يالې ئۇنىۋېرسىتېتى


يالې ئۇنىۋېرسىتېتى


يالې ئۇنىۋېرسىتېتىيالې ئۇنىۋېرسىتېتى

خەنزۇچە:  耶鲁大学 

ئىنگلىزچە: Yale University

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1701-يىلى

مەكتەپنىڭ ئورنى: ئامېرىكا كوننېكتىكات شتاتى (State of Connecticut) خاۋېن شەھىرى (City of New Haven)

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى: 3619

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى: 11593

تولۇق كورس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى: 5275

ئاسپرانتلارنىڭ سانى: 6318

تور بېكىتى: Yale.edu

يالې ئۇنىۋېرسىتېتى 1701-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى قەدىمكى ئالىي بىلىم يۇرتى. ئەڭ دەسلەپتە «ئالىي مەكتەپ ئىنىستىتۇتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، پەقەت مۇستەملىكىچىلەر ئۈچۈن يېڭى بىر ئەۋلاد چېركاۋ خىزمەتچىلىرى ۋە رەھبەرلەرنى تەربىيەلەيتتى. بۇ ئىنىستىتۇت كېيىن برىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى (British East India Company) نىڭ باش مۇدىرى ئېلىخۇ يالې (Elihu Yale) نىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نامىنى «يالې ئىنىستىتۇتى» غا ئۆزگەرتكەن. ئىنىستىتۇت كېيىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى تەتقىقات مەكتىپىگە ئايلانغان. سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى 1861-يىلى ئامېرىكا بويىچە بىرىنچى دوكتورلۇق ئۇنۋانى تارقىتىدىغان مائارىپ ئورگىنىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. 1930-يىللىرى، يالې ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقىدىكى مەكتەپلەرنى ئۈلگە قىلىپ ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

ئۇنىۋېرسىتېتتا 15 ئىلىم-پەن ئىنىستىتۇتى ۋە 12 ياتاقلىق ئىنىستىتۇت بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تولۇق كورس ھەم ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، قانۇن ئىنىستىتۇتى ئامېرىكا بويىچە ئوقۇشقا كىرىش ئەڭ تەس ئىنىستىتۇت. بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىنىستىتۇت 5 نەپەر ئامېرىكا پرېزدېنتى 19 نەپەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ باش سوتچىسىنى تەربىيىلەپ چىقتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 49 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بۇ مەكتەپتە ئوقۇش ياكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شوغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ ئامېرىكا بويىچە ئىككىنچى رودوس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت، 2013-يىلىغىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئادەم سانى 230 نەپەر. كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ سانى جەھەتتىمۇ ئامېرىكا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى.

يالې ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە زور تۈركۈمدىكى كاپىتالغا ئىگە، 2012-يىلى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىئانە پۇلىنىڭ سانى پۈتۈن يەرشارىدىكى مائارىپ ئورگانلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەكتەپنىڭ قۇرۇلمىسى

ئۇنىۋېرسىتېتتا 15 ئىلىم-پەن ئىنىستىتۇتى ۋە 12 ياتاقلىق ئىنىستىتۇت بار. مەكتەپنىڭ ئىلىم قۇرۇلمىسى ئۈچ بۆلەككە بۆلىنىدۇ: بىرى، يالې ئىنىستىتۇتى، ھەرخىل تولۇق  كورس دەرسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، ئادەتتىكى ئاسپىرانتلار دەرسلىكلىرىنى تەمىنلەيدۇ؛ ئاخىرقىسى كەسپىي ئىنىستىتۇت بولۇپ، كەسپىي دەرسلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىلىم-پەن ئىنىستىتۇتى(Academic Schools)

يالې ئىنىستىتۇتى (Yale College)

يالې پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (Yale Graduate School of Arts & Sciences)

يالې بىناكارلىق ئىنىستىتۇتى (Yale School of Architecture)

يالې سەنئەت ئىنىستىتۇتى (Yale School of Art)

يالې دىنىي ئىنىستىتۇت (Yale Divinity School)

يالې دىرامما ئىنىستىتۇتى (Yale School of Drama)

يالې قۇرۇلۇش ۋە قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى (Yale School of Engineering & Applied Science)

