نەجاتى شاشمازنىڭ قىسقىچە ھاياتى


نەجاتى شاشمازنىڭ قىسقىچە ھاياتى


نەجاتى شاشمازنەجاتى شاشماز

«بۆرىلەر ۋادىسى–پىستىرما» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ پولات ئەلەمدارى نەجاتى شاشمازنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد نەجاتى شاشماز بولۇپ، 1971-يىلى 15-دېكابىردا ئەلازىغ ۋىلايىتىنىڭ قەدىمىي شەھىرى ھارپۇتتا ئابدۇلقادىر ۋە ساھىل شاشماز ئائىلىسىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدى. نەجاتى شاشماز كانادادا ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېرىپ 6 يىل تۇرۇپ قالدى. 2001-يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاش مەقسىتىدە تۈركىيەگە كەلگەن نەجاتى شاشماز، 2001-يىلىنىڭ 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا بارىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرغان بولسىمۇ، تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان 11-سېنتەبىر ۋەقەسى شۇ كۈنى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئامېرىكىغا بارالماستىنلا تۈركىيەگە قايتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىغا قايتىش ئىستىكىدىن ۋاز كېچىپ، ئەنقەرەدە بىر سۇغۇرتا شىركىتى ئېچىۋالدى.

يېڭى شىركىتىدە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيەنىڭ داڭلىق كىنو–فىلىم رېژىسسورى ئوسمان سىناۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. نەجاتى ئوسمان سىناۋنى ئۆزىگە بىر فىلىمنىڭ سېنارىيە يېزىش گۇرۇپپىسى سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى توغرىسىدا تەكلىپ سۇنىدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى. كۈتۈلمىگەن يەردىن ئوسمان سىناۋ «بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز. سېنى ئۇنىڭ باش رولىنى ئالسا، دېگەن ئويدىمەن» دەيدۇ. نەجاتى ئوسمان سىناۋنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ‹مەن ئويلىشىپ سىزگە جاۋاب بېرىمەن› دەپ ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە بىر ئاي ئويلانغاندىن كېيىن ‹تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقى› نى بىلدۈرىدۇ.

ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن «بۆرىلەر ۋادىسى» ھېكايىسىنى مانا مۇشۇنداق باشلىغان نەجاتى شاشماز، خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ يوقلۇقىنى «مېنى پەقەت ئەنقەرەدىلا ئۆز ئىسمىم بىلەن چاقىرىشىدۇ، ئىستانبۇلدا ھەممە ‹پولات› دەيدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن خۇلاسىلەيدۇ.

نەجاتى شاشماز ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە يېشىل كارتىغا ئىگە بولغان بولۇپ، مەجبۇرى ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى پۇل تۆلەپ ئادا قىلىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىدۇ ۋە تۈركىيەگە كېلىپ پەقەت 28 كۈنلا مەجبۇرى ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

ئەنقەرەدىكى نەۋقىرانلىق مەزگىلىدە بىر ئىشقى–مۇھەببەت ھېكايىسىنى باشتىن كەچۈرگەن نەجاتى شاشماز، ھېس–تۇيغۇلىرىنى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىشقى–مۇھەببەت ۋە ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تەسەۋۋۇپ كۈلتۈرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا يازغان ئىلاھىي ئىشىق شېئىرلىرى مۇھەممەد نەجاتى شاشماز دېگەن نام ئاستىدا ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىندى ۋە ئاخىرىدا شاشماز تەرىپىدىن ئەنقەرەدە «ئاشىق» ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمى سۈپىتىدە باستۇرۇلۇپ تارقىتىلدى. لېكىن، داڭلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى نەجاتى 20 ياشلىرىدا يازغان، شۇنداقلا ئەدەبىي جەھەتتىنمۇ ئاددىي كۆرگىلى بولمايدىغان مەزكۇر شېئىرلىرىنى داۋراڭ قىلىپ كەتمىدى. مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىدا ئۇنىڭ «ئاشىق نۆۋىتى»، «سەن ۋە تىكەن»، «بېلىقلار ھىدى»، «ئاۋازىڭ» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.

نەجاتى شاشماز «بۆرىلەر ۋادىسى (كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى)»، «بۆرىلەر ۋادىسى تېررور (كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى)»، «بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق (فىلىم)»، «بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن (فىلىم)» ۋە «بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما (كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى)» قاتارلىق فىلىم ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر مەخپىي تەشكىلاتنىڭ ئالاھىدە يېتىشتۈرۈلگەن، چەت ئەللەردە ھەر خىل مەخپىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئاخىرقى ئۈچ يىلىنى تۈركىيەدىكى قارا گۇرۇھلارغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنى ئىچكى قىسىمدىن بىتچىت قىلىپ تاشلاش بىلەن ئۆتكەن پولات ئەلەمدار ئىسىملىك بىر جاسۇسنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، پولات ئەلەمدار فىلىم ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ھەر خىل قورال–ياراقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان، ئۇرۇش ماھارىتى پەۋقۇلئاددە ئۈستۈن بىر كىشى سۈپىتىدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. پولات ئەلەمدار ئىنگلىز، فىرانسۇز، ئەرەب، كورد ۋە رۇس تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان، ھېسسىياتىغا تايىنىپ ئەمەس، سەۋەب ۋە ئەقىلگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەر قانداق خەۋپ ۋە خەتەرلىك يۆنىلىشلەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدىغان بىر قەھرىماندۇر. ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا ئىرادىسى قەتئىي بىر كىشى بولۇپ، دۈشمەنلىرىگە قانچىلىك رەھىمسىز بولسا، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن مەرھەمەتلىك ھامىيسىدۇر.

ئەسلىدە «بۆرىلەر ۋادىسى» نامى ئاستىدىكى بىر قاتار فىلىم ۋە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش قەھرىمان ‹پولات ئەمەلدار› خاراكتېرىنى جانلاندۇرغان نەجاتى شاشمازنىڭ فىلىملەردە رول ئېلىشى 1985-يىلى ئىشلەنگەن ‹يىلانلارنىڭ ئۆجۈ› ناملىق فىلىمنىڭ باش قەھرىمانلىرىدىن قارا بايرامنىڭ 4-5 ياشلاردىكى كىچىك ئوغلى ئەفەنىڭ رولىنى ئېلىشى بىلەن باشلانغان.

پۇرسەتلا تاپسا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن نەجاتى شاشماز، بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا دىكتورنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ياخشى سېنارىيە بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم ئىشلىشىنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا مەيلى تۈركىيەدىكى، مەيلى ئۇيغۇر ئىلىدىن مەيلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئىپتارلىق بەرگەن چاغلىرىمۇ بولدى...

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ناگەھان قاشىقچى بىلەن تۇرمۇش قۇردى. 2013-يىلى 9-ئۆكتەبىردە شاشماز ئائىلىسى ئالى نادىر ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆردى. ئالى نادىر «بۆرىلەر ۋادىسى–پىستىرما» نىڭ 10-ئاپرېل كۈنى كەچتە تارقىتىلغان 221-بۆلۈمىدە بىر قانچە سېكۇنتلىق كۆرۈنۈشى بىلەن «ئېكران ھاياتى» نى باشلىغان بولدى. شاشماز ئائىلىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى داۋام قىلماقتا...

نەجاتى شاشماز ئابدۇلقادىر ۋە ساھىل شاشماز ئائىلىسىنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە راجى شاشماز («بۆرىلەر ۋادىسى» نىڭ سېنارىستى) ۋە زۇبەير شاشماز ئىسىملىك ئىككى ئىنىسى بار.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 10

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9719 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-28