گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ قىسقىچە ھاياتى


گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى

دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ لىدېرى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى 1954-يىلى 19-نويابىردا مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ مەنۇفىييە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئابدۇلفەتتاھ سەئىد ھۇسەيىن خەلىل ئەسسىسىدۇر. 1977- يىلى مىسىر ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى پۈتتۈرگەن ئەسسىسى مىسىر قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. 1992-يىلى ئەنگلىيە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. 2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي ئېنسىتىتۇتتا ماگېستىرلىق دېسسېرتاتسىيەسىنى يېزىپ پۈتكۈزدى. بۇ جەرياندا كۆپ ساندا ھەربىي قۇرۇلتايلارغا قاتناشتى.

جەڭچىلىك تەجرىبىسىگە ئىگە بولمىغان ئەسسىسى 2011- يىلى 11- فېۋرال كۈنى خەلق ئىسيانى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ھۆسنى مۇبارەك ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەلچىخانىسىدا ھەربىي دىپلومات بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. كېيىنچە شىمالىي ھەربىي رايون قوماندانلىقىغا يۆتكەپ كېلىندى.

ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى دەسلەپ قېتىم مىسىر ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىچىدە 2011 يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان ئايال پائالىيەتچىلەرنى قىزلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش قىلمىشىنى ئاقلاش بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى. 2011-يىلى 9-مارتتا تەھرىر مەيدانىدىكى نامايىشچىلارنى كۈچ ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرغان مىسىر ئارمىيەسى، ئون يەتتە ئايالنى ئۇردى، نازارەت ئاستىغا ئالدى ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا قىزلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەسسىسى ئىنقىلاب ئەسناسىدا ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ قىزلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلدى. ئەسسىسى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن «بىز قىزلارنى باسقۇنچىلىققا ئۇچراشتىن قوغداشقا مەسئۇل بولغاندەك، ئارمىيەنى ئوتتۇرىغا چىققۇسى ھەر خىل ئېھتىماللىقلاردىن قوغداشقىمۇ مەسئۇلمىز» دېگەن بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.

ئەسسىسى گەرچە ھۇسەيىن تانتاۋى ۋە ھەربىي كېڭەشتىكى باشقا گېنېراللارغا ئوخشاش ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئارمىيە ئىچىدە قورۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ قوماندانى، ئىسكەندەرىييەدىكى شىمالىي ھەربىي رايون قوماندانلىقىنىڭ قوماندانى ۋە مىسىر ئارمىيەسى 2011-يىلىدىكى ئىنقىلاب ئارقىلىق كونتروللۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ھەربىي ئىستىخبارات (بىخەتەرلىك) ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.

مۇرسى پىرېزىدېنتلىققا سايلىنار–سايلانمايلا گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنى مىسىر باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىشتاب باشلىقلىقى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىدى. مۇرسى بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ‹ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشى› بولۇپ قېلىشىنى بىلمەيتتى، بىلەلمەيتتى. 2013- يىلى 3- ئىيۇل كۈنى مىسىر ئارمىيەسى مۇرسى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

2013-يىلى 30-ئىيۇن كۈنىدىكى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغىنىغا پەقەت بىر يىللا بولغان مۇرسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن مىسىر ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق يوپۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ‹خەلقنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن 48 سائەت مۆھلەت بېرىدىغانلىقى› نى جاكارلىدى.

 

3- ئىيۇلغا كەلگەندە بىر قاتار گېنېراللار، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ باشلىقلىرى، ئەزھەر شەيخى ئەھمەد تاييىب ۋە ئىسكەندەرىييە پاپاسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق بايانات بەرگەن گېنرال ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئەدلى مەنسۇرنىڭ ۋاقىتلىق پىرېزىدېنتلىققا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئەسسىسىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى مىسىردىكى كۆپلىگەن مەيدان ۋە ئاممىۋىي ئورۇنلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولسا، سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مۇرسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

ئۆزى ۋە مىسىر ئارمىيەسىنى ‹خەلق ئىرادىسىنىڭ ھامىيلىرى› دەپ تەرىپلىگەن ئەسسىسى، ئەدەۋىييە مەيدانىدا نارازىلىق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇرسى تەرەپدارلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قانلىق ئۇسۇلدا باستۇردى.