يالې ئورمانچىلىق ۋە مۇھىت تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (Yale School of Forestry & Environmental Studies)

يالې قانۇن ئىنىستىتۇتى (Yale Law School)

يالې باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى (Yale School of Management)

يالې تېببىي ئىنىستىتۇتى (Yale School of Medicine)

يالې مۇزىكا ئىنىستىتۇتى (Yale School of Music)

يالې پەرۋىش ئىنىستىتۇتى (Yale School of Nursing)

يالې ئاممىۋىي سەھىيە ئىنىستىتۇتى (Yale School of Public Health)

يالې دىن مۇزىكا ئىنىستىتۇتى (Yale Institute of Sacred Music)

ياتاقلىق ئىنىستىتۇت (Residential Colleges)

بېركېلېي ئىنىستىتۇتى (Berkeley College)

بران فورد ئىنىستىتۇتى(Branford College)

كالخوئۇن ئىنىستىتۇتى (Calhoun College)

داۋېنپورت ئىنىستىتۇتى (Davenport College)

ئېزرا ستىلېس ئىنىستىتۇتى (Ezra Stiles College)

جوناتان ئېدۋاردس ئىنىستىتۇتى (Jonathan Edwards College)

مورس ئىنىستىتۇتى (Morse College)

پىئېرسون نئىنىستىتۇتى(Pierson College)

سايبرۇك ئىنىستىتۇتى (Saybrook College)

سىللىمان ئىنىستىتۇتى (Silliman College)

تىموتى ۋايت ئىنىستىتۇتى (Timothy Dwight College)

ترۇمبۇل ئىنىستىتۇتى (Trumbull College)

بىناكارلىق ئۇسلۇبى

يالېنىڭ مەركىزى مەكتەپ رايونى خاۋېننىڭ قايناق شەھەر رايونىغا جايلاشقان، ئىگەللىگەن كۆلىمى 1.1 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 2.0 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى گولف توپ مەيدانى ۋە كوننېكتىكۇت شەھەر رايونى بىلەن يىڭنىلىك ئارالغا جايلاشقان (Thimble Islands) تەبىئىي قوغداش رايونى بار.

يالې مەكتەپتىكى گوتىك (Gothic) بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن مەشھۇر. نۇرغۇنلىغان بىنالار بىناكارلىق تارىخى دەرسلىكىدىكى مۇنازىرىلەردە مىسال قىلىپ ئېلىنىدۇ. يالېدا يەنە خىلخوئۇس چوڭ يولى (Hillhouse Avenue) نىڭ 19-ئەسىردىكى قۇرۇلۇشلىرى بار، بۇ 1840-يىلى چارلېس خۇففام (Charles John Huffam Dickens) نىڭ «ئامېرىكىدىكى ئەڭ چىرايلىق كوچا» دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن.

مەكتەپتە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمكى قۇرۇلۇش بولسا كوننېكتىكۇت يىغىن زالى (Connecticut Hall). بۇ يىغىن زالى 1750-يىلى سېلىنغان ھەمدە گېئورگىئان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى (Georgian architecture) قوللىنىلغان.

مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكى

1894-يىلى قۇرۇلغان يالې ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھاپىزەتچى قىسمىدىن باشقا، ئۇنىۋېرسىتېت يەنە بىر تۈركۈم مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، مەسىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويۇش مۇلازىمىتى ۋە مەكتەپ ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ قويۇش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار.

1970~1980-يىللىرى خاۋېن شەھىرىدىكى نامراتلىق نىسبىتى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئېشىپ كېتىپ يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. كېيىن، 1990-يىللىرىدىن 2006-يىلىغىچە، بۇ شەرھەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %50 ئازايغانلىقتىن، بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ كۆپ ئازايدى، بۇ ئاساسلىقى ساقچى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولغان ئىدى.

2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، يالې مەكتەپ رايونىدا 14 قېتىم زورلۇق جىنايىتى يۈز بەرگەن، ئوخشاش بىر مەزگىل ئىچىدە، خارۋاردتا 83 قېتىم، پرىنسېتوندا 24 قېتىم، سىتانفوردتا 54 قېتىم يۈز بەرگەن. بىراق، خۇسۇسىي نازارەت قىلىش ئەترىتى يالېنىڭ مەلۇم قىلغان سانلىق مەلۇماتى ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتتىن ئاز، دېدى.

