يۇنۇس ئەمرە


يۇنۇس ئەمرە

يۇنۇس ئەمرەيۇنۇس ئەمرە

يۇنۇس ئەمرەنى باشقا تەسەۋۋۇپ شائىرلىرىدىن ئايرىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە خەلق شائىرى بولۇشىدۇر. بۇ نۇقتا، ئۇنىڭ خەلق تەرىپىدىن سۆيىلىشىگە، شېئىرلىرىنىڭ يادقا ئېلىنىپ ئوقۇلۇشىغا ۋە خەلق ئارىسىدا سۆيگۈ، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىككە ئوخشاش ھېس–تۇيغۇلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە سەۋەب بولغان. شۈبھىسىزكى، دۇنيادا مۇتەسەۋۋۇپ شائىرلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. ئەمما، ئىنتايىن مۇرەككەپ تېمىلارنى خەلق ئاسان چۈشىنىدىغان تىل بىلەن بايان قىلغان ئىككىنچى كىشىنى تېپىش ناھايىتى تەس. بۇ سەۋەبتىن يۇنۇس ئەمرە كۆڭۈللەردىن ئورۇن ئالغان كىشى سۈپىتىدە 700 يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاپ كەلمەكتە.

يۇنۇس ئەمرەنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ 1240–يىللىرىنىڭ بېشىدا تۇغۇلغانلىقىنى ۋە تەخمىنەن 1320-يىللاردا 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە. يۇنۇس ئەمرە توغرىسىدا ئېنىق بولمىغان نۇقتىلار ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتىلا ئەمەس. چۈنكى تۇغۇلغان ۋە ئۆلگەن ۋاقتى ھەقىقەتەنمۇ ئېنىق ئەمەس. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئەسكىشەھىر ئەتراپىغا جايلاشقان سارىكۆيدە ياشىغانلىقى بىلەن كاراماندا ياشىغانلىقى مەسىلىسىنى تالاش–تارتىش قىلىشىدۇ.

شېئىرلىرىنى كونا ئوغۇز تۈركچىسى بىلەن يازغان يۇنۇس ئەمرەنىڭ، ئانادولۇ، ئەزەبەيجان ۋە دەمەشىققە بارغانلىقى؛ مەۋلانە جالالىددىن رۇمى ۋە ھاجى بەكتاشى ۋەلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى؛ تاپتۇق ئەمرەنىڭ يېنىدا دەرۋىشلىكتىن دەرس ئالغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

يۇنۇس ئەمرە شېئىرلىرىنى تۆت مىسرا ھەجە ۋەزنىدە يازغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئارۇز ۋەزنى بىلەنمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى تۈرك خەلق ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، دىۋان ئەدەبىياتىغىمۇ مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كىلاسسىك ئەدەبىياتتا قوللىنىلغان ئۇقۇملارغا يېڭى ئۇقۇملار قوشۇلغان. ئادەم بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئىنسان سۆيگۈسى، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم، ئاشىقلىق ۋە مېھىر-شەپقەت قاتارلىق تېمىلار ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە ئاددىي تىل بىلەن بايان قىلىنغان.

يۇنۇس ئەمرە مەۋلانە جالالىددىن رۇمىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى دۇنياۋى نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشەنگەن، بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلغان بىر شائىردۇر. ئۇنى مەۋلانە جالالىددىن رۇمىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، ئۇ ئىشلەتكەن تىلدۇر. مەۋلانە جالالىددىن رۇمى تۈركچە ئۇقۇملارنى، ئىدىيۇملارنى ۋە تۈرك پەلەسەپە چۈشەنچىلىرىنى پارس تىلى بىلەن بايان قىلغان بولسا، يۇنۇس ئەمرە ئانا تىلى بولغان تۈركچىنى تاللىغان. بۇ ئالاھىدىلىك يۇنۇس ئەمرەنىڭ تۈركچىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى بولالايدۇ. بۇ ئەسەرلەر پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەرلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تۈرك مۇزىكىسى، خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىلاھىيلىرىنىڭمۇ قىممەتلىك خام ماتېرىياللىرىنى تەشكىل قىلغان. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، يۇنۇس ئەمرە تۈركىستانلىق ئۇلۇغ ئالىم ئەھمەت يەسەۋىنىڭ يولىدا ئىلگىرىلىگەن ئانادولۇدىكى ئەڭ مۇھىم مۇتەسەۋۋۇپلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

يۇنۇس ئەمرەنىڭ ھاياتى، ئۇرۇش پارتلىغان دەۋردە ۋە رايوندا ئۆتكەن. ئۇ باتىل ئېتىقادلار جەمئىيەتكە تارقالغان، كىشىلەر پەرىشان ھالەتتە ياشىغان بىر دەۋردە ھېچقانداق شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن ئىنسانلارنى بىرلىككە، تىنچلىققا ۋە ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشكە چاقىرغان. يۇنۇس ئەمرەنىڭ پىكرى بويىچە بولغاندا، ئىنسانلار ئىرقى، مىللىتى، رەڭگى ۋە سىنىپىي تەۋەلىكىگە ئاساسەن بىر–بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلار سۆيۈلۈشكە لايىق.

يۇنۇس ئەمرە شەرقتىكى ئىنسانشۇسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يۇنۇس ئەمرە ئىنسانشۇناسلىقنىڭ بۆشۈكى سۈپىتىدە تونۇلىدىغان ئىتالىيەدە ئىنسانشۇناسلىق چۈشەنچىلىرى تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتتىلا تۈرك ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئۆرنەكلىرىنى سۇنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى توپلانغان كىتاب «يۇنۇس دىۋانى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەسەرنى دانتېنىڭ «دىۋىنا كومېدىيە» دېگەن ئەسىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. يۇنۇس ئەمرە ئۆزىنىڭ دىۋانىدا روھنىڭ پۈتۈنلۈكىنى، تەننىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئەقىل بىلەن تۇيغۇنىڭ كۈرىشى، مەۋجۇتلۇق، يوقلۇق، ئاللاھ، يارىتىلىش ۋە ئۆلۈمگە ئوخشاش ھاياتلىقنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بايان قىلغان. يۇنۇس ئەمرە سەنئەت يارىتىش دەردىگە چۈشمىگەن بولۇپ، ئاددىي، ئەمما كۆپ خىللىققا ئىگە چۈشەنچىلىرىنى يۇقىرى ماھارەتتە بايان قىلىشتا تەڭدىشى يوق. ئۇ تۈرك تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى ئەبەدىيلىككە ئىگە قىلغان شائىر. ئۇ ئانادولۇدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممە جايلىرىدا بىلىنىدىغان، ئەسەرلىرى سۆيۈلۈپ ئوقۇلغان ۋە سۆيۈلگەن كىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئانادولۇدا بۈگۈن 9–10 يەردە يۇنۇس ئەمرەنىڭ دەپ قارىلىدىغان قەبرىلەر بار. بۇلار خەلقنىڭ يۇنۇس ئەمرەنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە تەئەللۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يۇنۇس ئىسىملىك ئۆلگەن پۈتۈن كىشىلەرنى ئۇنىڭ كىشىلىكى بىلەن پۈتۈنلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۇنۇس ئەمرە يۈز يىللاردىن بۇيان ئوقۇش-يېزىشنى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان تۈرك خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ ئەۋلىيا–ئەنبىيالاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: TRT

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 214 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-14