ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە تائام كۈلتۈرى ۋە قائىدە يوسۇنلار

 

ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە تائام كۈلتۈرى ۋە قائىدە يوسۇنلار

 

ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە تائام كۈلتۈرى ۋە قائىدە يوسۇنلارئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغىچە تائام كۈلتۈرى ۋە قائىدە يوسۇنلار

مىللەتلەرنىڭ تائام كۈلتۈرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، ماكان، كىلىمات، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى، يېزا-ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقلىرى سەۋەبىدىن تائاملىرىدا بۇغداي ۋە بۇغداي ئۇنى بىلەن قىلىنغان خېمىرلىق تائاملارنىڭ تۈرلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان زىرائەت تۈرى بۇغداي بولۇپ، ئادەتتە ئۇنڭغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. تۈرك تائام كۈلتۈرىدە بۇغداي ئۇنى نان ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. نان تۈرك خەلقىنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال ئادىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، داستىرخانلاردا چوقۇم ئورۇن ئالىدۇ. نان خەلق ئارىسىدا قىممەتلىك نەرسە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقتىن ناۋادا بىر پارچە نان چۈشۈپ كەتسە دەرھال يەردىن ئېلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئەخلەتكە تاشلىۋېتىلمەيدۇ. ھايۋانلارنىڭ يىيىشى ئۈچۈن ئېگىزرەك يەرگە قويۇلىدۇ. دانلىق زىرائەتلەرمۇ تۈرك تائاملىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇچاق ۋە نوقۇت قاتارلىقلاردىن ئېتىلگەن تائاملار ۋە بۇلغۇر پولۇسى قاتارلىقلار تۈرك تائاملىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. شورپىلار كەڭ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئانادولۇدا تارخانا شورپىسى، قېتىق شورپىسى، ئۇن شورپىسى، ماش شورپىسى كەڭ ئىستېمال قىلىنىدۇ. قەدىمىي تۈركلەرنىڭ تائاملىرى ئارىسىدا قوي، ئۆچكە، كالا گۆشلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركلەرنىڭ داستىرخانلىرىدا سۈت، سېرىق ماي، ئىرىمچىك، قېتىق، دوغاپ قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە تاتلىق-تۈرمىلەر كەم بولمايدۇ. كۈنىمىزدە تۈركلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆچمەن كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئانادولۇ جۇغراپىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جۇغراپىيەلىك شارائىتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى تائام كۈلتۈرىنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشىغا سەۋەب بولغان. مەسىلەن، ئەگە، ئاق دېڭىز رايونلىرىدا زەيتۇن يېغى ۋە كۆكتات تۈرلىرى كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان بولسا، شەرقىي ئانادولۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدا دورا-دەرمەك ئارىلاشتۇرۇلغان گۆش ۋە دانلىق زىرائەتلەردىن قىلىنغان تائاملار كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى پىروگراممىمىزدىمۇ قەيت قىلىنغىنىمىزدەك ئوتتۇرا ئاسىيادا كوللىكتىپ تاماق زىياپىتى ئەنئەنىسى ئانادولۇدا ئىزچىل ياشىنىتىلىپ كېلىندى. تۈرك كۈلتۈرىدە ياخشى ئىشلار مەيدانغا كەلگىنىدە يېقىن ئالاقە ئىچىدىكى كىشىلەر ئۆز-ئارا يىغىلىپ، بۇ ئەھۋالنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تاماق زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ ئاۋامنى غىزالاندۇرىدۇ. ئانادولۇدا تۇغۇت، سۈننەت تويى ۋە توي مۇراسىملىرى قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دەۋىرنى تەشكىل قىلىدىغان ئالاھىدە كۈنلەرگە ئىشتىراك قىلغان مېھمانلارغا تاماق ئىززەت-ئىكرام قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «بىر قوي بىلەن بولسىمۇ، توي زىياپىتى بەرگىن» دېگەن ئىدى. تويدا مېھمانلارغا تاماق ئىززەت-ئىكرام قىلىش مۇھەممەد ئەلەيھسىسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

كۆكتۈرك ئابدىلىرىدە «ئاش» كەلىمىسى «تائام» كەلىمىسنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئاش كەلىمىسى ھازىرمۇ ئانادولۇدا ئىشلىتىلىدۇ. كوللېكتىپقا بېرىلگەن تائاملارغا «ئاش تۆكۈش» نامى بېرىلىدۇ. كوللېكتىپ تاماق بېرىش «ئەسكەر ئېشى، ھاجى ئېشى، مىيىت ئېشى» دېگەن نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

