Facebook شىركىتى


Facebook شىركىتى

Facebook Facebook

تور ئادرېسى: Facebook.com

تور بەتنىڭ تۈرى: ئىجتىمائىي ئالاقە تور مۇلازىمىتى

تىلى: 77 خىل

قۇرغۇچىسى: مارك ئېللىئوت زاكېربېرگ (Mark Elliot Zuckerberg)، كرىس خۇئېس (Chris Hughes)، ئېدۇئاردو ساۋېرىن (Eduardo Saverin)

كىرىمى: 3 مىليارد 710 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (2011-يىلى)

باش شتابىنىڭ ئورنى: ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتى مېنلو باغچىسى (Menlo Park)

Facebook شىركىتى

ئىجتىمائىي ئالاقە تور مۇلازىمىتى تور بېكىتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلىگەن رەسىم ۋە ئالاقە سانلىق قىممەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە خاتىرىسى «Facebook» دىن كەلگەن.

خەتلىك ئۇچۇردىن باشقا، ئابونىتلار رەسىم، ۋىدىئو ۋە ئاۋازلىق مېدىيە ئۇچۇرلىرىنى باشقا ئابونىتلارغا يوللىيالايدۇ، شۇنداقلا توپلاشقان خەرىتە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئابونىت تۇرغان ئورۇننى ھەمبەھىرلىيەلەيدۇ.

Facebook شىركىتىنى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مارك زاكېربېرگ ۋە ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتاقدىشى بىرلىكتە قۇرغان. Facebook نىڭ ئەزالىرى ئەڭ دەسلەپتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلەنگەن، كېيىن ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ بوستون رايونىدىكى بىر قىىسم تەرەققىي قىلىۋاتقان مەكتەپلەر ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى باشقا ساۋاقداشلارمۇ ئىشلىتەلىگەن. كېيىن بارا-بارا باشقا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوشۇلىشىنىمۇ قوللىغان ھەمدە كېيىن 13 ياش ۋە 13 ياشتىن يۇقىرى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىشلىتىشىگە ئېچىۋېتىلگەن.  ھازىر Facebook شىركىتى 13 ياشقا توشقان ھەرقانداق ئابونىتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا يول قويىدۇ.

ئابونىت پەقەت تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن Facebook نى ئىشلىتەلەيدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن ئۇلار شەخسىي ھۆججەت قۇرۇپ، باشقا ئابونىتلارنى قوشۇۋالالايدۇ، ئۇچۇر يوللىيالايدۇ ھەمدە باشقا ئابونىتلار شەخسىي ھۆججىتىنى يېڭىلىغان چاغدا ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئابونىت قىزىقىشى ئوخشاش بولغان توپلارغا قوشۇلالايدۇ، بۇ توپلار خىزمەت ئورنى، مەكتىپى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بۆلۈنگەن. ئابونىت يەنە دوستلىرىنى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرالايدۇ، مەسىلەن، «خىزمەتداش» ياكى «دوستلار» دېگەندەك. 2012-يىلى 9-ئايغىچە Facebook شىركىتى نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئون نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. 2012-يىلىغا قەدەر Facebook ھەر يىلى 180 بايت سانلىق مەلۇمات يوللىغان ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە 0.5 بايت سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن.

Facebook شىركىتى نىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكېربېرگ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق CEO لارنىڭ بىرى.

تەرەققىيات تارىخى

قۇرۇلغان مەزگىللىرى (2003-يىلى~2004-يىلى)

زاكېربېرگ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋېرلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى «Facemash» ناملىق تور بېكەت پروگراممىسىنى تۈزگەن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ گېزىتى «The Harvard Crimson» گە ئاساسەن، «Facemash» مەكتەپنىڭ تور بېكىتىدىن رەسىم يىغىپ، ھەر ئىككى پارچە رەسىمنى بىرىكتۈرۈپ ئابونىتلارغا «قىزىق نۇقتا» دىكى رەسىمنى تاللاتقۇزدى.

بۇ ئىقتىدارنى تۈزۈش ئۈچۈن، زاكېربېرگ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ياتاق كارتىسىدىكى رەسىمىنى كۆچۈرۈپ چىقتى. ئەينى چاغدا خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىلار «Facebook» ى يوق ئىدى، بىراق ھەر بىر ئىنىستىتۇتنىڭ 1980-يىللىرىدىكى تەمىنلىگەن رەسىمى قەغەز رەسىم خاتىرىسى ئىدى. تورغا چىقىپ 4 سائەت ئىچىدە «Facemash»  تور بېكىتى 450 زىيارەتچىنى جەلپ قىلدى. بارلىق رەسىملەر جەمئىي 22 مىڭ قېتىم كۆرۈلدى.

