نىيۇيورك


نىيۇيورك

نىيۇيوركنىيۇيورك

خەنزۇچە: 纽约

ئىنگلىزچە: New York

تەۋە دۆلەت: ئامېرىكا

ئولتۇراقلاشقان ۋاقىت: 1624-يىلى

ھۆكۈمەتنىڭ تۈرى: شەھەر باشلىقى پارلامېنت تۈزۈمى

مەمۇرىي ئورگىنى: نىيۇيورك شەھىرى پارلامېنتى

ئومۇمىي يەر مەيدانى: 1000 كۋادرات كىلومېتىر

قۇرۇقلۇق: 800 كۋادرات كىلومېتىر

سۇ دائىرىسى: 400 كۋادرات كىلومېتىر[

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى: 10 مېتىر

مەركىزىي شەھەر رايونى: 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى: مىليون 336 مىڭ 697

نوپۇسنىڭ رەت تەرتىپى: ئامېرىكا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا

نوپۇسنىڭ زىچلىقى: كۋادرات كىلومېتىر\10640

نىيۇيورك ئامېرىكىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئادەتتە نىيۇيورك شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر ئەسىردىن بۇيان، نىيۇيورك شەھىرى سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە ئۆزىنىڭ ناھايىتى زو بولغان دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. نىيۇيورك دۇنياۋى شەھەر بولۇپ، يەرشارىنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، مېدىيە، سىياسىي، مائارىپ، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مودا قاتارلىق ساھەلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىمۇ نىيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقانلىقتىن، نىيۇيورك دۇنيا دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى دەپ قارىلىپ  كەلمەكتە.

نىيۇيورك ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ شەھەرنىڭ بەش مەمۇرىي رايونى بار بولۇپ، ھەر بىر رايون يەنە نىيۇيورك شتاتىنىڭ بىر ناھىيىسى. بۇ بەش مەمۇرىي رايون-مانخاتتان رايونى، كۋىنس رايونى(Queens)، برۇكلىن رايونى، برونكس رايونى، سىتاتېن ئارىلى رايونى بولۇپ، 1898-يىلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر شەھەر قىلىنغان.  نوپۇس جەھەتتە نىيۇيورك ئامېرىكا بويىچە نوپۇسى ئەڭ زىچ شەھەر، 2012-يىللىق ئىستاتىستىكىدا ئېنىقلىنىشىچە تەخمىنەن 8 مىليون 336 مىڭ 697 ئادەم بار بولۇپ، 783.8 كۋادرات كىلومېتىر يەرگە ئولتۇراقلاشقان.

ھەر يىلى نىيۇيوركقا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى 55 مىليونغا يېتىدۇ. دەۋر مەيدانى برودۋاي (Broadway) تىياتىرخانىسى رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، «دۇنيانىڭ تۆت كوچا ئېغىزى» دەپ ئاتىلىدۇ، يولۇچىلار ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن پىيادىلەر رايونىنىڭ بىرى، شۇنداقلا كۆڭۈل ئېچىش ئىگىلىكىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى.

نىيۇيورك يەنە نۇرغۇنلىغان ئالى مەكتەپلەر جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە روككېفېللېر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 35 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

نىيۇيوركنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تارىخى

ئىرېلاندىيە چوڭ قەھەتچىلىكىدە ئىرېلاندىيە كۆچمەنلىرى نىيۇيوركقا كەلدى، 1860-يىلى، تۆت نىيۇيوركلۇقنىڭ ئىچىدە بىرى ئىرېلاندىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوتچ ئىنقىلابىمۇ گېرمانىيە كۆچمەنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 1860-يىلىدىكى يەنە بىر تۆتتىن بىر قىسىم شەھەر نوپۇسىنى گېرمانىيەدىن كەلگەنلەر ئىگىلىگەنىدى.

دېموكراتىك پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى سايلامدا كەينى-كەينىدىن غەلبە قىلىپ، نىيۇيورك بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى. 1861-يىلى شەھەر باشلىقى نىيۇيوركنى جەنۇبقا ئەگىشىپ فېدېراتسىيەنى چېكىندۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى، بىراق ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقى ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلىيلەشمەي قالدى. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەربىي قانۇنغا بولغان نارازىلىق 1863-يىلى ئىرېلاندىيە ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلغان نىيۇيورك ھەربىيلەر توپىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

كۆچمەنلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر ئۇزۇن مەزگىل تىرىكىشىشكەچكە، بۇ تىرىكىشىشلەر نىيۇيوركتىكى قارا تەنلىكلەر ۋە بايلىقلارغا زەربە بەردى. توپىلاڭچىلار دارىلتامنى كۆيدۈرۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 200 نەپەر بالا بەختىگە يارىشا ھايات قالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە 100 يېقىن قارا تەنلىكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ توپىلاڭلارنىڭ بىرى. بۇ توپىلاڭ نۇرغۇنلىغان قارا تەنلىكلەرنىڭ نىيۇيوركتىن ئايرىلىپ ۋىلليامسبۇرگ، برۇكلىن، يېڭى جېرسىيغا كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 1865-يىلىغا قەدەر مانخاتتاندىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ نوپۇسى 10 مىڭغا ئادەمگە چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئاق تەنلىك ئىشچىلار سىنىپى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئېرىشتى.

1898-يىلى، برۇكلىن، نىيۇيورك ناھىيىسى، رىچموند ناھىيىسى ۋە كۋىنس ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى دەۋردىكى نىيۇيورك شەھىرى رەسمىي ھالدا قۇرۇلدى. 1904-يىلى، نىيۇيوركنىڭ مىترو سىستېمىسى ئىشقا كىرىشىپ، بۇ يېڭى شەھەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ياردەم بەردى. 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، نىيۇيورك شەھىرى دۇنيانىڭ سانائەت، سودا، ئۇچۇر كەسپىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.

1890-يىلى نىيۇيوركتىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ نوپۇسى 36 مىڭ 620 گە يەتتى. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا نىيۇيورك ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ جەنۇبتىن كۆچمەن بولۇپ كۆچۈپ كېلىدىغان ئاساسلىق رايونى بولۇپ قالدى، 1916-يىلىغا كەلگەندە بۇ شەھەر شىمالى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا ئايلاندى. ھاراق چەكلەنگەن مەزگىلدە، ھارلېمىتلار ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ گۈللىنىش ھەركىتى كېڭىيىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشى گۈللەندى. ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئاسمان پەلەك بىنالار سېلىنىپ، نىيۇيوركنىڭ 20-ئەسىردىكى ئۇپۇق سىزىقىنى ياراتتى.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، نىيۇيورك لوندوندىن ئېشىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئايلاندى.

30-يىللاردا نىيۇيورك شەھىرىنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئالاھىدە چوڭ شەھەرگە ئايلاندى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نىيۇيوركنىڭ ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىم گۈللەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىنىڭ قۇرۇلىشى نىيۇيوركنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتتى، ئېكسپرېسسىئونىزم سەنئىتىنىڭ باش كۆتۈرىشى نىيۇيوركنى پارىژدىن ھالقىتىپ دۇنيانىڭ سەنئەت مەركىزىگە ئايلاندۇردى.

60-يىللاردا سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشى ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشتى، بۇ قىيىنچىلىق 70-يىللارغىچە داۋاملاشتى. 80-يىللاردا، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ گۈللىنىشى نىيۇيوركنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندۈردى، بىراق جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يەنىلا چۈشمىدى ھەمدە 90-يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئىزچىل ئۆرلىدى. جەمئىيەت ئامانلىق ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشى، مۆتىۋەرلىشىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە چۈشۈشكە باشلىدى. ئالاقە تورى ۋە يېڭى مېدىيە مەركىزى «كىرېمنىي كوچىسى(Silicon Alley)» بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 2000-يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشتە، نىيۇيوركنىڭ نوپۇسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى، 2010-يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشتىمۇ يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى.

نىيۇيورك 11-سىنتەبېر ۋەقەسىدە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان شەھەر. دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 1-نومۇرلۇق، 2-نومۇرلۇق ۋە 7-نومۇرلۇق بىنالىرى ۋەيران بولۇپ، 3 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن. يېڭى دۇنيا سودا مەركىزى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن سېلىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئىككى قۇرۇلۇش تاماملاندى، 2014-يىلى پۈتتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

جۇغراپىيىسى

نىيۇيورك شەھىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نىۇيورك شتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى بوستوننىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ، يېقىن قوشنىسى خۇدسون دەرياسى (Hudson River) نىيۇيورك شەھىرىنى قولايلىق بولغان دېڭىز قاتنىشى بىلەن تەمىنلىگەن. نىيۇيورك شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى مانخاتتان، ستاتېن ئارىلى ۋە ئۇزۇن ئارالغا توغرا كېلىدۇ، يەر مەيدانى كىچىك بولغانلىقتىن نوپۇسىنىڭ زىچلىقى بەك يۇقىرى.