ھەربىي مۇداخىلىدىن كېيىن بەرگەن تۇنجى باياناتىدا، ھەربىي مۇداخىلىنىڭ مىسىر ئارمىيەسىنىڭ تاللىشى ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەتتىن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ھاكىمىيەت بېشىغا ئېلىپ كەلگەن خەلقنىڭ ئاۋازلىرى نابوت بولۇپ كەتتى. ئۇ مەزگىلدە مۇرسىنى ئەيىبلىگۈچىلەر ئۇنى مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن باشقىلارنىڭ تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. گېنېرال ئەسسىسى ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سۆزىدە بۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى: «بىز قانچە قېتىملاپ كوچىلارغا چىققۇچىلارنىڭ ساداسىغا پەرۋا قىلىنمىسا، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشلىرى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرغان، بىلدۈرگەن ئىدۇق، لېكىن، كۆڭۈل بۆلۈنمىدى» دېدى.

ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە دىندار، دەپ قارىلىدىغان ئەسسىسى، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يېقىن تۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھاكىمىيىتى ئەسسىسىنى باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ھەربىي كېڭەشنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كونا دۈشمىنى بىلەن خۇپيانە كېلىشىم تۈزۈش، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، ئارمىيەنى ‹ئىخۋانلاشتۇرۇش› بىلەن ئەيىبلەندى. مىسىر ئارمىيە باياناتچىسى، مىسىر ئارمىيەسى مەنسۇپلىرىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي ياكى ئىدىئولوگىيەلىك تەرەپلەرگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى. ئەسسىسى مىسىر ۋە ئەرەب تارىخىنىڭ سىمۋوللۇق ئىسىملىرىنىڭ بىرى بولغان مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن جامال ئابدۇنناسىرنىڭ ئوت يۈرك ئىخلاسمىنى ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ قوللىغۇچىلىرى ھەربىي– سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئەسسىسىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ناسىرنىڭ پوزىتسىيەسىگە ئوخشاتتى.

2013-يىلى 3-ئىيۇلدىكى ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھەربىي ھاكىمىيەت ئەدلى مەنسۇرنى مۇرسىنىڭ ئورنىغا پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزدى. لېكىن، ھەقىقىي نوپۇزنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەسسىسىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولىدىغانلىقىمۇ پات–پات كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇردى. 2014-يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن كېيىنلا ‹خەلق ۋە ئارمىيە قوللاپ–قۇۋۋەتلىگەن تەقدىردە پىرېزىدېنتلىق ئۈچۈن نامزات بولۇش› ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى. مىسىر ئالىي ھەربىي كېڭىشىمۇ ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىش لىدىرى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ئەسسىسىغا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ‹مارشاللىق› ئۇنۋانى بېرىلدى. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭغا ‹ئەسسىسىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىشىنىڭ باشلانغۇچى› دەپ قارىدى.

مىسىر ئىنقىلابى ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئونلارچە ئادەم ئۆلدى. ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ئەدلى مەنسۇر ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن يېڭى يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى. مەنسۇر پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى مەسىلىسىنىڭ خىزمەت پىلانىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سايلاملاردىن ئىلگىرى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىغا ئەڭ كۈچلۈك نامزات، دەپ قارالماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئارمىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىدىن كېيىن، مىسىرنىڭ ‹مىسلى كۆرۈلمىگەن› دەرىجىدە قاتتىق قوللۇقلارغا شاھىت بولغانلىقى قەيت قىلىندى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مىسىر جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىشى بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ھەق–ھوقۇق، ئەركىنلىكلەرنىڭ تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا مىسىر ھۆكۈمىتى، ئارمىيە ۋە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ 2013-يىلى 14-ئاۋغۇستتىكى ‹رابىئەتۇلئەدەۋىييە› ۋە ‹ئەننەھزە› مەيدانلىرىدىكى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش جەريانىدا يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماسلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

24- فېۋرال (2014) ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىمۇ مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان مىسىردىكى ھەربىي–سىياسىي ئۆزگىرىش ھۆكۈمىتى 15 مىنۇتلۇق ئىچكى كابىنت يىغىنىدىن كېيىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. سىياسىي ئانالىزچىلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپاسىغا ‹ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى› نىڭ رەسمىي يوسۇندا پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇشىنىڭ تەييارلىق قەدىمى، دەپ باھا بەرمەكتە.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 10788 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-06