نوكىيا شىركىتى


نوكىيا شىركىتى

نوكىيا شىركىتىنوكىيا شىركىتى

خەنزۇچە: 诺基亚公司

ئىنگلىزچە: Nokia Corporation

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1865-يىلى

قۇرغۇچى: كنۇت فرېدرىك ئىدېستام  (Knut Fredrik Idestam)

لېدىر: رىستو سىئىلاسما (Risto Siilasmaa)

بەش ئىجرائىيە ئەمەلدارى: رىستو سىئىلاسما (Risto Siilasmaa)

باش شتابىنىڭ ئورنى: فىنلاندىيە ئېسپو

تىجارەت دائىرىسى: پۈتۈن يەر شارى

مەھسۇلاتى: BlueRun مەبلەغ فوندى، ئائىلە سۈنئىي ھەمرا سىستېمىسى، قىممەتلىك ئويۇن ئەسلىھەلىرى، قانال قۇبۇللىغۇچ، سىمسىز رەقەملىك ئەسلىھەلەر، سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىلىرى، سىمسىز سىستېما، سىمسىز ئاۋاز ئۈسكىنىلىرى

تىجارەت سوممىسى: 30 مىليارد 176 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

باجنى ئايرىشتىن ئىلگىرىكى پايدىسى: -2 مىليارد 303 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

ساپ پايدىسى: -3 مىليارد 106 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

ئومۇمىي كاپىتالى: 29 مىليون 949 مىليارد ياۋرو (2012-يىلى)

كاپىتالىنىڭ ساپ قىممىتى: 8 مىليارد 61 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى: 97 مىڭ 798 ياۋرو (2012-يىلى)

تور بەت ئادرېسى:      Nokia.com

نوكىيا شىركىتى باش شتابى فىنلاندىيە ئېسپوغا جايلاشقان، ئاساسلىقى كۆچمە خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت ھالقىغان شىركەت، 1865-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى چاغدا قەغەز ياساشنى ئاساس قىلاتتى، كېيىن رېزىنكە ئاياغ، بالون، كابېل قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى، ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتكە ئايلاندى. نوكىيا ئىلگىرى يانفون بازىرىدىكى باشلامچى شىركەت ئىدى، 2000-يىلىدىكى شانلىق مەزگىلدە بازاردىكى قىممىتى 250 مىلياردقا يېقىنلاشقان بولۇپ، بازاردىكى قىممىتى McDonald's ۋە كوكا كولا (Coca-Cola) دىن كېيىنكى ئورۇندىلا تۇراتتى، 1996-يىلىدىن باشلاپ نوكىيا ئۇدا 14 يىلى بازادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىدى. ئالما شىركىتى 2007-يىلى چىقارغان iPhone ۋە Android قوللانغان ئەقلىي يانفوننىڭ ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نوكىيانىڭ ئاستا ئىسلاھات قەدىمىنىڭ تەسىرى بىلەن، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندىكى يانفون سېتىلىش مىقدارى 2011-يىلى 2-پەسىلدە ئالما ۋە سامسۇڭ تەرىپىدىن نەچچە قاتلىۋېتىلدى. 2012-يىلى 2-ئايدا نوكىيا كۆپ يىللاردىن بۇيان سېتىپ كېلىۋاتقان Symbian سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىپ مەبلەغنى مىكروسوفتنىڭ Windows Phone سىستېمىسىغا سالدى. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا، نوكىيا 5 مىليارد 440 مىليون ياۋرو يانفون تىجارىتىنى مىكروسوفتقا سېتىپ بېرىپ، پەقەت تور ئەسلىھەلىرى ۋە پاتنېتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، نوكىيا يەر شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا ئۈچ نۇسخىدىكى Android يانفونى Nokia X، Nokia X+ ۋە Nokia XL نى ئېلان قىلدى.

قەغەز بوتقىسى

ئەڭ دەسلەپكى نوكىيا شىركىتى (Nokia Ab) فىنلاندىيەلىك ئىنژېنېر كنۇت فرېدرىك ئىدېستام (Knut Fredrik Idestam) تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئەينى چاغدا ئاساسلىق قەغەز بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەغەز ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى. 1967-يىلى نوكىيا شىركىتى (Nokia Ab) فىنلاندىيە كاۋچۇك زاۋۇتى ۋە فىنلاندىيە كابېل زاۋۇتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان نوكىيا شىركىتى (Nokia Corporation) نى قۇردى.