كوللىكتىپ تاماق بېرىش (زىياپەت)نىڭ مەقسىتى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن بىر داستىرخانىدا ئولتۇرۇش، بىرلىكتە كۆڭۈل-ئېچىش، خوشاللىقلارنى ئورتاقلىشىش ياكى دەرتلىشىشتىن ئىبارەت. بۇ تاماقلارغا پۈتۈن جامائەت كېلىدۇ. بىر شەخس ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنمايدۇ. مەسىلەن نامراتلارنى تەكلىپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇلار بارلىق كوللىكتىپ تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىش ھەققىگە ئىگە. كوللىكتىپ تاماق بېرىش خەلق ئارىسىدا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ. كوللىكتىپ زىياپەتلەردە تائاملار ئۈستەللەردە ئىكرام قىلىنغىندەك، يېزىلاردا كۆپىنچە يەر ئۈستىگە داستىرخان سېلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىلا ئىكرام قىلىنىدۇ. بەزى يەرلەردە قۇرۇلغان بۇ داستىرخانىلاردا مىڭلارچە ئادەمگە تاماق ئىكرام قىلىنىدۇ. بۇ تائاملارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى تەكلىپ قىلىنغلاردىن سىرت، باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ داستىرخانىغا داخىل بولالىشىدۇر. تويدىن ئېشىپ قالغان تائاملار جامائەتكە تارقىتىپ بېرىلىدۇ ياكى نامراتلارغا بېرىلىدۇ. يېزىلاردىكى توي ۋە سۈننەت تويلىرىدا ئىكرام قىلىنغان تائاملار تۈرلىرى ئاساسەن بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ تائاملار يۈز يىللاردىن بۇيان پەقەتلا ئۆزگەرمەي كەلدى. شورپا، گۆش، بۇلغۇر ياكى گۈرۈچتىن قىلىنغان پولۇ ۋە ھالۋىدىن تەشكىل تاپقان تائاملار ئىكرام قىلىنىدۇ. ھالۋا ئۇن ياكى تالقاندىن ئېتىلىدۇ. بەزى رايونلاردىمۇ قېتىق شورپىسى، تۈگمە گۈل شورپىسى، قىمىلىق تۈگمە گۈل، گۆشلۈك پولۇ ۋە شەۋەت قاتارلىقلار توي زىياپىتىدە مېھمانلارغا تارتىلىدۇ. توي زىياپەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تۈرى گۆشلۈك پولۇدۇر.

تويدا خوشاللىقنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قىلىنغان تائاملار ئۆلۈمدىن كېيىنمۇ قايغۇلار ۋە دەرتلەرنى يىنىكلىتىش مەقستىدە قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن مىيىت ئۇزاتقانلارنىڭ قايغۇلىرى سەۋەبلىك تاماق ئېتەلمەيدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، خولۇم-خوشنىلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تاماق ئېلىپ كېلىنىدۇ. بۇ تاماقلار مىيىت چىقارغان ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەزىيەگە كەلگەنلەرگە ئىكرام قىلىنىدۇ. مىيىت ئۇزاتقۇچىنىڭ ئۆيىدە تەزىيە ئاخىرلاشقۇچە تاماق قىلىنمايدۇ. مىيىت دەپنە قىلىنغان كۈن، يەتتىنچى، قىرىقىنجى ۋە ئەللىك ئىككىنچى كۈنلەردە ھالۋا قىلىنىپ ئىكرام قىلىنىدۇ.

ۋاپات بولغۇچى كىشى دەپنە قىلىنىپ قىرىنچى ياكى ئەللىك ئىكىنچى كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنى مۇراسىمدىن كېيىنمۇ تاماق ئىكرام قىلىنىدۇ. تاماق تۈرلىرى تاماق ئىكرام قىلىغۇچىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىدۇ.

ھەربىيلىك، دىنى ۋەزىپىلەردىن بولغان ھەج ئىبادىتىنى ئورۇنداپ ھەجىدىن قايتىپ كېلىش، رامىزان ۋە قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنى بايراملاردا، نورۇز ۋە ھىدىرەللەزگە ئوخشاش باھار بايراملىرىدىمۇ كوللىكتىپ تاماقلار، ئىكراملار ۋە قائىدە-يوسۇنلار ئەسەرلەردىن بۇيان داۋملىشىپ كەلمەكتە.

نورۇز ۋە ھىدرەللەز بايراملىرىدا تاماقلارغا كېتىدىغان ماتېرىياللار يىغىش قىلىنىدۇ. يىغىلغان ماتېرىياللار چوڭ قازانلاردا ئېتىلىپ خەلققە ئىكرام قىلىنىدۇ. بۇ بايراملار بىرلىك، سۆيگۈ، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق قاتارلىقلارنى كۈچەيتىدۇ، كوللىكتىپ تاماق زىياپەتلىرىمۇ خەلق ئارىسىدا ئورتاقلىشىشنى ۋە ياردەملىشىشنى كۈچەيىتىدۇ.

تائاملار بىر مىللەتنىڭ ماكان، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى شارائىتلىرى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان لەززەت ئېڭى نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستا تەييارلىنىدۇ. تائاملارنى ئىكرام قىلىش ئەنئەنىلەرگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ ۋە ئەسىرلەرچە ياشنىلىتىلىدۇ.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9892 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-22