھەر قايسى جايلاردىكى يېشىل تىنىچلىق تەشكىلاتى بىر ئادەم بىر خەت پائالىيىتىنى قوزغاپ، نازارەتكە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇندى. كېيىن رۇسىيە تەرەپ كاشىلا قىلىش جىنايىتى لۈكچەكلىك جىنايىتىگە ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قويۇپ بەردى.

گېن يۆتكەش يېمەكلىكلىرىگە قارشى تۇرۇش

2014-يىلى McDonald's يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىغا بەرگەن بىر پارچە خېتىدە، يەنە بىر قېتىم گېن يۆتكەش يەم-خەشىكى بىلەن گۆش توخوسىنى باققانلىقىنى ئېتراپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن 2001-يىلى بەرگەن ياۋروپا بازارلىرىدا گېن يۆتكەش يەم-خەشىكى ئىشلىتىلمەي بېقىلغان توخۇ گۆشى بىلەن توخۇ گۆشى بولكىسى ياساش ۋەدىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئىش يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9479 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-08