چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى


چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىچىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى

خەنزۇچە: 芝加哥大学

ئىنگلىزچە: The University of Chicago

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1890-يىلى

مەكتەپنىڭ تۈرى: خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت

مەكتەپ مۇدىرى: Robert J. Zimmer

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى: 2160

تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى: 4391

ئاسپرانتلارنىڭ سانى: 9110

مەكتەپ ئادرېسى: ئىللىنوئىس شىتاتى، چىكاگو

تور بېكىتى:   http://www.uchicago.edu

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىللىنوئىس شىتاتىدىكى چىكاگوغا جايلاشقان خۇسۇسىي تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت تولۇق كورس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تۆت فاكۇلتېت، ئالتە كەسپىي ئىنستىتۇت ۋە بىر داۋاملىق تەربىيىلەش ئىنستىتۇتىدىن تەركىب تاپقان ئاسپىرانتلار تەتقىقات تۈرى ۋە پەن ھالقىغان كوممىتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى، 87 ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپداش نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىكلەر ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى نەپەر مەكتەپداش «uring Award» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى

ئىدىيە ۋە دەرسلىكلىرى

خارۋارد ۋە يالې ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى تېخى ياش مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جانلىقلىقى بىلەن خۇمبولت ۋە نېۋماندىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ ھەمدە ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەمىلىيىتى بىلەن بىرىكىپ، ئۆزىگە خاس بولغان تەشكىلىي ئىدىيە، تەتقىقات ئىدىيىسى ۋە ئوقۇتۇش ئىدىيىسنى قۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئامېرىكىدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى «ماكرو» لىقى ۋە تەجرىبە روھى، ئۇنىڭ ئامېرىكا مائارىپ تارىخىدىكى مۇھىم ئورنىنى بەلگىلىگەن. شۇنداقلا، ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتىكى ئورنىمۇ ئوخشاشلا قىممەتكە ئىگە بولغان. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئوخشاش بولمىغان ئىلىم-پەن ساھەلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم بولغان رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى «چىكاگو ئېقىمى» نامىنى تىكلىگەن.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى دەسلىپىدە پەسىللىك تۈزۈم تۈزگەن، بىر يىلنى تۆت پەسىلگە ئايرىپ، پۈتۈن بىر يىلدا دەم ئالمايدىغان دەرسلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ۋاقتىنى ئەركىن ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇپ، ھەر بىر مىنۇت سېكۇنتنى ئىسراپ قىلىۋېتىشتىن ساقلانغان. ئوقۇش ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرلىشىدۇ.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2013-يىلىدىكى تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى % 8.8. تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە، مەكتەپ ئاساسىي ۋە كەسپىي دەرسلىكلەرنى ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكلەرنى چوقۇم ئوقۇشىنى بەلگىلىگەن. 2012~2013-يىللىرى ئاساسلىق دەرسلىكلەرنىڭ دەرس سىنىپىدا 17 ئوقۇغۇچى ۋە بىر پروفېسسورنىڭ بولىشىنى بەلگىلىگەن.

تارىخى

دەسلەپكى مەزگىلى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلى ئامېرىكا Baptist Churches تەرىپدىن قۇرۇلغان بۇرۇنقى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، بۇ مەكتەپ 1886-يىلى مالىيە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تاقىلىپ قالغان. 1890-يىلى نېفىت پادىشاسى  جون داۋىسون روكېفېللېر (John Davison Rockefeller) نىڭ ياردىمى بىلەن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تۇنجى خۇسۇسىي مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ياردەم روكېفېللېر تەرىپىدىنمۇ «بىر قېتىملىق ئەڭ توغرا سېلىنغان مەبلەغ» دەپ قارالدى. 1892-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي دەرس باشلىدى. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان ئىنستىتۇتلىرىدىن سودا ئىنستىتۇتى، قانۇن ئىنستىتۇتى ۋە شەرق تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلار بار.

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بەشىنچى مەكتەپ مۇدىرى  روبېرت ماينارد خۇتچىنس (Robert Maynard Hutchins) ۋەزىپە ئۆتىگەن 24 يىلدا، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. خۇتچىنس تىلغا ئالغان مائارىپنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىلىم-پەن دەرسلىكلىرى ۋە كەسپىي دەرسلىكلەرنىڭ ھەدىدىن ئارتۇق مەخسۇسلىشىنى چەكلەيدىغان «چىكاگو پىلانى»، ئامېرىكىدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تولۇق كورس مائارىپ پىلانىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. خۇتچىنس بۈگۈنگە قەدەر پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان تولۇق كورس ئاساسىي دەرسلىكلەر پىلانىنى تەسىس قىلدى ھەمدە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى ھازىرقى تۆت ئوقۇتۇش بۆلىمى قىلىپ قايتا قۇردى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى بۈيۈك دېپرېسسىيە (1929~1939-يىللىرى غەربتە يۈزبەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش) دىن ئۆتتى. 1933-يىلى، خۇتچىنس چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىراق مەغلۇپ بولدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى «مانخاتتان پىلانى» دا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى چىكاگو ئۇنىۋېرىستېتىغا يىغىلىپ، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىكى مۇھىم ئورنىنى تىكلىدى.

20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئامېرىكا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەركىتى ۋە ئاياللار ھوقۇقى مەسلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى يۇقىرى پەللىگە قەدەم قويدى. 1962-يىلى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىنى ئىشغال قىلىپ مەكتەپنى ئىجارىگە بېرىش سىياسىتىگە  نارازىلىق بىلدۈردى.

