تۈركىيە مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت رايونلىرى


تۈركىيە مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت رايونلىرى

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت رايونلىرىمۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت رايونلىرى

تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مۇغلا ۋىلايىتى جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىدىن تۈركىيەنىڭ ئانتاليادىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ساياھەت مەركىزى ھېساپلىنىدۇ. بىر قىسمى ئەگە دېڭىزىغا ۋە يەنە بىر قىسمى ئاقدېڭىزغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي مەنزىرىسىدىن باشقا يەنە تارىخىي قىممىتى يۇقىرى يادىكارلىقلىرىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرى مارمارىس، فەتھىيە، داتچا، گۆكئوۋا ۋە داليان قاتارلىق رايونلاردۇر.

مۇغلا ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 1100 كلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ساھىللىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ساھىلىغا ئىگە شەھىرى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىزدىن باشقا يەنە ئىككى چوڭ كۆلىمۇ بار بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى كويچەگىز كۆلى. بۇ كۆل كۆيچەگىز ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، 52 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ ھەمدە داليان قانىلى ئارقىلىق ئاق دېڭىزغا تۇتىشىدۇ.

مىلاس ئەتراپىدىكى بافا كۆلىنىڭ بىرتەرىپى ئايدىن ۋالىيىتىگە جايلاشقان بولۇپ بۇ كۆلنىڭ كۆلىمى 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەنبەلىرىدىن يەنە، گۈللۈك، گۆكئوۋا، ھىسارئۆنۈ، سۆمبەكى، مارمارىس، دالامان ۋە فەتھىيە دېڭىز قۇلتۇقىلىرى بار. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز قولتۇقلىرى قاتارىدا ھېسابلىنىدىغان گۆكئوۋا دېڭىز قولتۇقىنىڭ يېپىق دېڭىز ساھەسى 3000 كېلومتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ساندا پورتلىرىمۇ بولۇپ، فەتھىيە دېڭىز قولتۇقىغا جايلاشقان سىرالىبۈك پورتى ۋە گۆجەك پورتى ھەقىقەتەن زىيارەتكە قىلىشقا ئەرزىيدىغان جايلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېزا بازارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۆك بايراققا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە قارغى، پالامۇتبۈكۈ، مەسۇدىيە، قاتارلىق يېزا ۋە يېزا بازارلىرى ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكللىرى بىلەن مەشھۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە فەتھىيەگە يېقىن 14 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قوملۇق ساھىلىمۇ بار، پاتارا بازارىمۇ ئەتراپىدىكى مەرسىن دەرخلىرى ۋە قاراغايلىقلار بىلەن ھەمدە ئۆلۈك دېڭىز بويىدىكى 18 كىلومېتىرلىق ئاق قوملۇق ساھىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈلگىلىك ساياھەت رايونى بولالايدۇ.

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ تارىخىي مىلادىدىن ئىلگىرىگىكى 3400–يىللىرىغىچە تۇتىشىدۇ. دەسلەپكى دەۋرلەردە بۇ رايوننىڭ غەربىي قىسمى كارىئاغا، شەرقىي قىسمى بولسا، يەنى دالامان ۋە فەتھىيە ناھىيەلىرى جايلاشقان رايونلار لىكيا تېروتورىيەسىگە تەۋە ھېسابىلىناتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 700–يىللىرىدا رايون لىدىيالىقلارنىڭ ئالقىنىغا ئۆتكەن بولۇپ، بۇ رايون بەزىدە پارىس، مىسىر، ھەلەنىستىك، بارگاما پادىشاھلىرى ۋە رىم قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ھاكىمىيەتلەر ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرغان ئىدى. بۇ رايون شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە 395–يىللىرىدا ئۆتكەن بولۇپ، مۇغلا تۈركلەر تەرىپىدىن ئەڭ دەسلەپ 1080-يىلى سەلجۇقىيلار قوماندانى مۇغۇل بەگنىڭ قوماندانلىقىدا فەتھى قىلىنغان ئىدى. 1261–يىلىدا تۈركلەرنىڭ 3 مەشھۇر بەگلىرىدىن بىرسى بولغان مەنتەشە بەگنىڭ ھاكىمىيتىگە ئۆتۈپ، مەنتەشە دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. 13–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى مۇغلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى يىلدىرىم بەيازىت تەرىپىدىن فەتھى قىلىنىپ، ئوسمانلى خەلىپىلىكى تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلدى. 14–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولسا، رايون قىسقىغىنە مەزگىلگىچە قايتىدىن مەنتەشە ئوغۇللىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتتى. بۇ دەۋردە گېرىتسىيەلىكلەر مۇغلا ساھاللىرىغا ۋە ئاراللىرىغىچە بېسىپ كەلدى. سائىنت چېننىڭ چەۋاندازلىرى رودوس ئارىلىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ھەم ئوسمانلى ئەسكەرلىرى ھەم مەنتەشە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، رايوننىڭ بەزى قىسمىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى. قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدە بولسا، رايون قايتىدىن ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ناھىيەسى فەتھىيە بولۇپ، شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ئانتاليا، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمى ئاق دېڭىز، غەربىي شىمالىي قىسمى دالامان، شىمالىي قىسمى دېڭىزلى ۋە بۇردۇر بىلەن ئۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. فەتھىيە ئانتىك تېلمېسسوس خارابىلىقلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000–يىللىرىدا قۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ ئانتىك شەھەرنىڭ لىكيانىڭ كاريا چېگراسىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە لىكيا دۆلىتى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. تېلمېسسوس تارىخ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا بىلىملىك كىشىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان شەھەر ئىدى. يازما مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا كۆرە، بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ دادىسى پىلىپ بىر چۈش كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى بىلىش ئۈچۈن تېلمېسسوستىن بىر بىلىملىك كىشىنى چاقىرىتىپ كەلگەن. ئۇ كىشى ئىسكەندەرنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىنچە ئۇ تېلمېسسوستىن كەلگەن بىلىملىك كىشى بىلەن دوست بولۇپ قالغان، شۇڭا بۇ شەھەر ھەلەنىستىك دەۋرىدە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان. بىر مەزگىل رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتۈپ قالغان تېلمېسسوس شەھىرى ۋېزانتىيە دەۋرىدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان. مىلادىدىن كېيىنكى 7ـ ۋە 8- ئەسىرلەردە بولسا، ئەرەبلەرنىڭ باستۇرۇپ كېلىشى بىلەن ئەھمىياتىنى يوقىتىپ قويغان.

