بالقاندىكى تۈركى خەلقلەر


بالقاندىكى تۈركى خەلقلەر

 

خۇجا نىياز يوللۇغ تېكىن

 

بالقاندىكى تۈركى خەلقلەربالقاندىكى تۈركى خەلقلەر

     قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا مىللەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بالقان تەۋەسىدىكى تۈركى خەلقلەر، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، قىسقىچە تارىخى تەرەققىيات جەريانى، ھازىرى ئەھۋالى، تىل-يېزىقى، ئوقۇتۇش، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق ئەھۋاللار يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.

  ئاچقۇچلۇق سۆز: بالقان تەۋەسى  تۈركىي خەلقلەر  ھازىرقى ئەھۋالى

    قەدىمكى تارىخىي ماتېرىياللاردا تۈرك قەۋىملىرىنىڭ بالقانغا ئەڭ دەسلەپ يەرلىشىشى مىلادى 300-يىللاردىن ئېتىبارەن باشلانغان. يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربكە سۈرۈلگەن تۈرك قەۋىملىرى ھازار دېڭىزى-قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى ئارقىلىق بالقان بۆلگە (رايون) غا يەرلەشكەن. بۇلار ئوگۇر (ogur،utrugur،kutrugur) لار، بۇلغار، پېچىنەك، ئوغۇزلار، كۇمانلار (قىپچاقلار) قاتارلىق تۈرك قەبىلىلىرىدۇر. كېيىنچە بۇ تۈرك قەۋىملىرىنىڭ بىر بۆلىكى ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ، باشقىلارنىڭ دىنى-خىرىستىيان (دىنى، تىل-يېزىغى ...) نى قوبۇل قىلغاچقا، ئۆز ئەسلىنى يوقىتىپ سىلاۋيانلاشقان. ئۇلار يەرلەشمىگەنلىگى، بىر-بىرى بىلەن ئۇيۇشمىغانلىقى، مۇستەھكەم، ئىتتىپاقلاشقان تەشكىلى-ئورگىنى قۇرۇپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۆلگە (رايون) دىكى ۋىزانىس، سلاۋ، لاتىن قاتارلىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيە چەمبىرىكى قورشاۋىدا بىر-بىرلەپ ئۆز مىللىي كىملىكلىگىنى يوقاتقان.

    بالقانغا كەلگەن ئىككىنچى تۈرك توپى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ ئانادولۇغا يەرلەشكەن ئوغۇز تۈركلىرىدۇر. ئۇلار ئوسمان تۈرك بەگلىگى زامانىدا يەنى 1263-يىلى چاناق قەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ جەنۇبتىن بالقانغا كىرگەن. 1526-يىلى قازانغان موغاچ غەلبىسى بىلەن بالقاندا مۇتلەق تۈرك مۇستەقىللىقى دەۋرىنى باشلىغان. ھازىرقى كۈندە بالقاندا 11 مىليون  734 مىڭ مۇسۇلمان (سۈنئى، ھەنىفى) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار 6 مىليون 352 مىڭ كىشىدۇر(1981-يىلى).

1. رومانىيەدىكى تۈركى خەلقلەر

رومانىيە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان، شەرقى تەرىپى قارا دېڭىزغا تۇتۇشىدۇ، مەركىزىي بۇگۇرېسىت شەھىرى. يەر كۆلىمى237 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر، 2007-يىلدىكى نوپۇسى 22 مىليون 276 مىڭ 56 نەپەر كىشى.

رومانىيە جۇغراپىيىسىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىقى ناھايىتى قەدىمكى دەۋىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. قەدىمكى تۈركى قەۋىملىرى بولغان ھۇنلار، ئوگۇرلار، ئاۋارلار، پېچېنەكلەر، قىپچاقلار ۋە كېيىنكى بىر چوڭ تۈرك قەبىلىلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن كېلىپ رومانىيەگە يەرلەشكەن. 13-14-ئەسىرلەردە ئالتۇن ئوردا ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئوسمان تۈرك ئىمپراتورلىقى ھاكىمىيىتى دەۋرىدە كۆپلىگەن تۈركى خەلقلەر بۇ بۆلگەگە كېلىپ يەرلەشكەن، 500 يىلغا يېقىن ھاكىمىيەت سۈرگەن ئوسمان تۈرك دەۋرىدە ئىسلام دىنى ۋە تۈرك تىلى رومانىيەگە كەڭ تارقالغان. 1877-1878-يىلدىكى ئوسمان تۈركلىرى بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش، بېرلىن شەرتنامىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاخىرلىشىپ، رومانىيە، ئوسمان تۈرك ئېمپىراتورلىقىدىن قۇتۇلۇپ ئىگىمەن (مۇستەقىل) بولغان. بۇنىڭ بىلەن رومانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر بۇ ۋەتەندىن كۆچۈشكە باشلىغان.

