ھىجرىيە كالېندارىنى مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى


ھىجرىيە كالېندارىنى مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى


غوجا ئەخمەت يۇنۇس


يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر كەسىپدىشىم بەرگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدىم، ئۇنىڭ گېپىچە، ئۇ 19-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ (ئەدەبىي تەخەللۇسى: «بىلال نازىم») توغرىسىدا تەتقىقات ماقالىسى يازماقچى ئىكەن، ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە گېزىت، ژۇرناللارغا بېسىلغان ئالاقىدار ماقالىلەرنى ئىزدەپ تېپىپتۇ، بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىسىدە «موللا بىلال 75 يېشىدا ۋاپات بولدى» دېيىلسە، بەزىسىدە موللا بىلال 77 يېشىدا ۋاپات بولدى» دەپ يېزىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپ ماڭا تېلېفون بەرگەنىكەن. مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭ ئىككى خىل يىل ھېسابى بويىچە ھېسابلاشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە ئىكەنلىكىنى، شائىر بىلال نازىم ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 1241-يىلى تۇغۇلۇپ، 1318-يىلى ۋاپات بولغانلىقى، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ يېشى77 بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۇ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1825-يىلى تۇغۇلۇپ، 1900-يىلى ۋاپات بولغانلىقى، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ يېشىنىڭ 75 چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. بۇ ئىش مېنىڭ ھىجرىيە كالېندارى ۋە مىلادىيە كالېندارى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ماقالە يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى.

مىلادىيە كالېندارى-خىرىستىيان (ناسارا) دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ كالېندارى. «مىلادىيە» دېگەن نام ئەرەبچە «تۇغۇلۇش» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلانغان كالېندار دېگەنلىكتۇر. بۇ كالېندار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئومۇملاشقان.

مىلادىيە كالىندارى بويىچە بىر يىل 365 كۈن ياكى 366 كۈن بولىدۇ. بۇ ۋاقىت يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا تەخمىنەن تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققان ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىيە كالېندارىدا 365 كۈنلۈك يىل «ئادەتتىكى يىل»، 366 كۈنلۈك يىل بولسا «كەبىسە (ئارتۇق) يىل» دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر تۆت يىلنىڭ ئۈچ يىلى ئادەتتىكى يىل، 4-يىل كەبىسە يىلى بولىدۇ. خەلقئارا كېلىشىم بويىچە كەبىسە يىلى ئۈچۈن مىلادىيە كالېندارىدىكى تۆتكە قالدۇقسىز بۆلىنىدىغان يىلنى ئېلىش بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، 1928-يىلى، 1952-يىلى، 1984-يىلى، 2013-يىلى دېگەندەك تۆتكە قالدۇقسىز بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ.

مىلادىيە كالېندارىدا ئادەتتىكى بىر يىل 365 كۈن بەش سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت بولىدۇ. ئادەتتە بىر يىل 365 كۈن ھېسابلىنىپ، ئۇدا ئۈچ يىل داۋامىدا ھەر يىلدىن ئاشقان ۋاقىت (بەش سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت) يىغىلىپ، تۆت يىلدا بىر كەبىسە كۈنى چىقىدۇ-دە، بۇ بىر كۈن 4-يىلىدىكى 2-ئايغا قوشۇلۇپ، بۇ يىل «كەبىسە يىلى» دەپ ئاتىلىش بىلەن 366 كۈن بولىدۇ.

