تەھرىر ۋە مۇھەررىر


تەھرىر ۋە مۇھەررىر


غوجائەخمەت يۇنۇس


بىز گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلغان خەۋەر ماقالىلەردىن، رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى رىياسەتچىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن «تەھرىر» دېگەن سۆز بىلەن «مۇھەررىر» دېگەن سۆز قوشۇلۇپ «تەھرىر، مۇھەررىرلەر» دەپ ئاتالغانلىقىنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالىمىز. تېخى تېلېۋىزوردا بىرەر پروگرامما كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېكراندا شۇ پروگراممىنى تەييارلاشقا قاتناشقان خادىملارنىڭ ئىسىملىكى كۆرۈنگەندە «تەھرىرxx»، «مۇھەررىرxx» دېگەن خەت چىقىدىغان ئەھۋالمۇ بار. قارىغاندا بەزى ئادەملەر ئۆگەنچى مۇھەررىر، ياردەمچى مۇھەررىرلەرنى «تەھرىر» دەپ ئاتايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان «تەھرىر» ۋە «مۇھەررىر» «بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەمما مەنىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئاتالغۇ. تەھرىر ئىش ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ، مۇھەررىر شۇ ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز بۇ پىكرىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن، لۇغەت-سۆزلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ كۆرەيلى.

ئالدى بىلەن «تەھرىر» دېگەن ئاتالغۇغا بېرىلگەن تەبىرنى كۆرۈپ باقايلى: «تەھرىر-[ئە]» يېزىلغان ئەسەرنى تۈزىتىش، ياخشىلاش ئىشى: ئەسەر تەھرىردىن چىقتى؛ «تەھرىر ھەيئىتى»، «تەھرىر ھەيئىتى-كىتاب، ژۇرنال، گېزىت قاتارلىقلارنى بىرلىكتە تەھرىرلىك قىلغۇچى كوللېكتىپ»، «تەھرىر ئىلاۋىسى-مۇھەررىرنىڭ بىرەر ماقالە ۋە بىرە خەۋەر توغرىسىدا، شۇ ماقالە ياكى خەۋەرنىڭ ئالدىدا بېرىش ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن پىكرى، باھاسى، كۆز قارىشى». «تەھرىر-تەرجىمە-تەھرىر ۋە تەرجىمە خىزمىتى». («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 2-توم، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى 202-بەت) دېمەك، تەھرىرى يېزىلغان ئەسەرنى تۈزىتىدىغان، ياخشىلايدىغان ئىش-ھەرىكەت بولۇپ، ھەرگىز شۇ ئىش-ھەرىكەتنى قىلغۇچى ئەمەس. شۇ جۈملىدىن تەھرىر بۆلىمى تەھرىر خىزمىتى بىلەن، ئادەتلەنگىنىمىز بويىچە ئېيتقاندا، تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۆلۈم بولۇپ، ھەرگىز مۇھەررىرلەر بۆلىمى ئەمەس.

ئەمدى لۇغەت-سۆزلۈكلەردىن «مۇھەررىر» دېگەن ئاتالغۇغا بېرىلگەن تەبىرنى كۆرۈپ باقايلى: «مۇھەررىر-[ئە]» تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشى: ئەدەبىي مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، مەسئۇل مۇھەررىر» («ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 5-توم، مىللەتلەر نەشرىياتى 1996-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى 254-بەت) دېمەك، تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى «مۇھەررىر» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنى «تەھرىر» دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. شۇ جۈملىدىن باش مۇھەررىرنى «باش تەھرىر» دېيىشكە، باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنى «باش تەھرىر ئىشخانىسى» دېيىشكە، باش مۇھەررىر ياردەمچىسىنى «باش تەھرىر ياردەمچىسى» دېيىشكە، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرنى «مۇئاۋىن باش تەھرىر» دېيىشكە، تەكلىپلىك مۇھەررىرنى «تەكلىپلىك تەھرىر» دېيىشكە بولمايدۇ. كەسپىي ئۇنۋاندىمۇ «ياردەمچى تەھرىر»، «تەھرىر»، «كاندىدات ئالىي تەھرىر» («مۇدىر تەھرىر»)، «ئالىي تەھرىر» دېمەي، «ياردەمچى مۇھەررىر»، «مۇھەررىر»، «كاندىدات ئالىي مۇھەررىر» («مۇدىر مۇھەررىر»)، «ئالىي مۇھەررىر» دېيىش كېرەك.

ئەرەب تىلىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پېئىلغا سۆز ياسىغۇچى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان ئىسىملاردىن ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن: مەكتەپلەردىكى ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات ئەرەبچىدە «دەرس» دەپ ئاتىلىدۇ، «دەرس» كە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان «مۇدەررىس» دېگەن ئاتالغۇ مەدرىستە دەرس بېرىدىغان كىشى، مەدرىسە ئوقۇتقۇچىسى مەنىسىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە «تەپەككۇر» گە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان «مۇتەپەككۇر» دېگەن ئاتالغۇ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستېداتىغا ئىگە بولغان كىشى، تەپەككۇر ئىگىسى مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەرەبچىدە بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىش، ۋەقە، ھادىسىلەرنى ياكى ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش، ئېنىقلاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش مەنىسىنى بېرىدىغان «تەپتىش» دېگەن سۆزگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان، بىرەر ئىش ياكى خىزمەتنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى خادىم مەنىسىنى بېرىدىغان «مۇپەتتىش» دېگەن ئاتالغۇ، «يۇلتۇزلار» دېگەن مەنە بېرىدىغان «نۇجۇم» دېگەن سۆزگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان، يۇلتۇزچى، ئاسترونوم (ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ھەركىتىنى ئۆگەنگۈچى) مەنىسىنى بېرىدىغان «مۇنەججىم» دېگەن ئاتالغۇ، بىرەر نەرسە ياكى ھادىسە، ئىش ۋە باشقىلار ھەققىدىكى مەلۇمات، دېرەك، ئۇچۇر، ئاخبارات مەنىسىنى بېرىدىغان «خەۋەر» (ئەرەبچە يېزىلىشى: «خىبر»، ئوقۇلۇشى: «خەبەر») دېگەن سۆزگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسلىرىغا خەۋەر، ماقالە، ئوبزور يېزىپ تۇرىدىغان كىشى مەنىسىنى بېرىدىغان «مۇخبىر» (ئەرەبچە يېزىلىشى: «مخبر») دېگەن ئاتالغۇ، چىن كۆڭلىدىن بېرىلىش، كۆڭۈل قويۇش، پۈتۈن زېھنى بىلەن كىرىشىش دېگەن مەنىلەرنى بېرىدىغان «ئىخلاس» دېگەن سۆزگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان، بىرەر ئادەم ياكى نەرسىگە ئىخلاس، ئېتىقاد قىلغۇچى، ئەگەشكۈچى مەنىسىنى بېرىدىغان «مۇخلىس» دېگەن ئاتالغۇ قاتارلىق ئاتالغۇلارمۇ بار.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مىىمە

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 299 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-05