   «ھازىر رومانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ نوپۇسى 95 مىڭ بولۇپ، ئۇلار تۇنا دەرياسى بىلەن قارا دېڭىز ئوتتۇرىسىدا قالغان دوبرۇجا بۆلگەسىدە كۆپ ساندا ياشىماقتا»1. «بەزى مەنبەلەردە 1981-يىلى 320 مىڭ كىشى تۈركچە سۆزلىشىدۇ» دېيىلگەن2. رومانىيەدە تۈركى خەلقلەر تۈركىيە تۈركلىرى، قىرىم تۈركلىرى (تاتار)،نوغايلار بىلەن گاگائۇز تۈركلىرى بولۇپ، ئۇلار رومانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى كونىستانتا ئەتراپلىرىغا تارقالغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىدا ياكى رومان تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ، ئۇلار رومانىيەلىكلەر ۋە ئانادولۇدىن كەلگەن تۈركلەر بىلەن تۈرلۈك بېرىش-كېلىشلەر مۇناسىۋىتىدە ياشىماقتا. رومانىيەدە 70 نەچچە مەسچىت ۋە ئىسلام مەركەزلىرى بار. رومان تىلىدا كۆپلىگەن تۈركچە سۆزلەر بار.

2. بۇلغارىستاندىكى تۈركى خەلقلەر

بولغارىستان بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شەرق تەرىپى قارا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ، مەركىزى سوفىيە شەھىرى. يەر كۆلىمى (111 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) نوپۇسى 8 مىليون 900 مىڭ.

بۇلغارىستاندا تۈركلەرنىڭ بارلىقى ناھايىتى قەدىمكى تارىخقا بېرىپ تاقىلىدۇ. مىلادى 5-،7-ئەسىرلەردە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىغا كەلگەن تۇنا بولغارلىرى، ئەسلىدە تۈركچە سۆزلىشەتتى؛ «بولغار» ئاتالمىسى ئەسلىدە 5-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا كۆرۈلگەن يەنى مىلادى 482-يىلى ۋىزانىس ئىمپېراتورى زېنوننىڭ شەرقى گوتلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئەسكىرىي ياردەم تەلەپ قىلىش مۇراجىتىدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قەبىلە-توپلۇق ئىسمى بولۇپ ئوتتۇرغا چىققان3. ياۋروپا ھۇن ھۆكۈمرانى ئاتتىلا مىلادى 453-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۇنلار ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭغان. ئاتىللانىڭ ئوغلى دېڭىزخان 469-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۇنلار بىر قانچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، بۇنىڭ كىچىك قېرىندىشى ئىرنەك باشچىلىقىدا ھۇنلار ئوتتۇرا ياۋروپانى تاشلاپ، قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئون ئوگۇرىيە (onoguriya) گە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەركىۋىگە قوشۇلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار «ھۇن ئۇغۇرلار»4 ياكى «بۇلغار»5 لار دەپ ئاتالغان. دېمەك، ھۇنلار تەركىبىدە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بولغان. 470-يىلى ئۇلار ئىرنەك ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ بۇلغار دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ ئوگۇر (ogur) لار، جۇڭگو تارىخىي ماتېرىيالى «خەننامە، ۋېينامە، تاڭنامە» قاتارلىق ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان قەدىمقى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ئالتاي، چۆچەك، ئېرتىش، قۇبدۇ، تارباغاتاي، جوڭغارىيە ئەتراپلىرىدا ياشىغان. ئۇلار بۇ ماكاندا «خەننامە غەربىي رايون تەزكىرسى» دە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر خانلىقى (ئۇگۇر乌揭国، خۇگۇر 呼揭国) نى قۇرغان. بۇ ئۇيغۇرلار خەنچە تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋۇجىيې (乌偈) ياكى خۇجىيې (呼偈) دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يېزىلغان. موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىدە پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار مىلادى389-يىلى، 390-يىلى توغبات سىيانپى (شىمالىي ۋېي خانلىقى) لارنىڭ، 402-يىلى، 429-يىلى جورجان (ئاۋارلارنىڭ) لارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچراپ، نەچچە يۈز مىڭ ئادىمى، مال-چارۋا، ئات-ئۇلاقلىرىدىن ئايرىلغان، بۇ ئۇرۇش بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە قاراپ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى كېيىن كافكازىيە ۋە ۋولگا دەرياسى بويلىرىغا كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلار شەرقىي رىم تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ئون ئوغۇر (on ogur) دەپ يېزىلغان، مەلۇمكى «ئون ئوغۇر» دېگىنى «ئون ئۇيغۇر» دېگەنلىكتۇر6. «مىلادى463-يىلى ئون ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۇپ، ئون ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ھەمدە مىلادى 461-465-يىللار ئارلىقىدا ساراخۇر ئوغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) ۋە ئون ئوغۇر (ئون ئۇيغۇر) كىشىلىرى شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە تۇنجى قېتىم ئەلچىلەر ئەۋەتىپ دىپلوماتىك ئالاقىلەر ئورناتقان. ئۇلارنىڭ مەركىزى ئون ئۇيغۇر (on ogurs) شەھىرى دەپ ئاتالغان»7. «شۇ چاغلاردىن باشلاپ شەرقتە ئېتىل (ۋولگا) دەرياسى بويلىرىدىن غەربتە دون دەرياسىغىچە بولغان يەرلەر تاكى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئون ئۇغۇرلارنىڭ نامى بىلەن ئون ئۇغۇرىيە (ئون ئۇيغۇرىيە)» دەپ ئاتالغان8. بۇنىڭدىن قارىغاندا بولغار خانلىقى ئەينى زاماىدىكى ئۇيغۇر، ھۇن قەبىلە ئۇرۇغلىرىنىڭ بىرلىششى (قوشۇلۇشى) نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. تۈركىيە تارىخچىسى پروفېسسور ئا.زەكى ۋەلىدى توغان«بولغار» دېگەن ئىسىم «بەلغۇر» يەنى«بەش ئوغۇر» ياكى «بەش ئوغۇز» دېمەكتۇر9، دەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا،‹بۇلغار› دېگەن نام بەش ئوغۇر (بەش ئۇيغۇر) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.