كاۋچۇك، سىمسىز تېلېفون

ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى Silicon Alley Insider (SAI) نىڭ 2011-يىلى 8-ئايدىكى بىر پارچە ماقالىسىدە ئاشكارىلىشىچە، نوكىيا 1865-يىلى قۇرۇلغان چاغدا ئاساسلىق قەغەز ياساش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1989-يىلى بۇ شىركەت يەنە يۆلىنىشىنى كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتكەن. نوكىيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋار ماركىسى بېلىق شەكلىدىكى نەقىش. نوكىيا ئېلېكترون كەسپى بۆلىمى فىنلاندىيە كابېل زاۋۇتى 1912-يىلى قۇرۇلغان. نوكىيا 1979-يىلى فىنلاندىيە تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى Salora بىلەن ھەمكارلىشىپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى سىمسىز تېلېفوننى تەتقىق قىلىپ چىقاردى.

روناق تېپىش

نوكىيا شىركىتى 1865-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كىشىلەر نوكىيا نامى بىلەن ئەينى چاغدىكى گۈللەپ راۋاجلانغان پۈتۈن سانائەت كەسپىنى ئاتايدىغان بولدى. شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت سىستېمىسى ۋە خوجايىنلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1937-يىلى قۇرۇلغان Pohjois-Pirkkala بازىرى بىر يىلدىن كېيىن ئىسمىنى نوكىيا بازىرىغا ئۆزگەرتتى. 1977-يىلى، نوكىيا بازىرى نوكىيا شەھىرىگە ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈندە نوكىيا شىركىتى كۆچمە خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇ كۆچمە تېلېفون مەھسۇلاتلىرى، مېدىيە، كۆڭۈل ئېچىش، ئالاقە تورى ۋە كارخانا دەرىجىسىدىكى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2005-يىلى نوكىيا شىركىتىنىڭ يىللىق يانفون سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 264 مىليون بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى موتورولا (Motorola) شىركىتىنىڭ 1.8 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان، پۈتۈن يەر شارى بازىرىنىڭ %32.1 نى ئىگەللىگەن. نوكىيا شىركىتىنىڭ 2005-يىلىدىكى سېتىش مىقدارى 34 مىليارد 190 مىليون ياۋرو، پايدىسى 4 مىليارد 640 مىليون ياۋرو بولغان. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، شىركەت يەر شارىدىكى 8 دۆلەتنىڭ 14 زاۋۇتىنى ئىگەللىگەن ھەمدە 11 دۆلەتتە تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلغان، ئىشلەتكەن خادىملىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 58 مىڭ 800 گە يەتكەن.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى نوكىيا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نوكىيا Windows Phone نى ئەقلىي يانفوننىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىسى قىلغان.

تىركىشىش

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2013-يىلىدىن ئىلگىرى يەنە 10 مىڭ خادىمنى قىسقارتىش ھەمدە فىنلاندىيە، گېرمانىيە ۋە كانادادىكى زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، بىر مىليارد 600 مىليون ياۋرو چىقىمنى ئازايتىپ، قەددىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى پىلانلىدى.

2012-يىلى 3-پەسىلدە، سامسۇڭ گورۇھى نوكىيانىڭ رۇسىيەدىكى 40 مەخسۇس سېتىش گۇرۇھىنى سېتىۋالدى.

2012-يىلى 12-ئايدا نوكىيا 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا فىنلاندىيە ئېسپودىكى باش شتاب بىناسى Nokia House نى سېتىپ، بىنانى ئۇزۇن مەزگىل ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتتى.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، نوكىيا بىر مىليارد 600 مىليون ياۋروغا، گېرمانىيە Siemens شىركىتىنىڭ %50 پايچېكىنى سېتىۋالدى.

بۇرۇلۇش

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، مىكروسوفت 5 مىليارد 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا نوكىيا يانفونىنى ياساش، ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپى، Lumia ۋە Asha ماركىسىنى سېتىۋالدى. نوكىيا يەنىلا تور ۋە مۇلازىمەت كەسپى، HERE خەرىتە نوكىيا ماركىسى ۋە ئىقتىدار تېلېفونىنى ساقلاپ قالدى. بۇ سودىنى 2014-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، نوكىيا پايچېكى ۋە نازارەت بۆلىمىنىڭ تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر.

 مەشغۇلات سىستېمىسى

نوكىيا ئىشلەپچىقارغان ئەقلىي يانفونغا دەسلىپىدە Symbian سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقان. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر يۈرۈش Windows Phone سىستېمىسى سەپلەنگەن يانفونلارنى چىقاردى. بىراق Windows Phone نىڭ بازاردىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، قارمىقىدىكى Lumia 900 نىڭ ياۋروپا-ئامېرىكا بازارلىرىدىكى سېتىلىشى ياخشى بولسىمۇ، ناچار ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمىدى.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9115 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-23