ھىجىرىيە كالېندارى-مۇسۇلمانلارنىڭ كالېندارى، بۇ كالېندار ئاۋۋال ئەرەبلەردە قوللىنىلغان، ئاندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمان ئەللەر ۋە خەلقلەر ئارىسىغا تارقىلىپ ئومۇملاشقان. «ھىجرىيە» دېگەن نام ئەرەبچە «ھىجرەت» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان، بۇنىڭ مەنىسى «كۆچۈش»، «سەپەر قىلىش» دېمەكتۇر. بۇ كالېندار مۇھەممەت پەيغەمبەر مىلادىيە 622-يىلى مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن. مىلادىيە 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ھىجىرىيە باش يىلىنىڭ يىل بېشى، يەنى يېڭى يىل بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، دىنىي ئىشلار ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ ھىجىرىيە كالېندارى قوللىنىلىدىغان بولدى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملار-تارىخچىلار، تىلچىلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تېۋىپلار، سەنئەتكارلارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە بايان قىلدى، ئۇزۇندىن بېرى تۈرلۈك تارىخ ماتېرىياللىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، يىلنامىلەر ۋە مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ھەر خىل تارىخىي پائالىيەتلىرى، ئېلىم-بېرىمگە ئائىت ھۆججەتلەردە ھىجرىيە كالېندارى قوللىنىلىپ كەلدى. مىلادىيە كالېندارى كېيىنكى يىللاردىلا ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى.

ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بىر يىل 354 كۈن 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت بولىدۇ، ھەر يىلى ئاشقان 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت يىغىلىپ ئۈچ يىل ئەتراپىدا بىر كۈن ئارتۇق چىقىدۇ. بۇ بىر كۈن 3-يىلىنىڭ ۋە بەزىدە 2-يىلىنىڭ 12-ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ (يەنى 12-ئاي چوڭ ئايغا ئايلاندۇرۇلۇپ) كەبىسە يىلى قىلىنىش بىلەن، بۇ يىلنىڭ ۋاقتى ئادەتتىكى يىلىدىكىدىن بىر كۈن ئارتۇق، يەنى 355 كۈن بولىدۇ.ھىجىرىيە كالېندارىدا يىل، ئاي، كۈنلەر ئايغا قاراپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىيە كالېندارىدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر يىلى 10 كۈن 21 سائەت بىر مىنۇت، 207 يىلدا بىر ئاي، 32.6 يىلدا بىر يىل پەرقلىق بولىدۇ. دېمەك، مىلادىيە كالېندارىدىكى 32 يىل دەل ھىجرىيە كالېندارىدىكى 33 يىل بولۇپ، ھىجرىيە كالېندارىدىكى يىل سانى مىلادىيە كالېندارىدىكىدىن بىر يىل ئارتۇق چىقىدۇ.

ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بىر يىلدىكى ئومۇمىي كۈن سانى مىلادىيە كالېندارىدىكىدىن ھەر يىلى ئون كۈندىن ئارتۇقراق كەم بولغاچقا، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە كېلىدىغان ئىسلام دىنىدىكى ھېيت-ئايەم ۋە رامىزان ئېيىنىڭ ۋاقتى ھەر يىلى ئالغا سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مىلادىيە 2013-يىلى (ھىجرىيە 1434-1435-يىلى) دىكى رامىزاننىڭ كىرىشى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، زوزا ھېيت 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، قۇربان ھېيت 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بولغان بولسا، مىلادىيە 2014-يىلى (ھىجرىيە 1935-1936-يىلى) دىكى رامىزاننىڭ كىرىشى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، روزا ھېيت 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، قۇربان ھېيت 10-ئاينىڭ 5-كۈنى بولىدۇ، مىلادىيە 2015-يىلى (ھىجرىيە 1436-1437-يىلى) دىكى رامزاننىڭ كىرىشى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، روزا ھېيت 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، قۇربان ھېيت 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بولىدۇ.

ھىجىرىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتىنى مىلادىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتقا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەققىدە مېنىڭچە، بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل بار: بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە تۈزۈلۈپ ئاشكارا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن ئىزدەپ تېپىش؛ يەنە بىرى خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن فورمۇلالار بويىچە ئىزدەپ تېپىش.

