رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىسقىچە ھاياتى

 

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قىسقىچە ھاياتى 


رەجەپ تاييىپ ئەردوغانرەجەپ تاييىپ ئەردوغان

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئائىلىسىنىڭ ئەسلى يۇرتى قارا دېڭىز رايونىنىڭ شەرقىي قارا دېڭىز قىسمىغا جايلاشقان رىزە بولۇپ، ئەردوغان 1954-يىلى 26-فېۋرالدا ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن. 1965-يىلى قاسىمپاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىپىنى، 1973-يىلى ئىستانبۇل ئىمام–خاتىب تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۆزى ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆتۈلمىگەن دەرسلەردىن ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئەييۇب تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭمۇ دىپلومىنى ئالغان. 1983-يىلى مەرمەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا پەنلىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.

ياشلىق مەزگىلىدىن تارتىپلا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىياسىي مۇھىت بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ھايات يولىنى تاللىغان ئەردوغان، 1969–يىلىدىن 1982-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۆزىگە كىچىك ۋاقتىدىلا تەرتىپ–ئىنتىزام ۋە كوللېكتىپ روھىنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر سىڭدۈرگەن پۇتبولغا بېرىلدى ۋە بىر ھەۋەسكار پۇتبولچى بولدى. ئەنە شۇ يىللار ياش بىر ئىدىئالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن مەملىكەت مەسىلىلىرى ۋە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىياسەت سەھنىسىگە قەدەم تاشلىغان دەۋرگە توغرا كەلدى.

تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا مىللىي تۈرك تەلەبە ئىتتىپاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قانىتىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى ئۈستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1976-يىلى ‹مىللىي سالامەت پارتىيەسى› بەيئوغلۇ ياشلار قانىتىنىڭ باشلىقلىقىغا، يەنە شۇ يىلى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئىستانبۇل ياشلار قانىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. 1980-يىلىغىچە بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان، سىياسىي پارتىيەلەر تاقىۋېتىلگەن 12- سىنتەبېر (1982-يىلىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ) مەزگىلىدە خۇسۇسىيلار ئىگىلىدىكى ساھەلەردە بىر مۇددەت مەسلىھەتچى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش باشقۇرغۇچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى.

1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە پائال سىياسىي ھاياتقا قايتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1984-يىلى رەفاھ پارتىيەسىنىڭ بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى، 1985-يىلى رەفاھ پارتىيەسى ئىستانبۇل ۋىلايەت باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيەسى مەركەز قارار ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ ئەزاسى بولدى. رەفاھ پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىلايىتى باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەش ئەسناسىدا باشقا سىياسىي پارتىيەلەر ئۈچۈن ئۈلگە بولغان يېڭى بىر تەشكىلىي قۇرۇلمىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەردوغان، بۇ مەزگىلدە بۇلۇپمۇ ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ سىياسەت سەھنىسىگە قەدەم بېسىشىنى كۈچەيتىش يولىدا خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؛ سىياسەتنىڭ خەلق ئارىسىغا يېيىلىشى، قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. مەزكۇر قۇرۇلما 1989-يىلىدىكى بەيئوغلۇ مەھەللىي سايلاملىرىدا ئۆزى مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىيەسىگە زور ئۇتۇقلارنى ئېلىپ كەلدى ۋە مەملىكەت مىقياسىدا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۈلگىلىك رول ئوينىدى.

1994-يىلىدىكى مەھەللىي سايلاملاردا ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ئەردوغان، سىياسىي ئىقتىدارى، كوللېكتىپ خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمگەك كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە مالىيە ساھەسىدىكى ئۇتۇقلۇق سىياسەتلىرى سايىسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ ساقلىنىۋاتقان جاھىل خاراكتېرلىك مەسىلىلىرىنى توغرا ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنى بىتەرەپ قىلىشنىڭ چارىلىرىنى تېپىپ چىقتى. سۇ مەسىلىسىنى يۈزلەرچە كىلومېتىرلىق تۇرۇبىلارنىڭ ياتقۇزۇلۇشى بىلەن ئەخلەت ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى بىتەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ زامانىۋى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇش بىلەن ھەل قىلدى. مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە ئەردوغان مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكە ئۆتۈش لايىھەسى ئارقىلىق خاتىمە بېرىلدى، شەھەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن 50 دىن ئارتۇق كۆۋرۈك سېلىندى، ئۆتۈش نۇقتىسى بەرپا قىلىندى ۋە يوللار ئېلىندى؛ كېيىنكى دەۋرلەرنى ئايدىڭلىتىپ بېرىدىغان كۆپلىگەن لايىھە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. شەھەرلىك ھۆكۈمەت سەرمايىلىرىنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچلۈك چارە–تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئەردوغان، 2 مىليارد دوللارلىق قەرز بىلەن ئۆتكۈزۈۋالغان ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆلىدى ۋە بۇ جەرياندا 4 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى باشقۇرۇش تارىخىدا يېڭى يۆنىلىش پەيدا قىلغان ئەردوغان، بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۈلگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دېكابىر كۈنى سىئىرتتە خەلققە خىتاب قىلىش ئەسناسىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان ۋە دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر ئورگىنى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بىر كىتابقا بېسىلغان شېئىرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە خاتىمە بېرىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي قاماقتا يېتىپ چىققاندىن كېيىن خەلقنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە ئىلگىرىلەۋاتقان دېموكراتىك مۇساپىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە قۇرغۇچىلار ھەيئىتى تەرىپىدىن پارتىيەنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسى سايىسىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىدىلا تۈركىيەنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئەڭ كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن سىياسىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى ۋە 2002-يىلىدىكى ئومۇمىي سايلاملاردا ئۈچتىن ئىككى پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل ھالدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى.

سوتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارى تۈپەيلى 2002-يىلى 3-نويابىردىكى سايلاملاردا پارلامېنت ئەزاسى بولالمىغان ئەردوغان، چىقىرىلغان قانۇنلار ئارقىلىق پارلامېنت ئەزالىقى ئالدىدىكى قانۇنىي توسالغۇلار ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن 2003-يىلى 9-مارتتا سىئىرت ۋىلايىتىدىكى پارلامېنت ئەزاسىنى يېڭىلاش سايلىمىغا قاتناشتى ۋە ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %85 ىنى ئېلىپ، 22-باسقۇچ سىئىرت پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ مەجلىس (پارلامېنت) كە كىردى.

2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كېلەچىكى پارلاق ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىدىغان بىر تۈركىيە نىشانى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار ئىسلاھات پىلانلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈردى. دېموكراتىيەلىشىش، ئوچۇق–ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا ناھايىتى زور مۇساپىلەر بېسىپ ئۆتۈلدى. بۇنىڭ بىلەن پاراللېل ھالدا دۆلەت ئىقتىسادى ۋە كوللېكتىپ پىسخىكىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، شۇنداقلا ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پۇل پاخاللىقى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى، قايتىدىن ئېتىبارغا ئېرىشكەن تۈرك لىراسىدىن 6 نۆل ئېلىپ تاشلاندى. دۆلەتنىڭ قەرز ئېلىش ئۆسۈم نىسبەتلىرى تۆۋەنلىتىلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلدى. دۆلەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى سۈرئەت ۋە ساندا سۇ ئامبارلىرى، تۇرالغۇلار، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى ۋە يوللار ئېلىندى. بۇ خىل ئىجابىي ئەھۋاللار بىر قىسىم چەت ئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە غەربلىك لىدېرلەر تەرىپىدىن ‹ساداسىز ئىنقىلاب› دەپ تەرىپلەندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇساپىسىدە دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ تەرىپلەنگەن ئۇتۇقلۇق قەدەملىرىگە ئىلاۋە ھالدا ئاقىلانە تاشقى سىياسىتى ۋە قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى ئارقىلىق قىبرىس (سىپرۇس) مەسىلىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشى ۋە دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەللىرى بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. بەرپا قىلىنغان مۇقىم ۋەزىيەت دۆلەت ئىچىدىكى دىنامىكلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى، تۈركىيەنى بىر مەركەز دۆلەتكە ئايلاندۇردى. تۈركىيەنىڭ سودا ھەجمى ۋە سىياسىي كۈچى ئۆزى مەنسۇپ بولغان رايوندىلا ئەمەس، خەلقئارا سەھنىدىمۇ ھېس قىلارلىق دەرىجىدە كۈچەيدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئىيۇلدىكى ئومۇمىي سايلاملاردا %46.6 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئالاھىدە يۇقىرى غەلىبە قازانغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، قايتىدىن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى. 2011-يىلى 12-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىمۇ %49.8 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 61-ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقتى.

ئەردوغان 1978-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى بىر قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان سىئىرتلىق ئەمىنە گۈلباران خانىم بىلەن ئۆيلەندى. ئەمىنە ئەردوغان ۋە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئائىلىسىنىڭ ئەھمەد بۇراق ۋە نەجمەددىن بىلال ئىسىملىك ئىككى ئوغلى؛ ئەسرا ۋە سۇمەييە ئىسىملىك ئىككى قىزى بار.

مەنبە: TRT


ئوكيان تورىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوكيان قامۇسى (ئىزدەش نامى: okyanqamus) ۋە ئوكيان خەۋەرلىرى (okyannews) قاتارلىق ئىككىلا ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى بار. باشقا ئاتالمىش «ئوكيان» نامىدىكى سالونلار بىز بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتسىز. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈندىدار سالونى 10086uyghur مۇ ئوكيان تورىنىڭ باشقۇرىشىدا. ھەقىقىي ئوكيان سالونلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇڭ!

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 883 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-09