خۇدسون دەرياسىنى بويلىغان دەريا ۋادىسى، نىيۇيورك قولتۇقىدىن ئۆتۈپ، نىيۇيورك شەھىرى بىلەن يېڭى جېرسېي شەھىرىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئوخشاش ئورۇندا نىيۇيورك شەھىرىدىكى شەرقى دەريا (East River) نى يويلىغان ئۇزۇن ئارال دېڭىز قولتىقى برونكس ۋە مانخاتتاننى  ئۇزۇن ئارالدىن ئايرىپ تۇرىدۇ. ھارلېمىت دەرياسى شەرقىي دەريا بىلەن خۇدسون دەرياسنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، مانخاتتان ۋە برونكستىن ئىبارەت ئىككى مەمۇرىي رايوننى ئايرىپ تۇرىدۇ. برۇنكس دەرياسىنى بويلىغان ۋېستچېستېر ۋىلايىتى (Westchester County) نىيۇيوركتىكى بىردىنبىر تاتلىق سۇ دەريا ئېقىمى.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                   

نىيۇيوركنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 1214 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە 425 كۋادرات كىلومېتىرى سۇ رايونى، 789 كۋادرات كىلومېتىرى قۇرۇقلۇق. شەھەردىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جاي تود تېغى (Mount Todd) بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 124.9 مېتىر.

ھاۋا كىلىماتى

ئۈنۈملۈك ھاۋارايى بويىچە بۆلۈش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، نىيۇيورك سۇبتروپىك بەلباغ نەم ئىقلىمىغا تەۋە، ئۇ شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلىقىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى مۇشۇ خىلى ئىقلىمغا تەۋە ئاساسلىق شەھەر. غەربىي شىمال شەھەر رايونى بەلبېغى نىيۇيورك سۇبتروپىك بەلباغ نەم ئىقلىمى ۋە مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق نەم ھاۋا ئىقلىمىنىڭ ئۆتكۈنچى رايونىغا جايلاشقان. نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىر يىلدىكى ھاۋا ئوچۇق ۋاقتى 234 كۈن، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %58، يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2400 سائەتتىن 2800 سائەتكىچە.

نىيۇيوركنىڭ قىش پەسلى سوغۇق ھەم نەم، ئەڭ سوغاق بولىدىغان 1-ئايدا ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا 3.5، بەزى چاغلاردا تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 18 بولىدۇ. ئەتىياز پەسلىنىڭ ھاۋاسى بىر قەدەر ئۆزگىرىشچان، بەزىدە سوغۇق بەزىدە ئىللىق، ئادەتتە ھاۋا ئىللىق ھەم نەملىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق ۋە نەملىكى يۇقىرى بولىدۇ. 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28.9 بولىدۇ.

نىيۇيوركنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1260 مىللىمېتىر، تارقىلىشى بىر قەدەر تەكشى.

نوپۇسى

نىيۇيورك ئامېرىكىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر، 2012-يىلىدىكى نوپۇسى 8 مىليون 336 مىڭ 697 گە يەتكەن بولۇپ، نوپۇسى ئىككىنچى چوڭ شەھەر لوس ئانجېلېس ۋە ئۈچىنچى چوڭ شەھەر چىكاگونىڭ نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ.

نىيۇيوركنىڭ باي-كەمبەغەللىك پەرقى بەكمۇ چوڭ. 2005-يىلى ئەڭ باي ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى تەكشۈرگەندە 188 مىڭ 697 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، نامراتلارنىڭ بولسا 9320 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، بۇ خىل پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى يۇقىرى كىرىمدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە تۆۋەن-ئوتتۇرا دەرىجىدىكى كىرىمدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان.

مەمورىي رايونلىرى

نىيۇيورك شەھىرى بەش مەمۇرىي رايوندىن تەركىب تاپقان، بۇ مەمۇرىي رايونلار يەنە ئايرىم بازار رايونلىرىغا بۆلۈنگەن، نۇرغۇنلىغان بازار رايونلىرى ئوخشاش بولمىغان تارىخ ۋە خاسلىققا ئىگە . ئەگەر بۇ مەمۇرىي رايونلارنى مۇستەقىل شەھەرلەرگە ئايرىسا، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت بازار رايونى (مانخاتتان رايونى، كۋىنس رايونى، برۇكلىن رايونى، برونكس رايونى) ئامېرىكىدىكى نوپۇسى كۆپ شەھەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ.

مانخاتتان: نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان مەمۇرىي رايون، مەركىزىي باغچا ۋە نىيۇيوركتىكى ئاسمان پەلەك بىنالارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ رايونغا جايلاشقان، مانخاتتان يەنە نىيۇيوركنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى، نۇرغۇنلىغان چوڭ كارخانىلارنىڭ باش شىتابى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى، نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتلار مۇشۇ يەرگە جايلاشقان.

