ۋىلادىمىر پۇتىن


ۋىلادىمىر پۇتىن

ۋىلادىمىر پۇتىنۋىلادىمىر پۇتىن

ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن 1952- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ لېنىنگراد شەھىرى، ھازىرقى سانكىت پېتېربۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتەيتتى، ئانىسى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيتتى. 1975-يىلى لېنىنگراد دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ھازىرقى سانكىت پېتېرسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ قانۇن پەنلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن پۇتىن، ئىقتىساد ساھەسى بويىچە ماگېستىرلىك دېسسىرتاتسىيەسى ياقلىدى. ئۇقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى–KGBدا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان پۇتىن، بىر مەزگىل گېرمانىيەدە ۋەزىپە ئۆتىدى. گېرمانىيەدىن قايتقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدا جاسۇس بولۇپ ئىشلەشنى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئارزۇ قىلغان ئىدىكى، بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلىرىنى «پۇتىننىڭ رۇسىيەسى» دە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى چېغىمدىلا جاسۇس بولۇشنى خالايتتىم. رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بىزنىڭ رايونىمىزدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئىستىكىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. خىزمەتچى خادىم ‹ئىشلىمەكچى بولغانلا ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرالمايدىغانلىقلىرىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرۈش كېرەكلىكى› نى ئېيتتى. مەن قايسى فاكۇلتېتنى پۈتتۈرۈشى كېرەك؟ دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ‹قانۇن، ئەمدى ئالدىڭمۇ جاۋابىڭنى› دەپ مېنى يېنىدىن چىقىرىۋەتتى. ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى – KGBغا ئىشقا ئورۇنلاشقان چېغىمدا، 1930- يىللاردا ستالىن ئىجرا قىلغان كۈچ، بېسىم ئىشلىتىش ۋە سۈرگۈن قىلىش دېگەندەك سىياسەتلەردىن خەۋىرىم يوق ئىدى. جاسۇسلۇق فىلىملىرى ۋە رومانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىدىم.»

1990- يىلى لېنىنگراد شەھەرلىك كېڭىشىدە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن پۇتىن، 1991 ۋە 1992- يىللىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن 1996-يىلىغىچە ست.پتېرسبۇرگ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنسەپلىرىنى تۇتقاندىن كېيىن 1996-يىلى كرېملىن سارىيى مۈلكىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى ۋە بۇ ۋەزىپىسىنى 1997-يىلىغىچە داۋاملاشتۇردى. 1997 ۋە 1998-يىللىرى پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى.

1998 ۋە 1999- يىللىرى رۇسىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسى (FSB) نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئوخشاش ۋاقىتتا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىدى.

1999-يىلى 9-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە باش مىنىستىر ۋەكىلى بولدى، 16-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. 1999-يىلى 31-دېكابىردا پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈچ ئاي ئىچىدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغقىچە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ۋاكالىتەن ئۆتەشكە باشلىدى. پۇتىن شۇ قېتىمقى پرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا %50 دىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، بىرىنچى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. 2008- يىلى 7- مايدا ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان پۇتىن ئورنىنى يېڭى پرېزىدېنت دمىترى مېدۋېدېۋغا بوشىتىپ بېرىپ، ئۆزى رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولدى. 2013-يىلى 4-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ئۈچىنچى قېتىم 63.6% ئاۋازغا ئېرىشىپ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.

2014- يىلىغا كەلگەندە، ئۇكرائىنادىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خورشۇفنىڭ 1954- يىلىدىكى قىرىمنى ئۇكرائىناغا بىرىۋېتىش خاتالىقىنى تۈزەتكەن، قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولدى.

تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئادەتلەنگەن، تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل ساھەلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەن پۇتىن، ناخشا–مۇزىكىغىمۇ كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەپسانىۋى ناخشا–مۇزىكا ئەترىتى بىيتلېسنىڭ ئەزاسى پائۇل ماككارتنېي بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە مەزكۇر ئەترەتنىڭ «تۈنۈگۈن» دېگەن ناخشىسىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. تارىخىي ۋە سىياسىي مەزمۇندىكى كىتابلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقى، ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىغا مەستانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ھەتتا بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا ئۆمەر ھەييامنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغانىدى.

يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدە پۇتىن ست.پېتېرسبۇرگ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا، رەپىقىسى ليۇدمىلا پۇتىنا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىسپانىيە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇغانىدى. ئۇلار 2013- يىلى 6- ئىيۇلدا ئۆزئارا كېلىشىپ ئاجراشتى. ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ، بىرى ياپون ئەدەبىياتى ۋە تارىخى فاكۇلتىتىدا، يەنە بىرى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 431 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-19