دوناي بۇلغار خانلىقى (584-1018) بوگورىسخان دەۋرىدە (852-889) مىلادى 865-يىلىدىن باشلاپ قامان دىنىدىن يېنىپ، خىرىستىئان دىنىغا كىرىشكە باشلىغان، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مەدەنيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەسلى نەسلىنى ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ، ئاستا-ئاستا ئۆز ئەسلى-نەسلىنى يوقىتىپ، مىلادىنىڭ 965-يىلىغا كەلگەندە «بۇلغار» دېگەن تۈركچە قۇرۇق نامىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، ئۆز ئانا تىلى تۈركچىنى تامامەن ئۇنتۇغان. ئۇلارغا سىلاۋيان قېنى ئارلىشىپ، سىلاۋيان تىلىدا سۆزلىشىدىغان بۈگۈنكى بۇلغارلار پەيدا بولغان.

  10-،12-ئەسىرلەر ئارلىقىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن كۇمان، پەچەنەك  ۋە ئۇز قاتارلىقلارمۇ بۇ جايغا كەلگەن، بۇلارنىڭ بىر قىسمى كېيىكى زامانلاردا سلاۋيانلىشىپ كەتكەن، يەنە كۆپ سانلىق قىسمى بولسا ئۆزلىرىنىڭ تۈركلىگىنى قوغداپ كېلەلىگەن.

    كېيىنكى ۋاقىتلاردا  ۋىزانسلار، لاتىن ۋە سلاۋيان كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇپ كېلىش ھەركىتىنى توسۇش ئۈچۈن، ئانادولۇدىن تۈركلەرنى كەلتۈرۈپ يەرلەشتۈرگەن، 1371-يىلدىن ئېتىبارەن ئوسمان تۈرك ئىمپىراتۇرلىقى بۆلگەنى ئۆز  ھاكىمىيىتىگە ئالغاندا يەنە كۆپلىگەن تۈركلەر بۇ يەرلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن. 16-ئەسىردە بۇلغارىستاندا تۈركلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەش  ھالىتىگە يەتكەن.

     ئوسمان تۈرك ئىمپېراتورلىقىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بالقاندا ئويۇن ئويناشقا باشلىغان، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئويۇنلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇلغارىستان دۆلىتى قۇرۇش پىلانى بويىچە، بۇلغارستاندا بۇلغارلارنى كۆپ سانلىق ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرك نەسەبلىرىگە قارىتا 1877-1778- يىللىرى ئوسمان-رۇس ھەربىي ئۇرۇشىنى قوزغىغان، نەتىجىدە 350 مىڭ تۈرك قەتلى قىلىنغان، 800 مىڭ تۈرك ئانادولۇغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنغان10. بۇ سۈرئەتتە بۇلغارىيە جۇغراپىيەسىدە بۇلغارلار نوپۇسى كۆپ سانلىققا يەتكەن. بېرلىن شەتنامىسى بويىچە بۇلغارىستان شاھلىقى قۇرۇلغاندا تۈركلەر مۈشكۈل كۈنلەردە ياشىغان.

    1908-يىلى بۇلغارىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئېلان قىلىنغان يىللاردا كۆپ سانلىق بولغان تۈركلەر 1980-يىللارغا قەدەر بولغارلار تەرەپتىن تۈركۈملەپ قىرىلىپ، سۈرگۈندە ئاچلىق ۋە سوغاقتىن ئۆلۈپ، مائارىپ ۋە ئۇيغارلىق (مەدەنىيەت) كەينىگە ماڭغان. تۈركلەرنى بالقاندا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار، ئارقا پاچاقلار، ھەقىقى مۇسۇلمان بۇلغارلار دەپ ئايرىپ سىياسەت قوللانغان. بۈگۈنگە قەدەر بەش قېتىم كۆچۈپ ھاياتىنى ياشناتقان. 900 مىڭدىن كۆپ تۈركى خەلقلەر ئانادولۇغا كۆچۈش مەجبۇرلىقىدا قالغان11.

