قىزىل گۈل


قىزىل گۈل

قىزىل گۈلقىزىل گۈل

خەنزۇچە: 玫瑰花

ئىنگلىزچە: Rosa rugosa

تەۋە گۇرۇپپىسى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تەۋە سىنىپى: قوش يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تەۋە ئائىلىسى: ئەتىرگۈل ئائىلىسى

تۈرى: ئەتىرگۈل تۈرى

تىپى: يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

تارمىقى: ئەتىرگۈل ئۇرۇقدىشى

خىلى: قىزىل گۈل

قىزىل گۈل ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئەتىرگۈل ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك، ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئەتىرگۈل رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشىدۇر.

قىزىل گۈلنىڭ مېۋىسىنى يېيىشكە بولىدۇ، شېكەرسىز، ۋىتامىن c كۆپ بولۇپ، خۇشپۇراقلىق ئوت چېيى، مېۋە قىيامى، مېۋە ئۇيۇتمىسى، مېۋە شىرنىسى ۋە بولكا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىۋېتسىيە شورپىسى، ھەسەل ھارىقى قاتارلىقلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شەكلى

يوپۇرماق تاشلايدىغان، ئاساسلىق غولى بولمىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك؛ پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، ئېلىپېس شەكىللىك ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك كىچىك يوپۇرمىقىدىن 5~9 بولۇپ، ئۈستى پۈرمىسىمان، باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن ئاسانلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ياز كۈنلىرى قزغۇچ بىنەپشە رەڭ ياكى ئاق رەڭلىق خۇشپۇراق گۈل ئېچىلىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

دېھقانچىلىق زىرائىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۈلى خۇشپۇراقلىق قىزىل گۈل مېيىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ ياكى گۈلنىڭ ياپراقلىرى بىۋاستە چىلىنىپ يېمەكلىك، تەم تەڭشىگۈچ   ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. شەندۇڭ پىڭ يىننىڭ قىزىل گۈل ئۆستۈرۈش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، قىزىل گۈل قىيامى، قىزىل گۈل مېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن داڭلىق. ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ، مياۋفېڭ تاغلىرىمۇ داڭلىق قىزىل گۈل ئۆستۈرۈش رايونلىرىدۇر.

قىزىل گۈلنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىشلىتىلىشى خۇش پۇراق ماي ئايرىپ چىقىلىدۇ. خۇشپۇراق ماي قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، غەم-قايغۇنى يېنىكلەتكىلى، باكتېرىيە ئۆلتۈرگىلى، قورۇغۇچى دورا قىلغىلى بولىدۇ. ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئۇيقۇسىزلىق، نېرۋىلار جىددىيلىشىش قاتارلىقلارغا ياردىمى بار. تېرە ئاسراش بۇيۇمى قىلىپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قىزىل گۈل

ياۋروپا تىللىرىدا ئەتىرگۈل، قىزىل گۈل، گۈلسۇرۇخ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر سۆز، مەسىلەن، ئىنگلىزچە rose، گېرمانچە die Rose، ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى گۈللەر جۇڭگودىن ياۋروپاغا تارقالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق قالمىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى ئوخشاشمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان شالغۇت قىزىل گۈل نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيانقى ئەتىرگۈل ۋە قىزىل گۈللەرنىڭ شالغۇتلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.

قىزىل گۈلنىڭ نۆۋەتتىكى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغان تۈرى 30 مىڭ خىل ئەتراپىدا.

مەدەنىيەت سىمۋولى

قىزىل گۈل ئۇزۇندىن بۇيان گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنىپ كەلگەن. قەدىمقى يۇنانلىقلار بىلەن رىملىقلار قىزىل گۈلنى ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئىلاھى Aphrodite، ۋىناسقا سىمۋول قىلغان.

