مەھتۇمقۇلۇ فىراقى


مەھتۇمقۇلۇ فىراقى


مەھتۇمقۇلۇ فىراقىمەھتۇمقۇلۇ فىراقى

خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى (تۈركسوي) 2014–يىلىنى تۈركمەن شېئىرىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركمەن شېئىرىيىتىنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدىغان مەھتۇمقۇلۇ فىراقىغا بېغىشلاپ، «مەھتۇمقۇلۇ فىراقى يىلى» دەپ ئېلان قىلدى. شېئىرلىرىدا فىراقى تەخەللۇسىنى قوللانغان شائىر، پەقەت شېئىرلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان تۈركمەن تۈركچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئوينىغان مۇھىم رولى بىلەنمۇ تۈرك دۇنياسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.

ئوتتۇرا ئاسىيادا 17–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئاكتىپ رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان شەرق تۈركچىسى، ئورنىنى ئاستا–ئاستا مەھەللىۋى تۈركچىلەرگە بوشىتىشقا باشلىغان دەۋردە، مەھتۇمقۇلۇ فىراقى تۈركمەن تۈركچىسى بىلەن يازغان بىر–بىرىدىن گۈزەل شېئىرلىرى بىلەن باي تۈركمەن ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى. ئۇ شېئىرى جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى دادىسىدىن، شېئىرلىرىنىڭ خام ماتېرىيالىنى تۈركمەن خەلقىدىن ئالغان ئىدى. دادىسى «دۆلەت مۇھەممەد ئازادى» مۇ داڭلىق شائىر ئىدى. ئەمما، ئوغلى مەھتۇمقۇلۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەسەرلەرنىڭ تۈركمەن شېئىرىيىتىدىكى ئورنى باشقىچە ئورۇنغا ئىگە.

مەھتۇمقۇلۇ 1733–يىلى بۈگۈنكى ئىران تېررىتورىيەسىدە تۈركمەنلەر ياشايدىغان ئەترەك دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان ھاجىگوۋشان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەترەك، گۈرگەن ئەتراپىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ نەسەبى تۈركمەنلەرنىڭ گۆكلەن قەبىلىسىنىڭ گەركەز تائىپىسىگە مەنسۇپ.

مەھتۇمقۇلۇنىڭ يېتىشىشىگە دادىسىنىڭ كۆپ ئەجرى سىڭگەن. دادىسى دۆلەت مۇھەممەد ئازادى (1700–1760) ئەينى دەۋردىكى مەشھۇر شائىر بولۇپ، تۈركچىنىڭ ئوخشىمىغان لەھچىلىرى ۋە ئەدەبىي تىلىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان، شۇنداقلا ئەرەبچە، پارسچىدىن خەۋىرى بار مۇتەسەۋۋۇپ ئالىم ئىدى.

مەھتۇمقۇلۇ باشلانغۇچ ساۋادىنى دادىسىدىن ۋە يېزىدىكى نىياز سالىھ ئىسىملىك خوجىدىن ئالغاندىن كېيىن، خالاچتىكى ئىدرىس بابا مەدرىسەسىدە تەلىم ئالغان. كېيىنچە بۇخارادىكى كۆكەلدەش مەدرىسەسىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان مەھتۇمقۇلۇ، ئۈچ يىل خىۋەدىكى شىرگازىخان مەدرىسەسىدە ئوقۇغان.

مەھتۇمقۇلۇ ياش ۋاقتىدىلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىلھام مەنبەسى بولغان. ئۇ شېئىرلىرىدا ۋەتەن سۆيگۈسى، قېرىنداشلىق، تۈركمەنلەرنىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىك، ئاشىق ۋە تەسەۋۋۇپ قاتارلىق تېمىلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتقان. ئۇ چۈشەنچىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەجرىبىلىرىنى موللاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىستاننىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە، ئافغانىستاندىن ھىندىستانغىچە بولغان جايلارنى ساياھەت قىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان تۈرك شائىرلىرى، ئالىملىرى ھەمدە ئەھمەت يەسەۋىنىڭ پەلسەپە چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ نەۋايى، فۇزۇلى، نىزامى ۋە نەسىمى قاتارلىق ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بىلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

مەھتۇمقۇلۇ فىراقى شېئىرلىرىنى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك يازغان. ئۇنىڭ خەلق تىلىدىن ئىلھام ئېلىپ يازغان شېئىرلىرى، خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن–ئېغىزغا كۆچۈپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا شەرق تۈركچىسى (چاغاتاي) ئەدەبىي تىلىنىڭ تەسىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