1969-يىلى نوبېل ئىقتىساد ئىلمى مۇكاپاتى تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، 2011-يىلىغا قەدەر 25 نەپەر نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بۇ مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن يىراق كەلگۈسىگىچە

1999-يىلى مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خوگو سونېنسچېين (Hugo Sonnenschein)      تولۇق كورسنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق دەرسىنى 21 ئاساسىي دەرسلىكتىن 15 دەرسكە ئۆزگەرتتى، بۇ ئىش پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان دىققىتىنى تارتتى.

21 ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، چەكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىنى باشلىدى. 2008-يىلى، داۋىد. ج. بۇز (David G. Booth) چىكاگو سودا ئىنستىتۇتىغا بىر قېتىمدىلا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى، بۇ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى بۈگۈنگە قەدەر ئېرىشكەن ئەڭ كۆپ سوممىدىكى ئىئانە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا، تارىختىن بۇيانقى ھەر قانداق بىر سودا ئىنستىتۇتى ئېرىشكەن ئەڭ كۆپ ياردەم ھېسابلىنىدۇ.

2009-يىلىدىن بۇيان، ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ مەكتەپنى كېڭەيتتى.

مەكتەپنىڭ قۇرۇلمىسى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كورس ئوقۇتۇشى 49 ئاساسىي كەسپىي دەرسلەر ۋە 22 قۇشۇمچە كەسپىي دەرسلەرنىڭ تەبىئىي پەن باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ۋە ئىجتىمائىي پەن باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇش يىلى تۆت يىل، چوڭ جەھەتتىن فىزىكا ئىلمى، بىئولوگىيە ئىلمى، ئىجتىمائىي پەنلەر، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى ۋە يېڭى ئۇنىۋېرسىتېت ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت بەش يۆلىنىشكە بۆلىنىدۇ.

ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتى تۆت ئوقۇتۇش بۆلىمىگە بۆلىنىدۇ:

فىزىكا ئوقۇتۇش بۆلىمى

ئاسترونومىيە ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى فاكۇلتېتى

خىمىيە فاكۇلتېتى

كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتى

يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتى

ماتىماتىكا فاكۇلتېتى

فىزىكا فاكۇلتېتى

ئىستاتىستىكا فاكۇلتېتى

بىئو-فىزىكا دىنامىكا تەتقىقات ئورنى

كومپيۇتېر تەتقىقات ئورنى

ئېنرىكو فېرمىي (Enrico Fermi) تەتقىقات ئورنى

جامېس فرەنك (James Franck) تەتقىقات ئورنى

بىئولوگىيە ئوقۇتۇش بۆلىمى

ئىجتىمائىي پەنلەر ئوقۇتۇش بۆلىمى

جەمئيەت پەن-تېخنىكىسى ئوقۇتۇش بۆلىمى

ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتى

ئىنسانشۇناسلىق سېلىشتۇرما تەتقىقات فاكۇلتېتى

تارىخ فاكۇلتېتى

ئىقتىساد فاكۇلتېتى

سىياسەت ئىلمى فاكۇلتېتى

پىسخىلوگىيە فاكۇلتېتى

جەمئىيەت ئىدىيىسى فاكۇلتېتى

جەمئىيەت ئىلمى فاكۇلتېتى

كەسپىي ئىنستىتۇت

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە كەسپىي ئىنستىتۇت بار:

بۇز سودا ئىنستىتۇتى

قانۇن ئىنستىتۇتى

دىنىي ئىنستىتۇت

خاررىس ئاممىۋىي سىياسەت ئىنستىتۇتى (Harris School of Public Policy Studies)

پرىتزكېر تېببىي ئىنستىتۇتى (Pritzker School of Medicine)

جەمئىيەت مۇلازىمىتى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى (the School of Social Service Administration)

قارمىقىدىكى ئىلمىي ئورگانلار

كۇتۇپخانا سىستېمىسى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىي ئالتە كۇتۇپخانا بار بولۇپ، 7 مىليون 900 مىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان. ساقلانغان كىتابنىڭ سانى بويىچە ئامېرىكىدا 14-ئورۇندا تۇرىدۇ.

نەشرىيات

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتى.

قارمىقىدىكى مەكتەپلەر

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى تەجرىبە مەكتىپىنى ئامېرىكىلىق مائارىپشۇناس جون دېۋېي (John Dewey) 1896-يىلى قۇرغان بولۇپ، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك خۇسۇسىي مەكتەپ، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرىغىچە 12 يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدا تۆت ھۆكۈمەت قۇرغان ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن مەكتەپ مېيىپ بالىلار ئۈچۈن ئېچىلغان خەيدې باغچىسى مەكتىپى (Hyde Park Day School) بار.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن داڭلىق كىشىلەر ۋە شان-شەرەپلىرى

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلگىرى 87 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى چىققان.

ئىككى نەپەر مەكتەپداش ئىلگىرى«uring Award» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 12 نەپەر پروفېسسور دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى (National Medal of Science) غا ئېرىشكەن. ھازىرقى پروفېسسورلىرى ئىچىدە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئاكادېمىيىسى، دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسى ۋە دۆلەتلىك تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى 60 تىن ئاشىدۇ.

ئېنرىكو فېرمىي (Enrico Fermi) ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى 1942-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى كونترول قىلىنىدىغان ئاتوم يادروسى پارچىلىنىشى زەنجىرسىمان رېئاكسىيەسىنى قۇرۇپ، ئۇنى ئاخىرقى چەككە يەتكۈزۈپ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان يادرو پارچىلىنىشى زەنجىرسىمان رېئاكسىيەسىنى ھاسىل قىلدى. بۇ نەتىجە ئاتوم ئېنىرگىيەسى دەۋرىدىكى مۇھىم نامايەندە.

ئالبېرت مىكېلسون (Albert Michelson)-1907-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ھايات جىگەرنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا تاماملانغان.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9643 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-25