برونكس: ئەڭ شىمالىدىكى مەمۇرىي رايون نىيۇيورك يانكىس (New York Yankees) ۋە يانكىس تەنتەربىيە مەيدانى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋاناتلار باغچىسى برونكس ھايۋاناتلار باغچىسىمۇ مۇشۇ يەرگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 1.07 كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ سانى 6000 مىڭغا يېتىدۇ.

برۇكلىن: نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون، ئۇزۇن ئارالنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان، 1898-يىلىدىن ئىلگىرى مۇستەقىل شەھەر ئىدى. بۇ رايوننىڭ مەدەنىيەت، جەمئىيىتى ۋە مىللىتى كۆپ خىللىققا ئىگە. مانخاتتاندىن باشقا، برۇكلىن بىردىنبىر مەركىزىي سودا رايونى بار بولغان مەمۇرىي رايون.

كۋىنس رايونى: يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ بولغان مەمۇرىي رايون، ئۇزۇن ئارال برۇكلىننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇ ئامېرىكا بويىچە مىللەتلەر ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ، نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ برۇكلىندىن ئېشىپ نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ قالدى. بۇ رايون ئامېرىكىدىكى بىردىنبىر ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ كىرىمى ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان رايون.

ئىقتىسادى

نىيۇيورك دۇنيانىڭ سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزى بولۇپ، لوندون ۋە توكيو بىلەن بىللە دۇنيادىكى ئۈچ مۇھىم پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا بويىچە بانكا كەسپى، سودا-سېتىق ئىشلىرى، دۇنياۋى سودا سېتىق، ترانسپورت، ساياھەتچىلىك كەسپى، يە ئىگىلىكى، يېڭى مېدىيە، ئەنئەنىۋىي مېدىيە، ئېلان كەسپى، قانۇن مۇلازىمىتى، بوغالتىرلىق كەسپى، سۇغۇرتا كەسپى، تىياتىرچىلىق، مودا ئېقىم ۋە سەنئەت كەسپىنىڭ مەركىزى.

2010-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نىيۇيورك شەھەر مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى بىر تىرىليون 280 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن بولغان. 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، نىيۇيورك پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ مەبلىغىنىڭ %40 نى ئىگەللەپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان.

120 شەھەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، نىيۇيورك مەبلەغ، سودا ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ نىيۇيورك ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. 2015-يىلى نىيۇيورك ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى 914 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكىنىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە كەسپى ئامېرىكا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. يېڭى مېدىيە، ئېلان، مودا ئېقىم، لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، رىقابەت كۈچىمۇ خېلى زور.

ۋال سترېت كوچىسى

2013-يىلى مانخاتتاننىڭ ئىش بېجىرىش كۆلىمى 48 مىليون 100 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ئامېرىكا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان، مانخاتتان ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مەركىزىي سودا رايونى.

قانۇنى ۋە سىياسىتى

1898-يىلى بىرلەشتۈرۈلۈپ شەھەر قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، نىيۇيورك شەھىرى شەھەر باشلىقى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلى شەكلىنى قوللىنىپ كەلدى. نىيۇيورك شەھىرىنىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ باشقا شەھەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا كۈچى تېخىمۇ مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاممىۋىي مائارىپ، جازالاش ۋە تەربىيەلەش ئورگانلىرى، كۇتۇپخانا، ئاممىۋىي بىخەتەرلىك، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، مۇھىت تازلىقى، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە پاراۋانلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شەھەر باشلىقى ۋە شەھەر پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق تاللىنىدىغان بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل. نىيۇيورك شەھىرى بىر پالاتالىق تۈزۈمنى قوللانغان، 51 پارلامېنت ئەزاسى بار. شەھەر باشلىق ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى نۆۋەت ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ، بىراق ئوتتۇرىدا تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا سايلامغا قاتناشسا بولىدۇ.

