زەكى ۋەلىد


زەكى ۋەلىد


زەكى ۋەلىدزەكى ۋەلىد

 ئانادولۇ تارىخ بويىچە، ئوسمانلى زېمىنلىرى ۋە تۈركىيە جۇغراپىيەسى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز رايونى، ئىران ۋە رۇسىيەدىكى تۈركلەر ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك جۇغراپىيەلىرىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە بۇ يەردە تەلىم–تەربىيە كۆرگەندىن كېيىن، مەملىكىتىگە قايتقان ياكى بۇ يەردە قېلىپ خىزمەت قىلغان بىلىم ۋە مەدەنىيەت تارقاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. شۈبھىسىزكى، تۈركىيە بۇ نۇقتىدىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇشتىن باشقا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ داڭلىق كىشىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان دۆلەت.

ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىمكى، تۈركىيەدە ياشاشنى تاللىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ داڭلىق كىشىلىرى بۇ دۆلەتكە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە چوڭ تۆھپە قوشقان ۋە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئەنە شۇ بىلىم ۋە سىياسەت ئادەملىرىدىن بىرى زەكى ۋەلىد توغاندۇر. زەكى ۋەلىد توغان 1890–يىلى 10–دېكابىر باشقۇردىستاننىڭ ئىستەرلىتاماك شەھىرىنىڭ كۈزەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ تەربىيەسىنى ئۆتەك مەدرىسەسىدە ئالغان. 1908–يىلى يېزىسىدىن قازانغا قېچىپ كېلىپ، مەخسۇس دەرسلەرنى ئالغان. غەيرىي رۇس مۇئەللىم مەكتىپى ۋە قازان ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ يەردە كاتانوۋ ۋە ئاشمارىن قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن تونۇشقان. ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىدا رۇسچە، ئەرەبچە ۋە فىرانسۇزچىنى ئىنتايىن ياخشى ئۆگەنگەن. 1909–يىلى ئۆزى ئوقۇش پۈتتۈرگەن قاسىمىيە مەدرىسەسىدە «تۈرك تارىخىي ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخى» كەسپى بويىچە مۇئەللىملىك قىلغان. تۆت يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى جەريانىدا 1911–يىلى «تۈرك ۋە تاتار تارىخى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغانغاندىن كېيىن، تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ بۇ سايىدە قازان ئۇنىۋېرستېتى ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۈچلۈك زېھنىي قۇۋۋەتكە ۋە تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە زەكى ۋەلىد توغان قازان ئۇنىۋېرستېتى تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ئېتىنوگراپىيە ساھەلىرىدە تەتقىقاتلارنى قىلغان. بۇ جەرياندا تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاپقان.

زەكى ۋەلىد توغان ئىلمىي خىزمەتلەردىن باشقا، جەمئىيەت خاراكتېرلىك ۋەقەلەر، سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر ئىدى. خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان زەكى ۋەلىد توغان 1916–يىلىدا ئۇفا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇمانىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پېتېرسبۇرگقا بارىدۇ. رۇسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1917–يىلى 29–نويابىردا باشقۇردىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما، ئارىدىن تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتۈپ، رۇسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا ئۇ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە تۆت ئايدىن كېيىن قويۇۋېتىلىدۇ. ئۇ باشقۇردىستاندا مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا سوۋېت تۈزۈمى بىلەن كېلىشەلمەي، كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 1920–يىلى تۈركىستانغا كېلىپ، نەشىرىياتچىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ بۇ پائالىيەتلەر ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، دىققىتىنى قايتىدىن ئىلمىي خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ. پارىژ ۋە بېرلىن كۇتۇپخانىلىرىدا يازما ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى تۈركىيەدىكى بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق كىشىلەردىن ھامدۇللاھ سۇفى، فۇئات كۆپرۈلۈ، رىزا نۇر ۋە يۈسۈف ئاكچۇرا قاتارلىقلار 1925–يىلى ئۇنى تۈركىيەگە چاقىرىدۇ. ئىككى يىل ئۆتكەندە ئىستانبۇل دارىلفونىدا «تۈرك تارىخى ۋە تارىختا تەتقىقات ئۇسۇللىرى» كەسىپىدە دەرس بېرىشكە باشلايدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى، 1932–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 1–نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ كونگرەسىدە، رەسمىي تۈرك تارىخى پىرىنسىپلىرىغا قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ۋىيېنناغا كېتىدۇ. ۋىيېننا ئۇنىۋېرستېتىدا، «ئىبنى فادلاننىڭ ساياھەتنامىسى» ناملىق ئىلمىي دىستىرتاتىسىيە ماقالىسىنى ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئارقىدىن بونىن ۋە گۆتتىڭگىن ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.

زەكى ۋەلىد توغان 1939–يىلى مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىدا تۈرك ئومۇمىي تارىخى كۇرسىنى قۇرىدۇ. ئەمما بۇ، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ تۈگىگەنلىكى ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەممىدىن ئېچىنارلىقى، 2–دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە «تۇرانچىلىق» ۋە «سوۋېت تۈزۈمى» گە قارشى پائالىيەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بەختكە يارىشا ھەربىي سوتنىڭ ئاقلىشى بىلەن قويۇۋېتىلىدۇ. 1948–يىلى ئۇنىۋېرستېتتىكى خىزمىتىگە تەكرار قايتىپ كەلگەن زەكى ۋەلىد توغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمەت قىلىدۇ ۋە 1970–يىلى 26–ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

مەنبە: TRT


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9162 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-29