     نوپۇس جەھەتتە: ھازىر بۇلغارستاندا ياشايدىغان تۈركى خەلقلەر، تۈركىيە تۈركلىرى، تاتارلار، گاگائۇزلار بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىق قىسمى ئۆز ھالىنى، ئۇيغارلىقنى مۇھاپىزەت قىلالمايدۇ. 1940-يىلى تۈرك نوپۇسى دوبرۇجادا خېلىلا  كۆپ بولغان. دوبرۇجا بۆلگەسىدە تۈركىيە تۈركلەردىن باشقا تۈرك تىلى قوللىنىدىغان تۈركى خەلقلەردىن 7000 تاتار ۋە گاگائۇزلار بار. بالقان تۈركلىرى 1940-يىللاردىن ئېتىبارەن تۈركىيىگە كۆچۈشكە باشلىغان. 1944-يىلغا قەدەر 140 مىڭ كىشى12، 1949-يىلدىن 1951-يىللارغىچە 156 مىڭ كىشى، 1969- يىلدىن 1978-يىلغا قەدەر 130 مىڭ كىشى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن 13. 1965-يىلدىكى نوپۇس مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركلەر 850 مىڭغا يېقىن بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10 نى ئىگىلىگەن. 1985- يىلدىكى نوپۇس ئېنىقلاشتا ھۆكۈمەت  ئۇچۇقلىمىسى (ئاخباراتى) دا تۈركى خەلق نوپۇسى 1 مىليون 600 مىڭغا  ئۇلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %15 نى ئىگەللەپ، بۇلغارستاندا تۈركلەر كۆپ سانلىق ھالەتكە يەتكەن. بۇ ئەھۋالدا بۇلغارلار ئاز سانلىق خەلقلەرگە چەكلىمە قويغان. ئۇلارنى ئاسسمىلاتسيە قىلىشقا تىرىشىپ 1984-1985-يىللاردا تۈركچە نام-ئاتالغۇلارنى قوللىنىشنى مەنئى قىلىپ، كۆچۈپ كېتىشكە زورلىغان. نەتىجىدە 1989-يىلى 160 مىڭ تۈرك تۈركىيەگە مەجبۇرى كۆچۈپ كەتكەن. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ سان 300 مىڭغا يەتكەن14.

   ھازىرقى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركلەر، بۇلغارىستاندا رودوپ تاغلىرى، پىرىن، ۋاردار، فىلىبە، كىرچەئالى، سوفىيە، شۇمنۇ، دوبرۇجا، مەستانلى، دارىد، ئەغرىدەرە، خاسكۆي بۆلگۈلىرىدە كۆپ سانلىق بولۇپ 3 مىليوندىن كۆپ تۈركى خەلق ياشىماقتا ۋە بولغارىستان نوپۇسىنىڭ %30 نى تەشكىللىمەكتە15. تۈركىي خەلقلەر بۇ جايلاردا تۈركىيە تۈركچىسىچە ياكى يەرلىك تۈركلەر بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇزدا سۆزلىشىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈركلەر بولغارلار بىلەن قوشۇلغان تۈركلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدۇر. گاگائۇزلار بۇلغارىستاننىڭ شەرقى شىمالىي قىسمىغا يەنى سېلىستىرا ئەتراپلىرىغا تارقالغان كۆپ قىسمى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن16.

    ئۆگۈتىم (مائارىپ) جەھەتتە: بۇلغارستاندا يەر–زېمىن ۋە ئۆگۈتىم دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا (بولغارىستان كومپارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا) بولۇپ، 1940–يىللاردىن باشلاپ تۈركىيلەرنىڭ مىللىي كىملىگى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئۇيغارلىقى، ئۆگۈتىم ۋە باشقا ئىجتىمائى ئالاھىدىلىكلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. تۈركلەر ئۈچۈن يوقسۇزلاشتۇرۇش، تۆۋەن تەبىقىلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. مىللىي كىملىكىنى، ئۆگۈتىم، ئۇيغارلىقنى قوغداش يولىدىكى قانۇن ماددىلىرىغا چۈشىدىغان ھەققانىي تەلەپلىرىمۇ، سىياسى بۇيرۇق بىلەن قالدۇرۋېتىلگەن. 1989-يىلى دۇنيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشتە بۇلغارىستانمۇ دېموكراتىيە، ئاشكارىلىق يولىنى تۇتۇشقا ئۆتكەن، بۇنىڭ بىلەن بولغارىيە ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇلغار دۆلىتى ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ تىل ۋە ئويغارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى «تۈرك تىلى ۋە ئۇيغارلىقنى قوغداش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى» نى مەركىزى شۇمنۇ شەھىرىدە  قۇرغان.

1993-يىلى 6-ئاينىڭ 26-27-كۈنى شۇمنۇدا «1-مىللىي قۇرۇلتاي» ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ بىر يىلدا قىلىدىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. «ئانا تىلنى قۇتلۇقلاش» بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك بۆلگۈلىرى (رايونلىرى) دە تۈركچە كىتابلارنى يايما قىلىپ تارقاتقان، تۈرك تىلى دەرگى (ژۇرنال) نى چىقىرىش، بۇلغارستان تۈركلىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى يايىن (نەشىر) قىلىش قاتارلىقلار پىلانلانغان. 1993-يىلدىن كېيىن بۇلغارىستاندا تۈركلەرنىڭ «ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك پارتىيىسى» بۇلغار پارلامېنتىدا ئورۇن ئېلىپ، 3-سىياسى كۈچ بولۇپ 15 ۋەكىل چىقارغان. بۇلغارىستاندا 27 شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەئىسى، 653 ئاپتونوم  يېزا تۈركلەردىن بولغان.

