جون فوربېس كېررىي


جون فوربېس كېررىي

جون فوربېس كېررىيجون فوربېس كېررىي

خەنزۇچە: 翰·福布斯·克里

ئىنگلىزچە: John Forbes Kerry

ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقتى: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1943-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا

سىياسىي پارتىيىسى: دېموكراتلار پارتىيىسى

جون فوربېس كېررىي ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى سىياسىي شەخس، ھازىر ئامېرىكىنىڭ 68-نۆۋەتلىك دۆلەت كاتىپى. ئۇ 1985-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ۋەكىللىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەمدە ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.

2012-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى، پرېزىدېنت باراك ئوباما كېررىينى ھىلارىي كىلىنتوننىڭ ئورنىغا دۆلەت كاتىپىلىق نامزاتىغا كۆرسەتكەن. كېررىي 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن 94-3 بېلەت نەتىجىسى بىلەن دۆلەت كاتىپلىقىغا ماقۇللانغان.

دەسلەپكى يىللاردىكى تۇرمۇشى ۋە تەربىيىلىنىشى

كېررىي كولورادو شتاتى (Colorado) نىڭ دېنۋېر (Denver) شەھىرىگە يېقىن جايدىكى فىتسىمونس ئارمىيە دوختۇرخانىسى (Fitzsimons Army Hospital) دا تۇغۇلغان.

ئۇنىڭ دادىسى رىچارد كېررىي (Richard Kerry) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بوشلۇقتا ئۇچۇش ھەربىي ئەترىتىنىڭ ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى، ئەينى چاغدا ئۆپكە تۇبېركۇليوزى كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا داۋالانغان. كېررىي تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تېزلىكتە ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. كېررىينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ، ئۇ تېخى كىچىك ۋاقتىدا ئاكولىتلىق (altar boy) قىلىپ باققان.

بالىلىق چاغلىرى

كېررىي دادىسىنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن دائىم ئۆي كۆچكەنلىكتىن، كىچىك ۋاقتىدا كۆپ قېتىم مەكتەپ ئالماشقان. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنكى ئەسلىمىسىدە ئۇ «مېنى ئەڭ بىزار قىلىدىغىنى دائىم ئۆي كۆچۈش، دائىم ئايرىلىش. بۇ ئادەمگە تەسىر كۆرسۈتۈپ، سىزنى سوغۇققان قىلىپ قويىدىكەن، سىزنى ئورنىڭىز يوقتەك تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. كىچىك بالىغا نىسبەتەن بۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس» دېدى. ئۇلار 11 يېشىدا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بېرلىنغا كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە ئۇ شۋېتسارىيەدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا دائىم يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن.

ياتاقلىق مەكتەپ (1957~1962)

كېررىينىڭ دادىسى ئامېرىكىنىڭ نورۋېگىيە ئوسلودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن چاغدا كېررىي ماسساچۇسېتس شىتاتىدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇلغان. 1957-يىلى ئۇ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى فېسسېندېن مەكتىپى (Fessenden School) گە كېلىپ ئوقۇغان، ئۇ بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق گېنېرالى جون پېرشىڭ (John J. Pershing) نىڭ نەۋرىسى رىچارد پېرشىڭ (Richard Pershing) بىلەن تونۇشقان.

كېيىنكى يىلى يەنە يېڭى خامپشىر شتاتىدىكى ست پاۋل مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلگەن ھەمدە 1962-يىلى شۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. دادىسىنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارى بولۇپ تاپقان پۇلى كېررىينىڭ ئوقۇش پۇلىغا يەتمەيتتى، شۇ سەۋەبتىن كېررىينىڭ ئوقۇش پۇلىنى بالىسى بولمىغان چوڭ ھاممىسى كلارا ۋىنتروپ (Clara Winthrop) ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۆلىگەنىدى. كېررىي ست پاۋل مەكتىپىدە زادىلا سىغىشالمىغاندەك ھېس قىلاتتى، چۈنكى ئۇ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى، سىياسىي جەھەتتە لىبېراللار پارتىيىسىگە مايىل ئىدى، بىراق ست پاۋل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن ئىدى.

گەرچە ست پاۋل مەكتىپىنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىش بىرقەدەر قىيىن بولسىمۇ، كېررىي بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قانداق نۇتۇق سۆزلەشنى ئۆگەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىياسىيغا قىزىقىشقا باشلىدى.

1959-يىلى كېررىي ست پاۋل مەكتىپىدە «جون ۋىنانت جەمئىيىتى (John Winant Society)» كوممىتېتىنى قۇردى، بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات ھازىرمۇ بار.

1960-يىلى 11-ئايدا، كېررىي ھاياتىدىكى تۇنجى سىياسىي نۇتۇقىنى سۆزلىدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى جون كېنېدى (John F. Kennedy) نىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتلىقىغا سايلىنىشىنى قوللاش ئىدى.