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر قايسى ئىنىستىتۇتلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئاران %6.3، 29 مىڭ 610 ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىچىدىن پەقەت 1991 ىنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ يېڭى تۆۋەن نىسبەتنى ياراتقان.

يالې ئۇنىۋېرسىتېتى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بۇنى ئوقۇش مۇكاپاتى شەكلىدە تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتتا %10 ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار.

ئۇنىۋېرسىتتىكى قىز-ئوغۇل ئوپقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن تەكشى، ھازىر ئاساسەن يېرىمى قىز. %30 دىن كۆپرەك ئاز سانلىق مىللەت بار، ئۇنىڭدىن باشقا %8 چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بار. %55 ئوقۇغۇچى دۆلەت قۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن، قالغان %45 ى خۇسۇسىي ۋە خەلقئارالىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن.

كۇتۇپخانا ۋە مۇزېي

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلانغان كىتابنىڭ سانى 12 مىليون 500 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ، ئامېرىكا بويىچە خاۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ ئىلىم-پەن كۇتۇپخانىسى. ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزىي كۇتۇپخانىسى سترىن خاتىرە كۇتۇپخانىسى (Sterling Memorial Library) دا 4 مىليون پارچە كىتاب ساقلانغان، قالغان كىتابلار ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى كۇتۇپخانىلارغا تارقالغان.

يالې مۇزېيىدا ساقلانغان نەرسىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ خىللىققا ئىگە:

يالې گۈزەل-سەنئەت سارىيى (Yale University Art Gallery): ئامېرىكا بويىچە تۇنجى ئالىي مەكتەپ گۈزەل-سەنئەت سارىيى بولۇپ، 180 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ساقلانغان، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە كۆپلىگەن ھازىرقى زامان ۋەكىل خاراكتىرىدىكى مۇھىم گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى بار.

يالې-ئەنگلىيە سەنئەت مەركىزى (Yale Center for British Art)

پېئابودىي تەبىئەت تارىخى مۇزېيى (Peabody Museum of Natural History)

چالغۇ ئەسۋاپلىرى ئامبىرى (Collection of Musical Instruments)

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرىجىسى

يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلىم-پەن رەت تەرتىپىدە 2013-يىل دۇنيا بويىچە 11-ئورۇندا تۇرغان. QS دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرىجىسى (QS World University Rankings) دە دۇنيا بويىچە 8-بولۇپ باھالانغان. تامېس ئالىي مائارىپى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرىجىسى (Times Higher Education World University Rankings) دە 10-ئورۇندا تۇرغان.

ئامېرىكا بويىچە، 2013-يىلى (تولۇق كورس)  يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

داڭلىق مەكتەپداشلار

يالې ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ھازىرقى زامان سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ يېتىشتۈرگەن. «بوستون يەرشارى پوچتا گېزىتى» دە ئىلگىرى: «ئەگەر ئۆتكەن 30 يىلدا ئامېرىكا ئۈچۈن كۆپلىگەن رەھبەرلەرنى تەربىيىلەپ چىققان ئۇنىۋېرسىتېت بار دېيىلسە، ئۇ دەل يالې ئۇنىۋېرسىتېتى» دېيىلگەن. 1972-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھەر قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا، كۆپ قىسىم دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلامغا قاتناشقان ۋەكىللىرى ئاساسەن يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەكتەپداشلار. يالې ئۇنىۋېرسىېتتىنى پۈتتۈرگەن ئامېرىكا پرېزدېنتلىرى: جورج خېربېرت ۋولكېر بۇش (George Herbert Walker Bush)، بىل كىلىنتون (William Jefferson "Bill" Clinton)، جورج ۋولكېر بۇش (George Walker Bush)، جېرالد رادلوففورد (Gerald Rudolph Ford, Jr)، ۋىلليام خوۋورد تافت (William Howard Taft) قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە 19 نەپەر ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ ئالىي سوت باش سوتچىسى ۋە 230 رودوس مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى تەربىيىلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 49 نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغان ئېرىشكۈچى بۇ مەكتەپتە ئوقۇش ياكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى شوغۇللىنىۋاتىدۇ.

 مەنبە: ۋىكېپىدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 299 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-14