فەتھىيە بىر قېتىمقلىق يەر تەۋرەشتە ئانتىك شەھەرنىڭ يادىكارلىقلىردىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. شەھەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان جايى ھېسابلىنىدىغان كالەدە رۇما بىلەن ئوتتۇرا دەۋرلەرگە ئائىت، سېپىل قالدۇقلىرىنى كۆرۈۋۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىيا مازارلىقلىرى ھەممەيلەننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلمەكتە.

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە ياسالغان بىر خاتىرە مەقبىرىدىن بىرسى ھېرىمېپىئاس ئامىيىنتاسنىڭ بولۇپ، ئىككى تۈۋرۈكلۈك ۋە ئىبادەتخانە شەكىللىك بۇ قىيا مازارلىقىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا يەنە لىكيا قىيا مازارلىقلىرى ۋە باشقا مازارلىقلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. فەتھىيە ئەتراپىدىكى ئۆلۈك دېڭىزدىن باشقا يەنە زىيارەت قىلىشقا ېتگىشلىك جايلاردىن بىرسى كىپىنەكلەر ۋادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان كىپىنەك تۈرلىرىگە ئىگە بۇ رايون باباتاغنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 1995–يىلىدىن بۇيان ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغان تەبىئىي رايون دەپ ئېلان قىلىنىپ، ھەر تۈردىكى بىناكارلىقلار مەنئىي قىلىندى. بۇ ۋادى 350 مېتىر ئەتراپىدا قىيا تاملار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 80 دىن كۆپرەك كىپىنەك تۈرى ياشايدۇ. بولۇپمۇ يولۋاس نەقىشلىك كىپىنەكلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەن بۇ رايون كىپىنەك ۋادىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 50 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئېقىپ چۈشىدىغان شاقىراتمىنىڭ سۈيى ۋادىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ئاق دېڭىزغا ئاقىدۇ. بۇ ۋادى قىيا پاراشوتچىلىقىغا ئوخشاش تەنتەربىيە تۈرلىرى ئۈچۈنمۇ جەلپ قىلارلىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە فەتھىيە ئەتراپىغا جايلاشقان 12 ئارالنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى كېمە ساياھەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

فەتھىيە ئەتراپىدىكى ئانتىك شەھەر رايوننى كۈلتۈر ۋە سياھەت جەھەتتىن ئەڭ جەلپ قىلارلىق جايغا ئايلاندۈردى. بۇ يەردە ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك ئانتىك شەھەرلەردىن بەزىلىرى كادياندا، تىلوس، پىنارا، لېتون، سىيدىما ۋە كىسانتوس قاتارلىقلاردۇر.

فەتھىيە قاش يولى ئۈستىدىكى كىنىك يېزىسىغا يېقىن يەردگە جايلاشقان بۈ كىسانتوس ئانتىك شەھىرىنىڭ تارىخىي يازما مەنبەلەرگە كۆرە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200 ـ يىللىرىغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. بۇ شەھەر پۈتۈن تارىخىي بويىچە نۇرغۇنلىغان ئىستىلا ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۈچ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بىرىتانىيە مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان نېرېدلەر خاتىرە قەبرىستانلىقى بىلەن ھەممىگە مەشھۇر. بۈگۈنكى كۈندە كىسانتوس خارابىلىقلىرى ئارسىدىكى ھەلەنىستىك ۋە رىم دەۋرىگە ئائىت يادىكارلىقلاردىن باشقا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 ئەسىرگە ئائىت لىكيا قىيا مازارلىقلىرىنىمۇ زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 10410 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-28