يالېدىكى يىللار (1962~1966)

1962-يىلى كۈزدە كېررىي يالې ئۇنىۋېرسىتېتىغا سىياسىي ئۆگىنىش ئۈچۈن كىردى ھەمدە 1966-يىلى سىياسەت كەسپى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئۇ يالې سىياسىي ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولدى، بۇ خىزمەت ئورنى ئۇنى ئەينى چاغدىكى مۇھىم سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. 1965-يىلى 3-ئايدا، ۋيېتنام ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن ۋەزىيەتتە، كېررىينىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن نۇتۇقى «Ten Eyck» ئەڭ ياخشى ياش نۇتۇق سۆزلىگۈچى تۈرىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ نۇتۇقتا «ئافرىقا ۋە ئاسىيا خەلقىنىڭ قورقىدىغىنى كوممۇنىزىم ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ جاھانگىرلىكى، ئۇرۇش شۇ سەۋەبتىن ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېگەنىدى. يۇقىرى نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى سەۋەبىدىن، ئۇ 1966-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇق سۆزلىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ نۇتۇقتا، ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنام ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغانىدى.

برىگادا ھاياتى

1966-يىلى كېررىينىڭ 12  ئاي كېچىكتۈرۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ھەمدە پارىژغا بېرىپ ئوقۇش تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئەسكەرلىككە كىرىشكە تىزىملاتتى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە ھەربىي قوشۇنغا كىردى. ئۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مەشىق مەركىزى ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ 16 ھەپتىلىك ھەربىي ئىشلار مەشىقىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئارمىيەگە رەسمىي كىردى.

1967-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۇ ئامېرىكا فلوتىغا بېرىپ بوشلۇقتا ئۇرۇش قىلىش مەركىزىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مەشىققە قاتنىشىپ ئاخبارات مەركىزىنىڭ نازارەتچىسى بولدى.

1967-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كېررىي تۇنجى قېتىم ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى گرىدلېي (USS Gridley) باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغدىغۇچى كېمىسىنىڭ ئېلېكتىرون بۆلىمىدە ئىشقا چۈشۈپ، كەنجى لېيتېنانت بولدى.

كاتىر باشلىقى

كېررىي كاتىر ئەترىتىدە ئىككى قېتىم كاتىر باشلىقى بولۇپ باققان بولۇپ «Operation Sealords» ھەركىتىگە قاتناشقان. كېررىي كاتىر ئەترىتىدە 4 ئاي باشلىق بولغان، ئۇنىڭ بىرىنچى كېمىسى كاتىر  PCF-44  بولۇپ، ئۇ 5 نەپەر ئەزاسىنى باشلاپ دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ كونترول رايونىنى چارلىغان، 1969-يىلى 1-ئايدا كېررىي كاتىر PCF-94 نىڭ باشلىقى بولدى. كېيىنكى 48 كۈن ئىچىدە ئۇ بۇ كېمىنىڭ 18 قېتىملىق ۋەزىپىسىگە قوماندانلىق قىلدى.

سىياسىي ھاياتى

ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى

1996-يىلى تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرزىسىدە، ئامېرىكا پرېزدېنتى بىل كلىنتون ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەۋەتتى، كېررىي كلىنتوننىڭ كەسكىنلىكىنى ماختاپ «ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم» دېدى.

پرېزدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش

2000-يىلى ئامېرىكا پرېزدېنت سايلىمىدا، كېررىي دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىغا قاتنىشىپ، غەلىبە قىلالماي قالدى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ئارنولد گورې (Arnold Gore) ئىلگىرى كېررىينى ياردەمچىلىككە تاللاشنى ئويلاشقانىدى، بىراق كېررىينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى لىبېراللار ئۇسلۇبى گورېنىڭ سايلىنىشىغا پايدىسىز ئىدى.

2003-يىلى، كېررىي پالاتغا قاتنىشىپ بېلەت تاشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىغان ئىراق ئۇرۇشىنى قوللىدى، كېيىن مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ ئۇرۇشقا قىلىشقا قارشى تۇردى، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇنى «يۇمىلاق تاۋۇز» دەپ ئەيىبلىدى.

2004-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، كېررىي دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 2004-يىللىق ئامېرىكا پرېزدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كىچىك بۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتلىقلىقىغا سايلىنىشىنى قوللاپ، مەغلۇپ بولدى. پرېزدېنت سايلىمىدا ئامېرىكا ۋېتنام ئۇرۇشىدىكى كونا ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان تەشكىلات «كاتىر كونا ئەسكەرلەر سەمىمىيتى (Swift Boat Veterans for Truth)» كەينى-كەينىدىن كارتېرنىڭ ۋېتنام ئۇرۇشىدىكى كەچۈرمىشلىرىنىڭ يالغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەردى. ئۇ بۇ ئېلانلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى قوللاش نىسبىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇنىڭ سايلىنالماي قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

 ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتى باراك ئوباما كېررىينى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئورنىغا دۆلەت كاتىپلىقىغا كۆرسەتتى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كېڭەش پالاتاسى دېپلوماتىيە كومىتېتى كېررىينىڭ دۆلەت كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۋېلىش گۇۋاھلىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، ئۇ كۆپ قىسىم كوممىتېت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى؛ 29-كۈنى، كېڭەش پالاتاسىدا كېررىينىڭ دۆلەت كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئاۋازغا قويۇلۇپ، قوللىغان بېلەت سانى 94، قارشى تۇرغان بېلەتنىڭ سانى 3 بولۇپ، كېررىينىڭ دۆلەت كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى ماقۇللاندى. 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، كېررىي قەسەم بېرىپ دۆلەت كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى. كېررىي 1997-يىلىدىن بۇيان، 16 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى بولغان ئاق تەنلىك ئەر.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 335 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-15