تونىي ئاببوت


تونىي ئاببوت

تونىي ئاببوتتونىي ئاببوت

ئېنگىلىزچە: Tony Abbott

خەنزۇچە: 托尼·阿博特

تونىي ئاببوت، تولۇق ئىسمى ئانتونىي جون ئاببوت (Anthony John Abbott)

1957-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان. ئاۋسترالىيەلىك سىياسىيون، ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ باش مىنىستىرى ھەم لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ئۇ ئۆزى بىلەن بىر پارتىيىدىكى ھەمراھى جۇليې بىشوپ (Julie Bishop) بىلەن بىللە 2013-يىلى9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋسترالىيە بىرلەشمە چوڭ سايلىمىدا ئاۋام پالاتاسىدىكى 88 ئورۇننى قولغا كەلتۇردى، سىياسىي پارتىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى لۇكۋېن ئۇستىگە ئالدى. ھەم شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇنىڭ ئاۋىسترالىيىنىڭ 28-قېتىملىق باش مىنىستىرى بولغانلىقى جاكارلاندى.

ئاببوت 1957-يىلى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھرىدىكى بىر ئاۋسترالىيە مۇھاجىرلىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كەلگەن، ھەمدە سىدنېي (Sydney) شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، كېيىن سىدنېي  ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئىقتىساد ئىلمى ۋە قانۇن ئىلمىدە قوش باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1982-يىلى شەرەپلىك ھالدا «پۈتۈن دۇنيا باكلاۋېرلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى» نامىدىكى روخېدىس ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قولغا كەلتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خانىش ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي ۋە پەلسەپە دەرسلىكلىرىدە ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان،  1983-يىلى ئاببوت سىدنېي مەنلى (Manly) دىكى «سائىنىت پاتىرىكىس دىن ئىنىستىتۇتى» غا ئوقۇشقا كىرگەن. بىلىم ئاشۇرۇپ خرىستىئان دىنىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي كەسىپ ئالمىشىپ، بۇ دىنىي ئىنستىتۇتدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان.

ئۆگىنىش ھەم دىنىي ئىنستىتۇتدا بىلىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، ئاببوت يەنىلا ئەركىن ماقالە يازغۇچى بولدى. دەسلەپكى چاغلادا سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەكتەپ ژۇرنىلىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، كېيىن «كاتولىك دىنىنىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلدى، كېيىن بولسا پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدىغان ژۇرناللاردا ئەسەر ئېلان قىلدى. ئەڭ ئاخىرى «ئاۋسترالىيە گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى بولۇپ خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ سىياسى ئېڭى كۈچلۈك، ئاببوت ئۆزىنىڭ ئىلگىرى 1988-يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋالىسنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەريانىدا بېلەت تاشلاپ ئىشچىلار پارتىيىسىنى قوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ قارشىچە ئەينى ۋاقىتتىكى شتات باشلىقى تەستە ئېرىشكىلى بولىدىغان تالانت ئىگىسى، بىراق ئۇ بېلەت تاشلاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئىشچىلار پارتىيسىگە بېلەت تاشلىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

  سىياسىي تۇرمۇشى

ئاببوت داۋاملىق مەتبۇئاتلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرغاچقا، ئۆتكۈر ۋە جانلىق زەربە بېرىش ئۇسلۇبى بىلەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە سول قانات سىياسىي پارتىيىسىدە نام چىقاردى، كېيىن لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى روھان شۇس نىڭ خەۋەرلەر كاتىپى بولۇپ ، سىياسي ساھەگە كىرىشكە باشلىدى.

  1993-يىلى 3-ئايدا، ئاببوت سىدنېي ۋارىنكا تولۇقلىما سايلامىدا ئاۋسترالىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېىت ئەزالىقىغا سايلاندى، كېيىن يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى، مائارىپ ۋە ياشلار ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىلىرىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2000-يىلى ئۆستۈرۈلۈپ جون ئېدىۋارد ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى كابېنتلىقىغا سايلاندى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە ياشانغانلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشقارما باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. يەنە 2001-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئىزچىل ھۆكۈمەت ئاۋام پالاتاسىنىڭ دائىمىي رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئاببوت ئىلگىرى ئېدىۋانى ئوچۇق–ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ سىياسىي سەھنىدىكى دادام دەپ ئېتىراپ قىلغان.

2007- يىلى ئېدىۋارد ھۆكۈمىتى، چوڭ سايلامدا ئەمگەك پارتىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن، ئاببوت پارتىيىگە قارشى سىياسىي ئائىلە، مەھەلە مۇلازىمىتى ۋە ئەسلىدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئامما ئىشلىرىنىڭ باشلىقىغا ئايلاندى.

