ئەۋلىيا چەلەبى


ئەۋلىيا چەلەبى


ئەۋلىيا چەلەبى «ساياھەتنامە» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى بىلەن دۇنيادا نام قازانغان داڭلىق سەيياھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەر ھەققىدە بەرگەن قىممەتلىك مەلۇماتلىرى كۈنىمىزدىكى تەتقىقاتلارنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە...

ئۇنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىملاردىن بىرى بولغان ئەۋلىيا مەھمەت ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتى سەۋەبىدىن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئەۋلىيا دەپ قويغان. يەنە بىر قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئەۋلىيا ئۆزىنىڭ ئۇستازىغا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبلىك بۇ ئىسىمنى ئۆزىگە تاللىۋالغان.

ئەۋلىيا چەلەبى 1611–يىلى 25–مارتتا ئىستانبۇلدىكى ئۇنكاپاندا دۇنياغا كەلگەن. ساياھەتنامىسىنىڭ ئالتىنجى جىلىدىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئائىلىسىنىڭ يىلتىزى ئەھمەت يەسەۋىگە تۇتىشىدۇ. جەددى ئەجە ياقۇپ، ئوسمانلىلارنىڭ ئاتىسى ئەرتۇغرۇل بىلەن بىرلىكتە تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دىن ئانادولۇغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى دەسلەپتە كۈتاھياغا يەرلەشكەن. ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنكاپانغا كۆچۈپ كەلگەن. دادىسى دەرۋىش مەھمەتزىللى ئۇزۇن يىللارغىچە ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ زەگەرلىرىنىڭ بېشى بولغان ۋە يۈرۈشلەرگە قاتناشقان.

دۇنيادا ئۆتكەن داڭلىق سەيياھلارنىڭ بىرى بولغان ئەۋلىيا چەلەبى، ھامىد ئەپەندى مەدرىسەسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ بۇ مەدرىسەدە يەتتە يىل تەلىم ئالغاندىن كېيىن، قۇرئانى كەرىمنى يادقا ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ دادىسىدىن ھۆسنخەت، نەققاشچىلىق ۋە بېزەكچىلىك ھۈنەرلىرىنى ئۆگەنگەن. 1635– يىلى ئاياسوفيا جامەسىدە 6–مۇرات خان بىلەن تونۇشۇپ، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە بىلىملىك ئادەملەر يېتىشتۈرۈلىدىغان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرلەر تەربىيەلىنىدىغان ئەندەرۇن مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئەۋلىيا چەلەبى تۈركچىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان بولۇپ، ئەندەرۇن مەكتىپىدە ئەرەبچە، پارسچە ۋە رۇمچىنى، دادىسىنىڭ دوستى سىميون ئۇستىدىن لاتىنچە ۋە يۇنانچىنى ئۆگەنگەن ئىدى.

10جىلىدلىق كاتتا ئەسەر «ساياھەتنامە» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئەۋلىيا چەلەبى بىر قانچە يىل نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ئاتلىق ئايلانغان. ساياھەتنامىسىدە، ئۆزىنىڭ جەڭ ماھارەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەۋلىيا چەلەبى، ناھايىتى ساغلام ۋە كۈچتۈڭگۈر ئادەم ئىدى. ئۇ ساياھەت قىلغان يىللاردا مەلۇم ئۇرۇشلارغا توغرا كېلىپ قالغان ۋە بەزىدە ئۆلۈم خەتىرىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇنداق چاغلاردا ئەقلىي قابىلىيىتى، ھازىر جاۋابلىقى ۋە خۇش چىراي كۆرۈنۈشى بىلەن خەتەرلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتكەن. ئوردىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە تۇرۇقلۇق، ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا ھېرىس بولمىغان ئەۋلىيا چەلەبى، ئۆمرىنى ساياھەت قىلىشقا، ئوخشىمىغان جايلارنى كۆرۈشكە، ئىنسانلارنى تونۇشقا ۋە كۆرگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشقا ئاتىغان.