بۇلغارستاندا قوللىنىلىدىغان تۈركچە، تۈركىيە تۈركچىسىگە سەل يېقىن، دەسلەپكى يىللاردا تۈركچە ئاز سانلىق ئوقۇللاردا ئۆگۈتىم تىلى بولۇپ قوللىنىلغان. 1939-يىلى تۈركلەرنىڭ يۈزدە %15 ى ئوقۇلغا كىرگەن بولسا 1957-يىلىغا كەلگەندە، يۈزدە %97 كە كۆتۈرۈلگەن. ئەپسۇسكى، 1960-يىللارغا كەلگەندە بۇلغار ھۆكۈمىتى ئوقۇللاردا تۈرك تىلىنى قوللىنىشنى  ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1993-يىلدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈركچە ئۆگۈتىم باشلانغان. ئوقۇللاردا تۆۋەندىكىلەرنى قوللىنىش قارار قىلىنغان:

1) تۈرك ئۆسمۈرلىرى ئوقۇللاردا بۇلغارچە ئوقۇپ قانداق بىلىمگە ئېرىشەلىگەن بولسا، تۈركچە ئوقۇپمۇ شۇنداق بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. 2) شۇڭلاشقا، تۈرك ياش-ئۆسمۈرلىرىگە قەتئىي تۈركچە ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈش. 3) بۇنى باشلانغۇچتىن يۈكسەك ئوقۇلغىچە قوللىنىش.4) ۋاقتىنى تۈركىيە ۋاقتىغا ئەمەس، بولغارچە ۋاقىتقا توغرىلاش. 5) ئانا تىلدا تۈرلۈك دەرسلىك، پەن كىتابلىرىنى چىقىرىش. 6) تۈرك ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلىش ۋە قوغدىشى ئۈچۈن بۇلغارستان تۈركلىرىنىڭ ئۆز تارىخلىرىنى ئوقۇتۇش 7)  تۈرك ئويغارلىقى ۋە فولكلورلىرىنى ئۆگۈتۈش. 8) بۇلغار ئۇلۇسال(مىللىي) رادىيوسىدا، تېلېۋىزورلىرىدا تۈركچە يايىن (تارقىتىش) باشلاش. 9) تۈركلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇيغارلىقى-كۈلتۈرى(مەدەنيىتى) ئىپادىلىنىدىغان كىنو-فىلىملىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش. 10) ئۆگۈتىم مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇيغار (كۈلتۈر-مەدەنىيەت) مىنىستىرلىكى بولغارىستان تۈركلىرىنىڭ ئۆگۈتۈم ۋە ئويغارلىقنى تەرەققىيات يۆلۈنىشىگە ئىگە قىلىدىغان تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش. 11) دىن ۋە ئەخلاق ئۆگۈتىمىنى تۈرك ئوقۇغۇچىلىغا تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرس قىلىپ قوللىنىش قاتارلىقلار 17. ئۇزۇن ئۆتمەي بولغارىستاندا «بىخ» ناملىق تۈركچە گېزىت تارقىتىلىشقا باشلىغان.

دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە: تۈركلەر ئاساسەن ئىسلام دىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، گاگائۇز تۈركلىرى بولسا پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

3. يۇنانىستان (غەربىي تراكىيە) دىكى تۈركى خەلقلەر

يۇنانىستان گرېكىيە، گرېتسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرق، غەرب، جەنۇب تەرەپلىرى دېڭىز بىلەن ئورالغان. ئومۇمى يەر كۆلىمى 132 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 10 مىليون 460 مىڭ بولۇپ، گرېكلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ%98 نى ئىگىلەيدۇ، %97 تى پراۋۇسلاۋىيە دىنغا، قالغانلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، گىرىك تىلىنى قولىنىدۇ18، تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ19.

    بالقاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىقى مىلادىدىن ئاۋالقى يىللارغا قەدەر سۈرۈلىدۇ. بالقانغا تۈركىي خەلقلەر ئىككى يولدىن كېلىپ يەرلەشكەن، بىرى شىمالدىن كەلگەنلەر، ئۇلار ئون ئوگۇر-بۇلغار، پەچەنەك، ئۇز، كۇمان-قىپچاق كۈچلىرى، يەنە بىرى جەنۇبتىن ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ  كۆچۈپ كېلىشى ۋە يەرلىشىشى بىلەن بالقان تۈركلىشىشكە باشلىغان، 1263-يىلى سالجۇق ئىمپېراتورلىقى بۇ جايغا قەدەم باسقان، 17 قېتىم بوغازدىن كېچىپ ئۆتۈپ غەربىي تراكىيەنى قامال قىلغان، 1354-يىلى قەتئى قايتماسلىق بىلەن تراكىيەگە كۆچكەن. 1371-يىلى گۈمۈلجىنە، 1373-يىلى ئىسكېچە، 1430-يىلى سەلانىك دېگەن يەرلەرگە ئانادولۇدىن ئىشەنچىلىك ئۇرۇش قىلغۇچى تۈرك ئائىلىلىرىنى تاللاپ ئەكىلىپ يەرلەشتۈرۈپ، بۇ يەرلەرنى تۈركلەشتۈرگەن.

بۇ ئائىلىلەر ئارىسىدا 1830-يىللاردا ماكىدونىيەدىن ۋە ۋودىنادىن كۆچۈپ كەلگەنلەر قاتارىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان. 1460-يىلى مورانىڭ بويسۇندۇرۇلىشى بىلەن بۈگۈنكى يۇنانىستان تامامەن تۈركلەرنىڭ ھاكىميىتى ئاستىغا كىرگەن. 14-15-ئەسىرلەردە بالقانلار تۈركلەشكەن، تۈرك ئويغارلىقى ھۆكۈمران بولغان. 