بىرىنچى ئۇسۇل. ھازىرقى ۋاقىتتا ھىجرىيە كالېندارى بىلەن مىلادىيە كالېندارىنىڭ 1000 يىللار بويىچە سېلىشتۇرۇلۇپ تۈزۈلگەن مۇكەممەل سېلىشتۇرما جەدۋەللىرى ئىشلەپ چىقىلدى. شۇ جەدۋەللەر ئاساسىدا ھىجرىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتنى مىلادىيە كالېندارى بويىچە تاپقىلى بولىدۇ. قولۇمدا ئۇيغۇرچە تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان مۇنداق كىتابتىن ئۈچى بار: 1.يۈسۈپ ئىلياس تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى تەرىپىدىن 1986-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان «مىلادىيە ۋە ھىجرىيە كالېندارى ھەققىدە» ناملىق كىتاب (مەسئۇل مۇھەررىرى: ئەخمەت زىيائى). 2. ئەخمەت خاقانى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى 9-ئايدا نەشر قىلىنغان «مىلادىيە، قەمەرىيە، ھىجرىيە، شەمسىيە يىللىرىنىڭ 10 يىللىق سېلىشتۇرما كالېندارى» (2000-2009) ناملىق كىتاب. 3. شەمسىيە ھاجى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىلى 4-ئايدا نەشر قىلىنغان «مىلادىيە 1950-يىلىدىن 2050-يىلىغىچە ئىسلامىي ھېيت-ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجرىيە بويىچە ۋاقىت سېلىشتۇرمىسى» ناملىق كىتاب.

يۈسۈپ ئىلياسنىڭ كىتابىدا ئىككى خىل سېلىشتۇرما جەدۋەل بېرىلگەن. ئۇنىڭ بىرى-ھىجرىيە 1405-يىلىدىن 1421-يىلىغىچە (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1984-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە) كەلگۈسى ۋاقىتنىڭ سېلىشتۇرمىسى، يەنە بىرى-ھىجىرىيە 1001-يىلىدىن 1370-يىلىغىچە (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1592-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە) ئۆتكەن تارىخنىڭ سېلىشتۇرمىسى. بۇ ئىككى خىل جەدۋەل ئاساسەن ھىجرىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتنى مىلادىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتقا سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تۈزۈلگەن. 2-جەدۋەلدىن ھىجرىيە كالېندارى بويىچە كۆرسىتىلگەن يىلنىڭ مىلادىيە كالېندارى بويىچە قايسى يىلغا توغرا كېلىدىغانلىقىنىلا ئەمەس، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە كۆرسىتىلگەن ئاي، كۈننىڭ مىلادىيە كالېندارى بويىچە قانچىنچى ئاينىڭ قانچىنچى كۈنىگە، ھەتتا ھەپتىنىڭ قايسى كۈنىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

ئادەتتە ھىجىرىيە كالېندارىدىكى يىل كۆپ ھاللاردا مىلادىيە كالېندارىدىكى ئىككى يىل ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ھىجرىيە كالېندارىدىكى مەلۇم بىر يىلنىڭ مىلادىيە كالېندارىدىكى قايسى يىلغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقارغاندا، ئادەتتە مىلادىيە كالېندارىدىكى بىرلا يىل ئەمەس، بەلكى ئىككى يىل، يەنى ھېسابلاپ چىقارغان يىل بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىل قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ھىجىرىيە كالېندارىدىكى 1427-يىلى «مىلادىيە كالېندارى بويىچە 2006-2007-يىللار» دەپ يېزىلىدۇ.

ئىككىنچى ئۇسۇل. ھىجرىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتنى مىلادىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتقا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن فورمۇلالار بار، تۆۋەندىكى شۇ فورمۇلالاردىن بىر نەچچىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1.ئىگىسى نامەلۇم فورمۇلا. بۇ فورمۇلا مۇنداق: M=622+33/(32×H) بۇ فورمۇلادىكى «M» ھەرپى مىلادىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتنى، «H» ھەرپى ھىجرىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتنى، «622» دېگەن رەقەم بولسا، ھىجرىيە كالېندارىدىكى 1-يىلىنىڭ مىلادىيە كالېندارى بويىچە باشلانغان يىلىنى كۆرسىتىدۇ (تۆۋەندىكى فورمۇلالارمۇ شۇنداق). مەسىلەن، غۇلجا ناھىيەسىدىكى سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرىنىڭ ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 1294-يىلى ياسالغانلىقى ھەققىدە يازما ماتېرىيال بار، بۇ ماتېرىيالنىڭ مىلادىيە كالېندارى بويىچە ياسالغان ۋاقتى مۇشۇ فورمۇلا بويىچە ھېسابلاپ چىقىلغان. بۇنىڭدا ھىجرىيە كالېندارى بويىچە كۆرسىتىلگەن يىل ھېسابىدىكى «1294» دېگەن رەقەم 32 گە كۆپەيتىلگەن، بۇنىڭدىن چىققان «41408» دېگەن رەقەم 33 كە بۆلۈنگەن، «1255» دېگەن بۆلۈنمىگە 622 قوشۇلغان نەتىجىدە «1877» دېگەن مىلادىيە يىل ھېسابى چىققان. بىراق، بۇ فورمۇلادا يىلنىڭ بېشى ياكى ئاخىرىغا، بۆلۈش ۋاقتىدا چىققان كەسىر سانلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن پەرقلەرمۇ چىقىدۇ.