قىزىل گۈل يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى زېئۇس ياراتقان نادىر ئەسەر بولۇپ، ئىلاھلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ماختىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەنگلىيەدىكى داڭلىق لەنكەستېر جەمەتى (House of Lancaster) بىلەن يورك جەمەتى (House of York) نىڭ قىزىل گۈل ئۇرۇشىدا ھەر قايسى تەرەپ ئۆزلىرىگە ئاق ۋە قىزىل ئەتىرگۈلنى سىمۋول قىلغان. ئەڭ ئاخىرى ھېنرىي Ⅶ بىلەن يوركتىكى ئېلىزابىتنىڭ توي مۇراسىمى ئاخىرىلاشقاندا، ئېنگلاند خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قىزىل گۈلنى دۆلەت گۈلى  قىلىپ بېكىتتكەن ھەمدە خان جەمەتىنىڭ ئىزنىكىنى قىزىل ئاق ئەتىرگۈل قىلىپ ئۆزگەرتكەن.

قىزىل گۈل چىقىدىغان جايلار

جۇڭگو شەندۇڭ، گەنسۇ، كۈنمىڭ، لياۋنىڭ، خېبېي، شىنجاڭ خوتەن قاتارلىق جايلار.

قىزىل گۈلنىڭ تۈرلىرى

كۆچەتكە ئاساسەن ئايرىلىشى: ئوتتۇرا تىپتىكى گۈل، چاي پۇراقلىق قىزىل گۈل، Mimi گۈلى، ياماشقۇچى قىزىل گۈل، يېرىم ياماشقۇچى قىزىل گۈل، چاتقال قىزىل گۈل، ئەنگلىيە قىزىل گۈلى.

گۈلنىڭ تۈرىگە ئاساسەن ئايرىلىشى: تۈز شەكىل، ئېچىلغان رومكىسىمان شەكىل، چوڭقۇر رومكىسىمان شەكىل، توپ شەكىل، تۆت توپقا بۆلۈنگەن شەكىل، تاق گۈلتاجىلىق، يېرىم جۈپلۈك، قېلىچ گۈل بەرگىلىك، يېرىم قېلىچ گۈل بەرگىلىك، ئورالغان تاق گۈلتاجىلىق.

سىستېمىسىغا ئاساسەن بۆلىنىشى: ھەر قايسى جايلاردىكى ئەسلى چىقىدىغان قىزىل گۈل، كىلاسسىك قىزىل گۈل، ھازىرقى قىزىل گۈل.

يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى

يېتىشتۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن ئۇرۇقنى يېتىشتۈرۈش، ئۇلاش، يۇقىرى بېسىم، قەلەمچە تىكىش قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئەڭ قولايلىق، قەلەمچە تىكىش كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرى، قىش پەسلىنىڭ باشلىرىدا باشلانغانلىقتىن، ساغلام ئۈچتىن تۆتكىچە نوتىسى بار بولغان قەلەمچىنى تاللاپ، ئۈچ-تۆت تال يوپۇرمىقىنىلا ساقلاپ قېلىپ، قەلەمچىنى يۇمشاق ۋە نەم بولغان تۇپراققا كىرگۈزۈپ، تېمپېراتۇرىسى ℃18~25 ئارىلىقتا، نەملىك دەرىجىسى %80~90 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ، يورۇقلۇق بولۇشى كېرەك، بىراق بىۋاستە چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن يىلتىز تارتىدۇ.

دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى

كېسەللىك ئاپىتى: قارا داغ كېسىلى، ئاق توزان كېسىل، شاخ قۇرۇش كېسىلى

ھاشارات ئاپىتى: تۈكلۈك قۇرۇت، قىزىل ئۆمۈچۈك، كۆكپىت، پۈرمە يوپۇرماقلىق ھەرە، ئوت-چۆپ قۇرۇتى، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قۇڭغۇز، يوپۇرماق كانىسى، ئالېيرودىد قۇرتى، ترىپس، قاسراقلىق قۇرت، خانقىز.

يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتىكى رولى

قىزىل گۈل گۈلىنىڭ تەمى سەل قىرتاق، خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل، جىگەرنى بوشىتىپ، ئادەتنى تەڭشەش ئىقتىدارى بار. ئاساسلىقى ئىچى سىقىلىش، ئاشقازان كاۋىكى، بىقىن چىڭقىلىپ ئاغرىش، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئادەت تەرتىپسىز بولۇش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، تولغاق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

 ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2509 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-29