تارىخچى ۋە شائىر موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى ۋە «شەجەرىل ئىرشات»


تارىخچى ۋە شائىر موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى ۋە «شەجەرىل ئىرشات»

 

خوجانىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)

 

مەرىپەتپەرۋەر شائىر ۋە دىنىي ئۆلىما موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ 19-ئەسىردە ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىقتىدارلىق تارىخچى ۋە شائىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە قالدۇرغان مەلۇماتلىرى ۋە بىزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسلانغاندا، شۇنىڭدەك تارىخچىنىڭ ھېلىمۇ ھايات نەۋرسى–قۇۋان ھېيت، مۇھەممەت ئسمايىللارنىڭ ۋە ئاچتاغ يېزا ئويتۇر تۇيۇق كەنت (5-كەنت) «خوتەن ھويلا» مەھەللىسىدىكى  120 ياشقا كىرگەن ئىمىن ئەھەد دېگەن كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشچە، موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى مىلادى 1836–يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھيىسنىڭ ئاچتاغ (يانقىر) يېزىسى ئويتۇر كەنتىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسى ئىلىم-مەرىپەتكە ھېرسمەن كىشلەر بولغاچقا، ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ باشلانغۇچ ساۋادىنى ئۆز يۇرتى ئويتۇردىكى دىنىي مەكتەپتە چىقارغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەلۇماتنى ئاقسۇ ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى دىنىي مەكتەپلەردە ئالغان. بۇ جەرياندا تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەرەب، پارس تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئىگىلىۋالغان ھەم مەلۇم تارىخىي بىلىمگە ئىگە، ئۇستا خەتتات ۋە سۆزمەن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆز يۇرتى ئۇچنىڭ يانغى (يانقىر) يېزا ئويتۇر مەھەللىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، تارىخى ۋە دىنىي بىلىملىرى بىلەن خەلق ئارىسدا تونۇلۇپ، كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ئەل– يۇرت ئىچىدە تونۇلغان خەتتات بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكى كۈنلەردە مۇھەممەد نىياز زۇڭ شاڭيۇ (بۇ كىشى ئەسلى خوتەنلىك بولۇپ، ئۇچنىڭ ئاچتاغدىكى «خوتەن ھويلا» مەھەللسگە كېلىپ ماكانلاشقان. كېيىنچە ئۇچتۇرپاندىكى بارلىق يۇرت–ئايماقلارنىڭ كاتتا بېگى بولغان) نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مىرزىسى (كاتىپى) بولغان. ئۇ  يازغان ئالاقە ۋە خەت–چەكلەر جەمئىيەتتە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئەرز–دەۋا ئىشلىرىنى مۇمكىنقەدەر تېز، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشتا زور رول ئوينىغان.  

تارىخچى ۋە شائىر موللا ئىبراھىم ئويتۇرى شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ تۇراقسىز بىر ۋەزىيەتتە ياشىغان. يەنى ئىچكى جەھەتتە، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يېغىلىقى ئەۋجىگە چىققان. تاشقى جەھەتتە، بۇنىڭغا ئۇلىنىپ كەلگەن چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە ئېزىلىشكە قارشى غەزەپ-نەپرىتى چېكىگە يېتىپ، ھەر قايسى جايلاردا مىللىي ئازاتلىققا ئىنتىلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى ئەۋجىگە چىققان شارائىتتا ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆز يۇرتى ئويتۇردا مەسچىتكە ئىماملىق قىلىش ۋە تالىپلارنى تەربىيەلەش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ھىجرىيە 1313-يىلى (مىلادى 1896-يىلى) 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .

ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن تارىخى ۋەقەلەرنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر يۇرتىدىكى ۋەقەلەرنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھىجرىيە 1307-يىلى (مىلادى 1889-يىلى) 53 يېشىدا «شەجەرىل ئىرشات» (1) ناملىق 580 بەتلىك تارىخى ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان شېئىر، قوشاق ئىجاد قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بۇلاڭ–تالاڭ قىلىنىپ يوقىتىلغان. ئۇ يازغان شېئىرلىرىدا خەلقنى نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن قول ئۈزۈپ، ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاشقا چاقىرغان.

«شەجەرىل ئىرشات» ناملىق بۇ تارىخى ئەسەردە خوجا ئەھمەد كاسانى (مەختۇم ئەزەم) ھەم ئۇنىڭدىن تارقالغان خوجالارنىڭ نەسەبنامىسى بىر-بىرىگە ئۇلاپ يېزىپ چىقىلغان. ئەسەردە نۇقتىلىق ھالدا ئاپپاق خوجا، بولۇپمۇ بورھانىدىن خوجا، جاھان خوجا قاتارلىقلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر يۇرتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خېلىلا تولۇق بايان قىلىنغان.

