سۇلتان ئالىپئارسلان


سۇلتان ئالىپئارسلان

سۇلتان ئالىپئارسلانسۇلتان ئالىپئارسلان

تارىخ بويىچە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى تەرتىپ ئورناتقان تۈركلەر، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، توپ–توپ ھالدا شەرقتىن غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى. كۆپچىلىكى ئوغۇزلاردىن، باشقا قىسىملىرى ئۇيغۇر ۋە قىپچاقلاردىن تەشكىللەنگەن تۈرك قەبىلىلىرى يېتىپ كەلگەن جايلاردا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ھايات پەلسەپەلىرىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرۇشى ۋە تەبىئىي مەنبەلەر نۇقتىسىدىن تېخمۇ باي رايونلارغا بارالىشى ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئېھتىياجى چۈشتى. بۇ سەۋەبتىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خۇراساندىن مىسىرغا، ئىراندىن ئانادولۇغىچە سوزۇلغان كەڭ تېررىتورىيەنى ئىچىگە ئالغان سەلجۇقىيلار ئىمپېراتورلۇقى مانا مۇشۇنداق ئېھتىياجدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. سەلجۇقىيلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى پەقەت يېڭى تېررىتورىيەلەردە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ۋەياكى يېڭى زېمىنلارنى پەتھى قىلىشلا ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، بىلىم ۋە سەنئەتكە بەرگەن ئەھمىيىتى بىلەن ئىزلىرى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مىڭلارچە يادىكارلىقلارنى مىراس قالدۇردى. بىر–بىرىدىن گۈزەل بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى، تارىخىي خاتىرە سارايلىرى ۋە سەنئەت يادىكارلىقلىرى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ مىراسى سۈپىتىدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئامانەت قىلىندى.

سۇلتان ئالپئارسلان سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى بولۇپ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانادولۇ رايونىغا كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر قوماندان ۋە قابىلىيەتلىك دۆلەت ئەربابى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرك سىياسىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

سۇلتان ئالپئارسلان 1029–يىلى 20-يانۋار تۇغۇلىدۇ. ئۇ دادىسى چاغرى بەگنىڭ يېندا تەربىيەلىنىدۇ ۋە ئۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، قوشۇننىڭ قومانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ دەسلەپتە خۇراساننىڭ تەختىگە ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلىنىدۇ. دادىسى چاغرى بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1060–يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرۇپ، خۇراساننىڭ ۋالىيسى بولىدۇ. ئارىدىن تەخمىنەن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1063–يىلى 7–دېكابىر سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى تاغىسى تۇغرۇل بەگ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سەلجۇقىيلار بەگلىرى تەرىپىدىن مۇراسىم بىلەن تەختكە چىقىرىلىدۇ. ئۇ 1064– يىلى 27–ئاپرېل چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ سۇلتانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلالىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ئوغۇل پەرزەنتى بولمىغان تۇغرۇل بەگ قېرىندىشى چاغرى بەگنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولغان سۇلايماننىڭ تەختكە چىقىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، ئىراننىڭ بۈگۈنكى پايتەختى تېھراننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەي شەھىرىدە سۇلايمان سۇلتان دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما، ئالپئارسلان ۋە خاندانلىقنىڭ باشقا مۇھىم ئەربابلىرى سۇلايماننىڭ سۇلتانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ ئىختىلاپتىن كېيىن، ئالپئارسلان رەي شەھىرىدە تەختكە چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

سۇلتان ئالپئارسلان تەختكە چىقىپلا بىرىنچى بولۇپ، تاغىسى تۇغرۇل بەگنىڭ ۋەزىرلىكىنى قىلغان ئامىدۈلمۈلكنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا نىزامۈلمۈلكنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئارقىدىن دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا خاندانلىقنىڭ نەسەبىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسيانلىرىنى باستۇرۇپ، ھەم شەرقتە ھەم غەربتە تەڭلا ئۇرۇش باشلايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن بۈگۈنكى گىرۇزىيەنى پەتھى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ رايوندىكى خانلىقلار بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ.

ئىسيانلارنى باستۇرۇپ، كېلىشىم تۈزگەن ھالدا دۆلەت تېررىتورىيەسىنى كېڭەيتكەن ئالپئارسلان ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى. بەزى سەلجۇقىيلار بەگلىرىنىڭ ئانادولۇغا كىرىپ چوڭ زەپەرلەرنى قازىنىشىغا قارشى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى رومانوس دىيوگېنېس زور قوشۇن باشلاپ سەلجۇقىيلار دۆلىتىگە قارشى ئاتلىنىدۇ ۋە مالاتيادا تۈرك قوشۇنلىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچراپ كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئالپئارسلان 1070– يىلى ئەزەبەيجاننى پەتھى قىلىدۇ. ئارقىدىن ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ مالازگىرتقا كېلىدۇ. ئۇ ئۇرفانى قورشاۋغا ئالىدۇ ۋە 1071–يىلى قوشۇنىنى ھەلەبكە توپلاپ مىسىرغا يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولغان ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى سەلجۇقىيلارغا قارشى ھۇجۇم تەييارلىقىنى پۈتكۈزىدۇ. ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى رۇمئەلىدە ياشايدىغان تۈركلەرنىمۇ ئۆزىگە قوشۇپ، 1071–يىلى 13–مارت تەخمىنەن 200 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىدۇ ۋە مالازگىرتقا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھۇجۇم خەۋىرىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان ئالپئارسلان مىسىرغا يۈرۈش قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، مالازگىرتقا قاراپ ئاتلىنىدۇ. سۇلتان ئالپئارسلان بېتلىسكە كەلگەندە 10 مىڭ ئەسكەرنى ئايرىپ ئاھلاتقا ئەۋەتىدۇ. بۇ قوشۇن ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن دىيوگېنېس مالازگىرت قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالپئارسلان ۋە دىيوگېنېس قوشۇنلىرى مالازگىرت ئويمانلىقىدا ئۇچرىشىدۇ. ئالپئارسلان ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېتىدىن چۈشۈپ، دۇئا قىلىدۇ ۋە ئەسكەرلىرىگە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئالپئارسلان سان جەھەتتە ئۆزىدىن ئۈستۈن بولغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ھىلال ئاي ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ ۋە زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنىنى تىرىپىرەن قىلىپ، ئىمپېراتور رومانوس دىيوگېنېسنى ئەسىر ئالىدۇ. سۇلتان ئالپئارسلان كەڭ قورساقلىق بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى ئىمپېراتورىنىڭ جېنىدىن كېچىدۇ ۋە ئۇنى ھەر يىلى ئولپان تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەرق ۋە غەربنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، نامى تارىخقا يېزىلىدۇ.

سۇلتان ئالپئارسلان 1072–يىلى قاراخانىيلارنىڭ بىر قەلئە قوماندانى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. تەتقىقاتلار نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ قەبرىسى مازارى مەرۋ شەھىرىگە قاتۇرۇلىدۇ.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 11

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 10652 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-05-05