ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ قىسقىچە ھاياتى

 

ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ قىسقىچە ھاياتى

 

ھەسەن نەسرۇللاھھەسەن نەسرۇللاھ

ھەسەن نەسرۇللاھ ئابدۇلكەرىم نەسرۇللاھ 1960-يىلى 30-ئاۋغۇستتا لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان سۇر شەھىرىنىڭ بازۇرىييە بازىرىدا دۇنياغا كەلدى. يوقسۇللۇق ۋە مەھرۇملۇق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن مەزكۇر بازاردىكى ئىشسىزلىق ھەم ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى نەسرۇللاھ ئائىلىسىنى بېيرۇت ئەتراپىدا تەسىس قىلىنغان لاگېرغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى. ھەسەن نەسرۇللاھ بالىلىق مەزگىلىدە ئاتىسى ئابدۇلكەرىم نەسرۇللاھقا ياردەملىشىپ مېۋە–چىۋە ۋە ئوتياش ساتتى. نەجاھ مەھەللىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ‹پىل چىشى› تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇزۇن ئۆتمەي لىۋاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە كونا يۇرتى بازۇرىييەگە قايتىپ، سۇر ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىردى. ھەسەن نەسرۇللاھ بازۇرىييەدىكى مەزگىلىدە شىئەلەرنىڭ مۇسا ئەسسەدر تەرىپىدىن قۇرۇلغان قىسقىچە ‹ئەمەل› دەپ ئاتىلىدىغان لىۋان قارشىلىق كۆرسىتىش پولكىغا ئەزا بولدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى كوممۇنىستلار ۋە ماركسىزمچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مەزكۇر بازارغا نىسبەتەن بىر ئاز غەلىتە بىر ئىش بولسىمۇ، ئۇ كېيىنچە ‹ئەمەل› ھەرىكىتىنىڭ ئۆز رايونىدىكى ۋەكىللىكىگە تەيىنلەندى.

ھەسەن نەسرۇللاھ سۇر شەھىرىدە ئىمامۇسسەدر ئىسىملىك بىر جامەدە دىنىي دەرس بېرىدىغان مۇھەممەد ئەلغەرۋىي بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭدىن ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىگە بېرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە شىئەلەرنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان نەجەفكە بېرىپ، داڭلىق شىئە ئۆلىمالىرىدىن دەرس ئالدى. نەسرۇللاھنىڭ يانچۇقىدا بىر سىنتمۇ قالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد باقىر ئەسسەدر بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە تۇتۇندى، شۇ جەرياندا ئۇ ئابباس مۇسەۋىي ئىسىملىك بىر شىئە بىلەن تونۇشتى. نەسرۇللاھنىڭ ئابباس بىلەن تونۇشۇشى ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان كۈچلۈك رىشتە يېقىنقى زامان لىۋان تارىخىدا مۇھىم ئىزلارنى قالدۇردى. ئىككىسى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ‹ئەمەل› ھەرىكىتىدىن مۇستەقىل ھالدا 1982-يىلى لىۋان ‹ئاللاھ پارتىيەسى› نى قۇرۇپ چىقتى.