2.غۇلجىدا ئۆتكەن تەرەققىيپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇمۇتائالى خەلپەم (1872-1960) يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن فورمۇلا. بۇ فورمۇلا بويىچە ھىجرىيە كالېندارىدىكى يىل 33 كە بۆلىنىدۇ، چىققان بۆلۈنمە ھىجرىيە كالېندارىدىكى ئومۇمىي يىل سانىدىن ئېلىۋېتىلىپ، چىققان سانغا 621 يىل قوشۇلىدۇ. شۇ چاغدا بىز بىلمەك بولغان مىلادىيە كالېندارىدىكى يىل كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ھىجرىيە كالېندارىدىكى 845-يىلىنى مىلادىيە كالېندارىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ باقساق، 1441=621+(33/845-845) بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، ھىجرىيە كالېندارىدىكى 845-يىلى مىلادىيە كالېندارىدىكى 1441-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

3.ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان پېشقەدەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى خەمىت ۋەكىلى (1995-1902) نىڭ فورمۇلاسى. بۇ فورمۇلا مۇنداق: M=622+33/H-H. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 2- فورمۇلا بويىچە ھېسابلاشتا مىسال كەلتۈرۈلگەن ھىجرىيە كالېندارىدىكى 845-يىلىنى خەمىت ۋەكىلىنىڭ فورمۇلاسى بويىچە مىلادىيە كالېندارىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ باقايلى: 1442=622+33/845-845 دېمەك ھىجرىيە كالېندارىدىكى 845-يىلى مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1442-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. 2- فورمۇلا بويىچە سۇندۇرۇپ  ھېسابلىغان بىلەن 3- فورمۇلا بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان ئارىلىقتا بىر يىل پەرق چىقىدۇ. ئەمما، ھىجرىيە كالېندارى بىلەن مىلادىيە كالېندارىنىڭ  سېلىشتۇرما جەدۋىلىدە ھىجرىيە كالېندارىدىكى 845-يىلىنىڭ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 1441-، 1442-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىگە قارىغاندا، بۇ پەرققە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

4.شەمشىدىن ھاجى ئوتتۇرىغا قۇيغان فورمۇلا. شەمشىدىن ھاجى يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان كىتابىدا ھىجرىيە كالېندارىدىكى يىل سانىنى مىلادىيە كالېندارىدىكى يىل سانىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا مۇنداق فورمۇلانى ئوتتۇرغا قويىدۇ. M=33/H-H+622 مەسىلەن، مىلادىيە كالېندارى بويىچە 2008-يىل ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 1429-يىلىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ فورمۇلا بويىچە ھىجرىيە كالېندارىدىكى 1429-يىلىنى مىلادىيە كالېندارىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىساق، 2008-يىلى بولۇپ چىقىدۇ. بۇ فورمۇلا، ئەمەلىيەتتە، 3- فورمۇلانىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت.

ھىجرىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتنى مىلادىيە كالېندارىدىكى ۋاقىتقا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ قۇلاي باشقا ئۇسۇللار بولۇشى مۇمكىن، بۇ سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىمىزگە باغلىق.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 603 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-04