ئەمىر تىمۇر

 

ئەمىر تىمۇر

ئەمىر تىمۇرئەمىر تىمۇر

دۇنيا تارىخىنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتكەن، سىياسىي ۋە ھەربىي قابىلىيىتى بىلەن تونۇلغان تىمۇرىيلەر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.

دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمدارلار ۋە ئىستىلاچىلار ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئەمىر تىمۇر، 1336–يىلى 9–ئاپرېل تۈركىستاننىڭ كەش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى ئەمىر تۇراگاي بارلاس قەبىلىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئانىسى تىكىن خاتۇن ئىدى. تىمۇر ئۇ دەۋردىكى ئەڭ ئىلغار بىلىملەرنى، شۇنداقلا ئۇرۇش ۋە قوماندانلىق بىلىملىرىنى دادىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ياخشى ئۆگەنگەن. تىمۇر دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئەمىرلەر ئارىسىدا ئىختىلاپلار يۈز بەرگەندە سىياسەتكە ئارىلىشىشقا باشلىغان. ئۇ 1370–يىلى ئۆزى بىلەن ئارىسىغا زىددىيەت چۈشكەن ماۋرائۇننەھىر ھاكىمى ئەمىر ھۈسەيىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ماۋرائۇننەھىرنىڭ ھاكىمى بولغان ۋە سەمەرقەندتە تەختكە چىققان. بۇ ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ باشلانغۇچى ئىدى. چۈنكى تىمۇر ئارقا–ئارقىدىن ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشلەر ئارقىلىق خارەزم، دەشتى قىپچاق، ئىران، ئىراق، ھىندىستان، ئەزەربەيجان ۋە سۇرىيەنى قولغا كىرگۈزىدۇ. 1389–يىلى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىدۇ. ئالتۇن ئوردا ھۆكۈمدارى توقتامىش، ئەمىر تىمۇرغا ئاسىيلىق قىلغاندا، ئۇنى ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئېتىل دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى جايلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جايلارغا قوشىدۇ. ئۇ سۇرىيەنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، 1402–يىلى «ئەنقەرە ئۇرۇشى» نى قوزغايدۇ ۋە يىلدىرىم بەيازىدنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىن ھىندىستانغا، خۇراساندىن ئانادولۇغىچە كېڭەيگەن پايانسىز زېمىننىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ.

يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئوڭ پۇتى يارىلانغان ۋە شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئاقساق بولۇپ قالغان ئەمىر تىمۇر، دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن «تىمۇرلەڭ»، يەنى «ئاقساق تىمۇر» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇ لەقەم بىلەن مەشھۇر بولىدۇ. ئۇ يەنە ماۋھائۇننەھىر ھاكىمى ئەمىر ھۈسەيىننىڭ سىڭلىسى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن «كۇيئوغۇل» دېگەن مەنىگە ئىگە «كوراگان» لەقىمى بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.

بارلىق ئۇرۇشلاردا يۇقىرى ئىقتىدارىغا تايىنىپ غەلىبە قىلغان ئەمىر تىمۇر، ئانادولۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن، 1405–يىلى 18–ئاپرېل جۇڭگوغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. جەسىتى سەمەرقەندتە ئۆزى تەييارلاتقۇزغان قەبرىگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئەمىر تىمۇرنىڭ قەبرىسى، تۈرك–ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ كۆركەم ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمىر تىمۇر ئانا تىلى بولغان تۈركچىدىن باشقا، موڭغۇلچە، ئەرەبچە ۋە پارسچىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنى بىلەن قەدىمقى تۈرك ئېتىقاد مەدەنىيەتلىرى ئىچىدە ياشىسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىغا بولغان ئىخلاسى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ئەزەربەيجاندا ئۆگەنگەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئادەتتە، ئىشغال قىلىنغان زېمىنلارنىڭ ئاھالىسى تەرىپىدىن «قان تۆككۈچى» دەپ قارىلىپ، ئەينى دەۋردىكى تارىخچىلارمۇ ئوخشاش شەكىلدە كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، ئەمىر تىمۇرنىڭ ھاياتى ۋە قىلغان ئىش–ئىزلىرى ئۇنىڭ بىلىمگە، مەدەنىيەتكە ۋە سەنئەتكە يۇقىرى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرستىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بارغان ھەممە جايدا بىلىملىك كىشىلەرنى ۋە سەنئەتچىلەرنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن سوئال سورىشى، بەزىدە ئۇلار بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشى، ئەمىر تىمۇرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى ئىدى.

ئەمىر تىمۇر سەمەرقەندنىڭ سەلتەنىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىملار، سەنئەتچىلەر، شائىرلار، دىنىي ئۆلىمالارنى سەمەرقەندكە جەلپ قىلىشقا تىرىشقان، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا مەجبۇرىي ئېلىپ كەلگەن.

كۈنىمىزدە ئوتتۇرا ئاسىيا، خۇراسان، ئىران، ھىندىستان ۋە باشقا جايلاردا تىمۇر دەۋرىگە ئائىت يۈزلەرچە ناھايىتى كاتتا تارىخىي يادىكارلىقلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

تارىخچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تىمۇرنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرى بىر–بىرىگە يېقىن. قەدىمقى دەۋرلەرگە ئائىت ئەرەبچە مەنبەلەردە تىمۇرنىڭ ئېگىز بويلۇق، بەدىنىنىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك، دولىسىنىڭ كەڭرى، بېشىنىڭ چوڭ ۋە كەڭ پىشانىلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ قول–پۇتلىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ، ئۇزۇن ۋە قېلىن ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، 1941–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانشۇناس ئالىمى مىخائىل گېراسىموۋ ئەمىر تىمۇرنىڭ قەبرىسىنى ئاچقۇزۇپ، گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار بىلەن قىلغان سۆڭەك تەجرىبىسىدە، ئۇنىڭ بويىنىڭ 1.73 مېتىر، كەڭ يەلكىلىك ۋە مەڭزى سۆڭىكىنىڭ ئېگىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەمىر تىمۇر تارىختا ئەڭ كۆپ ئىز قالدۇرغان شەخسلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بىر قانچە ئەسىر بولغان بولسىمۇ، ھەر خىل تېمىلار بويىچە تەتقىق قىلىنغان، قىلغان ئىشلىرى ۋە ئارزۇرلىرى ھەققىدە ئانالىزلار قىلىنغان كىشى سۈپىتىدە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشكە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەلۋەتتە، ئەمىر تىمۇر نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇشلارنى يىقىتىپ، كۆپلىگەن شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغان. ئەمما، ئۇ سالدۇرغان رەسەتخانىلار، مەدرىسەلەر، بىلىم ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى رولىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 521 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-17