بورھانىدىن خوجا، جاھان خوجىلارنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇپ كەلگەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، خانلىق تىكلىگەنلىگى، ئۇچتۇرپان جايتاغ ئۈستىگە چىن خاقانى شەھىرى تەقلىدىدە شەھەر سېلىش ئۈچۈن چۆرۈلمە سېپىل سالغانلىقى، ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندىن ئىككى مىڭ مەدىكار (ئىشلەمچى) ئەكىلىپ، ئۈچ ئاي ئىشلىگەنلىكى، ئۈچ يىل تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، 4-يىلى ھۆدى بەگ (كۇچالىق)، گادايمەتبەگ، سېتىۋالدى بەگ، ئوسمان بەگ، سالى بەگ، ھەسەنكاھدىن ئىبارەت 6 كىشىنىڭ قەسەم قىلىشىپ بېيجىڭغا بېرىپ (2) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلگەنلىكى؛ بورھانىدىن خوجىنىڭ ئۇچتۇرپان ئاقيار يېزىسىنىڭ قازغان كەنتىدىكى بەش ئېغىزغا چۈشۈپ، سەركەردىلىرى رەھمان قۇلى بەگ، پەرمان قۇلى بەگ، مۇزەپپەر بەگ (ئۇچ لۇق)، تاغلىق ئوسمان بەگ، ئبدۇۋايىت بەگ، دولان سائادەت بەگ، كۇچا ئابدۇكىرىم بەگ، ئابدۇجاپپار بەگ، شىرەس ئابدۇغۇپۇر بەگ، قاينۇق مۇھەممەدئىمىن بەگ قاتارلىقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، توشقان دەرياسى ۋە قۇم ئېرىق دەرياسى ئەتراپلىرىدا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغانلىقى، ئاخىرى، بورھانىدىن خوجا بىلەن جاھان خوجا قاتارلىقلارنىڭ قەشقەر، ياركەنىت تەرەپلەردە چىڭ لەشكەرلىرىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، ئافغانىستان دائىرسىدىكى بەداخشانغا چېكىنگەنلىكى، بەداخشان شاھى–سۇلتان شاھنىڭ ھىيلە قىلغانلىقى، قاتتىق ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئىككى خوجا باشلىق نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ باداخشاننىڭ شىمالىدىكى جاھان ئاباتقا دەپنە قىلىنغانلىقى، ئارىدىن 77 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قەشقەر ھاكىمى ئىسكەندەر ۋاڭ(3) تەرىپىدىن قۇمۇل ۋاڭ بېگى ئەفرىدۇن ۋاڭ شەھەر–شەھەردىن، ئالتۇن–كۆمۈش يىغىپ، ئۇنى بەداخشانلىقلارغا تارتۇق قىلىپ، بۇ خوجالارنىڭ جەسەتلىرىنى ئافغانىستاندىكى بەداخشاننىڭ جاھان ئاباد دېگەن يېرىدىن قەشقەرگە يۆتكەپ ئەكىلىپ، ئاپپاق خوجا جەمەتى مازارلىقىدىكى ئەھمەد خوجا (ئىككى خوجانىڭ ئاتىسى) قەبرىسى ئايىقىغا دەپنە قىلغانلىغىغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان.

گەرچە ئەسەردىكى ۋەقەلەر تەرتىۋى، نەسەب تەرتىۋى، بايان قىلىش تەرتىۋى سەل ئىلگىرى–ئاخىر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يۇرتىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخى رېئاللىقىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزدا يەنىلا زور ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە قىممەتلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھات:

(1) «شەجەرىل ئىرشات»-دېگەن سۆزدىكى «شەجەرىل» سۆزى نەسەب، نەسەبنامە دېگەن مەنىنى بىلدۈرسە، « ئىرشات»-سۆزى گۇۋاھنامە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا «شەجەرىل ئىرشات» نەسەبلەر گۇۋاھنامىسى دېگەن بولىدۇ.

(2) بۇ 6 كىشى بېيجىڭغا بارمىغان، بەلكى شىمالىي ئۇيغۇر يۇرتىدىكى ئىلىغا كەلگەن چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئامىنداۋ قېشىغا تازىمغا بارغان.

(3) قەشقەر ھاكىمى ئىسكەندەر ۋاڭ–ئەسلى تۇرپانلىق بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان.

بۇ ئەسەر 1990-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى «ئاقسۇ گېزىتى» 4-بەتتە ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1991-يىلى 1-ساندا ئېلان قىلىنغان.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 262 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-12