ئەۋلىيا چەلەبى باي تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە كىشى بولۇپ، ئەنئەنىلەرگە سادىق ۋە ناھايىتى كەڭ قورساق ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوخشىمىغان جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ئۆزىنى يات ھېس قىلماي، كىشىلەر بىلەن سەمىمىي دىيالوگ ئورناتقان. ئۇ دىندار مۇسۇلمان بولۇشىغا قارىماي، بارغان جايلىرىدا چېركاۋلارنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇ كۆرگەن بىر چۈشى سەۋەبلىك دۇنياغا مەشھۇر ساياھىتىنى باشلىغان ئىدى. ئەۋلىيا چەلەبى بۇ چۈشىدە، ئۆزىنى ئىستانبۇلدىكى يەمىش پورتى ئەتراپىغا جايلاشقان ئاھى چەلەبى جامەسىدە كۆرىدۇ. جامەدە جامائەت ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئۇ جامائەتكە دىققەت بىلەن قارايدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ باشتا ئىدى. يېنىدا ئەڭ سادىق تۆت خەلىپىسى ۋە باشقا ئەسھابلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، شاپائەت تىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، يېنىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئاخىرىدا، جاسارەتكە كېلىپ، «شاپائەت يا رەسۇلۇللاھ» دەيمەن دەپ «ساياھەت يا رەسۇلۇللاھ» دەپ سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ چۈشىنىڭ تەسىرىدە 70 يېشىغىچە ساياھىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئەۋلىيا چەلەبى ساياھىتىنى ئىستانبۇل ۋە ئەتراپىدىن باشلايدۇ. كېيىنچە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئانادولۇ، رۇمئەلى، سۇرىيە، ئىراق، مىسىر، گىرىت، ھىجاز، ئۇكرائىنا، رۇمىنىيە، سلوۋاكىيە، ترانسىلۋانىيە، مولدوۋا، ئاۋستىرىيە، ۋېنگىرىيە (ھۇنگرىيە)، پولشا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، بوسنىيە–گېرتسېگوۋىنا، كىرودىيەنىڭ دالماچيا رايونى، جەنۇبىي رۇسىيە، قىرىم، كاۋكاز، ئىران، ئەزەربەيجان، مىسىر، ھەبەشىستان ۋە سۇداندا زىيارەتلەردە بولىدۇ. ساياھىتى جەريانىدا بۈگۈنكى كۈنىمزدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە مەلۇماتلارنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرىدۇ. ئۇ 50 يىل داۋاملاشقان ساياھىتىدىن كېيىن، 1682–يىلى ۋاپات بولىدۇ.

ئاۋستىرىيەلىك تارىخشۇناس، دىپلومات ۋە شەرق بىلىملىرى تەتقىقاتچىسى جوسېف ۋون ھاممېر 1814–يىلى «ساياھەتنامە» نى تاپقاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك ئالىملار ئەۋلىيا چەلەبى توغرىسىدا تەتقىقاتلارنى قىلغان. بۇ ئەسەر نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشر قىلىنغان. ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە ئۇ بارغان جايلار ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان تەرەپلىرى بويىچە قايتىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان.

ساياھەتنامىدە، ئاپتور كەزگەن ۋە كۆرگەن جايلىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئۆز ئالدىغا بىر پارچىدىن تەتقىقات تېمىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار مەلۇماتلار ۋە ھۆججەتلەرنى قىستۇرغان. بۇلار ئارىسىدا ھېكايىلەر، خەلق ناخشىلىرى، خەلق قوشاقلىرى، رىۋايەت–چۆچەكلەر، دىئالېكتىكا، خەلق سەنئەتلىرى، كىيىم–كېچەك ئادەتلىرى، توي مۇراسىملىرى، كۆڭۈل ئېچىش، قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرى، جەمئىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ھۈنەر–سەنئەتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

مەنبە: TRT


ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 392 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-09