«Facemash» ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن مەكتەپ توپلىرىنىڭ مۇلازىمېتىرلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى، بىراق نەچچە كۈنلەردىن كېيىن مەكتەپ تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقىۋېتىلدى. ئەينى چاغدا مەكتەپ ئۇنى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، نەشر ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ جازالىدى. بۇ ئەيىبلەش ۋە جازالار كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە زاكېربېرگ «Facemash» پىلانىنى ئاساس قىلىپ، سەنئەت تارىخى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە كىتاب ئوقۇش قورالىنى قۇردى. ئۇ 500 پارچە رىم تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتنى تورغا يوللىدى، ھەر بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئاستىدا بىر پىكىر ۋە باھا يوللايدىغان رامكا بار ئىدى. ئۇ تور بەتنى ساۋاغداشلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىدى، كۆپلىگەن ئادەملەر بۇ تور بېكەتتىن پايدىلىنىپ خاتىرىلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

2004-يىلى 1-ئاي، كېيىنكى مەۋسۇمنىڭ ئوتتۇرىسىدا، زاكېربېرگ يېڭى تور بېكەتنىڭ پروگرامما كودىنى تۈزۈشكە باشلىدى. ئۇ «The Harvard Crimson» دىكى «Facemash» ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېيتتى. 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، زاكېربېرگ «Thefacebook» نى ئىشقا كىرىشتۈردى، ئەڭ دەسلەپكى تور ئادېرىسى «thefacebook.com».

تور بېكەت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئالتە كۈندىن كېيىن، ئۈچ نەپەر خارۋارد تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى Cameron Winklevoss، Tyler Winklevoss، Divya Narendraزاكېربېرگنى ئۆزلىرىنى خاتا يېتەكلىدى دەپ ئەيىبلىدى، ئۇلار زاكېربېرگنى ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ  «HarvardConnection.com» نامىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى قۇرۇپ بېرىدۇ دەپ قارىغانىدى. ئۈچەيلەن زاكېربېرگنى ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزىسىنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ رىقابەت تور بېكىتىنى قۇردى دەپ جاكارلىدى. بۇ ئۈچى «The Harvard Crimson» غا ئەرز قىلدى. بۇ دەۋا 2008–يىلى 12 مىليون ئۈلۈش پاي تولۇقلىما بېرىش بىلەن ھەل قىلىندى.

2004-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا، كارخانىچى سىن پاركېر (Sean Parker، زاكېربېرگنىڭ رەسمىي بولمىغان مەسلىھەتچىسى) شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى بولدى. 2004-يىلى 6-ئايدا thefacebook.com تىجارەت بازىسىنى كالفورنىيە شتاتىدىكى پالو ئالتو (Palo Alto) غا يۆتكىدى. يۆتكىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيthefacebook.comPayPal نىڭ قۇرغۇچىسى پېتېر زىئېل (Peter Thiel) سالغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەبلەغكە ئېرىشتى. 2005-يىلى Facebook 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا thefacebook.com نى سېتىۋالدى ھەم «the» نى ئىسمىدىن چىقىرىۋېتىپ، رەسمىي ھالدا «Facebook» قا ئۆزگەرتتى.

كۆپچىلىككە ئېچىۋېتىش (2005-يىلى~2012-يىلى)

2005-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، زاكېربېرگ Facebook نىڭ تولۇق ئوتتۇرا نۇسخىسىنى چىقاردى ھەمدە بۇ لوگىكىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان بىر قەدەم دېدى. Facebook تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنى نەچچە شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىغىچە كېڭەيتتى، ئالما شىركىتى ۋە مىكروسوفتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى Facebook شىركىتى رەسمىي ھالدا 13 ياشقا توشقان ھەمدە ئىناۋەتلىك ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقى ئادرېسى بولغانلارغا ئېچىۋېتىلدى.

2007-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا Facebook شىركىتى نىڭ سودا بەت يۈزى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

2007-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، مىكروسوفت 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا Facebook شىركىتى نىڭ ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىغان %1.6 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. مىكروسوفتنىڭ پاي سېتىۋېلىش شەرتى تور بېكەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئېلان ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2008-يىلى 10-ئايدا Facebook شىركىتى ئىرېلاندىيەدىكى دۇبلىندا خەلقئارالىق باش شتابىنى قۇردى. 2009-يىلىدىن كېيىن، Facebook شىركىتى نىڭ ئېقىم مىقدارى مۇقىم ئېشىپ ماڭدى. 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى Facebook نى زىيارەت قىلغان ئادەم سانى گۇگولنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.

2010-يىلى 3-ئايدا، SecondMarket شىركىتىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، Facebook شىركىتىنىڭ بازار باھاسى 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان؛ eBay دىن ئېشىپ گۇگول بىلەن Amazon.com دىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئايلانغان.

2011-يىلى 3-ئايدا Facebook شىركىتى ھەر كۈنى 20 مىڭ شەخسىي ھۆججەت بەت يۈزىنى ئۆچۈرگەن، بۇ بەت يۈزلىرى ئەخلەت ئۇچۇر، مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇن ياكى بولمىسا 13 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ بەت يۈزى ئىكەن. بۇ Facebook شىركىتى نىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا Facebook شىركىتى باش شتابىنى قۇياش مىكرو سىستېمىسىنىڭ ئورنى كالفورنىيە شتاتىدىكى مېنلو باغچىسى (Menlo Park) غا يۆتكەپ كېلىشنى پىلانلىدى. DoubleClick ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، 2011-يىلى 6-ئايدا Facebook نىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر تىرىليونغا يېتىپ، DoubleClick ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن تىزىملىكتىكى زىيارەت قىلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ تور بېكەتكە ئايلانغان. 2011-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان نىلسېن مېدىيا تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، Facebook شىركىتى ئامېرىكىدىكى گۇگولدىن كېيىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زىيارەت قېتىم سانى كۆپ تور بېكەت بولغان.

