سېرگېي لاۋروۋ

 

سېرگېي لاۋروۋ

سېرگېي لاۋروۋسېرگېي لاۋروۋ

خەنزۇچە: 谢尔盖·维克托罗维奇·拉夫罗夫

ئىنگلىزچە: Sergey Lavrov

دۆلەت تەۋەلىكىل: رۇسىيە

تۇغۇلغان جايى: موسكۋا

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1950-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

مىللىتى: رۇس مىللىتى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى: موسكۋا دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتى

كەسپى: سىياسىئون، دىپلومات

بالدۇرقى يىللاردىكى تۇرمۇشى

سېرگېي لاۋروۋ 1950-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، موسكۋادىكى بىر ئەمەلدار ئائىلىىسدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى گرۇزىيەدىكى تبلىسىدىن كەلگەن، ئەرمەنىيەلىك. شۇڭا لاۋروۋ «مېنىڭ يىلتىزىم گرۇزىيەدە، بىراق قېنىمدا ئېقىۋاتقىنى ئەرمەنىيەلىكنىىڭ قېنى» دەيدۇ. لاۋروۋنىڭ ئاپىسى رۇسىيەلىك، رۇسىيەنىڭ تاشقى-سودا مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ ئاپىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ھەر يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا ئۆگىنىش قىلىشىغا يول قويۇلماي، ئەكسىچە ئەمگەككە سېلىناتتى. لاۋروۋ كېلىشكەن بولۇپ گىتتارنى ياخشى چالاتتى، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ۋە باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى چۈشىنىشكە ماھىر ئىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا ساۋاغداشلىرىنىڭ ئارىسىدىكى يېتەكچى شەخسكە ئايلاندى.

خىزمەت تارىخى

 لاۋروۋ 1972-يىلى موسكۋا دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە كىرگەن.

 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنى سىرلانكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

 1976-يىلى دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىساد باشقارمىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

 1981-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، كېيىن مەسلىچەتچىلىككە، ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن.

 1988-يىلىدىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، لاۋروۋ 1992-يىلى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 1994-يىلى رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان.

لاۋروۋ رۇس ئىنگلىز، فرانسۇز ۋە سىنخالېس تىلى (Sinhalese، سىرلانكا تىلى) تىللىرىدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ.

سىياسىي ئىدىيىسى

پۇتېن بىلەن لاۋروۋ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان كۆز قاراش جەھەتتە قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلاردەك بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قوياتتى. لاۋروۋ دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى كرېملىن سارىيىنىڭ تەدبىر ۋە ئىدىيەلىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدە سەككىز يىل خىزمەت قىلدى، ئۇ رۇسىيەدىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۆتىگەن تۇنجى ئادەم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پۇتىن ئۇنىڭ يۇقىرى تالانتىغا قايىل بولۇپلا قالماستىن ئۇنىڭ قاتتىق قول خاراكتېرىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن.

لاۋروۋ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك قارا نىيىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى: 2004-يىلى 4-ئايدا رۇسىيە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بېلەت تاشلاشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللاندى. ئەينى چاغدا رېيتېر ئاگېنتلىقى:«لاۋروۋ غەرب دۆلەتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشنىڭ مەنبەسى» دېگەن. 2011-يىلى لاۋروۋ مېدۋېدېۋنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەگە بوشلۇقتىن زەربە بېرىشكە ئاۋاز قويغاندا بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

خاراكتېرى

مەيلى دىپلوماتىيە خىزمىتىدە بولسۇن، ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، لاۋروۋ ھەمىشە تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىققا ئىگە ئىدى. ئۇ شوتلاندىيە ۋىسكىسى ۋە ئىتالىيە تائاملىرىغا ئامراق، ئۆزىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىق، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ھەرخىل كېچىلىكلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشاتتى.

مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

  ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!                                                                                                                                                                                  

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 232 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-15