باش مۇدىر، لىدىر ۋە CEO نىڭ پەرقى


باش مۇدىر، لىدىر ۋە CEO نىڭ پەرقى


ئۇچۇر كەسپى گۈللىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ تور پېيى كۆپۈكى پەيدا بولغاندىن بۇيان، «CEO» ئېلىمىزدە مودا سۆزگە ئايلىنىپ، باش دىرېكتور ۋە باش مۇدىرلار «CEO» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇ ئىنگلىزچىدىن قىسقارتىلغان سۆز خەنزۇ تىلى تەرجىمىسىدىكى «باش ئىجراچى» (首席执行官) دىن تېخىمۇ ئاددىيلىشىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە «مۇقەددەس تۇيغۇ» پەيدا قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە «CEO» دېگەن سۆز ھەممىلا يەردە ئۇچرايدىغان بولدى؛ ئالىي مەكتەپنى يېڭىلا پۈتكۈزگەن ياشلار ئىپتىخارلانغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتىسىغا مەلۇم يېڭى شىركەتنىڭ «CEO» سى دېگەننى باسىدىغان بولدى، ھەتتا «خەيئېر» گۇرۇھىدەك يىللىق تىجارەت سوممىسى نەچچە ئون مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان چوڭ كارخانىلارنىڭ باش مۇدىرىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «CEO» دەپ چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى. ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر قىسقارتىلغان بۇ ئىنگلىزچە سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. باش مۇدىر (董事长)، لىدىر ()،(首席执行官) CEO دىن ئىبارەت شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاتىلىشى خەت ئويۇنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇنى ھوقۇق ئاساسى دېگەندىن كۆرە، مەجبۇرىيەت ئاساسى دېگىنىمىز تۈزۈك.

باش مۇدىرنىڭ ئىنگلىزچە «Chairman» ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، (Chair of the Board)، لىدىرنىڭ «President»، باش ئىجراچى «Chief Executive Officer» ئاتىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئەمما مېدىيالار بۇ ئۈچ ئاتالغۇنىڭ ئىنچىكە پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغان بولسا كېرەك، دائىم «President» نى باش مۇدىر ياكى باش ئىجراچى، «CEO» نى بەزىدە لىدىر، دەپ ئېلىۋاتىدۇ. «Chairman» دېگەن بۇ مەنسەپ زامانىۋىي كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى ئەڭ بۇرۇن بېكىتكەن مەنسەپلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ پايچىلار پايدا-مەنپەئەتىنىڭ ئالىي ۋەكىلىدۇر. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى بارلىق ھوقۇقنىڭ كېلىش مەنبەسى.

«President» ۋە «CEO» نى «Chairman» تەيىنلەيدۇ، مۇدىرىيەتنى پەقەت «Chairman» لا يىغالايدۇ، رەسمىيەتتىن سىرتقى پايچىلار يىغىنى ئادەتتە پەقەت «Chairman» لا يىغىپ ئاچىدۇ. «President» ۋە «CEO» نى «Chairman» تەيىنلىگەن ئىكەن، نەزەرىيە جەھەتتە «Chairman» ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالايدۇ؛ شۇنداقلا بولۇپ قالماي، «Chairman» مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە نازارەتچىدىن باشقا ھەر قانداق ئادەمنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالايدۇ، چۈنكى مۇدىرىيەت ئەزاسىۋە نازارەتچى شىركەتنىڭ ياللانما خادىملىرى بولماستىن، بەلكى شىركەتنىڭ خوجايىنلىرى ۋە كېسىمچىدۇر. شۇنداق بولغاچقا، بىز دائىم «ئىش بۇزغان» «CEO» نىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلسىمۇ، مۇدىرىيەت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز؛ ئۇلارنىڭ شىركەتتىكى پېيى كۆپ بولمىسىمۇ، رەھىمدىل پايچىلار ئۇلارنىڭ مۇدىرىيەتتە داۋاملىق قېلىشىغا يول قويىدۇ.

