سامسۇڭ Galaxy S5
خەنزۇچە: 三星Galaxy S5
ئىنگلىزچە: Samsung Galaxy S5
ئىشلەپچىقارغان ئورۇن: سامسۇڭ ئېلېكترونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
بازارغا سېلىنغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى
يانفوننىڭ تۈرى: Galaxy S
ئالدىنقى ئەۋلاد تىپى: Samsung Galaxy S4
سىرتقى شەكلى: تۈز تاختىلىق
رەڭگى: قارا، ئاق، كۆك، ئالتۇن رەڭ
ئېكرانىنىڭ ئۆلچىمى: 5.1 ديۇم، Full HD Super AMOLED ئېكران
ئۆلچىمى: mm142 (ئېگىزلىكى)، mm72.5 (كەڭلىكى)، mm8.1 (قېلىنلىقى)
ئېغىرلىقى: g145
ئىنتېرنېت ئۆلچىمى: 2.5G:GSM/GPRS/EDGE -850، 900، 1800، 1900 MHz
3G:HSDPA –850، 900، 1900، 2100 MHz
4G: LTE-800، 850، 900، 1800، 2100، 2600 MHz
مەشغۇلات سىستېمىسى: Android 4.4.2
CPU: تۆت يادرولۇق 2.5GHz
ئىچكى سىغىمى: 2GB RAM DDR3 933MHz
ساقلاش كارتىسى: microSD
ئۇلىنىش ئىقتىدارى، مۇكەممەل ئۆلچىمى:
LTE Cat.4
Wi-Fi
Wi-Fi MIMO
Wi-Fi Direct
Wi-Fi hotspot
DLNA
GPS/GLONASS
NFC
Bluetooth
USB (Micro-B port, USB charging)
USB OTG
3.5 millimetres (0.14 in) headphone jack
باتارېيىسى: 2800mAh
فوتو كامېراسى: 16 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا (K4 لىق سىنئالغۇنى قوللايدۇ)، ئالدىدىكى كامېراسى 2 مىليون پىكسېللىق
ئالاھىدە ئىقتىدارى: Heart Rate Sensor، Selective Focus، 0.3 سېكۇنتتا فوكۇس تەڭشەش، 4G LTE، NFC،IP67 چاڭ-توزان ۋە سۇدىن ساقلاش
سامسۇڭ Galaxy S5جەنۇبىي كورىيە سامسۇڭ ئېلېكترونى 2014-يىلى ئىشلەپچىقارغان ئەڭ يېڭى ئەقلىي يانفون، Samsung Galaxy Sنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد يانفونى. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسپانىيە بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان.
Android مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي يانفونى.
ئېلان قىلىنىشى
Galaxy S5 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسپانىيە بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرشارى خاراكتېرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان. سامسۇڭ كۆچمە كەسپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى 2014-يىلى 1-ئايدىكى زىيارەتتە، يېڭى بىر ئەۋلاد Galaxy Gear ئەقلىي قول سائىتىنى Galaxy S5 بىلەن بىللە ئوتتۇرغا چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 150 دۆلەتتە سېتىشنى باشلىدى.
سېتىلىش ئەھۋالى
Galaxy S5 نىڭ جەنۇبىي كورىيەدىكى سېتىلىش ئەھۋالى ھەر كۈنى 7000 تال، Galaxy S4 نىڭ كۈنىگە 8000 مىڭ تال، SAMSUNG Galaxy S4 LTE-A نىڭ بولسا ئون مىڭغا يېقىن ئىدى.
ئىقتىدارى
تېز سۈرئەتتە ئاپتوماتىك فوكۇس تەڭشەش: 0.3 سېكۇنتتا فوكۇس تەڭشەيدۇ
HDR (رەڭ تەڭشەش): ئېنىق بولمىغان مۇھىتتا ياكى ياكى ئوبيېكتىپ قاراڭغۇ مۇھىتتا تۇرغان ئەھۋالدا سۈرەتكە تارتقاندا، پەقەت HDR ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ قويسىلا، سۈرەتكە تارتقان چاغدا تەبىئىي نۇر ۋە سۈرەتنىڭ رەڭگى ئەينەن ۋە ئېنىق چىقىدۇ.
Selective Focusفوكۇس تاللاش: «تاللاشقا بولىدىغان فوكۇس ئارلىقى» ئىقتىدارى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن فوكۇسنى تاللاپ، فوكۇس نۇقتىىسنى تاللاپ بېكىتكەن نەرسىنىڭ دائىرىسىگە قويۇپ، مۇھىتنى غۇۋالاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي گەۋدىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوبرازنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
يۈرەك سوقۇش ئىندۇكتورى: Galaxy S5 نىڭ ئىچكى قىسمىغا يۈرەك سوقۇش ئىندۇكتورى ئورنىتىلغان بولۇپ، يانفون ئارقىلىق بىۋاستە يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈشنى تېزلەتكۈچ: Wi-Fi ۋە LTE سېفىرلىق ئۇلىنىشىنى بىرلىكتە قوزغاتقاندا، تور ئالاقە سۈرئىتى %90~80 كىچە كۆتۈرۈلىدۇ.
MIMO: بەشىنچى ئەۋلاد Wi-Fi 802.11ac ۋە 2x2 MIMO نى قوللايدۇ، ئىككى گۇرۇپپا Wi-Fiئانتېننادىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى تېزلىتىدۇ.
IP67 چاڭ-توزان ۋە سۇدىن ساقلاش: چاڭ-توزان ۋە سۇدىن تولۇق ساقلىنالايدۇ ھەمدە بىر مېتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇدا 30 مىنۇت تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>