شىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

 

شىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

شىركەت ھەققىدە

شىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىشىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ماس ھالدا ئىستېمال ئېڭىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، كىيىم-كېچەكمۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن زامانىۋىيلىقنىڭ، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ۋە سالاھىيەت پەرقىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ بۇ ساھەسىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە تەلىپى ئېشىپ باردى.

 شىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 1998-يىلدىن باشلاپ كىيىم-كېچەك ساھەسىگە قەدەم قويغان بولۇپ، شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ماس كېلىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى بازارغا سالغان. شىركەت قۇرۇلۇپ ئون نەچچە يىللىق تەجىرىبە ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا زامانىۋىيلاشقان يېڭىچە سودا ئەندىزىسىنى قوللانغان، كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئۆز ماركىسىدىكى خانىم-قىزلار كىيىم-كېچەكلىرىنى بازارغا سېلىپلا قالماستىن، شىركەتتە مەخسۇس مىللىيچە لايىھەلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، لايىھەلەش بىلەن سېتىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئارقىلىق بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە نۆۋەتتىكى مىللىي كىيىم-كېچەك ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا-چەكلىك شىركىتى كۈچلۈك ئوتتۇرا يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىك قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ئاياللار كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى مودا ئېقىمنىڭ باشلامچىسى ۋە سېستىمىلاشقان ئىلغار كارخانىلارنىڭ تىپىك ئوبرازى دىيىشكە بولىدۇ.

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە شىركەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆپ زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ لايىھە ئەندىزىسى بويچە خاس ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 ھازىر شىركەت نازارەتچىلىكىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋە شىركەت بىۋاستە ئىشلەپ چىقارغان خانىم-قىزلار كىيىم –كېچەكلىرىنىڭ تۈرى بەش يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.

شىركەت 2014-يىلى 2-ئايدا «بۇ يىلقى مودا سېھراندا» تېمىسىدىكى ئەتىيازلىق ۋە يازلىق كىيىم-كېچەك مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى شۇنداقلا سېھراننىڭ ئىستىمالچىلار نەزىرىدىكى ئوبرازى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.

 «سېھران» دىگەن ئاتالغۇ تىلىمىزغا ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ «ھۇشىيار، زېرەك، پاراسەتلىك، زېھنى ئۆتكۈر»  دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئەجداتلىرىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان بۇ سۆزنى كىشى ئىسىملىرى سۈپىتىدە پەرزەنتلىرىگە قويغان.

بىز بۇ سۆزنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە مەنىسىنىڭ چۇڭقۇرلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئويلاشقان ئاساستا شىركەتنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىپ، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ سېھران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى نامىنى رەسمىي ئەنگە ئالدۇردۇق. نۆۋەتتىكى خىرىس ۋە رىقابەتكە تولغان سودا قاينىمىدا ئۆزىمىزدە يۈكسەك سودا ئېڭى تىكلەپ شىركەتنى ھەقىقىي ئىسمى –جىسمىغا لايىق بىر «سېھران شىركىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن بىرلىكتە توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

ئالاقىلىشىڭ:

شىركەت ئىشخانا نومۇرى: 0991 – 2323397؛  18134881888

شىركەت تور ئادرېسى: www.sehran.com.cn

ئېلخەت:Server@Sihran.com؛Server@Sehran.com.cn

فاكىس: 0991 - 2308617

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايۇنى چىيەنتاڭجىياڭ يولى 508 نومۇر «دېخۇي خەلقئارا سودا سارىيى» 1- بىنا 9 قەۋەت  B9022 – دۇكان.

联系方式:

公司办公室电话:0991 – 2323397؛  18134881888

公司网站:www.sehran.com.cn

电子邮件:Server@Sihran.com؛Server@Sehran.com.cn

传真:0991 - 2308617

地址:乌鲁木齐市沙依巴克区钱塘江路508号德汇国际广场1号楼9B9022




مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3579 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-24