تۈرك كۈلتۈرىدە ھالۋا ۋە ھالۋا سۆھبەتلىرى ھەققىدە

 

تۈرك كۈلتۈرىدە ھالۋا ۋە ھالۋا سۆھبەتلىرى ھەققىدە


ھالۋاھالۋا

ھالۋا تۈرك جەمئىيىتىدە كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان تاتلىق تۈرمىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا يېمەك-ئىچمەكلەر ئىچىدە ھالۋا چوقۇم ئىستېمال قىلىنىدۇ. ھالۋا يېمەك-ئىچمەك تۈرى بولۇشتىن باشقا سىمۋوللۇق مەنىگىمۇ ئىگە. ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۆلگۈچە ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ يېيىلىدىغان يېگانە يېمەكلىك ھالۋىدۇر. ھالۋىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلار ئىنتايىن كۆپ. تويلاردا ئىستېمال قىلىنىدىغان ھالۋا خوشاللىقلارنىڭ ئورتاقلىشىشى ۋە بەرىكىتىگە سىمۋول قىلىنىدىغان بولسا، ئۆلۈمدىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدىغان ھالۋا قايغۇلارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بولۇپ، ھالۋىدىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ روھىنىڭ خەۋىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. ھالۋا توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىن سىرت رامزاندا، ھېيتلاردا، قەندىللەردە، جۈمە كۈنلىرى، تۇغۇتلاردا، ھەربىيلىككە ماڭغاندا، ھەجىدىن قايتىپ كەلگەندە، يامغۇر دۇئالىرىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان ۋە خولۇم-قوشنىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدىغان تاتلىق-تۈرمىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈرك كۈلتۈرىدە ھالۋا پىشۇرۇش، ھالۋا ئىستېمال قىلىش ۋە ھالۋا تارقىتىش قاتارلىقلار قايغۇ-ھەسىرەتلەرنى ۋە خوشاللىقلارنى بىرلىكتە ئورتاقلىشىش ۋە ياشاش دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. .............

ئانادولۇدا ۋاپات بولغۇچى دەپنە قىلىنغاندىن كېيىنلا ھالۋا قىلىنىدۇ. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈركلەرنىڭ ئېتىقادىدىن كەلگەن ئادەتلەردىن بولغان «پۇرىقى ۋاپات بولغۇچىغا بارىدۇ» دېگەن ئېتىقاد دائىرىسىدە ئاياللار دەرھال ئۇن ھالۋىسى قىلىدۇ. ھالۋىنى ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۆيىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى قول-قولغا قىلىشىدۇ. ھالۋا پىشۇرۇلغاندا قۇرئاندىن سۈرىلەر ئوقۇلۇپ ۋاپات بولغۇچىنىڭ روھىغا تەقدىم قىلىنىدۇ. ئانادولۇنىڭ بەزى رايونلىرىدا ۋاپات بولغۇچى دەپنە قىلىنغان ئۈچىنچى، يەتتىنچى، ئون توققۇزىنچى، قىرىقىنچى ۋە ئەللىك ئىككىنچى كۈنىدە دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈنلەردە نامراتلارغا ياردەم قىلىنىدۇ، ھالۋا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ نامى «خەيرلىك ھالۋا» دۇر. پىشقان ھالۋىنىڭ پۇرىقىنىڭ ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلىنغان ھالۋا ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ۋاپات بولغۇچىنىڭ روھى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان توي ئاشلىرى ئارىسىدىمۇ يەنە ھالۋا ئورۇن ئالىدۇ. چوڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ھالۋا تۇرمۇشى ياخشى كېتىۋاتقان بەخىتلىك ئاياللار تەرىپىدىن پىشۇرۇلىدۇ. سېرىق ماي ۋە بادام پىستىلار قىلىنغان ھالۋا تويلاردا ئىززەت-ئىكرام قىلىنىدۇ، ئېشىپ قالغانلار خولۇم-خوشنىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ھالۋا رامىزان ئېيى ۋە قەندىللەردىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىدە قىلىنىدىغان ھالۋىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. ياڭاقلىق ھالۋا، يىپ ھالۋا، كۈنجۈتلۈك ھالۋا، پىستە-باداملىق ھالۋا، كاكائو ھالۋا، ئىرىمچىكلىك ھالۋا، بادام ھالۋا، ھەسەل ھالۋا، شىرنە ھالۋا، ئۇن ھالۋا قاتارلىق تۈرلىرى مەۋجۇت. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەزگىلىدە ھالۋا تاتلىق-تۈرمىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىناتتى. تارىخىي ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە، 15-ئەسىردىن باشلاپ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە 34 خىل ھالۋا تۈرلىرى مەۋجۇت بولغان ئىكەن. سارايدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى داۋاملىق ھالۋا قىلىنىدىغانلىقى ۋە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ساراينىڭ ئاشخانىلىرىدا «ھالۋىخانە» نامىدا ئايرىم بىنا بولغان. سارايدا تاتلىق-تۈرمە قىلىدىغان خىزمەتكارلار ئۇستىلارنىڭ نازارىتىدە خىزمەت قىلاتتى. 16-ئەسىردە ھالۋا ئۇستىسىنىڭ قول ئاستىدا 812 خىزمەتكار ئىشلىگەن. ھالۋا ياساش ئۈچۈن ئۇن، تالقان، كۈنجۈت، سېرىق ماي، سۈت، ھەسەل، شىرنە ۋە شېكەر ئىشلىتىلەتتى. ھالۋىخانىدا قىلىنغان ھالۋا دەسلەپ پادىشاھ بولۇپ سارايدىكى بارلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلەتتى. ھالۋىنىڭ لەززىتى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئىستانبۇلدا ياشىغان دېرنىسچۋام «ھالۋا ناھايىتى لەززەتلىك ۋە تاتلىق بولسا، پېچىنە-پىرەنىكلەر ئىنتايىن نەپىس ياسىلىدۇ. قول تەگكەندە قاتتىق، بىراق ئېغىزغا كىرگەندە شۇنداق يۇمشاق» دېگەن ئىكەن.