Facebook شىركىتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا پاي توپلىغان، كېلىشكەن باھاسى ھەر بىر پاينىڭ 38 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، شىركەتنىڭ شۇ چاغدىكى بازاردىكى قىممىتى 104 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا پاي توپلىغاندىن كېيىن (2013-يىلى~)

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى Facebook شىركىتى iOS ئەپ پروگراممىسىغا قارىتا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ، سانلىق مەلۇمات توپلاش ۋە كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى ھەمدە پروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى Facebook شىركىتى «ئىجتىمائىي ئالاقە جەدۋىلىنى ئىزدەش» ئىقتىدارىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئىقتىدار ئابونىتنى «ئېنىق جاۋاب» بىلەن تەمىنلەيتتى.

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى Facebook شىركىتى بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ ئىئوۋا شىتاتىدىكى ئالتۇنادا كۆلىمى بىر مىليون 400 مىڭ كۋادرات مېتىر بولغان «رەگەتكە» نامىدىكى ئەڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى Facebook شىركىتى 19 مىليارد نەق پۇل ۋە پايچەك بىلەن رېئال ۋاقىتلىق ئالاقە يۇمشاق دېتال شىركىتى WhatsApp نى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان.

2014-يىلى Facebook شىركىتى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى مۇلازىمىتىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، Facebook شىركىتى نەق پۇل ۋە پايچەك بىلەن قۇرۇلغىنىغا پەقەت ئىككى يىل بولغان Oculus VR Inc شىركىتىنى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. بۇ 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل بىلەن Facebook شىركىتىنىڭ 23 مىليون يۈز مىڭ پاي چېكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساسلىق ئىقتىدارى

ھەجىۋىي رەسىم تېمى (The Wall) ۋە ھالەت (Status): ھەجىۋىي رەسىم تېمى ئابونىتنىڭ ھۆججەت يۈزىدىكى سۆز قالدۇرۇش تاختىسى، ئۇنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ھەجىۋىي رەسىم تېمىدىكى مەزمۇن ھەرقايسى دوستلارنىڭ بەت يۈزىگىچە بارىدۇ. كۆپلىگەن ئابونىتلار ھەجىۋىي رەسىم تېمىغا قىسقا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ، ھەجىۋىي رەسىم تېمىغا قالدۇرۇپ قويغان ئۇچۇرنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. ئابونىتلار دوستلىرى ۋە Facebook رايونىدا ئۆزىلىرىنىڭ قەيەردە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا كەيپىياتىنى قالدۇرالايدۇ. دوستلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ ئىنكاس قالدۇرالايدۇ.

2. ئۇچۇر (Messages): مەخپى ئۇچۇرلارنى نىشان قىلغان ئابونىتنىڭ ئۇچۇر ساندۇقىغا ئەۋەتكىلى بولىدۇ، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ، پەقەت خەت ئەۋەتكەن ۋە تاپشۇرۇۋالغان ئابونىتنىلا كۆرگىلى بولىدۇ.

3. قوللاش (Like): ۋەكىللىك قىلىدىغىنى OOO قوللاش. توردىشىنىڭ ھۆججەت يوللىغۇچىغا بىلدۈرگەن پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ، ھۆججەت يوللىغۇچى شەخس، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شىركەتلەر بولىشى مۇمكىن. «قوللاش» كونۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ تورداشلار شۇ بەت يۈزىگە قارىتا قايىللىقى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

4. ئالبۇمنى ھەمبەھىرلەش (Shared Photo Albums): ئابونىتلار يىغقان رەسىملىرىنى ئالبۇم قىلىپ قۇرىدۇ، يېڭى ئىقتىدار پەقەت رەسىم يولىغۇچىنىڭلا تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن چەكلەيدۇ.

5. ئەسكەرتىش بېرىش: قارشى تەرەپكە ئۇنىڭ ئېسىڭىزدە بارلىقىنى ياكى قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنى ئېسىدە تۇتىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.

6. تارىختىكى بۈگۈن: تارىختىكى مۇشۇ كۈننى كۆرسىتىدۇ، سىز شۇ كۈنى Facebook تىكى دوستىڭىزغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ياكى قانداق سۆز قالدۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

7.پائالىيەت (Events): ئابونىتلارنىڭ دوستلىرىغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئابونىتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

8. Facebook تور بېتىدىكى ئويۇن: تور بېكەتتە نۇرغۇنلىغان ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان ئويۇنلار بار.

10. ئېلان چىقىرىش

كىرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى

كىرىمنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى: 1. ئېلان كەسپى؛ 2. ئابونىت پۇل تۆلەيدىغان ئېلان كەسپى؛ 3. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ پروگراممىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق؛

4. چەك تۈزۈمى

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 260 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-17