مەھتۇمقۇلۇنىڭ شېئىرلىرىدا تۈركمەنلەردىكى ئەخلاق قارىشى، سەۋر، شۈكرىچانلىق، تەۋەككۇلچىلىق، مەرتلىك، دۇرۇستلۇق قاتارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى، قەتئىي ۋە ئىرادىلىك بولۇش كېرەكلىكىنى، قايغۇ ۋە قورقۇش بىلەن ئىشنىڭ پۈتمەيدىغانلىقى قارىشىنى كۆرەلەيمىز. مەھتۇمقۇلۇ نىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل، ئۇ ياشىغان دەۋردىكى خەلقنىڭ تىلىدۇر.

مەھتۇمقۇلۇنىڭ ئەدەبىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسەۋۋۇپ ئېقىمى چوڭقۇر تەسىرى كۆرسەتكەن. ئۇ ئەھمەت يەسەۋىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئانالىز ۋە مېتودلارنى شەكىللەندۈرۈپ، سۇفىستىك يولنى داۋاملاشتۇرغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇھىم ئەدەبىي–مەنىۋى بايلىقلارنى كۈنىمىزگە مىراس قالدۇرغان.

مەھتۇمقۇلۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى خەلق تىلىدا كىلاسسىك ئەدەبىيات ھوسۇلىنى بېرەلىگەن بولۇشىدۇر. ئۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن خەلق ئەدەبىياتىنى بىرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ماقال–تەمسىللەر، خەلق قوشاقلىرى ھەمدە كىلاسسىك ئەدەبىيات ئۇسلۇبلىرى ئورۇن ئالغان.

ئۇ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەتلەرگە سادىق بولغان ھالدا ئىنسانىيەت ئەڭ كۆپ ئېھتىياج ھېس قىلىدىغان كەڭ–قورساقلىق ۋە مەرھەمەتلىك بولۇشنى ئەدەبىي كىشىلىكىگە سىڭدۈرگەن. دىندار، سەۋرچان، مەرت ۋە توغرا دەپ قارىغىنىنى قورقماستىن ئوتتۇرىغا قويغان مەھتۇمقۇلۇ فىراقىنىڭ شېئىرى دۇنياسى، بىزگە ئەينى دەۋرنىڭ مەدەنىيەت توقۇلمىسىنى، سەنئەت ۋە ئەخلاقىي قاراشلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەھتۇمقۇلۇ ئۆز چۈشەنچىلىرىنى قىسقا ۋە ئىخچام بايان قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇشتا بولۇش، تەسىرچان ۋە سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك قىلىش ئۈچۈن ماقال – تەمسىللەرنى كۆپ قوللانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ماقال–تەمسىللەر پات–پاتلا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ شائىر يېتىشكەن مەدەنىيەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. سۆزگە باي بولغان يېزىلاردا ماقال – تەمسىللەر ئەھمىيەتلىك بولۇپ، كەڭ ئىشلىتىش ساھەسىگە ئىگە بولالايدۇ. ھەر بىر ماقال–تەمسىل چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلەر بىلەن ئېيتىلىدۇ. مەھتۇمقۇلۇ ماقال–تەمسىللەردىن پايدىلانغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئېيتىلىش شەكلىگە سادىق بولغان. بەزى ۋاقىتلاردا سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى ئورنىنى قاپىيە ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئالماشتۇرغان. ئۇ شېئىرلىرىدا ماقال–تەمسىللەردىن پاىدىلانغىنىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ بەزى شېئىرى مىسرالىرى تۈركمەن خەلقىنىڭ ئېغىزىدا ماقال–تەمسىلگە ئايلىنىپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

پايدىلىنىلغان مەنبەلەر: ئارتۇن ئەرمان، شائىر مەھتۇمقۇلۇنىڭ شېئىرلىرىدا سەنئەت، ئېستېتىك ۋە ئۇسلۇب http://turkoloji.cu.edu.tr كۆرئوغلى م. فۇئات، 1989، ئەدەبىيات تەتقىقاتلىرى 1، ئەنقەرە

بىراي ھىممەت، 1992، مەھتۇمقۇلۇ دىۋانى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى نەشىرىياتى، ئەنقەرە

مەنبە: TRT

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 8982 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-19