قارا بۆلجۈرگەن يانفونى


قارا بۆلجۈرگەن يانفونى


قارا بۆلجۈرگەن يانفونىقارا بۆلجۈرگەن يانفونى

خەنزۇچە: 黑莓手机

ئىنگلىزچە: BlackBerry

قارا بۆلجۈرگەن يانفونى بولسا كانادا قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ كۆچمە سىمسىز خەۋەرلىشىش ئۈسكىنىسى ۋە سىمسىز مۇلازىمەت ماركىسى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى Push Mail مۇلازىمىتىنى قوللايدۇ ھەم قوشۇمچە كىچىك تىپتىكى مۇكەممەل بولغان QWERTY كونۇپكا تاختىسى بار. Push Mail مۇلازىمىتى ھۆججەت مۇلازىمېتىرىدىكى يېڭى پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزلىكىدىن قارا بۆلجۈرگەن يانفونىغا يوللاپ بېرىدىغان بولۇپ، ئابونىتنىڭ تورغا چىقىپ يېڭى پوچتا يوللانمىسىنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، QWERTY كونۇپكا تاختىسى ئابونىتنىڭ ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق جايدا پوچتا يوللانمىسى تەسىس قىلىشى، ئالاقە تىزىملىكى قوشۇشى، ئىش بېجىرىش تارىخى ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىگە قولايلىق، نۆۋەتتە قارا بۆلجۈرگەن يانفونى ئەڭ قولايلىق بولغان ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ، سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى. بىر قىسىم چوڭ كارخانىلار ئۆز خادىملىرىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قارا بۆلجۈرگەن يانفونى بىلەن تەمىنلىدى.

2002-يىلى كۆچمە تېلېفوننى چىقارغاندىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن يېزىق ئۇچۇرى، تور فاكسى، تور بەت كۆز يۈگۈرتكۈچ ۋە باشقا سىمسىز  ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرى قوشۇلدى. 2008-يىلىدىن باشلاپ چەكمە تىپتىكى تېلېفوننى چىقارغاندىن كېيىن، مەۋھۇم كونۇپكا تاختىسى ئەمەلىي كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. قارا بۆلجۈرگەننىڭ مۇلازىمىتى ئەڭ دەسلەپتىكى ئۆزلىكىدىن ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىشتىن تەرەققىي قىلىپ ئالاقە خاتىرىسى، ئىش بېجىرىش تارىخى، ئېلېكترونلۇق ھۆججەت قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى ھەمدە باشقا ماركىدىكى يانفونلار ۋە شەخسىي رەقەملىك ياردەمچى BlackBerry Connect يۇمشاق دېتالىنى چىقىرىپ، Push Mail مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

تارىخى

1999-يىلى سۆزلەشكىلى بولىدىغان قارا بۆلجۈرگەن يانفونى RIM 6230 دۇنياغا تارقالدى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئىقتىدارى بار، Push Mail ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى مۇلازىمىتىنى قوللايدۇ.

Push Mail نىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپى رېئال ۋاقىتلىق ئالاھىدىلىكى يۇقىرى، ئابونىت پوچتا يوللانمىسىنى قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش تاپشۇرۋالالايدۇ ھەمدە ئۆلچەملىك QWERTY كونۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ. كونۇپكا تاختىسىدىكى كونۇپكىلار بۆلجۈرگەننىڭ ئۇرۇقىغا ناھايىتى ئوخشىغانلىقتىن، «قارا بۆلجۈرگەن» دەپ نام بېرىلگەن. ئامېرىكىدىكى 11 سېنتەبر ۋەقەسىدە، تور قالايمىقان بولغانلىقتىن، قارا بۆلجۈرگەن نەق مايدان ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىكى سودا ساھەسىدىكى شەخسلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكىدا قارا بۆلجۈرگەن قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنىدى. 2004-يىلى RIM شىركىتى بىر مىليونىنچى ئابونىتقا ئىگە بولدى.

قارا بۆلجۈرگەننى ئاساسلىق ئىشلەتكۈچىلەر سودا ساھەسىدىكى ۋە سىياسىي ساھەدىكى كىشىلەر، پرېزىدېنت، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، پارلامېنت ئەزالىرى قاتارلىقلار. 2005-يىلى RIM شىركىتىنىڭ ئەزاسى تۆت مىليونغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 200 مىڭغا يېتىدۇ. «فوربېس (Forbes)» ژۇرنىلى «2005-يىلىدىكى يەر شارى بويىچە ئەڭ تېز ئۆسكەن ماركا» نى تاللىغاندا قارا بۆلجۈرگەن يانفونىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %36 بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %38 بولغان ئالما يانفونىدىن كېيىنكى ئورۇندىلا تۇرغان.