ئوسمانلى دۆلىتىدە ئارمىيە ئەدىرنەدىن سەپەرگە چىقىپ قايتقاندا ئەدىرنەدە كۈتۈۋېلىناتتى. ئارمىيەنى ئۇزاتقاندا ۋە كۈتۈۋالغاندا قازانلاردا «غازى ھالۋىسى» پىشۇرۇلاتتى. ھالۋا ئەسكەر ۋە خەلق تەرىپىدىن دۇئاللار بىلەن ئىستېمال قىلىناتتى. كۈنىمىزدە ئەدىرنەدە ۋاپات بولغۇچىنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلىنغان ھالۋىغىمۇ «غازى ھالۋىسى» دېيىلىدۇ. ئالاھىدە كۈنلىرىمىز ۋە داستىرخانلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن بولغان ھالۋا خەلق ناخشىلىرى ۋە قوشاقلارغا تېما بولغان. ئورتاقلىشىشىنىڭ سىمۋولى بولغان ھالۋا بەد دۇئالاردىمۇ مەخپىي ئىپادە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. بىراۋ يەنە بىرىگە ئاچچىقلانغاندا ئۆلۈمنى كۆزدە تۇتۇپ «داداڭنىڭ ھالۋىسىنى قاچان يەيمىز» ياكى «مۇسىبەتتە خالايىق ھالۋاڭنى يېسۇن» دەيدۇ.

ئوسمانلىدا ھەر قايسى تەبىقە ئىنسانلىرى بولۇپمۇ قىشنىڭ جۈمە كېچىلىرىدە بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىگە «ھالۋا سۆھبىتى» دېيىلەتتى. ھالۋا سۆھبەتلىرى ۋە مۇراسىمىنىڭ يىلتىزى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىغىچە سوزۇلىدۇ. ھالۋا مەۋلىۋىلىك ئىدىيىسىدە سەۋىرنى ئىپادىلەيدۇ. مەسنەۋىدە ئەڭ كۆپ نامى ئۇچرايدىغان تاتلىق-تۈرمىنىڭ نامى ھالۋىدۇر. دەسلەپتە خەلق ئارىسىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر كېيىنچە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ھالۋا سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانىلىق قىلغان كىشىنىڭ ماددى ئىمكانىيەتلىرى ۋە زوقلىرىغا ئاساسەن ھەر خىل ئويۇن-تاماشا ئۆتكۈزۈلەتتى. ئويۇن-تاماشىلار ئويلىنىلاتتى، شېئىرلار ئوقۇلاتتى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلەتتى، ھالۋا ئىستېمال قىلىناتتى. دۆلەت ئەربابلىرى، بايلار، ئاۋام خەلق، تىجارەتچىلەر ئۆز قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ھالۋا سۆھبىتى ئۆتكۈزەتتى. ئەۋلىيا چەلەبى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ھالۋا سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان. پادىشاھ ئۇيۇشتۇرغان ھالۋا سۆھبەتلىرىدىمۇ سىياسىي، پىكرىى ۋە ئەدەبىي سۆھبەتلەر ۋە بەس-مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلەتتى. سارايدىكى ھالۋا سۆھبەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مېھمانلىرى ۋەزىر-ۋۇزرالار، قوماندانلار، مەشھۇر ئەدەبىياتچىلار ۋە ئالىملاردىن تەشكىل تاپاتتى. بۇ سۆھبەتلەرگە مۇزىكانتلار، مەدداھلار، لەتىپىچىلەر، كۈلدۈرگە ئارتىسلىرى چاقىرىلاتتى. بەزىدە چەتئەللىك مېھمانلارغا ئاتاپمۇ ھالۋا سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلەتتى. ئاۋام خەلق ئارىسىدىكى ھالۋا سۆھبەتلىرىدىمۇ ئويۇن-تاماشا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، قوشاقلار توقۇلاتتى، ناخشىلار ئوقۇلاتتى، تېپىشماقلار سورىلىپ، ھەر خىل ئويۇنلار ئوينىلاتتى.

كۈنىمىزدە ئانادولۇنىڭ بەزى جايلىرىدا ئالاھىدە كۈنلەردە ھالۋا پىشۈرۈلۈپ خولۇم-خوشنىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ ھەر جۈمە نامىزىدىن كېيىن جامەگە كەلگەن جامائەت ۋە ئەتراپتىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تارقىتىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردىمۇ رامىزان ئېيى ۋە ھەر قەندىل كېچىسىدىمۇ «ھالۋا كۈنى» نامى ئاستىدا ھالۋا سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۆھبەتلەردە بەرىكەت تىلىنىپ دۇئا ئوقۇلغاندىن كېيىن، ھالۋا ئىززەت-ئىكرام قىلىنىدۇ.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9784 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-26