نەسرەتتىن تۇسى

 

نەسرەتتىن تۇسى


نەسرەتتىن تۇسىنەسرەتتىن تۇسى 

نەسرەتتىن تۇسى، 1201–يىلى 17–فېۋرال خۇراساننىڭ تۇس شەھىرىدە مۆتىۋەر ۋە ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى زامانىدىكى تونۇلغان كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، فىقىھ ۋە ئىلاھىيەت ساھەسىىدە يېتىشكەن كىشى ئىدى. نەسرەتتىن تۇسى باشلانغۇچ ساۋادىنى دادىسىنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چىقارغان. ئۇ دادىسىنىڭ ياردىمىدە ئىلاھىيەت ۋە ئىسلام پەلسەپەسىنى ئۆگىنىشتىن سىرت، ئوخشىمىغان ئالىملارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئوخشىمىغان ئىلىم ساھەلىرىدە ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇ تېبابەت، پەلسەپە، فىقىھ، سىياسەت، ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە پەنلىرى بويىچە ئەينى دەۋردىكى ئەڭ ياخشى ئۇستازلاردىن دەرس ئالغان ۋە ئىسمائىلىيەلەرنىڭ مەركىزىي كوھىستانغا بارغان. ئۇ كوھىستاندا ئىسمائىلىيەلەرنىڭ ھۆكۈمدارى مۇھتەشەمنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئوردىدا ئۇنىڭ بىرىنچى مەسلىھەتچىسى بولغان. نەسرەتتىن تۇسى 1235–يىلى مەشھۇر بولغان «ئەخلاقىي ناسىرى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان. بۇ ۋاقىتتا، ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمىدا چۈشىنىش مۇمكىن بولغاندەك، نەسرەتتىن تۇسى بىلەن ھۆكۈمدار ئوتتۇرىسىدا مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. نەسرەتتىن تۇسى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ كىتاب مۇرەككەپ مەزگىلدە يېزىلدى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەملىكىتىمدىن ئۇزاقلاشتىم ۋە كوھىستاندا قىيىن ئەھۋالدا قالدىم.» نەسرەتتىن تۇسى تىلغا ئالغان قىيىن ئەھۋال، ئۇنىڭ 1235–يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئالەمۇت قەلئەسىدە نەزەبەنت ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. تەخمىنەن 20 يىل داۋاملاشقان قەلئە ھاياتى 1256–يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھېلاكۇنىڭ ئىسمائىلىيەلەرنى مەغلۇپ قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. نەسرەتتىن تۇسى 20 يىللىق مەھكۇملۇق ھاياتىدا مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلم ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى، دۇنيا قارىشى ۋە ئىقتىدارى ھېلاكۇخاننىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. ھېلاكۇخان ئۇنى ئۆزىگە باش مەسلىھەتچى قىلغان. ئۇ باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا، سىياسەت ۋە دۆلەت باشقۇرۇش ئىلىملىرىدىمۇ مۇھىم تەجرىبە ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىدى. ئۇ ئىراندا تۈرك–موڭغۇل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇھىتقا ئېرىشىپ، پايتەخت ماراغادا ئەينى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ رەسەتخانىنى قۇرغان ۋە ئۇ يەرنى ئاستىرونومىيە تەتقىقاتلىرىنىڭ مەركىزى ھالىغا كەلتۈرگەن.

نەسرەتتىن تۇسى مەسلىھەتچى بولغاندىن كېيىن، مۇھىم تۆت مەسىلە بويىچە ھېلاكۇخاننى قايىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇلار: ئالىملارنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىلىم–پەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلاردىن پايدىلىنىش، خەلق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئېلىنىدىغان باجلارنى ئادالەتلىك شەكىلدە قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش، ئىلىملەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان رەسەتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە باغداد كۇتۇپخانىسىنى ماراغاغا كۆچۈرۈش ئىدى.

نەسرەتتىن تۇسى 1258–يىلى ھېلاكۇخاننىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، شەرقنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك «ماراغا رەسەتخانىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ. رەسەتخانا بىناسى ئاساسىي بىنا ۋە قوشۇمچە بىنالار بولۇپ 13 بىنادىن تەشكىل تاپىدۇ. ئاساسىي بىناغا ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەر قويۇلىدۇ. قوشۇمچە بىنالارغا بولسا، مەدرىسە، كۇتۇپخانا ۋە دۇكانلار سېلىنىدۇ. 30 مىڭ ئالتۇن دىنارغا پۈتكەن رەسەتخانا 12 يىلدا پۈتكۈزۈلۈپ، 1271–يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

دۇنيا ئىلىم تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان نەسرەتتىن تۇسىنىڭ نامى، ئوخشىمىغان جايلاردا ئوخشىمىغان ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، جەنۇبىي يېرىم شاردا ناھايىتى چوڭ بىر يانار تاغقا نەسرەتتىن تۇسى، دەپ نام بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، 1979–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئاستىرونومىيە ئالىمى تەرىپىدىن بايقالغان پىلانېتا «نەسرەتتىن تۇسى پىلانېتاسى» دەپ ئاتالغان. تېھراندا نەسرەتتىن تۇسى نامىدا چوڭ بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ بارلىقىنى، ئەزەربەيجاندا بولسا، رەسەتخانىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا، نەسرەتتىن تۇسى ئىنسان مەركەزچىلىك دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئەسەرلىرىدە ئىنسانىي مۇئامىلىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرىنى تۈزۈشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇ بۇ مەقسەتتە «ئەخلاقىي ناسىرى» ناملىق ئەسىرىدە، «غايىلىك ئىنسان»، «غايىلىك ئائىلە» ۋە «غايىلىك جەمئىيەت» بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئۇنسۇرلىرى بولغان كىشى، ئائىلە، دۆلەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. نەسرەتتىن تۇسىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ ئاساسى بولسا بىلىمدۇر. ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى كۈنىمىزگىچە يەتكۈزگەن ئەڭ مۇھىم تەرىپىمۇ، ۋەقەلەرگە بولغان ئىلمىي پوزىتسىيەسى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 8988 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-26