2007-يىلى بىرىنچى نۇسخىدىكى ئالما يانفونى چىققاندىن كېيىن، كۆپلىگەن باھالاردا ئالما يانفونى قارا بۆلجۈرگەننىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارالدى. شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلى قارا بۆلجۈرگەن شىركەتنىڭ تۇنجخ نۇسخىدىكى سېزىمچان ئېكرانلىق يانفونى-BlackBerry Storm نى چىقاردى. BlackBerry Storm-Microsoft Exchange، IBM Lotus Domino،  يەنە SurePress ئېكران تېخنىكىسىنى قوللايدۇ، يەنە Google Maps ۋە BlackBerry Maps دىن ئىبارەت ئىككى خىل خەرىتە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قارا بۆلجۈرگەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئابونىتلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، تەخمىنەن 21 مىليون ئابونىت بولدى، كۆپلىگەن مەبلەخ سېلىشنى باھالىغۇچىلار RIM نىڭ رىقابەت ئىقتىدارىغا قاررىتا گۇمانىي قاراشتا بولدى. 2011-يىلى 4-ئايدا، قارا بۆلجۈرگەن رەسمىي تۈردە BlackBerry PlayBook نى چىقاردى. بىراق بازارنىڭ PlayBook قا بەرگەن باھاسى كۆپ بولۇپ، RIM باھانى تۆۋەنلىتىپ سېتىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ سەۋەبلىك 485 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، قارا بۆلجۈرگەن BlackBerry 10 نى چىقاردى.

CPU

دەسلەپكى قارا بۆلجۈرگەن يانفونلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە Intel 80386 بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. ئەڭ يېڭى 9000 يۈرۈشلىكىدىكى قارا بۆلجۈرگەن يانفونىغا ئىنتېل XScale 624MHz CPU سەپلەنگەن بولۇپ، قارا بۆلجۈرگەن يانفونىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەن. ئىلگىرىكى 8000 يۈرۈشلۈكىدىكى قارا بۆلجۈرگەن يانفونى، مەسىلەن، 8700 ۋە Pearl نىڭ ھەممسىگە ARM XScale  ARMv5TE   PXA900 312MHz  CPU ئىشلىتىلگەن. قارا بۆلجۈرگەن 8707 غا Qualcomm 3250 80MHz ئۈزەك گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن، بۇ ARMv5TE ARM نىڭXScale PXA900 ئۈزەك گۇرۇپپىسىنىڭ G3 تورىنى قوللىمايدىغانلىقىدىن سەۋەبىدىن ئىدى. شۇڭا قارا بۆلجۈرگەن 8707 G3 تورىنى قوللىسىمۇ، بىر قەدەر ناچار بولغان ئۈزەك گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ئەمەلىيەتتە سۈرئىتى ئاستىراق بولغان EDGE تورى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. 2011-يىلى، بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدىكى قارا بۆلجۈرگەن يانفونى مەسىلەن، Bold 9900/99301.2GHz SnapDragon بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.

تور ئۈزۈلۈش

تور ئامىلى سەۋەبىدىن، بارلىق يانفونلاردا ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىشكە بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بىراق ئادەتتىكى يانفونلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى BIS (BlackBerry Internet Service) ياكى BES (BlackBerry Enteprise Server) مۇلازىمېتىرى بىلەن ئۇلانمىغانلىرى ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ بىر خىل مۇلازىمېتىردىكى قارا بۆلجۈرگەن ئەقلىي يانفونى، ئىنتېرنېتنى ئىشلىتەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، تورنى دەرھال نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۈچىنچى تەرپ ئەپنىڭ ئىنتېرنېتنى زىيارەت قىلىشىنى توسۇش كېرەك.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 10 blackberry تارقىتىلغاندىن كېيىن، BIS ھەقسىز قىلىنىپ، تور ئۈزۈلۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

چەكلەش

ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ئاخبارات باشقۇرۇش ئىدارىسى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ قارا بۆلجۈرگەن يانفونىنىڭ ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى، تور كۆز يۈرگۈتكۈچ ۋە قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى توختاتتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قارا بۆلجۈرگەن ئەقلىي يانفونى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن، چۈنكى ئابونىتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى دۆلەت سىرتىدا ساقلىنىدۇ. ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى چوقۇم بىخەتەرلىك مېخانىزىمىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئىستىمالچىلارنى قوللىشى كېرەك، بىراق ئۇ جاينىڭ قانۇنى چەت دۆلەتلەردە ساقلانغان ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشلىمەيدىكەن.

مەنبە: ۋېكىپېدىيەىدن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 9447 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-22