 1699-يىلى كارلوپچا شەرتنامىسى ئارقىلىق رۇسلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن رۇملۇقلار دەسلەپكى قېتىم مورادا ئىسيان كۆتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن تۈركلەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن غەربىي تراكىيەگە كۆچۈرۈلگەن. كېيىن تۈرلۈك بېسىم تۈپەيلى تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى ئانادولۇغا  كۆچۈپ كەلگەن. بالقاندا دۇنيادىكى تۈرلۈك تېگىشىشلەر، كېلىشىملەر، شىمالدىكى سىلاۋيان ئويغارلىقى، تۈرلى بېسىمى، سىياسى ئويۇنلار، كۈن ئولتۇرماس ئېمپېرىيە-ئەنگىليىنىڭ قىسىشى ئاستىدا، بالقان ئۇرۇشىغا قەدەر ئوسمانلىقلار كەڭ شەكىلدە بۈگۈنكى تۈركىيە چېگرالىرىغا چېكىنگەن. 1912-1913- يىللاردىن كېيىكى كېلىشىملەردە كېيىنكى چېگرالار سىزىلغان. ئۇ جايلاردا ئوغۇز، ئون ئوگۇر-بولغار، پەچەنەك، ئۇز، كۇمان-قىپچاق تۈركلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى ھېلىھەم تۈرك ئويغارللىقىنى ياشنىتىپ كەلمەكتە.

     غەربىي تىراكىيە بىر بۆلگۈ(رايون) نىڭ جۇغراپىيەلىك نامى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن يۇنانىستان دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت ئىچىدە ئورۇن ئالغان، يەر كۆلىمى 8.579 كۋادرات كىلومېتىر، بۆلگە ئىدارە قىلىنىش جەھەتتىن دەدە ئاغاچ، گۈمۈلجىنە، ئىسكەچە دەپ ئۈچكە ئايرىلغان. غەربىي تراكىيە شەرقتە مەرىچ دەرياسى ئارقىلىق تۈركىيەگە؛ شىمالدا رودوپ تاغلىرى ئارقىلىق بۇلغارستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇبىي تەرەپتە ئېگەي دېڭىزى بولۇپ، غەربىدە قاراسۇ دەرياسى بىلەن كاۋالاغا چېگراداشتۇر. بۈگۈن غەربىي تراكىيەدىكى تۈركلەر گۈمۈلجىنە، ئىسكەچە، دەدە ئاغاچ، دىمەتوكا ۋە سوفادا زىچ ھالەتتە ياشايدۇ، غەربىي تراكىيەنىڭ سىرتىدا رودوس، گىرىت ۋە ئىستانكوي ئەتراپلىرىدا تۈركلەر ياشايدۇ. غەربىي تىراكىيەدە بەزى  ماتېرىياللاردا «120مىڭ تۈرك ياشايدۇ» دېيىلگەن بولسا19، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا«200 مىڭدىن كۆپ تۈركلەر ياشايدۇ» دېيىلگەن20. «نوپۇس ئىستاتىستىكىچىلىرىنىڭ تەپتىشلىگىنىگە قارىغاندا 350-400 مىڭ كىشى بولۇشى كېرەك، تۈرك نوپۇسنىڭ 200 مىڭدە قېلىشىنىڭ يىگانە سەۋەبى يۇنان زۇلىمىدىن بولغان»21. يۇنانىستاندا تۈركلەر مىللىي كىملىكىنى يوقۇتىدىغان ئوگۈتىم (مائارىپ) ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى بىلەن زەئىپ بىر ھالدا ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ %80 تى ئىقتىسادىي جەھەتتىن نامرات ھالدا ياشىماقتا.

4. ماكېدونىيەدىكى تۈركى خەلقلەر

    تۈركىي خەلقلەرنىڭ ماكېدونىيەگە يەرلىشىشى مىلادى 4-ئەسىردىن باشلاپ ھۇن، ئاۋار، بۇلغار، ئوغۇز، پەچەنەك ۋە كۇمانلارنىڭ بۇ بۆلگۈگە كېلىشى بىلەن باشلانغان. 1389-يىلى ئوسمان تۈرك ئېمپراتۇرلىقىنىڭ ماكېدونىيەنى بويسۇندۇرۇشى بىلەن تېخىمۇ تۈركلىشىشكە باشلىغان. 1300-يىلدىن كېيىن ئانادولۇدىن ماكېدونىيىگە كۆپ ساندىكى تۈرك كۆچمەنلىرى كۆچۈپ يەرلەشكەن.

   بۈگۈن ماكېدونىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى 1912-يىلىغا قەدەر كۆپ سانلىق ھالىتىدە ياشاپ كەلگەن بولسا، بالقان ۋە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا تۇپراقلىرىدا قورقۇش ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان. سىرىبىستان، كېيىن يۇگۇسلاۋىيە تەۋەسىدىكى ماكىدونىيە بۆلگۈسىدە ياشىغان تۈركلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر، سىياسىي ئويۇن، بېسىم، قامال قىلىشلار، كۆچۈپ كېتىشكە زورلاشلار نەتىجىسىدە ماكىدونىيەدە ئاز سانلىققا چۈشۈرۈلگەن.

