ئەكبەر شاھ

 

ئەكبەر شاھ 


ئەكبەر شاھئەكبەر شاھ

ئەڭ ئادالەتلىك ۋە مېھىر – شەپقەتلىك، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، شۇنداقلا ياخشى رەھبەر ۋە قوماندان بولۇش سۈپىتىدە تارىخقا نامى يېزىلغان جەلالىددىن مۇھەممەد، دۇنياغا «ئەكبەر شاھ» دەپ تونۇلغان ئىدى. بابۇر شاھ تەرىپىدىن ھىندىستاندا قۇرۇلغان تۈرك بابۇر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمدارى ۋە «ئەكبەر شاھ» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان جەلالىددىن، تىمۇرنىڭ نەسلىدىن كەلگەن بابۇر شاھنىڭ نەۋرىسى؛ ھۇمايۇن شاھنىڭ ئوغلىدۇر. ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامىدە بانۇدۇر.

ئەكبەر شاھ 1542–يىلى 10–ئاينىڭ 15–كۈنى لاھورنىڭ ئۆمەركوت بازىرىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى 1556– يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ۋەقەدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 14 ياش بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن دادىسىنىڭ ئورنىغا ئىمپېراتور بولىدۇ. ئۇ كىچىك يېشىدىن تارتىپلا دادىسىنىڭ يېنىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. ھۇمايۇن شاھ 1555–يىلى سەرخەندنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئافغانىستان ھۆكۈمدارى ئىسكەندەر شاھ چوڭ قوشۇن تەشكىللەپ قەلئەنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سەرخەندكە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان ھۇمايۇن شاھ ئۆزىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئوغلى ئەكبەر شاھنى قوشۇنىغا باش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئەكبەر شاھ ئىسكەندەر شاھنى مەغلۇپ قىلىپ، 13 يېشىدىلا تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەكبەر شاھقا «غازى» دېگەن نام بېرىلىدۇ. ئۇ شۇ يىلى يېنىدا «ئاتا بەگ» بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بايرام خان بىلەن بىرلىكتە پەنجاپنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. دادىسى ھۇمايۇن شاھ 1556–يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 14 يېشىدا تەختكە ئولتۇرىدۇ.

ئەكبەر شاھ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى يەتتە يىل بويىچە ئۇرۇش بىلەن ۋاقتى ئۆتىدۇ. ئۇ تەختكە چىقىپ تۇنجى بولۇپ، دېھلى بىلەن ئاگرا ئارىسىدىكى جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدۇ. 1567–يىلى راجپۇتلارنىڭ قەلئەسى چىتور ۋە ئەجمىرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئارقىدىن گۈجەراتقا يۈرۈش قىلىپ، مۇستەقىل ئەھمەت ئاباد سۇلتانلىقىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە بۇ دۆلەتنى داڭلىق بىر ئۆلكىگە ئايلاندۇرىدۇ. گانج ۋادىسى ئىمپېراتورلۇق چېگرالىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئورىسسا، كابۇل، كەشمىر، سىند ۋە قەندىھار قاتارلىق جايلار قولغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئەكبەر شاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا دىنىي ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە غەلىتە ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ ھىندى ئەنئەنىسىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادىل بولغان سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرىدۇ. باج يىغىشتا ئادالەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھىندى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىلىرىگە ئاساسەن سوتلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ. بىناكارلار، ئالىملار، شائىرلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە رەسساملار بىر يەرگە توپلانغان سەنئەت مەركىزىي قۇرىدۇ. تۈرك–ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ كۆركەم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سېلىنىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ.

ئۇ 1579–يىلى ئۆزىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن، تۇل قالغان ھىندى ئاياللىرىنى كۆيدۈرۈش ئادىتىنى قانۇن چىقىرىپ چەكلەيدۇ. شۇ يىلى ئەكبەر شاھنىڭ يېڭى دىن ئىسلاھاتى يولغا قويغان يىل بولغاچقا، ئىمپېراتورلۇقتا خاتىرجەمسىزلىكلەر كەڭ يېيىلىشقا باشلايدۇ. 1583–يىلى ئاللاھ ئاباد شەھىرىنى قۇرغان ئەكبەر شاھ، 1587–يىلى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۇل ئاياللارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا دائىر قانۇننى ئېلان قىلىدۇ.

ئەكبەر شاھ چېگراسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدە بىر قاتار مەمۇرىي، سىياسىي ۋە دىنىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويىدۇ. ئۇ ۋاقىتقىچە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان زېمىن ۋە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مائاش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ دەرىجە ۋە مەرتىۋىلىرىنى قايتىدىن بېكىتىدۇ. ئۇ ئورناتقان بۇ تۈزۈملەرنى قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن يولغا قويىدۇ ۋە مۇزەففەرخان تۈربەتنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىزمەتلىرىنى خەلق ۋە مەمۇرلار ئانچە ياخشى قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ.

 

ئەكبەر شاھ ھەممە تەبىقىگە رەھبەر بولۇش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ پېشۋالىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنى تونۇشقا ۋە ئۆزىگە قارىتىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ 1580–يىللارغا كەلگەندە زەردۇشتلىققا مەيلىنى بېرىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە زەردۇشتقا ئوخشاش ياشايدۇ. ئۇ ئوردىدا كېچە–كۈندۈز ئوت يېقىلىشى توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەبۇلفەزىلنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئەكبەر شاھ ئەينى ۋاقىتلاردا جاينىزم ۋە سىھ دىنىي بىلەن تونۇشىدۇ، ئوردىدا بۇ دىنلارنىڭ ۋەكىللىرىنى تۇرغۇزىدۇ.

ئەكبەر شاھ، 1579–يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيەلىك ئىشغالچىلار بىلەن بىللە كەلگەن جىزۋىت پوپلىرىنىمۇ ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئوردىدا مېھمان قىلىدۇ. ئۇ خىرىستىيان دىنىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىپ، جىزۋىتلارغا ئىنجىلنى تەرجىمە قىلغۇزىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ چېركاۋ سېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئۇلارنى بالىلىرىنى تەربىيەلەشكە مەسئۇل قىلىدۇ. ئەمما، خىرىستىيانلارنىڭ ئۈچ ئامىلنى بىر گەۋدە قىلغان ئېتىقادى ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىدىن ئۈمىدلىنىپ، ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن مىسېيونېرلار مەكتۇپلىرىدا، ئەكبەر شاھنىڭ دىنىي مۇنازىرىلەردە ئەقلىنىڭ جايىدا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

نۇرغۇنلىغان دىن، مەزھەپ ۋە ئېتىقادلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئەكبەر شاھ، بارلىق دىنلارنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقلەرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تىنچلىق ۋە بىرلىك ئىچىدە ياشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن بەكرەك ھىندىستاندىكى باشقا دىنلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا مۇھىت ياراتقانلىقى توغرىسىدا قانچىلىك گەپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىختا مۇسۇلمان بابۇر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋار ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە دۇنيا تارىخىدا ئىز قالدۇرىدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، ئەكبەر شاھنىڭ دىنىي قاراشلىرى ۋە يولغا قويغان سىياسەتلىرى يېتەرلىك سەۋىيەدە تەتقىق قىلىنمىدى، شۇنداقلا ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن باھا بېرىلمىدى.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 552 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-16