ھەسەن نەسرۇللاھ مۇھەممەد باقىر ئەسسەدر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سەدر مۇسەۋىدىن نەسرۇللاھقا كۆڭۈل بۆلۈشنى، پۇل–مال ۋە ھەرقانداق جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدىشىنى، شۇنداقلا ئۇنى ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. مۇسەۋىي ھەسەن نەسرۇللاھقا باشقا تالىبلىرى بەش يىلدا ئوقۇيدىغان پۈتۈن دەرسلەرنى دەم ئېلىش كۈنلىرى، ھېيت–بايراملاردىمۇ توختاتماستىن داۋاملاشتۇرۇپ ئىككى يىلدا ئۆگىتىپ بولدى. ھەسەن نەسرۇللاھمۇ بۇ پۇرسەتتىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىپ، دىنىي جەھەتتىكى تەلىم–تەربىيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى 1978-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ جەرياندا ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئومۇمەن ئۆزگىرىشكە باشلىدى؛ ئىراق ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ لىۋانلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى. ئۇلارنىڭ بەزلىرى ‹دەۋەت ھەرىكىتى›، بەزىلىرى ‹ئەمەل ھەرىكىتى› يەنە بەزىلىرى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن كۈچلۈك ئاداۋىتى بولغان سۇرىيەدىكى بەئس ھاكىمىيىتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ سۈر توقاي قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ قاتاردا ساقچىلار شۇ كۈنلەردە لىۋانغا كەتكەن ئابباس مۇسەۋىنىڭ ھەسەن نەسرۇللاھ ئوقۇۋاتقان مەدرەسەسىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مۇسەۋىي لىۋاندىن قايتالمىدى، ھەسەن نەسرۇللاھ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ مەدرەسە سىرتىدا بولغانلىقى ئۈچۈن قۇتۇلۇپ قالدى ۋە دەرھال لىۋانغا قاچتى. لىۋانغا كەلگەندىن كېيىن ھەم تالىپلىق ھەم مۇدەررىسلىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى، شۇنداقلا شۇ مەزگىللەردە ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شىئەلەرنىڭ ‹ئەمەل› ھەرىكىتى سېپىدە قارشىلىق كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. جىسمانىي جەھەتتە كۈچلۈك، سىياسىي ئىشلاردىكى ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى ئۇنى 20 ياشلىرىدىلا مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ رايوندىكى ۋەكىلى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

1982- يىلى ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش پەيدا بولدى؛ شۇ يىلى ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلغاندا، شىئەلەرنىڭ ‹ئەمەل› پارتىيەسى سېپىدە جىددىي بۆلۈنۈش يۈز بەردى. لىۋان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نەبىيھ بەررى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى ‹مىللىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى› گە قېتىلىپ تۇرۇپ كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، مۇسەۋى ۋە نەسرۇللاھ قاتارلىق دىندار، شىئە ئەسلىيەتچىسى ئەزالار بۇ تەكلىپكە قارشى چىقتى. نەتىجىدە دىندار ئېقىم، مۇسا ئەسسەدرنىڭ ‹توغرا يول› ىنى ئىزاھلاشتىكى بەزى خاتالىقلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ تۇرۇپ نەبىيھ بەررى باشچىلىقىدىكى ئېقىمدىن ئايرىلىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئىككىنچى بىر ئامىل بولسا، ئىسرائىلىيەگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بەشىير ئەلجەمىيلنىڭ نەبىيھ بەررىنىڭ سېپىدە بولۇشى ئىدى... شۇنداق قىلىپ، دىندار ئېقىمدىكى مەزكۇر ياشلار لىۋاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆزلىرىگە ئوخشاش پائالىيەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇلارنى بەررىنىڭ ئېقىمىنى تاشلاپ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھىزبۇللاھ (ئاللاھ پارتىيەسى) قا قوشۇلۇشقا چاقىردى.

ھىزبۇللاھ قۇرۇلغان مەزگىلدە ھەسەن نەسرۇللاھ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا يوق ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تېپىش ۋە ھەربىي قاناتلارنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ھەسەن نەسرۇللاھ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ بېيرۇت قانىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن بالداقمۇ بالداق مەنسىپى ئۆسكەن نەسرۇللاھ بېيرۇت قانىتىنىڭ باشلىقى، ئارقىدىن تەشكىلات مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل ئىجرائىيە ئىشلىرى ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەندى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن دىنىي جەھەتتە تەلىم–تەربىيە ئېلىش مەقسىتىدە لىۋاندىن ئايرىلىپ ئىراننىڭ قۇم شەھىرىگە كەتتى. ئەمما، لىۋاندىكى ئۆزگىرىشلەر خۇسۇسەن ھىزبۇللاھ بىلەن ‹ئەمەل› ھەرىكىتى ئارىسىدىكى قوراللىق سۈركىلىش ئۇنى لىۋانغا قايتىشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ لىۋانغا قايتقان چاغدا تەشكىلاتتا ھېچقانداق ھوقۇقى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئورنىغا نەئىم قاسىم تەيىنلىنىپ بولغانىدى. ھەسەن نەسرۇللاھ تاكى ئابباس مۇسەۋى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، نەئىمنى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى قىلىپ، نەسرۇللاھنى ئەسلىدىكى مەنسىپىگە قايتۇرۇپ كەلگۈچە ھېچقانداق ھوقۇققا ئىگە بولالمىدى.