   1951-يىلى ماكىدونىيە ئىگىمەنلىك (مۇستەقىللىق) نى قولغا كەلتۈرگەن، 1953-يىلى ماكېدونىيەدە 203 مىڭ تۈرك ياشىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ نوپۇس 97 مىڭ 500 گە چۈشۈپ قالغان22، بەزى مەنبەلەردە 200 مىڭغا يېقىن دېيىلگەن23. تۈركلەر ماكىدونىيەدە ئۈسكۈپ، ماناستىر، گوستىۋار، كالكاندەلان، ئوخرى، رەسنە قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. تېرىم، چارۋىچىلىق، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

   ئۆگۈتۈم، تىل-يېزىق جەھەتتە:

   تۈركلەر تۈرك تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ، شەرقىي ماكېدونىيەدە تۆت يىللىق ئوقۇتۇش تۈزىمى بار، باشلانغۇچ ئۆگۈتۈم (مائارىپ-ئوقۇتۇش) دا 264 ئوقۇتقۇچى ئۆگۈتۈش (ئوقۇتۇش) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گوستىۋاردا بىر تولۇق ئوتتۇرا ۋە بىر ئۈلگىلىك ئوتتۇرا ئوقۇل، كالكاندەلاندا  بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇل تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارماقتا. ئۈسكۈپ ۋە ماناستىر دىكى يۈكسەك ئوقۇل (ئونۋېرسىتىت) لاردا  تۈركلەرگە بەك ئاز، چەكلىك مۆھلەت ئايرىپ بېرىلگەن. يەنە تۈركلەر ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلىپ ئاچقان تۈرك ئوقۇللىرىمۇ بار. ماكېدونىيەدە تۈركلەر ئۆزلىرى ئاچقان ئوقۇللاردا كۆپلەپ ئوقۇماقتا. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشكە تىرىشماقتا. 

   ئاڭلاتقۇ (رادىيو) ۋە نەشرىيات جەھەتتە:  

   ماكىدونىيەدە «تۈرك دېموكراتىك ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركچە گېزىت، دەرگى (ژورنال) چىقىرىدۇ، تۈركچە ئاڭلاتقۇ (رادىيو) دا ئاڭلىتىش بېرىدۇ.

5. كوسوۋادىكى تۈركى خەلقلەر

 كوسوۋا 1375-يىلى ئوسمان تۈرك ئېمپراتورلىقىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركلەر بۇ جايدا يەرلىشىشكە باشلىغان. 1877-78-يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ بۆلگۈدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ، تۈركلەر ئازىيىشقا باشلىغان.

  بالقان سوقۇشى نەتىجىسىدە بۆلگۈدىكى تۈركلەر يۇگۇسلاۋىيە دەۋرىدە ئۈچ قېتىم چوڭ كۆچۈش ۋە قەتلىئامغا ئۇچرىغان. 1930-يىللىرىدا تۈرۈك تۇپراقلىرى تۈركلەردىن زورلاپ ئېلىنىپ سىرىپلارغا بېرىۋېتىلگەن ۋە كۆچۈرۋېتىلگەن. ئىككىنچى قېتىم يەنە تۈرلۈك باھانە-سەۋەب بىلەن تۈركلەر كۆچۈرۈلگەن. سىرىپلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق باستۇرۇش ۋە زۇلۇمدىن كېيىن، ئۈچۈنچى قېتىم 1968-1990- يىللىرى ئارىسىدا تۈركلەر، ئالبالار تەرەپتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا دۇچ كەلگەن.

يۇگۇسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بۆلگەدە ئالبان ۋە سىرىپلارنىڭ تىركىشىشى نەتىجىسىدە، يىللاردىن ئۆز ئېرىك بۆلگە (ئاپتۇنۇم رايۇن) گە ئىگە بولۇپ كەلگەن كوسوۋا سىرىپلار تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە بېقىندى بولۇشىغا مەجبۇرلانغان.

    ئىستاتىستىكىغا كۆرە كوسوۋادا 12 مىڭ، ئەمەلىيەتتە 20، 25 مىڭ تۈركلەر بولۇپ، ئۇلار تۈرك ئۇيغارلىقىنى ياشنىتىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. پرىشتىنە ۋە دراگاستا كۆپ سانلىق بولغان تۈركلەر پرىشتىنە شەھىرىگە توپلىنىپ تۈركچە ئۆگۈتىم ئېلىپ بارماقتا. ئۆزلىرىنىڭ ئويغارلىق (مەدەنىيەت)، دەرنەك (يىغىن)، سىياسى پارتىيىلىرىنى قۇرۇپ سىرىپ ۋە ئالبانلار بىلەن تەڭ باراۋەر ياشاش يولىنى داۋام قىلدۇرماقتا .

6. سانجاقتىكى تۈركى خەلقلەر

   سابىق يۇگۇسلاۋېيە تەۋەسىدە شىمالدا بوسنىيە-گېرتسگوۋىنا، شەرقتە سېربىيە، جەنۇبتا كوسوۋا، غەربىدە قارا تاغ بىلەن چېگرىسى بولغان 8687 كۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى بىر ۋىلايەت نامى سانجاق دەپ ئاتالغان. بۇ يەر 15-ئەسىردە ئوسمان تۈرك ھاكىميىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ تۈركلەرنىڭ يەرلىشىشىگە سەھنە بولغان.