2009-يىلى 11- ئايدا لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەھبىرى مالكولم تۇرۇنبۇل (Malcolm Turnbull) بىلەن «ئاۋسترالىيە فىدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گاز قويۇپ بېرىشنى سېتىۋېلىش پىلانى ETS كېلىشىمنامىسى» مەسىلىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى، ئاببوت قاتارلىق لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يەتتە نەپەر ئەزاسى كوللېكتىپ ئىستېپا بەردى، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ فىدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن كېلىشىمنامىسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئاببوت ئالدىنقى قاتاردىكى پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ ئىستېپا بېرىش ئىشىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۇردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇرۇمبۇلنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىلگىرى 1999–يىلى پۈتۈن ئاۋسترالىيە خەلقى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش–قۇرماسلىق ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چاغدا ئاببوت ۋە تۇرۇنبۇلنىڭ سىياسىي قارىشىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان، ئەينى چاغدا لىبېرالىستلار پارتىيىسى پارتىيە ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ ئىختىيارى ھالدا بېلەت تاشلىشىغا يول قويغان، ئاببوت بولسا ئۆزىنىڭ «خانپەرەسلىك» كىدە چىڭ تۇرغان، ئەكسىچە تۇرۇنبۇل بولسا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى ئىدى.

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىغا بېلەت تاشلاش جەريانىدا، ئاببوت غەلبىلىك ھالدا باشقا ئىككى سايلامغا قاتناشقۇچىلاردىن غالىب كەلدى، تۇرۇنبۇل ۋە قارانچۇق مالىيەنىڭ مىنىستىرى جوئې خوككېي (joe Hockey) نى يېڭىپ، لىبېرالىستلار پارتىيىسى فېدېراتسىيىسىنىڭ رەھبىرى بولدى. سايلامدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاببوت سايلام نەتىجىسىدىن ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقى، ھەمدە ئۆزىنىڭ لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولالىغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقى ھەم ھاياجانلانغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، لىبېرالىستلار پارتىيەسىنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەرگە قارىتا تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2010-يىلى ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسى چوڭ سايلىمىدا، ئاببوت لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە ھەم دۆلەت ئىتتىپاقداشلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيىگە قارشى تۇردى. سايلام نەتىجىسىدە ئىتتىپاقداش پارتىيە ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا، سىياسىي سەھنىدىن ئورۇنغا ئېرىشتى. لېكىن مىنىستىرلار كاببېنىتى تەشكىل قىلىنغان ۋاقىتتا، ئىشچىلار پارتىيىسى ئاخىرى يېشىل پارتىيىدىكى ئۈچ نەپەر مۇستەقىل پارلامېنىت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئىتتىپاقداش پارتىيە داۋاملىق ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى، يەنە ئاببوت تەبىئىي ھالدا لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندى.

ئاۋسترالىيەنىڭ باش مىنىستىرى

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاببوت فېدېراتسىيە سايلىمىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ جۇليې بىشوپ (Julie Bishop) رەھبەرلىكىدىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسى غەلبىلىك ھالدا ئىشچىلار پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 90 ئورۇنغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاببوت 9-ئاينىڭ 18-كۈنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇ كۈنى يەنە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاببوت ئىچكى كابېنتىنىڭ خىزمەتكە كىرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كۆز قارىشى

ئاببوت ئىخلاسمەن كاتولىك دىنى مۇخلىسى، كونسېرۋاتىۋلارغا تەۋە، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى تەتقىقاتى ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ. ئۇ ئاۋسترالىيە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنىڭ قوللىغۇچىسى.

ئاببوت گەرچە ھاۋانىڭ ئىللىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت مەۋجۇت ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيىتى ھاۋانىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئۇ نۆۋەتتىكى مەسىلە «كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنىڭ ھاۋانىڭ ئىللىپ كېتىشىگە قوشقان تۆھپىسى زادى قانچىلىك چوڭ؟ بۇنىڭغا قارىتا قانداق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك؟» دەپ قارىدى. ئۇ يەنە گاز قويۇپ بېرىشنى سېتىۋېلىش پىلانىنى پارلامېتنتىن ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئائىلىسى

ئاببوت ئايالى ۋە ئۈچ قىزى بىلەن بىللە سىدنېيدىكى فورېستۋىللې(Forestville) رايونىدا تۇرىدۇ.

مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن مىھراي تەرجىمە قىلىدى


ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 279 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-09