تۈركىيە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى


تۈركىيە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى

ئاپتور: فېردون پەتتار


تۈركىيە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىتۈركىيە ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى

تۈركىيەدە ئادۋوكاتلىق تارىختا «دەۋا ۋەكىلى» شەكلىدە مەيدانغا چىققان. ئادۋوكاتلىق تۈركىيە ئەدلىيە تۈزۈمىگە 1882-يىلى قوبۇل قىلىنغان بىر نىزامنامە ئارقىلىق كىرگەن. ئەينى چاغدىكى دەۋا ۋەكىللىكى تۈزۈمى ھۆكۈمەتتە ۋەكالەتلىك قىلىش شەكلىدە باشلانغان. دەۋا ۋەكىللىكى ئەرەبچە «مۇھامات» دەپ، دەۋا ۋەكىللىرى «مۇھامى» دەپ ئاتالغان. تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن 1926-يىلى تۇنجى ئادۋوكاتلىق قانۇنى ئېلان قىلىنغان. 1938-يىلى بۇ قانۇنىنىڭ بەزى ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. 1969-يىلى قوبۇل قىلىنغان «ئادۋوكاتلىق قانۇنى» ئادۋوكاتلىق ۋە دەۋا ۋەكىللىكى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر  «تۈركىيە ئادۋوكاتلىق قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈركىيە ئادۋوكاتلىق باش جەمئىيىتى (تۈركىيە بارولار بىرلىكى) ئادۋوكاتلىق قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى چىقاردى.

تۈركىيە ئادۋوكاتلىق قانۇنىغا ئاساسەن 23 ياشقا تولغان، ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈركىيە گراژدانى ئادۋوكاتلىق قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چوقۇم بىر يىل پراكتىكا تەربىيىسى ئالغان بولۇشى كېرەك. پراكتىكا تاماملانغاندىن كېيىن رۇخسەت ئالغان ھەر بىر ئادۋوكات ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە رويخەتكە ئالدۇرۇشى شەرت.

2001-يىلى مايدا تۈركىيە ئادۋوكاتلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ تۈركىيەدە ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن پراكتىكىدىن كېيىن ئىمتىھاندىن ئۆتۈش شەرتى بەلگىلەنگەن. لېكىن 2006-يىلى فېۋرالدا ئېلان قىلىنغان 5558-نومۇرلۇق قانۇن بويىچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈش شەرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئادۋوكاتلىق پراكتىكىسىنىڭ بىرىنچى ئالتە ئېيى ئەدلىيەدە، ئىككىنچى ئالتە ئېيى بىر ئادۋوكاتنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. تۈركىيەدە تۈركىيە گراژدانى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشىغا بولمايدۇ. باشقا دۆلەتلەردە قانۇن ئوقۇغانلار ئادۋوكاتلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى شەرت. تۈركىيەدە ئادۋوكاتلارنىڭ مەخسۇس كەسىپلەشكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئادۋوكاتلار ھەر تۈرلۈك دەۋالارغا كىرسە بولىدۇ. ئادۋوكاتلار سوتقا مەخسۇس ئادۋوكاتلار كىيىمى بىلەن چىقىشى كېرەك. ئادۋوكاتلارنىڭ كىيىمى قارا رەڭلىكتۇر. ياقىسى قىزىل رەڭدە بولۇپ بىر سېرىق سىزىق بار. يېڭى يېشىل رەڭدە بولۇپ، كىيىمنىڭ ئالدىدا بويۇنغا سوزۇلغان بىر يېشىل سىزىق بار.

ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كەسپىي ئورگىنىدۇر. تۈركىيە ئادۋوكاتلىق باش جەمئىيىتى بولسا قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بارلىق ئادۋوكاتلىق جەمئىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.

ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىشتا ئادۋوكاتلار تولۇق ھوقۇققا ئىگە. تۈركىيەدە ئادۋوكاتلىق پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزمەك ئۈچۈن ئادۋوكات بىرلا ئادۋوكاتلىق ئورنى (ئادۋوكاتلىق بيۇروسى) غا رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك. بىر ئادۋوكاتنىڭ بىردىن كۆپ ئادۋوكاتلىق ئورنىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

تۈركىيە ئادۋوكاتلار باش جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۈركىيەدە كەسىپ يۈرگۈزىۋاتقان ئادۋوكات 57289 غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئادۋوكات 19899 نەپەر. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە كەلگەندە تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ سانى 60710 غا يەتكەن. ئەڭ چوڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئىستانبول ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى بولۇپ 22720 ئەزاسى بار.

مەنبە: puhra ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 576 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-04-03