   كېيىن 1877-1878-يىلدىكى ئۇرۇش بىلەن ئاۋۇستىريە-ماجارىستان(ھۇنگارىيە) ئىمپېراتورلىقىغا ۋاقىتلىق بېرىلگەن سانجاق ۋىلايىتىدىكى تۈركلەر، 19-ئەسىردە رۇسىيەنىڭ تەشۋىقاتلىرى بىلەن سېربىستان ۋە قارا تاغنىڭ قىرىشىغا ئۇچرىغان. ئىسكەنجىگە ئېلىش، ئېتنىك ئايرىمىچىلىق ۋە كۆچۈشكە زورلاش جەريانىدا سانجاق تۈركلىرى كۆچۈشكە باشلىغان.

   1980-يىللاردا تىتونىڭ ئۆلۈمى بىلەن پارچىلىنىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان يۇگۇسلاۋېيە 1991-يىلى مىلوشىۋېچ دەۋرىدە پارچىلانغاندا سانجاق ۋىلايىتىدە تۈركلەرگە سىرىپ، قارا تاغلىقلار ناھەق كوللېكتىپ قىرىپ تاشلاش زۇلۇمىنى تەكرار  ئېلىپ بارغان.

بۈگۈن 350 مىڭ مۇسۇلمان ياشىغان ۋە تۈرك-ئوسمانلىق خاراكتېرىنى تاشلىمىغان بۇ ۋىلايەتتە  سىرىپ-قارا تاغ ۋە بوسنىيە-ھېرسەگوۋېنا ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشكە قارشى، تۈرك ۋە مۇسۇلمانلار «سانجاق مىللىي مۇسۇلمانلار مەجلىسى» ئۆتكۈزۈپ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرماقتا. تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە كۆچۈشكە زورلاشقا قارشى سانجاق تۈركلىرى ئۆز ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ياشاش ئۈچۈن قەھرىمانلىق كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا 24.

7. ئالبانىيەدىكى تۈركى خەلقلەر

ئالبانىيە جۇمھۇريىتى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر كۆلىمى 28 مىڭ 748 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 3 مىليون 650 مىڭ. ئالبانىيە 15-ئەسىردە ئوسمان تۈركلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان. بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىدا ۋە كاتولىك دىنىدا قالغان. ئىلگىرى ئەرەب ھەرىپىنى قوللانغان بولسا، كېيىن لاتىن ھەرىپىنى قوللانغان. ھازىر يۇنانچىدا 5000 تۈركچە سۆز بولغان بولسا، ئالبان تىلىدا ھەر ئۈچ سۆزنىڭ بىرى تۈرك-ئوسمانلى سۆزىنىڭ ئەينىدۇر. ھازىر ئالبانىيەدە 70 مىڭ كىشى تۈركچە سۆزلىشىدۇ25، بۇ تۈركى خەلقلەرنىڭ كۆپ سانلىقى تۈركىيە تۈركلىرى ۋە تاتارلاردىن ئىبارەتتۇر، 2006-يىلى ئامېرىكا گۇئەنتانا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر ئالبانىيەگە ماكانلاشتۇرۇلغان.

ئىزاھاتلار:

10،11،15،21، 1«تۈركلۈك ھەققىدە مەلۇمات»2001-يىلى ئەنقەرە تۈركچە نەشرى، 505-، 506 -،509-بەتكە قاراڭ.

2،20،25 يىلماز ئوزتۇنا: «دۆلەتلەر ۋە خانىدانلار» 4-جىلد، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى قىسمى. ئەنقەرە، 1991-يىلى 1-مارت 72-،24-،32-بەتكە قاراڭ.

prof.dr.ibrahim kafes oğlu:Tϋrk milli kϋltϋrϋ.1983.yil Istanbul 185.bet  .5 ،3

8 ،Tϋrk ensiklopediyisi . 25t .430.bet  4

钱伯泉:《维吾尔族的族原及其先们的西迁》《新疆社会科学研究》维文版1996年4期见62页

7Tϋrk ensiklopediyisi.5t.1977.türkçe,482bet

9Toğan,zeki velidi: umumi tϋrk tarihine giriş.istanbul 1970. 41.bet

1214http://www.nihal atsiz.com/ bulğaristan tϋrkleri

1317 Türk Dünyasi T.c.kültür bakanliği Araştirma Dergisi oçak 1994 sayi 5.  55. 54. bet

»16突厥语概论«:李增祥编著,中央民族学院出版社出版,1992年5月,见61页.

18世界地图册 西安地图社编辑2005年1月弟6次印刷见97页希                

19)世知识年鉴界1985-1986)世界知识出版社1986年8月第1次印刷见426            

2224http:// www.nihalatsiz.com/ bati tirakiya turkler htmi

23 26 turklik bilgisi Ankara  2001 yi l  batiTirakiya türkleri 507bet

27http://www.nihalatsiz.com/makidoniya turkleri

2006-يىلى  1-ئاي  ئاقسۇ

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 553 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-12