ئېرىك ئېمېرسون شىمىت


ئېرىك ئېمېرسون شىمىت


ئېرىك ئېمېرسون شىمىتئېرىك ئېمېرسون شىمىت

خەنزۇچە: 艾瑞克·E·施密特

ئىنگلىزچە: Eric Emerson Schmidt

كەسپى: گۇگول شىركىتىنىڭ لېدىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى

تور  بېكىتى: Google.com — Eric Schmidt

ئېرىك ئېمېرسون شىمىت-كومپيۇتېر ئىنژېنېرى، نۆۋەتتە گۇگولنىڭ ئىجرائىيە لېدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. 2001-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا گۇگولنىڭ CEO لىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئىلگىرى ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ كارنېگىيې مېللون ئۇنىۋېرسىتېتى (Carnegie Mellon University) ۋە پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى (Princeton University)  كېڭىشىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى ھەمدە پروگرامما تەھرىرلىگۈچ lex نىڭ ئورتاق تۈزگۈچىسى.

قىسقىچە تارىخى

شىمىت ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا تۇغۇلغان. 1976-يىلى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقىنىڭ باكلاۋىرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ 1979-يىلى كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي مەكتىپى(University of California, Berkeley) دە كومپيۇتېر تورىنى لايىھەلىگەنلىكى ئۈچۈن تەبىئىي پەن بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن؛ 1982-يىلى، تارقاق شەكىلدىكى يۇمشاق دېتالنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە تېمىسى قىلغان ئىلمىي ماقالىسى بىلەن، ئېلېكتر ئىنژېنېرى ۋە كومپيۇتېر ئىلمى پەلسەپە دوكتورىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئايالى بىلەن بىللە كالفورنىيە شتاتىدا تۇرىدۇ.

دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى كەسپىي ھاياتى

شىمىت دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىقى ئۇچۇر-تېخنىكا شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلغان، يەنى بېل تەجرىبىخانىسى (Bell LaboratoriesZilog ۋە پالو ئالتو تەتقىقات مەركىزى (Palo Alto Research Center) دە تەتقىقاتچى بولغان. 1983-يىلى شىمىت يۇمشاق دېتال دىرېكتورىلىق سالاھىيىتى بىلەن قۇياش مىكرو سىستېمىسى (Sun Microsystems) غا قاتناشقان ھەمدە Java سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتى، قۇياش مىكرو سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل سۇپىسىنىڭ پروگرامما تېخنىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان ھەمدە شىركەتنىڭ تور ستراتېگىيەسىنى ئورناتقان. كېيىن ئۇ قۇياش مىكرو سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا باش مۇدىرى (CTO) ۋە كارخانا باش دېرىكتورى بولغان.

1997-يىلى شىمىت Novell شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، كېيىن Novell شىركىتى Cambridge Technology Partners نى سېتىۋاالغان، بىراق ئۇ بۇ شىركەتتىن كەتكەن. خەۋپ-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچى John Doerr بىلەن Michael Moritz نىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، گۇگول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لاررىي پېيج (Larry Page) ۋە سېرگىي برىن (Sergey Brin) 2001-يىلى شىمىتنى گۇگول شىركىتىدە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان.

گوگول شىركىتى

شىمىت 2001-يىلى 3-ئايدا مۇدىرىيەت ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن گۇگول شىركىتىنىڭ لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە شۇ يىلى 8-ئايدا قوشۇمچە باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. گۇگول شىركىتىدە ئىشلىگەن مەزگىلدە، شىمىت گۇگولنىڭ ئىككى قۇرغۇچىسى لاررىي پېيج (Larry Page) ۋە سېرگىي برىن (Sergey Brin) بىلەن بىرلىكتە شىركەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. گۇگولنىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كوممىتېتى (United States Securities and Exchange Commission) گە تاپشۇرغان ھۆججىتىنىڭ 29-بېتىدە، گۇگولنىڭ ئىككى قۇرغۇچىسى لاررىي پېيج ۋە سېرگىي برىن بىلەن شىمىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈچ كىشىلىك ئىتتىپاقداش دەپ چۈشەندۈرگەن، شىمىت باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەت خىزمەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا مەسئۇل بولدى ھەمدە سېتىش بۆلىمىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. گۇگول شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىن بىلىشكە بولىدىكى، شىمىتنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى: گۇگولنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ماس ھالدا شىركەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلىشىنى قۇرۇش؛ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىشلەپچىقىرىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش.

2007-يىلى، PC World تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلغان «تور دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن 50 مۇھىم شەخىس» نىڭ تىزىملىكى ئىچىدە، شىمىت بىلەن گۇگولنىڭ ئىككى قۇرغۇچىسى لاررىي پېيج ۋە سېرگىي برىن بىرىنچى بولغان. 2011-يىلى 1-ئايدا شىمىت CEOلىق ۋەزىپىسىنى لاررىي پېيجغا  ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

2013-يىلى 1-ئايدا، شىمىت، جارېد كوخېن (Jared Cohen)، يېڭى مېكسىكو شتاتىنىڭ سابىق باشلىقى بىل رىچاردسون (Bill Richardson) ۋە ئۇنىڭ قىزى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيەنى زىيارەت قىلغان.

شۇ يىلى 11-ئايدا، شىمىت جۇڭگونىڭ ئالاقە تورىنى ئېچىۋېتىشىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

Apple شىركىتى

2006-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىمىت ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىقىغا سايلانغان؛ بىراق 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، گۇگول بىلەن ئالما شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مەنپەئەت توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن، شىمىت مۇدىرىيەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتى ئوباما

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىمىت ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدىكى رەسمىي بولمىغان مەسلىھەتچىسى بولغان. ئوباما سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، شىمىت مەسلىھەتچىلىك كوممىتېتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىپ، نېفىت يېقىلغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بەرگەن.

مۇئاشى

شىمىت گەرچە گۇگولنىڭ لېدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولسىمۇ، لېكىن 2006-يىلى پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى ئاساسىي مۇئاشقا ئېرىشكەن. بىراق شىمىت باشقا نەق پۇل، پاي قاتارلىقلارغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىرىنچى تۈركۈمدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېرىشكەن پاي ھوقۇقى بىلەن بىللىئونېرغا ئايلانغان. 2006-يىلى «دۇنيادىكى بايلار» نى رەتكە تۇرغۇزغاندا ئۇنى 116-ئورۇنغا تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ ئومۇمىي بايلىقى 6 مىليارد 200 مىليونغا يەتكەن. 2008-يىلى 508 مىڭ 763 ئامېرىكا دوللىرى تولۇقلىمىغا ئېرىشكەن؛ 2009-يىلى، يەنە بىر قېتىم 508 مىڭ 763 ئامېرىكا دوللىرى تولۇقلىمىغا ئېرىشكەن.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 233 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-16