كارولىنسكا ئىنستىتۇتى

 

كارولىنسكا ئىنستىتۇتى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىكارولىنسكا ئىنستىتۇتى

خەنزۇچە: 卡罗林斯卡学院

ئىنگلىزچە: Karolinska Institute

قۇرۇلغان ۋاقتى: 1810-يىلى

تەۋە دۆلەت: شىۋېتسىيە

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى: 3600

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى: 9000

تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى: 6000

ئاسپرانتلار: 3000

مەكتەپنىڭ ئورنى: شىۋېتسىيە ستوكخولم

تور بېكىتى:   http://www.ki.se

كارولىنسكا ئىنستىتۇتى شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق تېببىي ئىنستىتۇت. مەكتەپ شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكخولمغا جايلاشقان.

ئىنستىتۇت بىلەن ھەمكارلاشقان كارولىنسكا ئىنستىتۇتى دوختۇرخانىسى شىۋىتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات-تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى. پۈتۈن دۆلەتتىكى %30 مېدىتسىنا تەربىيىسى ۋە %40 مېدىتسىنا ئىلمىي تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىنستىتۇت ياۋروپادىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك مەكتەپلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

فاكۇلتىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى

سولنا مەكتەپ رايونى:

ھۈجەيرە ۋە مولېكولا بىئولوگىيىسى

ئىرسىيەت ئىلمى ۋە بىئولوگىيە ئۇچۇر ئىلمى تەتقىقات مەركىزى

مۇھىت تېببىي ئىلمى ئىنستىتۇتى

ئۆگىنىش، ئۇچۇر ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە ئېتكا

تېببىي بىئو-خىمىيە ئىلمى ۋە بىئو-فىزىكا ئىلمى

تېببىي تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى

مىكروبىئولوگىيە ۋە ئۆسمە بىئولوگىيە ئىلمى مەركىزى

نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى

فىزىئولوگىيە ۋە فارماكولوگىيە

كارولىنسكا مەكتەپ دوختۇرخانىسى ۋە داندېرريدس (Danderyds)دوختۇرخانىسى-شىمالىي كارولىنسكا ئىنستىتۇتى:

كلىنىكا نېرۋا ئىلمى

داندې دوختۇرخانىسى

دوختۇرخانا

مولېكۇلا تېبابىتى

ئۆسمە پاتولوگىيەسى

ئاممىۋىي ساغلاملىق ئىلمى

تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى

ئانا-بالىلار ساغلاملىقى

خۇددىنگې (Huddinge) مەكتەپ رايونى ۋە سودېر (Söder) دوختۇرخانىسى

بىئولوگىيە ئىلمى

تاشقى كېسەللەر ئىلمى

كلىنىكا تەتقىقات مەركىزى

كلىنىكا ئىلمى

تېببىي تەجرىبىخانا ئىلمى ۋە پەن-تېخنىكىسى

تېببىي ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمى

تېبابەت

مىكروبىئولوگىيە، پاتولوگىيە ۋە ئىممۇنولوگىيە

نېرۋا پەن-تېخنىكىسى

ئودونتولوگىي

پەرۋىش ئىلمى

سودېر دوختۇرخانىسى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىنىڭ پەن-تەتقىقاتلىرى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتى ھەر يىلى دۇنياۋى تېببىي مەتبۇئاتلاردا 4000 مىڭدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ، غول ھۈجەيرە، نېرۋا ھۈجەيرىسى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە ئۆسمە تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ.

يېرىم ئەسىردىن بۇيان، 9 مىليون شېۋىتسىيەلىكنىڭ تېببىي ئۇچۇرى چوڭ بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا خاتىرلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ تېببىي ساھەدىكى تەتقىقات ئاساسى قىلىنىپ كەلدى. بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان دەل كارولىنسكا ئىنستىتۇتى. بۇنىڭدىن باشقا كارولىنسكا ئىنستىتۇتى شىۋىتسىيەنىڭ %43 تېببىي تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى كلىنىكىلىق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەيدىس كېسىلىنىڭ ۋاكسىنىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەيدىس كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىليونغا يېتىدۇ، ئەيدىس ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا تەخمىنەن 40 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ %70 ئافرىقىدا. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تەتقىقات ئورگىنى شىۋىتسىيە كارولىنسكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىچە، ئۇلار يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋېتىپتۇ.

بۇ تەتقىقات تۈرى يەتتە يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، كلىنىكىلىق تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ خىل ۋاكسىنا ئەملەنگەن 40 پىدائىي ئىچىدە، %97 كىشىدە ئەيدىس ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىنكاسى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە، بۇ ۋاكسىنا تانزانيەدىكى 60 پىدائىيغا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. تەجرىبىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ شىۋىتسىيەدىكى تەجرىبە نەتىجىسىگە ئوخشاش بولغان.

نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش

كارولىنسكا ئىنستىتۇتى ياۋروپادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېببىي ئىنستىتۇت، شۇنداقلا خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي ئىلىم مۇكاپاتىنى باھالاپ تارقىتىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ئىنستىتۇتنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى «تەتقىقات، تەلىم-تەربىيە، ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش».

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلار ئادىللىق بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس تېببىي ئىلىم نەتىجىلىرىنى تاللاش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، چۈنكى ئۇلار چوقۇم نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ يەنە، بۈگۈنگە قەدەر تېببىي ئىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر 31 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار، دېدى.

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي ئىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر

1955-يىلى: خۇگو زېئورېل (Hugo Theorell، 1982-يىلى~1903-يىلى)

1967-يىلى: راگنار گرانىت (Ragnar Granit، 1991-يىلى~1900-يىلى)

1970-يىلى: ئۇلف ۋون ئېئۇلېر (Ulf von Euler، 1983-يىلى~1905-يىلى)

1981-يىلى: تورستېن ۋىئېسېل (Torsten Wiesel، 1924-يىلى~)

1982-يىلى: سۇنې بېرگستروم (Sune Bergström، 2004-يىلى~1916-يىلى)

 

مەنبە: خۇدوڭ قامۇسىدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 234 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-08