مۇدىرىيەت مەمورىي ئاپپارات بولماستىن، قانۇن چىقىرىش خاراكتېرىدىكى كومىتېت، بۇ باش مۇدىر بىلەن مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ھەقىقىي يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقىنى بەلگىلەيدۇ. بىر قۇدرەتلىك «Chairman» دا ھەر قانداق قارار قىلىش ھوقۇقى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھوقۇق بەزىدە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى كۆپ سانلىق پايدىن كېلىدۇ، بەزىدە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن كېلىدۇ، بەزىدە ئىلگىرى تىكلىگەن نوپۇزىدىن كېلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مۇدىرىيەت «Chairman» نىڭ «قورچاق» ىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئادەتتە شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا «President» ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتىدۇ، «CEO» ئاتالغۇسى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى «President» ئەمەلىي ھوقۇقنى تۇتىدىغان بىردىنبىر كىشى ئىدى. بىر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىگە «Chairman» ۋە «President» دېگەن نامنى قوشۇۋالىدۇ، بىراق زامانىۋىي كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بىر كىشى بولمايدۇ،  ئەڭ مۇنەۋۋەر  «President» مۇ ناھايىتى ئاز ساندىكى پايغا ئىگە بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا بىر كىچىك پايچى «Chairman» بولالمايدۇ. بۇ خۇددى خان جەمەتى قان سىستېمىسىدا بولمىغان كىشى قانچىلىك مۇنەۋۋەر بولسىمۇ، پادىشاھ بولالمىغاندەكلا ئىش. بەزىدە چوڭ پايچىلارنىڭ كۈچى قۇدرەتلىك بولىدۇ، «President» پايچىلار ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولسىمۇ، شىركەتنىڭ مەمۇرىي ئەمىلىي ھوقۇقى باشقا مەمۇرىي خادىملارنىڭ قولىدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئىجرا كومىتېتتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە «CEO» مۇ بار.

ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ «President» لىرى كۆپ ۋاقىتلاردا ئېلىمىزنىڭ باش مۇدىرلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. باش  مۇدىرنى ئىنگلىزچە «President» دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ، «General Manager» دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئەمما كېيىنكىسى غەرب كارخانىلىرىدا كۆپ ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىدا بولسا دائىم بىرلا ۋاقىتتا باش مۇدىر ۋە باش دېرىكتورنى تەسىس قىلىدۇ، ئەگەر باش مۇدىر ئېنگلىزچە «President» دەپ تەرجىمە قىلىنسا، ، باش دېرىكتور «CEO» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. «President» بىلەن «CEO» غەرب كارخانىلىرىدا دائىم بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ (بولۇپمۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلاردا)، بىز ئېيتقان «باش مۇدىر، قوشۇمچە باش ئىجراچى» نى سىز «President» دېسىڭىزمۇ ياكى  «CEO» دېسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ؛ مۇراسىم سورۇنلىرىدا «President»دەپ ئاتىسىڭىزمۇ، خىزمەت سورۇنلىرىدا «CEO» دەپ ئاتىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بەزىدە (ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەھۋاللاردا) باش مۇدىر، لېدىر ۋە «CEO» بىر ئادەم بولىدۇ، بىز «باش مۇدىر قوشۇمچە باش ئىجراچى ياكى باش مۇدىر قوشۇمچە لىدىر» دەپ ئاتايمىز، بۇ خىل قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى كۆپىنچە ھاللاردا شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ (مەسىلەن، بىل گايتىس)، بەزىدە شىركەتنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى بويىچە بولىدۇ (مەسىلەن، جېك ۋېلىچ، «General Electic» شىركىتىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ئۇ باش مۇدىر ۋە باش  ئىجراچچى ۋەزىپىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتىگەن، مۇستەقىل باش مۇدىر ۋەزىپىسى تەسىس قىلىنمىغان).

يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنى كۆرۈپ، كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلەر «نېمە بولۇپ كەتتى، ئېلىشىپلا كەتتىققۇ...» دېيىشى مۇمكىن، «President» ۋە «CEO» نىڭ خىزمەت ھوقۇقىدا ماھىيەتلىك پەرق بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەم بولغانىكەن، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى ۋەزىپە ئايرىۋېتىلىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى مۇرەككەپرەك: 1. چۈنكى مەلۇم چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى بەك جاپالىق ۋە كۆپ بولغاچقا، بىر ئادەمنىڭ زېھىن قۇۋۋىتى يەتمەي قالىدۇ، شۇنداق بولغاچقا چوقۇم ئورنى باراۋەر بولغان ئىككى ئالىي ئىجراچى بولۇشى كېرەك؛ بەزىدە بىر شىركەتتە بىرلا ۋاقىتتا مۇنەۋۋەر ئىككى رەھبەر بولۇپ قالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاچقا «President» ۋە «CEO» ۋەزىپىسى ئىككى كىشىگە تەقسىملەپ بېرىلىدۇ؛ 2. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىش ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، «مۇھىم ئىجرا قىلىش ھوقۇقى» ۋە «كۈندىلىك ئىجرا قىلىش ھوقۇقى» غا ئايرىلدى. مۇھىم ئىشلار، مەسىلەن، مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىش، خادىملارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇش، چوڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلار «مۇھىم ئىجرا قىلىش ھوقۇقى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇلارنى «CEO» ئۈستىگە ئالدى؛ ئادەتتىكى سىياسەت، خادىملارنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە قكىچىك كلەملىك مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلار «كۈندىلىك ئىجرا قىلىش ھوقۇقى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇلارنى «President» ئۈستىگە ئالدى. ئەگەر «CEO» نى زۇڭلى دېسەك، ئۇنداقتا كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان 1-مۇئاۋىن زۇڭلى بولىدۇ،  ئەگەر بۇ ئىككى ۋەزىپىنى بىر ئادەم ئۆتىمىگەن بولسا، ئۇنداقتا «CEO» نىڭ ئورنى سەل يۇقىرى بولغان بولىدۇ.

«Chairman»، «President» ۋە «CEO» دىن ئىبارەت ئۈچ ئاتالغۇنىڭ مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئۇلارنىڭ مەنىۋىي ماھىيىتىنى چۈشىنەلەيمىز. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، «Chairman» پايچىلار پايدا-مەنپەئەتىنىڭ شىركەتتىكى ئالىي ۋەكىلى، ئۇ شىركەتنىڭ ياللانما خادىمى كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدۇ، «President» ۋە «CEO» نىڭ ھوقۇقىنى «Chairman» بېرىدۇ، «Chairman» مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىشقا ھوقۇقلۇق بولسىلا، «President» ۋە «CEO» قاتارلىقلارنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىيالايدۇ،  ئەمما «Chairman» ئەزەلدىن مەمۇرىي  ھوقۇقنى تۇتمايدۇ، ئەگەر بىر «Chairman» «President» ۋە «CEO» لۇق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمىسە، ئۇ مۇراسىم ۋەزىپىسىلا خالاس. بىر ئابرۇيلۇق كېسىمچى ئادەتتە مەلۇم بىر چوڭ پايچېكنىڭ ۋەكىلىدۇر، «President» شىركەتنىڭ كۈندىلىك مەمۇرىي ھوقۇقىنى تۇتىدۇ، ئۇنى باش مۇدىر دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ، باش دېرىكتور دەپ تەرجىمە قىلىشقىمۇ بولىدۇ؛ «President» ئاتالغۇسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھۆرمەت-شەرەپ ۋە ئورۇن «CEO» دىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا دائىم مۇراسىم سورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

كۆپ ۋاقىتلاردا «President» ۋە «CEO» بىر ئادەم بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۇنى قانداق ئاتىسىڭىز بولىۋېرىدۇ؛ ئەمما كۆپلىگەن چوڭ شىركەتلەردە «President» ۋە «CEO» ئىككى ئادەم بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا «باش مۇدىر» بىلەن «باش ئىجراچى» پەرقلىنىدۇ، بەزىدە ئىككىسىنىڭ ئورنى باراۋەر بولىدۇ، بەزىدە «CEO» باش مۇدىرنىڭ باشلىقى بولىدۇ. بەزىدە «President» بىلەن «Chairman» ئوخشاش بولۇپ، ئەرزىمەس بىر مۇراسىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ھازىرغىچە جۇڭگودىن باشقا يەردە «CEO» نىڭ مۇراسىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق. جۇڭگودا نۇرغۇن دېرىكتور ئۆزىگە  «CEO» دېگەن بۇ «تاج» نى كىيگۈزۈش بىلەن ئاۋارە بولماقتا، ئۇلارنى بۇنى دۇنيا بىلەن جىسىپلاشقانلىق، ئالىي ھۆرمەت-شەرەپ ۋە ئورۇنغا ئىگە بولغانلىق، دەپ قارىماقتا، ئەمەلىيەتتە «CEO» دېگەن بۇ  ئاتالغۇ غەرب ئەللىرىدە ھەر قانداق بىر شەرەپ ۋە ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 15

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3323 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-06