1992-يىلى ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ئابباس مۇسەۋى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تەشكىلات ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەسەن نەسرۇللاھ باش كاتىپلىققا سايلاندى. ئۇ نىڭ يېشى باش كاتىپلىق مەنسىپىنى ئۆتەش ئۆلچىمىگە توشمايتتى، شۇنداقتىمۇ ھىزبۇللاھ سېپىدىكى تەسىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى رەھبەرلىك روھى ئۇنىڭ باش كاتىپلىققا سايلىنىشىدا گەۋدىلىك رول ئوينىدى. ھەسەن نەسرۇللاھ باشچىلىقىدىكى ھىزبۇللاھ سىياسەت سەھنىسىگە كىرىش يولىنى تاللىدى ۋە شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىپ پارلامېنتتا بىر قانچە ئورۇندۇققا ئىگە بولدى. بۇ سان 1996 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قېتىملىق ئومۇمىي سايلامدا بارغانچە ئېشىپ باردى. 97-يىلى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىز تاغ رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ھىزبۇللاھ–ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا ئوغلى ھادى ئۆلدى. بۇ ئىش نەسرۇللاھقا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، 2000-يىلى جەنۇبى لىۋاننىڭ كۆپ قىسمى ئازاد قىلىنىپ بولغۇچە بەل قويۇۋەتمەستىن كۈرەش قىلدى.

2006- يىلىدىكى ئىسرائىلىيە–لىۋان ئۇرۇشىدا مەيلى شىئە ياكى سۈننىي بولسۇن، ئىسلام ئالەمىدە ئالاھىدە قوللاشقا ئېرىشتى. بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ئۇنى قوللاپ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. گەرچە ئېتىقادىي جەھەتتە پەرقلىق يۆنىلىشلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەشلىرى تۈپەيلى بۇتى، ئەلى جۇمئە، ئىبراھىم كەيلانى، فەتھى يەكەن، راشىد ئەلغەننۇشى، ئەلى بىلھاج دېگەندەك سۈننىي ئۆلىمالارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

سۇرىيەدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان ھەسەن نەسرۇللاھ ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى، ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بەششار ئەسەد تۈزۈمىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش بىلەن قالماستىن، ئەسكىرىي جەھەتتىمۇ قوللاپ–قۇۋۋەتلىدى. قول ئاستىدىكى مىلىتانلىرىنى سۇرىيەگە ئەۋەتىپ بەششار ئەسەد سېپىدە ئۆكتىچىلەرگە قارشى جەڭگە سالدى ۋە بۇ پوزىتسىيەسىنى بارغانچە كۈچەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ئەھۋالنىڭ ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ياراتقان ئىجابىي ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھەسەن نەسرۇللاھ ۋە رەپىقىسى فاتىمە ھۇسەيىننىڭ ھادى، مۇھەممەد جەۋۋاد، زەينەپ، مۇھەممەد ئەلى ۋە مۇھەممەد ھادى ئىسىملىك بەش پەرزەنتى بار بولۇپ، مۇھەممەد ھادى نەسرۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي لىۋاننى بېسىۋېلىش ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9944 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-24