iOS


iOS


iOSiOS

ئەسلى نامى: iPhone OS

سىستېما تىلى: C، C++،  Objective-C

مەشغۇلات سىستېمىسى تەۋە تۈر: OS X،  Unix

ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى: 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

قوللايدىغان تىلى: 34 خىل تۈر

قوللايدىغان سۇپىسى: Apple تۈزگەن ARM (Samsung)

Apple A4

Apple A5 Apple A5X

Apple A6 Apple A6X

Apple A7

ئىچكى يادروسىنىڭ تۈرى: Hybrid(XNU)

ئالما شىركىتى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن چىقارغان مەشغۇلات سىستېمىسى، قوللايدىغان ئۈسكىنىلەر iPhone، iPod touch، iPad، Apple TV لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Android ۋە Windows Phone بىلەن ئوخشىمايدۇ، iOS ئالما بولمىغان ئۈسكىنىلەرنى قوللىمايدۇ. سىستېما مەشغۇلاتى (iOS 7) تەخمىنەن MB700~900 ئەتراپىدىكى سىغىم بوشلىقىنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە، iOS نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى 7.1.1 .

تارىخى

2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالما Macworld يىغىنىدا iOS نى ئېلان قىلدى ھەمدە شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرىنچى نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە iOS 7 نىمۇ ئېلان قىلىپ بولدى. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ چۈشۈرۈشكە يول قويدى. iOSiTunes ئارقىلىق ئۈسكىنىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، iOS 5.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان نۇسخىلار OTA ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى يېڭىلىيالايدۇ. ئەڭ يېڭى iOS تەخمىنەن GB1 ئەتراپىدىكى بوشلۇقنى ئىلگەللەيدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئالما شىركىتى iPhone غا ئەگىشىپ تارقاتقان iOS غا نام بەرمىگەنىدى، 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا iPhone OS دەپ نام بەردى ھەمدە 2010-يىلى 6-ئايدا نامىنى iOS غا ئۆزگەرتتى.

ئىشلىتىش دائىرىسى

لايىھەلىنىش ئالاھىدىلىكى: iOS ئابونتلىرى كونۇپكا، كۆپ نۇقتىلىق چەكمىلەر ئارقىلىق ئۈسكىنىنى كونترول قىلالايدۇ.

ئەمىلىي كونۇپكىلىرى: ئېكراننىڭ ئاستىدىكى Homeكونۇپكىسى، چوققىسىدىكى Power كونۇپكىسى، يان تەرىپىدىكى ئاۋازنى كونترول قىلىش كونۇپكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپ نۇقتىلىق چەكمە: سېرىلما ھەرىكەت، يىنىك بېسىش، قىسىش، تەتۈر يۆلىنىشتە قىسىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىستېما بىلەن ئۆز-ئارا قوزغاتقىلى بولىدۇ.

ئەپ پروگراممىسى

ئەپ دۇكىنى: App Store ئالما شىركىتى iOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن قۇرغان رەقەملەشكەن ئەپ ئېلان قىلىش سۇپىسى، ئابونىتنىڭ iTunes Store دىن بىر قىسىم iOS SDK ياكى Mac SDKچىقارغان ئەپ پروگراممىلىرىنى چۈشۈرىشىگە يول قويىدۇ.ئەپنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئابونىت ھەقلىق ياكى ھەقسىز چۈشۈرسە بولىدۇ. ئەپ پروگراممىسىنى بىۋاسىتە iOS قۇرۇلمىسىغا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Mac OS X ياكى Windowsسۇپىسىدىكى iTunes ئارقىلىق كومپيۇتېر مەركىزىگە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ئويۇن، كۈنتەرتىپ باشقۇرۇش، لۇغەت، رەسىم ئامبىرى ۋە كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان پروگراممىلار: iOS ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى ئەپ: تېلېفون، Mail، Safari، مۇزىكا ۋىدىئو، SpringBoard، قىسقا ئۇچۇر، كالېندار، سۈرەت، فوتوكامېرا، FaceTime،Photo Booth، پاي بازىرى، خەرىتە، كىلىمات، خاتىرە، ژۇرنال، ئەسكەرتىش تۈرى، ۋاقىت، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ، كومپاس، ئاۋازلىق خاتىرە، App Store، Game Center، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالاقە خاتىرىسى، iTunes، Nike+iPod، Voice Control، Siri، Passbook؛ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىن چىقىرىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللار YouTube، iPod، خەرىتە.

Web قوللىنىشچان پروگراممىسى: 2007-يىلىدىكى ئالما شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار يىغىنىدا، ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPod Touch نىڭ Safari ئارقىلىق تور كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ بەزى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ ئەپ پروگراممىلىرىنىڭ Web ئەپ پروگراممىسى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار AJAX تور تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈزۈلگەن.

ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى: iOS پەقەت App Store نى قۇرغۇچى تەرەپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى قوللايدۇ.

ئەسلىگە قايتۇرۇش ئەندىزىسى

DFU ئەندىزىسى iOS قۇرۇلمىسىنىڭ قۇيما ماتېرىيال يۇقىرى كۆتۈرۈش شەكلى، بۇ شەكىل قۇرۇلمىنىڭ ھەر قانداق ھالەتتىن ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويىدۇ.

DFU ئەندىزىسىگە كىرىش

بىرىنچى خىل ئۇسۇل

1. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاش؛

2. قۇرۇلمىنى ئېتىش؛

3. توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى 3 سېكۇنت بېسىپ تۇرۇش؛

4. Home كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى 10 سېكۇنتقىچە قويىۋەتمەسلىك؛

5. توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى قويۇۋېتىپ، Home كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇرۇش؛

6. كومپيۇتېر يېڭى يۇمشاق دېتالنى بايقىغاندا ھەمدە iTunes قۇرۇلمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش شەكلىنى تەكشۈرگەندە كونۇپكىنى قويۇۋېتىپ DFU ئەندىزىسىگە كىرىش.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل

1. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاش؛

2. ھەر قانداق ئەھۋالدا، Home كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى بىرلىكتە بېسىش؛

3. يانفونىڭ ئېكرانى قارا بولغاندىن كېيىن 3~5 سېكۇنتقىچە ئۆتكۈزۈپ، توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى قويىۋېتىمىز، Home كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرىمىز؛

4. كومپيۇتېر يېڭى يۇمشاق دېتالنى بايقىغاندا ھەمدە iTunes قۇرۇلمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش شەكلىنى تەكشۈرگەندە كونۇپكىنى قويۇۋېتىپ DFU ئەندىزىسىگە كىرىش.DFU ئەندىزىسىدىن چېكىنىپ چىقىش

Home كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى ئالما بەلگىسى چىققۇچە بېسىپ تۇرۇش.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9432 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 6قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-06