مۇھىتى

نىيۇيورك شەھىرىنىڭ ئاممىۋىي قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ يۇقىرى، بېنزىننى ئىشلىتىش مىقدارى 1920-يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن يېقىنلىشىدۇ. 2006-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاممىۋىي قاتناشنى ئىشلىتىش نىسبىتى 6 مىليون 800 مىڭ كۇب مېتىر بېنزىننى تېجەپ قالغان بولۇپ، نىيۇيوركنىڭ تېجەپ قالغان بېنزىن مىقدارى پۈتۈن ئامېرىكا ئاممىۋىي قاتنىشى تېجەپ قالغان ئومۇمىي بېنزىن مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارى پەقەت 7.1 توننا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى 24.5 توننا بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن، بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ %2.7 نى ئىگىلەيدۇ، بىراق قويۇپ بەرگەن پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارى پەقەت %1 نى ئىگىلەيدۇ. نىيۇيوركتا ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ سەرپ قىلىغان توك مىقدارى سان فرانسىسكودا ئولتۇراقلاشقان خەلق سەرپ قىلىغان توك مىقدارىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىيۇيورك شەھىرى مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ئازايتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نىيۇيورك يەنە مەملىكەت بويىچە ھاۋانى تازىلاش يېقىلغۇسى ئارىلاشما ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە پرېسلانغان گازلىق ماشىنىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ.

جەمئىيەت ئامانلىقى

نىيۇيورنىڭ ساقچى ئىدارىلىرىدىكى رەسمىي ساقچىنىڭ سانى 35 مىڭ بولۇپ، ئامېرىكا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2012-يىلى، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە، نىيۇيوركنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش نىسبىتى تۆۋەنلىك جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، 1980-يىللىرى ۋە 1990-يىللىرىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا بىخەتەر. 2002-يىلىغا كەلگەندە، نىيۇيوركتىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇتا شتاتىدىكى پروۋو (the City of Provo) بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشقان شەھەرلەر ئىچىدە 197 ئورۇندا تۇرغان.

1993-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، نىيۇيوركتىكى زورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ سانى %75 تۆۋەنلىگەن. 2005-يىلى نىيۇيوركتىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش نىسبىتى 1966 –يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن.

تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى نىيۇيوركتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

مائارىپ

نىيۇيوركتىكى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەر سىستېمىسى نىيۇيورك شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ،  بىر مىليون يۈز مىڭ ئوقۇغۇچى تارقالغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1200 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 900 خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە دىنىي مەكتەپلەر بار.

نىيۇيورك يەنە نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار جايلاشقان ئورۇن بولۇپ،

بارنارد (Barnard College) ئۇنىۋېرسىتېتى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، كۇپېر بىرلەشمە ئىنىستىتۇتى (Cooper Unionفوردخام ئۇنىۋېرسىتېتى (Fordham University)، نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى، نىيۇيورك سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، پاس ئۇنىۋېرسىتېتى (Pace University) ۋە ياشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتى (Yeshiva University) قاتارلىقلار بار.

نىيۇيورك ئاممىۋىي كۇتۇپخانىسى ئامېرىكا بويىچە ساقلانغان كىتابنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان كۇتۇپخانا سىستېمىسى بولۇپ، مانخاتتان، برونكس ۋە سىتاتېن ئارىلىدا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

كۋىنىس كۇتۇپخانىسى كۋىنىس رايونىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۇتۇپخانا سىستېمىسى. برۇكلىن كۇتۇپخانىسى برۇكلىن رايونىدا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

قاتنىشى

نىيۇيوركنىڭ ئاممىۋىي قاتناش سىستېمىسى 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئامېرىكا بويىچە ئەڭ مۇرەككەپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئامېرىكا بويىچە ئاممىۋىي قاتناشنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 3\1 قىسىمى ۋە تۆمۈر يول يولۇچىلىرىنىڭ 3\2 قىسمى نىيۇيورك ئاھالىسى. داڭلىق نىيۇيورك يەر ئاستى تۆمۈر يولى غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ ئالدىراش تۆمۈر يول قاتناش سىستېمىسى. نىيۇيورك يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىراش ھاۋا قاتنىشىغا ئىگە.

نىيۇيوركتىكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلارنىڭ سانى شىمالىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ كۆپ، تۆمۈر يول سىستېمىسى شىمالىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ. بۇ تۆمۈر يول سىستېمىسى ئۇزۇن ئارال تۆمۈر يولى، مەركىزىي شەھەر شىمالىي تۆمۈر يولى ۋە يېڭى جېرسېي ئاممىۋىي قاتنىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، نىيۇيورك شەھىرى بىلەن شەھەر ئەتراپىدىكى ئۈچ شتات رايوننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

گەرچە نىيۇيورك شەھىرىنىڭ قاتنىشى نىسبەتەن بېقىندى ھالەتتە بولسىمۇ، بىراق يول يەنىلا شەھەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. مانخاتتاننىڭ يول ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: ۋكىپېدىيەدىن ئامىنە تەرجىمە قىلدى

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 312 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-05